باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1956 قېتىم كۆرۈلدى
«123»Pages: 3/3     Go
تېما: ئىسلامنى چۈشىنىشكە مۇقەددىمە
{ھەممىڭلار بىردەك ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا ئېسىلى ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9266
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 36
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە36دانە
ئۆسۈش: 430 %
مۇنبەر پۇلى: 690 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-15
ئاخىرقى: 2011-11-21
20-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-28 08:21

دەرھەقىقەت، بۇ ئىلاھ مەلۇم بىر توپنىڭ ياكى مەلۇم بىر جامائەنىڭ ۋە ياكى مەلۇم بىر ئىقلىمنىڭ ئىلاھى ئەمەستۇر. بەلكى، ئۇ «جىمى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى»، «ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پەرۋەردىگارى»، «مەشرىق ۋە مەغرىبنىڭ پەرۋەردىگارى» «(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «اﷲ ھەممە نەرسىنىڭ پەرۋەردىگارى تۇرسا، ئۇنىڭدىن باشقا پەرۋەردىگار تەلەپ قىلامدىمەن؟» (سۈرە «ئەنئام»، 164-ئايەت)

مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن پىرئەۋننىڭ ئوتتۇرىسىدا بولغان مۇنازىرىنى قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىنغان بويىچە ئوقۇپ كۆرسەك، اللەنىڭ پەرۋەردىگارلىقىنىڭ ئۇنىۋېرساللىقى بىزگە ئايان بولىدۇ. اللە مۇنداق دېگەن: « پىرئەۋن ئېيتتى: «ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى دېگەن نېمە؟». مۇسا ئېيتتى: «ئۇ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر. ئەگەر سىلەر ھەقىقىي ئىشىنىدىغان بولساڭلار». پىرئەۋن چۆرىسىدىكىلەرگە: «(ئۇنىڭ جاۋابىنى) ئاڭلاۋاتامسىلەر؟» دېدى. مۇسا ئيتتى: «(ئۇ) سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر ۋە سىلەرنىڭ ئاتا - بوۋاڭلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر». پىرئەۋن ئېيتتى: «سىلەرگە ئەۋەتىلگەن (بۇ) ئەلچى ئەلۋەتتە مەجنۇندۇر». مۇسا ئېيتتى: «(ئۇ) مەشرىقنىڭ، مەغرىبنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مەخلۇقاتنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر. ئەگەر سىلەر چۈشىنىدىغان بولساڭلار.» (سۈرە «شۇئەرا» 23-28-ئايەتلەر)

قۇرئان كەرىمدە اللەنىڭ مەۋجۇدلىقىغا بىر قانچە ۋاسىتىلەر بىلەن دەلىل كەلتۈرۈلگەن.
1. قۇرئان ئىنسان ئەقلىنى ئالەمدىكى ھېكمەتلىك بىلەن ئىش قىلىدىغان بىر زاتنىڭ دەلىل-مۆجىزىلىرى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈشكە بۇرايدۇ. بۇ «سەبەبىيەت» پرىنسىپىىگە ئىشىنىدىغان ئەقىل ئىگىسىنىڭ نەزىرىدە، ھەرقانداق بىرەر دەلىل-پاكىت كەلتۈرۈشكە تەلەپ قىلمايدىغان، ئۆزلۈكىدىن بىلىنىپ تۇرىدىغان بىر قانۇنىيەتتۇر. اللە مۇنداق دېگەن:« ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىشىدە، كىشىلەرگە پايدىلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ دېڭىزدا ئۈزۈپ يۈرگەن كېمىلەردە، اﷲ بۇلۇتتىن ياغدۇرۇپ بەرگەن، ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرىدىغان يامغۇردا، يەر يۈزىگە تارقىتىۋەتكەن ھايۋاناتلاردا، شامال يۆنۈلۈشلىرىنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشىدا، ئاسمان - زېمىن ئارىسىدا بويسۇندۇرۇلغان بۇلۇتلاردا، چۈشىنىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن، ئەلۋەتتە (اﷲ نىڭ بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللەر باردۇر.» (سۈرە «بەقەرە»، 164-ئايەت)    
بۇ كائىناتنىڭ ياراتقۇچىسى، بۇنداق مۇنتىزىم ئالەمنىڭ باشقۇرغۇچىسى بولۇشى كېرەك.
اللە مۇنداق دېگەن: «ياكى ئۇلار ياراتقۇچىسىز يارىتىلغانمۇ؟ ياكى ئۇلار ئۆزلىرى ياراتقۇچىمۇ؟ ياكى ئۇلار ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقانمۇ؟.» (سۈرە «تۇر»، 35-36-ئايەتلەرنىڭ بىر قىسمى)، « پىرئەۋن: «ئى مۇسا، سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار كىم؟» دېدى. مۇسا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىمىز شۇنداق زاتتۇركى، ھەممە نەرسىگە (ئۆزىگە مۇناسىپ) شەكىل ئاتا قىلدى، (ئاندىن ئۇلارغا ياشاش يوللىرىنى، پايدىلىنىدىغان نەرسىلەرنى) كۆرسەتتى». (سۈرە «تاھا»، 49-50-ئايەتلەر)

2. ئىنسان ئۆزىنىڭ ساپ تەبىئىتى بىلەن، تەبىئىيلا ئۆزىنىڭ ياراتقۇچىسى بارلىقىنى، ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرىدىغان بىر كەرەملىك زاتنىڭ بارلىقىنى بىلەلەيدىغان ئىنساننىڭ ساپ تەبىئىتىگە بىۋاسىتە خىتاب قىلىدۇ. اللە مۇنداق دېگەن: « باتىل دىنلاردىن بۇرۇلۇپ ئىسلام دىنىغا يۈزلەنگىن، اﷲ نىڭ دىنىغا (ئەگەشكىنكى) اﷲ ئىنسانلارنى شۇ دىن بىلەن ياراتقان، اﷲ نىڭ ياراتقىنىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ، بۇ توغرا دىندۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ.» (سۈرە «رۇم»، 30-ئايەت)

ئىنساننىڭ ساپ تەبىئىتىدىكى ئۇ ئېتىقاد ئىنسان راھەت-پاراغەتكە، كەيپ-ساپاغا بېرىلىپ كەتكەندە، بىر مەزگىل يوقاپ كەتكەندەك قىلغان بىلەن، يەنىلا ئىنسانغا مۇسىبەت، خاپىلىق يەتكەندە ئىنساننى يۆگىۋالغان سۈنئىي يالتىراق يىرتىلىپ، ئىنساننىڭ ئەسلىي قىياپىتى نامايان بولىدۇ-دە، ئىنسان شۇندىلا ئۆزىنىڭ پەرۋەردىگارىغا يۈزلىنىپ ئۇ زاتقا يىلىنىدۇ. اللە مۇنداق دېگەن: « اﷲ سىلەرنى قۇرۇقلۇقتا (يەنى ئۇلاغلار ئۈستىدە)، دېڭىزدا (يەنى كېمىلەر ئۈستىدە) سەپەر قىلدۇرىدۇ، سىلەر ئولتۇرغان كېمە (كىشىلەرنى ئېلىپ) مەيىن شامالدا مېڭىۋاتقان ۋە (بۇ) شامالدىن ئۇلار خۇشاللىنىۋاتقان چاغدا، بىردىنلا بوران چىقىپ (كېمە ئۆرۈلىدۇ)، ئۇلار تەرەپ - تەرەپتىن كۆتۈرۈلۈۋاتقان دېڭىز دولقۇنلىرى ئىچىدە قالىدۇ، كېمىدىكىلەر قورشىۋېلىنغانلىقىغا (يەنى ھالاك بولىدىغانلىقىغا) جەزم قىلىدۇ، (چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرىنى تاشلاپ قويۇپ) «ئى خۇدا! ئەگەر سەن بىزنى بۇنىڭدىن (يەنى بالادىن) قۇتۇلدۇرساڭ، بىز چوقۇم شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولىمىز» دەپ چىن كۆڭلى بىلەن دۇئا قىلىدۇ.» (سۈرە «يۇنۇس»، 22-ئايەت)
بۇ ئېتىقاد ئىنسانغا تۇيۇقسىزلا بۇ ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسى كىم ئىكەنلىكى توغرۇلۇق سوئال قويۇلغاندا، ئىنساننىڭ تەبىئىيلا «اللە» دېيىشى بىلەن نامايان بولىدۇ. «ئەگەر سەن ئۇلاردىن: ”ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتتى، كۈننى ۋە ئاينى كىم (بەندىلەرنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن) بويسۇندۇردى؟ “ دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم: ”اﷲ“ دەپ جاۋاب بېرىدۇ،...» (سۈرە «ئەنكەبۇت»، 61-ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
«(ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، ”سىلەرگە ئاسماندىن (يامغۇر ياغدۇرۇپ) زېمىندىن (گىياھ ئۈندۈرۈپ) كىم رىزىق بېرىدۇ؟ سىلەرنىڭ ئاڭلاش ۋە كۆرۈش قابىلىيىتىڭلارنى كىم باشقۇرىدۇ؟ تىرىك شەيئىلەردىن كىم پەيدا قىلىدۇ؟ (خالايىقنىڭ) ئىشلىرىنى كىم ئىدارە قىلىدۇ؟“ ئۇلار (بۇلارغا جاۋابەن): ”اللە“ دەيدۇ. ئېيتقىنكى، ”اﷲ تىن غەيرىيگە چوقۇنۇش بىلەن اﷲ نىڭ ئازابىدىن) قورقمامسىلەر؟. (يۇقىرىقىدەك چوڭ ئىشلارنى قىلغۇچى) سىلەرنىڭ ھەقىقىي پەرۋەردىگارىڭلار، ئەنە شۇ اﷲ دۇر. ھەقىقەتتىن قالسا، گۇمراھلىقتىن غەيرىي نەرسە مەۋجۇت ئەمەس، نېمىشقا (ئىماندىن يۈز ئۆرۈپ گۇمراھلىققا) بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر؟ “ » (سۈرە «يۇنۇس»، 31-32-ئايەتلەر)

    3. قۇرئان كەرىمدە اللەقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان كەلتۈرۈش ئىمان ئىگىلىرى ئۈچۈن نىجاتلىق كېمىسى، اللەقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان كەلتۈرمەسلىك ئىنسان ئۈچۈن ھالاكەت سىگنالى بولغانلىقى بايان قىلىنغان. نۇھ ئەلەيھىسسالام ھەققىدە اللە مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇلار نۇھنى ئىنكار قىلدى، نۇھنى ئۇنىڭ بىلەن كېمىدە بىللە بولغانلارنى قۇتقۇزدۇق، ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى پۈتۈنلەي (سۇغا) غەرق قىلدۇق. شۈبھىسىزكى، ئۇلار (ھەقنى كۆرۈشتىن دىللىرى) كور قەۋم ئىدى.» (سۈرە «ئەئراف»، 64-ئايەت)
ھۇد ئەلەيھىسسالام ھەققىدە مۇنداق دېيىلگەن: « بىز ھۇدنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغۇچىلارنى (يەنى مۆمىنلەرنى) رەھمىتىمىز بىلەن قۇتقۇزدۇق، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى تەلتۆكۈس ھالاك قىلدۇق، ئۇلار ئىمان ئېيتمىغان ئىدى.» (سۈرە «ئەئراف»، 72-ئايەت)

  سالىھ ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ قوۋمى  ھەققىدە مۇنداق دېيىلگەن: « ئۇلار زۇلۇم قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئەنە ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى (ئادەمزاتتىن) خالى بولۇپ قالدى. اﷲ نىڭ (قۇدرىتىنى) بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا (چوڭ) ئىبرەت بار. (سالىھ بىلەن) ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادارلىق قىلغانلارنى (ئازابتىن) قۇتقۇزدۇق.» (سۈرە «نەمل»، 52-53-ئايەتلەر)

اللە تائالا ئۆزىنىڭ ھەممە پەيغەمبەرلىرى ھەققىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دېگەن: «(ئى مۇھەممەد!) شۈبھىسىزكى، سەندىن ئىلگىرى نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى قەۋمىگە (پەيغەمبەر قىلپ) ئەۋەتتۇق، ئۇ پەيغەمبەرلەر ئۇلارغا (ئۆزلىرىنىڭ راست پەيغەمبەرلىكلىرىنى ئىسپاتلايدىغان) نۇرغۇن روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدى (ئۇلار مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلىپ ئاسىيلىق قىلدى)، ئاسىيلىق قىلغانلارنى جازالىدۇق، مۆمىنلەرگە ياردەم قىلىش بىزگە تېگىشلىك بولدى.» (سۈرە «رۇم»، 47-ئايەت)

داۋامى  بار.......
ئىختىلاپ قىلماسلىق ئۈچۈن باشقىلارنىڭ يول قويۇشىنى ئىستەش ئەمەس، بەلكى باشقىلارغا يول قۇيۇش كىرەك
{ھەممىڭلار بىردەك ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا ئېسىلى ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9266
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 36
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە36دانە
ئۆسۈش: 430 %
مۇنبەر پۇلى: 690 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-15
ئاخىرقى: 2011-11-21
21-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-29 17:55

اﷲ پەقەت بىر ئىلاھتۇر


اللە پەقەت بىر ئىلاھتۇر. ئۇ زاتنىڭ ھېچقانداق شېرىكى يوقتۇر. ئۇ زاتنىڭ زاتىغا، سۈپەتلىرىگە، ھەرىكەتلىرىگە ھېچقانداق تەڭداشلىق يوقتۇر. اللە مۇنداق دېگەن: «(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، ئۇ - اﷲ بىردۇر. ھەممە اﷲ قا موھتاجدۇر. اﷲ بالا تاپقانمۇ ئەمەس، تۇغۇلغانمۇ ئەمەس. ھېچ كىشى ئۇنىڭغا تەڭداش بولالمايدۇ.» (سۈرە «ئىخلاس»). « سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر؛ ئۇ ناھايىتى شەپقەتلىكتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.» (سۈرە «بەقەرە»، 163-ئايەت)

ئالەمنىڭ بەدىئىيلىكى ۋە مۇستەھكەم يارىلىشى ئۇنىڭ ياراتقۇچىسىنىڭ بىر ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ تۇرىدۇ. مۇبادا بۇ ئالەمنىڭ بىردىن ئارتۇق ياراتقۇچىسى، باشقۇرغۇچىسى بولغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئالەمنىڭ مۇقىملىقى بۇزۇلۇپ قانۇنىيەتلىرىمۇ ھەم بۇزۇلۇپ كەتكەن بولاتتى. اللە مۇنداق دېگەن: « ئەگەر ئاسمان - زېمىندا اﷲ تىن باشقا ئىلاھلار بولسا ئىدى، (كائىناتنىڭ تەرتىپى) ئەلۋەتتە بۇزۇلاتتى، ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارى اﷲ ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر.» (سۈرە «ئەنبىيا»، 22-ئايەت)

اللە پەرۋەردىگارلىقتا يەككە-يېگانە زاتتۇر. شۇنداق ئىكەن، ئۇ زات ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ، ئۇلاردىكى مەۋجۇداتلارنىڭ ھەممىسىنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر. ئۇ زات ھەممە نەرسىنى ياراتتى. شۇنىڭ بىلەن ھەممە نەرسىگە مۇناسىپ ئۆلچەمنى بەلگىلىدى. ھەممە نەرسىگە ئۆزىگە مۇناسىپ شەكىل ئاتا قىلدى. ئاندىن ئۇلارغا ھىدايەت يولىنى كۆرسەتتى. شۇنداق ئىكەن، ھېچقانداق بىر مەخلۇق ئاسمان ۋە زېمىندىكى قوناقچىلىك بىر نەرسىنى ئۆزۈم ياراتتىم ياكى مەخلۇقلارغا رىزىق بەردىم ۋە ياكى مەخلۇقاتلارنى مەن باشقۇرىمەن، دەپ داۋا قىلالىشى مۇمكىن ئەمەستۇر. اللە مۇنداق دېگەن: « بۇ ئۇلارغا لايىق ئەمەس. ئۇلارمۇ (ئۇنىڭغا) قادىر بولالمايدۇ.» (سۈرە «شۇئەرا»، 211-ئايەت)

اللە ئىلاھلىقتىمۇ يەككە-يېگانە زاتتۇر. شۇڭلاشقا، اللەدىن ئۆزگە ھېچقانداق بىر مەخلۇققا ئىبادەت قىلىشقا، چوقۇنۇشقا قەتئىي بولمايدۇ. شۇنداقلا، بىر ئادەمنىڭ اللەدىن ئۆزگە بىر مەخلۇققا يىلىنىشى، تىلىشى قەتئىي دۇرۇس بولمايدۇ. پەقەت اللەتىن قورقۇش كېرەك. اللەقىلا يىلىنىش، اللەدىنلا ئۈمىد قىلىش، اللەقىلا يۆلىنىش، اللەقىلا ئىتائەت قىلىش لازىم.
ئىنسنلارنىڭ ھەممىسى (مەيلى پەيغەمبەر، سىددىقىلەر، پادىشاھلار بولسۇن) اللەنىڭ بەندىلىرى بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىگە ھېچقانداق پايدا-زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ ياكى باشقىلارنىڭ جېنىنى ئېلىشقا، باشقىلارغا ھايات بېغىشلاشقا ياكى (ئۆلۈكلەرنى) تىرىلدۈرۈشكە قادىر بولالمايدۇ. كىمكى ئۇلاردىن بىرىنى ئىلاھ، دەپ ئېتىقاد قىلسا ياكى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلسا، ئۇنىڭ قەدىر-قىممىتىنى ئاشۇرۇپ،  ئۆزىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى چۈشۈرۋەتكەن بولىدۇ.

شۇڭلاشقا، ئىسلام دەۋىتى ئىنسانىيەتنىڭ ھەممىسىگە ئام ۋە ئەھلى كىتابقا خاس بولغان ئىدى. اللە مۇنداق دېگەن: «ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) پەقەت اﷲ غىلا ئىبادەت قىلىش، اﷲ قا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىك، اﷲ نى قويۇپ بىر - بىرىمىزنى خۇدا قىلىۋالماسلىقتەك ھەممىمىزگە ئورتاق بولغان بىر سۆزگە (يەنى بىرخىل ئەقىدىگە) ئەمەل قىلايلى، دېگىن.» (سۈرە «ئال ئىمران»، 65-ئايەت)

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەققىدىمۇ اللە قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: «مۇھەممەد پەقەت بىر پەيغەمبەردۇر، ئۇنىڭدىن بۇرۇن كۆپ پەيغەمبەرلەر ئۆتتى...» (سۈرە «ئال ئىمران»، 144-ئايەتنىڭ بىر قىسمى) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىمۇ ئۆزىنىڭ پەقەت اللەنىڭ بەندىسى ۋە پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىنغاندەك بىزگە ئوخشاش ئىنساندۇر. ئۇلارنى اللە ئۆزىنىڭ رىسالىتىنى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن، شۇنداقلا، ئىنسانلارنى پەقەت بىر اللەقىلا ئىبادەت قىلىشقا ۋە ئۇ زاتنى يەككە-يېگانە دەپ ئېتىقاد قىلىشقا دەۋەت قىلىشلىرى ئۈچۈن  تاللىدى.

مۇشۇ جەھەتتىن ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ باش شۇئارى مۇسۇلمانلارنىڭ نەزىرىدە، «تەۋھىد كەلىمىسى»، «ئىخلاس كەلىمىسى»، «تەقۋالىق كەلىمىسى» دەپ تونۇلغان «لاإلە إلااللە» كەلىمىسى بولدى.
شۇڭلاشقا، «لاإلە إلا اللە» كەلىمىسى زېمىندىكى ھەممە زالىملارغا، جاھالەت پېشۋالىرىغا، ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرى دەرەخلەردىن، تاشلاردىن، ئىنسانلارنىڭ ئۆزىدىن قىلىۋالغان باتىل، سۈنئىي ئىلاھلارغا ۋە بۇتلارنىڭ ھەممىسىگە قارشى كۆتۈرۈلگەن ئىنقىلاب ئىدى.    
شۇنداقلا، « لاإلە إلا اللە » كەلىمىسى ئىنسانىيەتنى ئىنسانغا، تەبىئەتكە ۋە اللە ياراتقان ھەرقانداق بىر مەخلۇققا چوقۇنۇشتىن ئازاد قىلىدىغان ئومۇمىي چاقىرىق ئىدى.
« لاإلە إلا اللە »  كەلىمىسى بىر پادىشاھ ياكى بىرەر پەيلاسوپنىڭ ئىجادىيىتى بولمىغان يېڭى بىر مېتودنىڭ شۇئارى ئىدى. ئۇ شۇنداق بىر زاتنىڭ مېتودىكى، ھەممە ئۇنىڭغا بوي ئىگىدۇ. قەلبلەر ئۇنىڭغا تەلپۈنىدۇ. ئىنسانلار ئۇنىڭ ھۆكمىگە ئىتائەت قىلىدۇ.
«لاإلە إلا اللە» كەلىمىسى ئۆزىنىڭ ئەقىدىسى بىلەن، قانۇن-دەستۇرى بىلەن جاھىلىيەت جەمئىيەتلىرىگە قارشى تۇرىدىغان يېڭى بىر جەمئىيەتنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىنى ئىنسانىيەتكە جاكارلىغان ئىدى.  بۇ جەمئىيەتتە، ھېچقانداق ئىرقۋازلىق، قەبىلىۋازلىق، سىنىپىي ئايرىمچىلىق تېپىلمايدۇ، شۇڭلاشقا، بۇ جەمئىيەت مەزكۇر خاسلىقلىرى بىلەن باشقا جاھىلىيەت جەمئىيەتلىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. چۈنكى، بۇ جەمئىيەت ئەزالىرى اللەقا مەنسۇبتۇر ھەمدە ئۇلار اللەدىن ئۆزگە بىرىنى دوست تۇتمايدۇ.
جاھالەت پېشۋالىرى ۋە زالىملىرى «لاإلە إلا اللە» كەلىمىسىنىڭ ئۇلارنىڭ تەختلىرىنى سۈر-توقاي قىلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھاكىمىيىتىنى ۋە ئىنسانلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقىنى، ئىېزىلگەنلەرگە ئۇلارغا قارشى ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلگەنلىكلىرى ئۈچۈن، ئۇلار ئۇ كەلىمىگە قارشى ئۇرۇش قىلىشتىن بىردەممۇ توختاپ قالمىدى. ئۇلار اﷲ قا ئىمان ئېيتقانلارنى قورقۇتقان، اﷲ نىڭ يولىدىن توسقان ۋە ئۇ يولنىڭ ئەگرىلىكىنى تىلىگەن ھالدا يوللاردا ئولتۇردى.

ئىنسانىيەتنىڭ بۈيۈك پاجىئەسى بولسا، ئىنسانلاردىن بىر تۈركۈم كىشىلەر ئۆزلىرىنى ياكى ئۇلارنى باشقا بىر تۈركۈم ئادەملەر زېمىندا ئىلاھ ياكى ئىلاھقا ئوخشاش قىلىۋېلىشى ئىدى. بۇ سەۋەبتىن كىشىلەر ئۇلارغا چوقۇنىدۇ. تەزىم قىلىدۇ. ئىتائەت قىلىدۇ ۋە ھەممە ئىشلىرىنى ئۇلارغا تاپشۇرىدۇ.

ئەمما، تەۋھىد ئېتىقادى مۇئمىنلارنىڭ قەلبلىرىنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈردى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ نەزىرىدە، ئىنسانلاردىن بولىدىغان ھېچقانداق بىر ئىلاھ ياكى ئىلاھلىقنىڭ قىلچىلىكمۇ تەسىرى قالمىدى.
شۇنداقلا، ئىنسان ئىنسانغا چوقۇنىدىغان، تەزىم قىلىدىغان، ئىنسان ئۈچۈن يەرنى بۇسە قىلىدىغان ئىش قالمىدى. مانا بۇ، ھەقىقىي ئىنسانىي قېرىنداشلىق، ھەقىقىي ئىنسان ھۆرلۈكى، ئىنساننىڭ ھەقىقىي ھۆرمەتلىنىشىدۇر. چۈنكى، اللەدىن ئۆزگىگە چوقۇنغۇچى بىلەن مەبۇدنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق بىر قېرىنداشلىق رىشتىسى، ئىلاھ بىلەن ياكى ئىلاھلىقىنى دەۋا قىلىدىغان كىشنىڭ ئالدىدا ئىنساننىڭ ھېچقانداق ھۆرلۈكى، شۇنداقلا، ئۇنى ئۇلۇغلاپ سەجدە قىلىدىغان ئادەمنىڭ ھېچقانداق ھۆرمىتى بولمايدۇ.





داۋامى بار.....
ئىختىلاپ قىلماسلىق ئۈچۈن باشقىلارنىڭ يول قويۇشىنى ئىستەش ئەمەس، بەلكى باشقىلارغا يول قۇيۇش كىرەك
دوستلىشىش
dulbarqin310
توۋا دەيمەن، دۇنيادىكى ئىشلارغا.........
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5357
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1161
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1161دانە
ئۆسۈش: 580 %
مۇنبەر پۇلى: 12143 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2012-03-29
22-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-29 18:30

ئاللاھ ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن قېرىندىشىم.
دانالار توغرا ئېيتقان ئۆمۈر ئاتقان ئوق،
ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز بۇنىڭ دورىسى يوق.
دوستلىشىش
مەرفۇئە
ئاللاھ   ھەممىمىزنى   ھىدايەت   قى ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9302
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 81
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە81دانە
ئۆسۈش: -10 %
مۇنبەر پۇلى: 805 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-18
ئاخىرقى: 2012-02-09
23-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-29 21:45

    داۋامىغا    قاراپ    قالدۇق.
مەرفۇئە  دىن  پۇتۇن  قىرىنداشلارغا   ئاللاھ نىڭ  سالامى  بۇلسۇن!
{ھەممىڭلار بىردەك ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا ئېسىلى ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9266
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 36
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە36دانە
ئۆسۈش: 430 %
مۇنبەر پۇلى: 690 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-15
ئاخىرقى: 2011-11-21
24-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-01 09:57

اللەنىڭ كامالىتى

اللەنىڭ مەۋجۇتلىقىغا ۋە اللەنىڭ بىرلىكىگە ئىمان كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە، اللەنىڭ ئۆز زاتىغا لايىق بولغان رەۋىشتە سۈپەتلىنىدىغان بارچە كامالەت سۈپەتلىرىگە ۋە اللەنىڭ بارچە ئەيب-نۇقسانلاردىن پاك ئىكەنلىكىگە ئىمان كەلتۈرۈش لازىمدۇر. اللە مۇنداق دېگەن: «...اﷲ بالا تاپقانمۇ ئەمەس، تۇغۇلغانمۇ ئەمەس. ھېچ كىشى ئۇنىڭغا تەڭداش بولالمايدۇ.» (سۈرە «ئىخلاس»، 3-4-ئايەتلەر) ،«ھېچ شەيئى اﷲ قا ئوخشاش ئەمەستۇر، اﷲ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.» (سۈرە «شۇرا»، 11-ئايەت)
بۇلارنى: مۇشۇ گۈزەل بولغان ئالەم ۋە ئۇنىڭدىكى ئادەمنى تاڭ قالدۇرىدىغان ئىنچىكە بەدىئىيلىكلەر كۆرسىتىپ بەردى. بۇلارغا ئىنسان تەبىئىتىدىكى نۇرلۇق، ساپ تەبىئەت باشلاپ ئاپاردى. شۇنداقلا، ئۇلارنى اللە ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە نازىل قىلغان رىسالەتلىرىدە تەپسىلىي بايان قىلدى.
اللە ھەممىنى بىلىپ تۇرىدىغان شۇنداق بىر زاتكى، ئۇ زاتقا ھېچقانداق بىر نەرسە مەخپىي بولمايدۇ. اللە مۇنداق دېگەن: «غەيبنىڭ خەزىنىلىرى اﷲ نىڭ دەرگاھىدىدۇر، ئۇنى پەقەتلا اﷲ بىلىدۇ، قۇرۇقلۇقتىكى، دېڭىزدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى اﷲ بىلىدۇ، (دەرەختىن) تۆكۈلگەن ياپراقتىن اﷲ بىلمەيدىغان بىرەرسىمۇ يوق، مەيلى قاراڭغۇ يەر ئاستىدىكى بىرەر دانە ئۇرۇق بولسۇن، مەيلى ھۆل ياكى قۇرۇق نەرسىلەر بولسۇن، ھەممىسى (اﷲ قا مەلۇم بولۇپ) لەۋھۇلمەھپۇزدا يېزىقلىقتۇر.» (سۈرە «ئەنئام»، 59-ئايەت)  
اللە ھەممىگە غالىب كەلگۈچى، خالىغىنىنى قىلىدىغان بىر زاتتۇر. شۇنداقلا، ھېچقانداق بىر نەرسە اللەدىن غالىب كېلەلمەيدۇ ياكى ھېچقانداق بىر نەرسە اللەنىڭ ئىرادىسىنى بويسۇندۇرالمايدۇ. اللە مۇنداق دېگەن: « ئېيتىقىنكى، «پادىشاھلىقنىڭ ئىگىسى بولغان ئى اﷲ! خالىغان ئادەمگە پادىشاھلىقنى بېرىسەن، خالىغان ئادەمدىن پادىشاھلىقنى تارتىپ ئالىسەن؛ خالىغان ئادەمنى ئەزىز قىلىسەن، خالىغان ئادەمنى خار قىلىسەن؛ ھەممە ياخشىلىق (نىڭ خەزىنىسى يالغۇز) سېنىڭ قولۇڭدىدۇر. سەن ھەقىقەتەن ھەممىگە قادىرسەن.» (سۈرە «ئال ئىمران»، 26-ئايەت)
اللە ھەممىگە قادىر زات بولۇپ ئۇ زات  ھېچنېمىگە ئاجىز كېلىپ قالمايدۇ. بېشىغا كۈن چۈشكەن ئادەم دۇئا قىلسا ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدۇ، ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىدۇ. چىرىپ كەتكەن سۆڭەكلەرنى تىرىلدۈرىدۇ. مەخلۇقلارنى تۇنجى قېتىم ياراتقىنىدەك ئۇلارنى قايتا تىرىلدۈرىدۇ. ۋەھالەنكى، بۇلار اللەقا ئىنتايىن ئاساندۇر. اللە مۇنداق دېگەن: «(پۈتۈن ئاسمان - زېمىننىڭ) پادىشاھلىقى ئىلكىدە بولغان اﷲ نىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇر. اﷲ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.» (سۈرە «مۇلك»، 1-ئايەت)

اللە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى زاتتۇر. ھېچقانداق بىر نەرسىنى بىكارغا ياراتمايدۇ. ھېچقانداق بىر نەرسىنى بىكارغا تاشلاپ قويمايدۇ. ھېچقانداق بىر نەرسىنى ھېكمەت-سەۋەبسىز قىلمايدۇ. بۇلارنى بىلگەنلەر بىلىدۇ. بىلمىگەنلەر بىلمەي قالىدۇ. بۇ ھەقتە پەرىشتىلەر يۇقىرى ماقامدا گۈۋاھلىق بەردى. اللە مۇنداق دېگەن: «. پەرىشتىلەر: ” سېنى (پۈتۈن كەمچىلىكلەردىن) پاك دەپ تونۇيمىز. بىز سەن بىلدۈرگەندىن باشقىنى بىلمەيمىز، ھەقىقەتەن سەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇرسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرسەن “ دېدى.» (سۈرە «بەقەرە»، 32-ئايەت)

شۇنداقلا، پەيغەمبەر ۋە اللەنىڭ ۋەلىيلىرى، ئەقىل ئىگىلىرىمۇ شۇنداق گۇۋاھلىق بەردى. اللە مۇنداق دېگەن: «ئۇلار ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، ياتقاندىمۇ اﷲ نى ئەسلەپ تۇرىدۇ، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزىدۇ. (ئۇلار ئېيتىدۇ) ”پەرۋەردىگارىمىز! بۇنى بىكار ياراتمىدىڭ، سەن پاكتۇرسەن... “ » (سۈرە «ئال ئىمران»، 191-ئايەتنىڭ بىرقىسمى)

اللە شۇنداق بىر رەھىمدىل زاتكى، ئۇ زاتنىڭ رەھمىتى غەزىپىدىن غالىپ كەلدى. ئۇ زاتنىڭ ئىلمى ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندەك رەھمىتىمۇ ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. بۇ ھەقتە اللە قۇرئان كەرىمدە پەرىشتىلەرنىڭ قىلغان دۇئاسىنى بايان قىلدى. «پەرۋەردىگارىمىز! سېنىڭ رەھمىتىڭ ۋە ئىلمىڭ ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ،...» (سۈرە «غافىر»، 7-ئايەت)،
ئىختىلاپ قىلماسلىق ئۈچۈن باشقىلارنىڭ يول قويۇشىنى ئىستەش ئەمەس، بەلكى باشقىلارغا يول قۇيۇش كىرەك
{ھەممىڭلار بىردەك ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا ئېسىلى ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9266
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 36
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە36دانە
ئۆسۈش: 430 %
مۇنبەر پۇلى: 690 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-15
ئاخىرقى: 2011-11-21
25-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-01 09:58

«... ئازابىم بىلەن (بەندىلىرىمدىن) خالىغان كىشىنى ئازابلايمەن، مېنىڭ رەھمىتىم مەخلۇقاتنىڭ ھەممىسىگە ئورتاقتۇر...» (سۈرە «ئەئراف»، 156-ئايەت) ھەم قۇرئان كەرىم سۈرىلىرىمۇ «بسم اللە الرحمن الرحيم» يەنى (ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اللەنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن) بىلەن باشلىنىدۇ. بۇ اللەنىڭ رەھمىتنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ۋە اللەنىڭ بەندىلىرى قانچىلىك گۇناھ-مەئسىيەتلەرگە چۆكۈپ كەتسىمۇ، يەنىلا بەندىلەرنىڭ قەلبلىرىدىكى اللەنىڭ رەھمىتىگە بولغان ئارزۇ-ئۈمىدلارنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈش ئىدى. اللە مۇنداق دېگەن: «(ئى مۇھەممەد! مېنىڭ تىلىمدىن) ئېيتقىنكى، (گۇناھلارنى قىلىۋېرىپ) ئۆزلىرىگە جىنايەت قىلغان بەندىلىرىم! اﷲ نىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار. اﷲ ھەقىقەتەن (خالىغان ئادەمنىڭ) جىمى گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ، شۈبھىسىزكى، اﷲ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.» (سۈرە «زۇمەر»، 53-ئايەت)
ئىسلام دىنىدا ئىلاھ، ئارىستوتىل «بىرلەمچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ»، «بىرلەمچى سەۋەب» دەپ ئاتىغانغا  ئوخشاش ئۇنىڭ ئىلاھىدەك ئالەمدىن ۋە ئالەمدىكى شەيئىلەردىن ئايرىلىپ تۇرمايدۇ. ئارىستوتىل ئىلاھنى ھېچقانداق پائالىيەتچان ياكى تەدبىرلىك زات ئەمەس، تەسىر قىلش، مۇتلەق تەسەررۇپ قىلىش ئىقتىدارى يوق دەپ  جىمى سەلبىي سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىگەن ئىدى. دېمەك، ئارىستوتىل پەلسەپىسى نەزىرىدىكى ئىلاھ پەقەت ئۆزىنىلا بىلىپ، بۇ بىپايان ئالەمدىكى بولۇپ تۇرىدىغان ھادىسىلەرنى بىلەلمەيدۇ.

ئارىستوتىلنىڭ ۋە قەدىمكى يۇنان پەلسەپىسىنىڭ نەزىرىدە بۇ ئالەم يوقلۇقتىن يارىتىلمىغان، بەلكى، ئۇ ئەزەلىي بولغان بىر مەۋجۇدىيەتتۇر.
ئارىستوتىلنىڭ نەزىرىدىكى ئىلاھ بۇ ئالەم بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقتۇر. ئۇ بۇ ئالەمگە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ ياكى ئۇنىڭدىكى بىرەر ئىشنىمۇ باشقۇرمايدۇ. چۈنكى، ئۇ بۇ ئالەمدە بولۇپ تۇرىدىغان ئىشلارنى، زېمىنغا كىرىپ كېتىدىغان نەرسىلەرنى، زېمىندىن چىقىدىغان نەرسىلەرنى، ئاسماندىن چۈشىدىغان نەرسىلەرنى، ئۇنىڭغا ئۆرلەيدىغان نەرسىلەرنى بىلمەيدۇ. ئارىستوتىلنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئەگەشگۈچىلىرىنىڭ ئىلاھ ھەققىدىكى دەيدىغانلىرى بولسا، ئىلاھ دېگەن جەۋھەرمۇ ياكى ھادىسەمۇ ئەمەس. ئۇنىڭ ئەۋۋەلىمۇ ياكى ئاخىرىمۇ يوق. ئۇ بىرىكمىمۇ ياكى بىرىكمىنىڭ بىر جۈزئىسىمۇ ئەمەس. ئۇ ئالەمنىڭ ئىچىدىمۇ ياكى تېشىدىمۇ ئەمەس. ئۇ ئالەمگە باغلىنىلغانمۇ ياكى ئالەمدىن ئايرىلغانمۇ ئەمەس. ئىلاھ ھەققىدىكى بۇنداق سەلبىي سۈپەتلەر ئىلاھتىن بىر نەرسىنى تىلىگىلى ياكى ئۇنىڭدىن قورققىلى بولمايدىغان ياكى ئىنسانلارنى ئۆزلىرىنىڭ پەرۋەردىگارىغا باغلاپ تۇرىدىغان اللەنى ياد ئېتىپ تۇرۇشتىن، تەقۋالىق قىلىشتىن، اللەقا ئىشەنچ باغلاشتىن، اللەقا تەۋەككۇل قىلىشتىن، اللەدىن قورقۇشتىن ۋە اللەنى دوست تۇتۇشتىن ئىبارەت بولغان  بىر رىشتە بولمايدۇ.

قەدىمكى يۇنانلىقلارنىڭ ئىدىيسىدە شەكىللەنگەن ۋە ئۇلاردىن ھازىرقى زامان غەرب مەدەنىيىتىگە سىڭگەن ئالەمدىن ئايرىلىپ تۇرىدىغان بۇنداق ئىلاھنى ئىسلام دىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. بەلكى، « زېمىننى ۋە (كەڭ) ئېگىز ئاسمانلارنى ياراتتى. مەرھەمەتلىك اﷲ ئەرش ئۈستىدە (ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە) قارار ئالدى. ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ۋە يەر ئاستىدىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى اﷲ نىڭدۇر (يەنى اﷲ نىڭ مۈلكىدۇر، اﷲ نىڭ مەخلۇقاتىدۇر، اﷲ نىڭ تەسەررۇپى ئاستىدۇر). ئەگەر سەن ئاشكارا سۆزلىسەڭ (ياكى يوشۇرۇن سۆزلىسەڭ، اﷲ نىڭ نەزىرىدە ئوخشاشتۇر)، چۈنكى ئۇ سىرنى ۋە ئۇنىڭدىنمۇ مەخپىيرەك ئىشلارنى بىلىپ تۇرىدۇ. اﷲ تىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، اﷲ نىڭ گۈزەل ئىسىملىرى بار.» (سۈرە «تاھا»، 4-8-ئايەتلەر) مۇشۇنداق كامالەت سۈپەتلىرى بىلەن سۈپەتلىنىدىغان اللەنى تونۇيدۇ.

اللە مۇنداق دېگەن: « بىر اﷲ تىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر؛ اﷲ ھەمىشە تىرىكتۇر، ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر؛ ئۇ مۈگدەپ قالمايدۇ، ئۇنى ئۇيقۇ باسمايدۇ؛ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە اﷲ نىڭ (مۈلكى) دۇر؛ اﷲ نىڭ رۇخسىتىسىز كىممۇ اﷲ نىڭ ئالدىدا شاپائەت قىلالىسۇن؛ اﷲ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى (يەنى دۇنيادا قىلغان)، كەينىدىكى (يەنى ئۇلار ئۈچۈن ئاخىرەتتە تەييارلىغان) ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ تۇرىدۇ؛ ئۇلار اﷲ نىڭ مەلۇماتىدىن (اﷲ) ئۇلارغا بىلدۈرۈشنى خالىغان نەرسىلەردىن (يەنى پەيغەمبەرلەرنىڭ تىلى ئارقىلىق بىلدۈرگەن نەرسىلەردىن) باشقا ھېچ نەرسىنى بىلمەيدۇ، اﷲ نىڭ كۇرسى (مەلۇماتى) ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاسمان - زېمىننى ساقلاش ئۇنىڭغا ئېغىر كەلمەيدۇ. ئۇ يۇقىرى مەرتىۋىلىكتۇر، ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر.» (سۈرە «بەقەرە»، 255-ئايەت)

ئىسلام دىنىدىكى ئىلاھ بولسا، ئۇ ھەممە مەۋجۇداتلارنىڭ ياراتقۇچىسى، ھەر بىر جان ئىگىسىگە رىزىق بەرگۈچى، ھەر بىر ئىشنى تەدبىرلىك قىلغۇچى زاتتۇر. ئۇ زاتنىڭ ئىلمى ھەممە نەرسىنى تولۇق چۆرىدىدى. ھەممە نەرسىنى ئىنچىكە ھېساپلىدى. ھەممە نەرسە ئۇ زاتنىڭ رەھمىتى ئىچىگە كىردى. ئۇ زات پۈتۈن مەخلۇقاتنى ياراتتى. ئۇلارنى بېجىرىم، چىرايلىق ۋە مۇناسىپ شەكىلدە قىلدى. مەخلۇقاتقا پايدىلىق ئىشلارنى تەقدىر قىلدى ۋە ئۇلارغا پايدىلىنىش يوللىرىنى كۆرسەتتى. ھەممىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ. ئىنسانلارنىڭ سىر-ئەسرارلىرىنى ۋە پىچىرلاشلىرىنىمۇ بىلىپ تۇرىدۇ. اللە مۇنداق دېگەن: « ئۈچ ئادەم پىچىرلىشىدىكەن، اﷲ ئۇلارنىڭ تۆتىنچىسىدۇر، بەش ئادەم پىچىرلىشىدىكەن، اﷲ ئۇلارنىڭ ئالتىنچىسىدۇر، مەيلى ئۇنىڭدىن ئاز ياكى كۆپ ئادەم پىچىرلاشسۇن، ئۇلار قەيەردە بولمىسۇن، اﷲ ھامان ئۇلار بىلەن بىللىدۇر، ئاندىن قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى اﷲ ئۇلارغا ئېيتىپ بېرىدۇ.» (سۈرە «مۇجادەلە»، 7-ئايەت)
يارىتىش ۋە كائىناتنى تەسەررۇپ قىلىش، شۇنداقلا، ھەممىنىڭ پادىشاھلىقى اللەنىڭ ئىلكىدىدۇر. ئۇ زات كېچىنى كۈندۈزگە، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدۇ. جانلىق بولغان ئىنساننى، ھايۋاننى جانسىز بولغان ئابىمەنىيدىن، جانسىز بولغان ئابىمەنىينى جانلىق بولغان ئىنساندىن، ھايۋاندىن چىقىرىدۇ. ئۆزى خالىغان كىشىگە ھېسابسىز رىزىق بېرىدۇ.

ئالەمدىكى ھەممە مەۋجۇداتلار اللەنىڭ ئەمرىگە، قانۇنىيىتىگە بويسۇنىدۇ. اللەنىڭ بىرلىكىگە ۋە ئۇلۇغلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ. اللەنىڭ ئىلمى ۋە ھېكمەتلىرى ھەققىدە سۆزلەپ تۇرىدۇ. اللەقا ئۈزلۈكسىز، توختاۋسىز تەسبىھ ۋە ھەمدۇ-سانا ئېيتىپ تۇرىدۇ. اللە مۇنداق دېگەن: « يەتتە ئاسمان - زېمىن ۋە ئۇلاردىكى مەخلۇقاتلار اﷲ نى پاك دەپ بىلىدۇ، (كائىناتتىكى) قانداقلىكى نەرسە بولمىسۇن، اﷲ نى پاك دەپ مەدھىيىلەيدۇ (يەنى اﷲ نىڭ ئۇلۇغلۇقىنى سۆزلەيدۇ)، لېكىن سىلەر (تىلىڭلار ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۈچۈن) ئۇلارنىڭ مەدھىيىسىنى سەزمەيسىلەر، اﷲ ھەقىقەتەن (بەندىلىرىگە) ھەلىمدۇر (يەنى ئاسىيلىق قىلغانلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)، (تەۋبە قىلغۇچىلارنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.» (سۈرە «ئىسرا»، 44-ئايەت)

كائىناتنىڭ اللەقا تەسبىھ ئېيتىشى ۋە ئۇ زاتقا سەجدە قىلىشى بەرھەق بولغان بۈيۈك بىر ھەقىقەتتۇر. بۇنى مەلۇم نىسبەتتىكى ئىنسانلارنىڭ كۆزلىرى كۆرۈشتىن مەھرۇم قالدى. مەلۇم نىسبەتتىكى ئىنسانلارنىڭ قۇلاقلىرى ئاڭلاشتىن پاڭ بوپقالدى. ئەمما، ئۇ دىللىرى بىلەن كۆرۈدىغان، قەلبلىرى بىلەن تۇيىدىغان ئىنسانلارغا نامايان بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كائىناتنىڭ ھەممىسىنى ھەممىگە غالىپ كەلگۈچى، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، بەندىلىرىگە ئىنتايىن شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان بولغان زات ئۈچۈن تەسبىھ ۋە ھەمدۇ-سانا ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىۋاتقان ۋە ھۇزۇرى قەلب بىلەن اللەقا سەجدە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى كۆردى. اللە مۇنداق دېگەن: « ئاسمانلاردىكىلەر ۋە زېمىندىكىلەر (يەنى پەرىشتىلەر، ئىنسانلار ۋە جىنلار) ئىختىيارى ۋە مەجبۇرى يوسۇندا اﷲ قا بويسۇنىدۇ، ئەتىگەن – ئاخشامدا (يەنى داۋاملىق تۈردە) ئۇلارنىڭ سايىلىرىمۇ بويسۇنىدۇ.» (سۈرە «رەئد»، 15-ئايەت).
« بىلمەمسەنكى، ئاسماندىكىلەر (يەنى پەرىشتىلەر)، زېمىندىكىلەر (يەنى ئىنسانلار، جىنلار ۋە زېمىندا ياشايدىغان بارلىق مەخلۇقاتلار)، كۈن، ئاي، يۇلتۇزلار، تاغلار، دەرەخلەر، ھايۋاناتلار اﷲ قا بويسۇنۇپ، اﷲ نىڭ تەسەررۇپ قىلىشى بويىچە ھەرىكەت قىلىدۇ) ۋە نۇرغۇن كىشىلەر اﷲ قا سەجدە قىلىدۇ،...» (سۈرە «ھەج»، 18-ئايەت).
« ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى اﷲ قا تەسبىھ ئېيتتى، اﷲ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى اﷲ قا خاستۇر، اﷲ ئۆلتۈرەلەيدۇ، تىرىلدۈرەلەيدۇ، اﷲ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. اﷲ نىڭ ئىپتىداسى يوقتۇر، ئىنتىھاسى يوقتۇر، (اﷲ) ئاشكارىدۇر (يەنى مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسەتكۈچى دەلىللەر بىلەن ئەقىللەرگە ئاشكارىدۇ)، مەخپىيدۇر (يەنى ئۇنى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ زاتىنىڭ ماھىيىتىنى تونۇشقا ئەقىللەر ئېرىشەلمەيدۇ)، اﷲ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر. » (سۈرە «ھەدىد»، 1-3-ئايەتلەر)



داۋامى بار.....
ئىختىلاپ قىلماسلىق ئۈچۈن باشقىلارنىڭ يول قويۇشىنى ئىستەش ئەمەس، بەلكى باشقىلارغا يول قۇيۇش كىرەك
{ھەممىڭلار بىردەك ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا ئېسىلى ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9266
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 36
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە36دانە
ئۆسۈش: 430 %
مۇنبەر پۇلى: 690 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-15
ئاخىرقى: 2011-11-21
26-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-01 22:27

پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش


بىلىش كېرەككى، اللەقا، اللەنىڭ كامالىتىگە، ئۇ زاتنىڭ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلىدىغانلىقىغا، رەھمىتىنىڭ چەكسىزلىكىگە، كائىناتنى تەسەررۇپ قىلىشىغا، ئالەمنى ئىدارە قىلىشىغا، ئىنساننى ھۆرمەتلىك قىلغانلىقىغا ئىمان كەلتۈرگەندىن كېيىن، پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش ھېچقانداق ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس. دەرۋەقە، پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش اللەقا ئىمان كەلتۈرۈشنىڭ ئايرىلماس مۇھىم تەركىبىي قىسمىدۇر. چۈنكى، اللە ئىنساننى يارىتىپ، ئالەمدىكى مەۋجۇداتلارنى ئۇنىڭغا مۇسەخخەر قىلىپ بېرىپ، ئاندىن ئۇنى ھىدايەتسىز تېڭىرقاپ يۈرۈشىگە  تاشلاپ قويمايدۇ. شۇڭلاشقا، اللە ئىنسانغا ھاياتىي دۇنيادىن پايدىلىنىش يوللىرىنى بىلدۈرۈپ قويغىنىدەك، ئاخىرەت يوللىرىنى بىلدۈرۈپ قويۇشى، ئىنسانغا ماددىي ئوزۇق-تۈلۈك ئاتا قىلغىنىدەك، ئۇنىڭغا روھىي ئوزۇق-تۈلۈك ئاتا قىلىشى، ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇرغىنىدەك، دىللارنى ۋە قەلبلەرنى ھىدايەت قىلىش ئۈچۈن ئاسماندىن ۋەھيى نازىل قىلىشى اللەنىڭ كامالىي ھېكمىتىدىندۇر.

    ئىنساننى ئۆزىنىڭ ھاۋايى-ھەۋەسلىرى ۋە ھەر خىل ئىنتىلىشلىرى ياكى ئىجتىمائىي جامائەنىڭ ھاۋايى-ھەۋەسلىرى ۋە پايدا-مەنپەئەتلىرى ئارىسىدا سوقولۇپ يۈرۈشىگە تاشلاپ قويۇش ھېچقانداق بىر ھېكمەتكە ياتمايدۇ. بەلكى، ئەڭ توغرا ھېكمەتلىك ئىش بۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ. شۇڭلاشقا، اللە ئىنسانلارنى توغرا ھىدايەتكە يېتەكلەش ئۈچۈن روشەن دەلىللەر بىلەن ، شۇنداقلا، پەيغەمبەرلەر ئىنسانلار ئارىسىدا شەرىئەت مىزانلىرىنى ئادىللىق بىلەن جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىشى دەل كامالىي ھېكمەتنىڭ ئۆزىدۇر.

شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرلەر ئۆز قوۋملىرىنىڭ ئۆزلىرىدىن اللەنىڭ ئەمرىنى ۋە توسۇقىنى يەتكۈزۈدىغان پەيغەمبەرنى ئەۋەتىشىدىن ھەيران قالغانلىقلىرىنى ئەيىبلىدى. بۇ ھەقتە نۇھ ئەلەيھىسسالام قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: « نۇھ ئېيتتى: ” ئى قەۋمىم! مەن قىلچىمۇ گۇمراھ ئەمەسمەن، لېكىن مەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن. سىلەرگە پەرۋەردىگارىمنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزىمەن، سىلەرگە نەسىھەت قىلىمەن، مەن اﷲ نىڭ ۋەھيى قىلىشى بىلەن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن. سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، (كۇفرىدىن) ساقلىنىشىڭلار ۋە اﷲ نىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەرگە ئاراڭلاردىكى بىر كىشى ئارقىلىق پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ۋەھيىسى كېلىشىدىن ئەجەبلەنمەمسىلەر؟“ » (سۈرە «ئەئراف»، 61-63-ئايەتلەر). ھۇد ئەلەيھىسسالاممۇ ئۆزىنىڭ قوۋمىگە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سۆزلەرنى قىلغان ئىدى.

اللە قۇرئان كەرىمدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ رىسالىتىنى ئىنكار قىلغان مۇشرىكلارغا رەددىيە بېرىپ مۇنداق دېگەن: «ئىنسانلارنىڭ بىرىگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا): ئىنسانلار (يەنى كاپىرلار) نى (اﷲ نىڭ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇرغىن، مۆمىنلەرگە پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا (قىلغان ياخشى ئەمەللىرى ئۈچۈن) يۇقىرى ئورۇنغا ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن، دەپ ۋەھيى قىلغانلىقىمىزدىن ئۇلار ئەجەبلىنەمدۇ؟ كاپىرلار: «بۇ ھەقىقەتەن ئاشكارا سېھىرگەردۇر» دېدى.» (سۈرە «يۇنۇس»، 2-ئايەت)

اللەنىڭ ئىنساننى ۋەھيى بىلەن ھىدايەتكە يېتەكلىشى ئۇ زاتنىڭ ئىنسان ئۈچۈن ئاتا قىلغان ھىدايەتنىڭ ئەڭ يۈكسەك دەرىجىسىدۇر.
ئىنسان تەبىئىتى ئۆزى تاپالايدىغان ھىدايەتمۇ بار. بۇ ھەقتە بىر ئالىم مۇنداق ئىبارە كەلتۈرگەن. ئۇنىڭدىن، سىز قاچاندىن بېرى ئەقلىڭىزنى تاپقان؟ دەپ سورالغاندا، ئۇ ئالىم ئانامنىڭ قورسىقىدىن چۈشكەندىن تارتىپ ئەقلىمنى تاپقانمەن. قورسىقىم ئېچىۋىدى، ئانامنىڭ ئەمچىكىنى ئەمدىم. ئاغرىپ قېلىۋېدىم، يىغلىدىم. دېگەن.

بۇنداق ھىدايەت تېپىش ئىنسانغىلا خاس ئىش ئەمەس. بەلكى، ئۇ ھايۋانلارنى، ئۇچار قۇشلارنى ۋە قۇرت-ھاشاراتلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ھەقتە قۇرئان كەرىمدە ھەسەل ھەرىسى ھەققىدە ۋەھيى دەپ ئىبارە كەلتۈرۈلگەن. «پەرۋەردىگارىڭ ھەسەل ھەرىسىگە ئىلھام بىلەن بىلدۈردى: ” تاغلارغا، دەرەخلەرگە ۋە (كىشىلەرنىڭ ھەسەل ھەرىلىرى ئۈچۈن) ياسىغان ئۆيلىرىگە ئۇۋا تۈزگىن.“ » (سۈرە «نەھل»، 68-ئايەت) بەلكى، ئۇ ئالەمنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە تارالغاندۇر. مەسىلەن: ئۆسۈملۈكلەرمۇ ئۆزىنىڭ ئوزۇقىنى مەلۇم نىسبەتتە، بەلگىلەنگەن مىقداردا زېمىندىن سۈمۈرۈپ ئالىدۇ ھەمدە سەييارە پلانېتلارمۇ بەلگىلەنگەن قانۇنىيەت ئىچىدە ئۆزلىرىنىڭ ئوقىدىن ھالقىمىغان ھالەتتە سەير قىلىدۇ. اللە مۇنداق دېگەن: « كۈننىڭ ئايغا يېتىۋېلىشى (يەنى ئىككىسىنىڭ جەم بولۇپ قېلىشى)، كېچىنىڭ كۈندۈزدىن ئېشىپ كېتىشى (يەنى ۋاقتى كەلمەستىن كۈندۈزنىڭ ئورنىنى ئېلىشى) مۇمكىن ئەمەس، ھەر بىرى پەلەكتە ئۈزۈپ تۇرىدۇ.» (سۈرە «ياسىن»، 40-ئايەت) شۇنداقلا، ئۇ ھىدايەت ئاسماندىكى ۋە زېمىندىكى مەخلۇقاتلارنىڭ ھەممىسىگە ئام بولغان ھىدايەتتۇر. بۇ ھەقتە اللە قۇرئان كەرىمدە مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ پىرئەۋنگە بەرگەن جاۋابىنى بايان قىلدى.« پىرئەۋن: ” ئى مۇسا، سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار كىم؟ “ دېدى. مۇسا ئېيتتى: ” پەرۋەردىگارىمىز شۇنداق زاتتۇركى، ھەممە نەرسىگە (ئۆزىگە مۇناسىپ) شەكىل ئاتا قىلدى، (ئاندىن ئۇلارغا ياشاش يوللىرىنى، پايدىلىنىدىغان نەرسىلەرنى) كۆرسەتتى.“ » (سۈرە «تاھا»، 49-50-ئايەتلەر)
«ھەممىدىن ئۈستۈن پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامىنى پاك ئېتىقاد قىلغىن. ئۇ (پۈتۈن مەخلۇقاتنى) ياراتتى، (ئۇلارنى) بېجىرىم (يەنى چىرايلىق ۋە مۇناسىپ شەكىلدە) قىلدى. مەخلۇقاتقا پايدىلىق ئىشلارنى (تەقدىر قىلدى، ئۇلارغا پايدىلىنىش يوللىرىنى) كۆرسەتتى.» (سۈرە «ئەئلا»، 1-3-ئايەتلەر)  
    
ھىدايەتنىڭ ئىككىنچى دەرىجىسى: ئاڭلاش، كۆرۈش، پۇراش ۋە تېتىپ كۆرۈش ئارقىلىق  تاشقى ئەزالارنىڭ تۇيۇشى بىلەن ياكى قورساق ئېچىش، ئۇسساش، خۇشاللىنىش ۋە قايغۇرۇش ئارقىلىق ئىچكى ئەزالارنىڭ سىزىشى بىلەن بولىدىغان ھىدايەتتۇر. ھىدايەتنىڭ بۇ دەرىجىسى بىرىنچى دەرىجىدىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ. چۈنكى، بۇ خىل ھىدايەتتە گەرچە خۇددى ئىنسان سەررابنى سۇ دەپ، ھەرىكەتلىنىۋاتقان سايىنى شۇك تۇرىۋاتىدۇ، دەپ ئويلايدىغانغا ئوخشاش بەزىبىر خاتالىقلاردىن خالىي بولغىلى بولمىسىمۇ، ھېچبولمىغاندا، بۇ ئارقىلىق بىر نېمىنى سەزگىلى ياكى تونۇپ يەتكىلى بولىدۇ.

ھىدايەتنىڭ ئۈچىنچى دەرىجىسى: ئىنسان ئەقلىنىڭ ھەرخىل ئىقتىدارلىرى ئارقىلىق بولىدىغان ھىدايەتتۇر. بۇ ئەزالارنىڭ تۇيۇشى بىلەن بولىدىغان ھىدايەتتىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ خىل ھىدايەتتە ئىنسان بىر نەرسىنى خۇلاسىلاشتا، يەكۈنلەشتە ھېسسىي تۇيغۇغا بەكرەك تايىنىپ كېتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئىنسان بەزىبىر خاتالىقلارغا گىرىپتار بولىدۇ. دەرھەقىقەت، ئىنسان ئەقلى ئۆزىنىڭ بۈيۈك پائالىيەتلىرىدە ھايۋاناتلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئالاھىدىلىكلىرىدىندۇر، ئەلۋەتتە.

ھىدايەتنىڭ تۆتىنجى دەرىجىسى: ئىنساننىڭ ۋەھيى ئارقىلىق ھىدايەت تېپىشىدۇر. بۇ خىل ھىدايەت ئىنسان ئەقلىنىڭ خاتالىقلىرىنى تۈزىتىدۇ. ئەزالىرىنىڭ ئىدراكىنى ئىنكار قىلىدۇ. ئىنسان ئۆزى يالغۇز يىتەلمەيدىغان يولنىڭ خەرىتىسىنى سىزىپ بېرىدۇ. ئىنسان ئەقلى بىرلىككە كېلەلمەيدىغان ئىختىلاپ-نېزالارنى ئايرىپ بېرىدۇ. اللە مۇنداق دېگەن: « ئىنسانلار (دەسلەپتە) بىر ئۈممەت (يەنى ھەق دىندا) ئىدى (كېيىن ئۇلارنىڭ بەزىسى ئىمان ئېيتىپ، بەزىسى ئىمان ئېيتماي ئىختىلاپ قىلىشتى)، اﷲ (مۆمىنلەرگە جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگۈچى، (كۇففارلارنى دوزاختىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتى؛ (اﷲ) كىشىلەرنىڭ ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلىرى ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن، ئۇلارغا ھەق كىتابنى نازىل قىلدى، پەقەت كىتاب بېرىلگەن كىشىلەرلا ئۆزلىرىگە روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن ئۆزئارا ھەسەت قىلىشىپ (يەنى كاپىرلار مۆمىنلەرگە ھەسەت قىلىپ)، كىتاب توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشتى، اﷲ ئۆز ئىرادىسى بويىچە مۆمىنلەرنى ئۇلار (يەنى گۇمراھلار) ئىختىلاپ قىلىشقان ھەقىقەتكە ھىدايەت قىلدى. اﷲ خالىغان كىشىنى توغرا يولغا باشلايدۇ.» (سۈرە «بەقەرە»، 213-ئايەت)
«بىز ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلىرىمىزنى روشەن مۆجىزىلەر بىلەن ئەۋەتتۇق ۋە ئۇلار بىلەن بىللە، ئىنسانلار ئادالەتنى بەرپا قىلسۇن دەپ، كىتابنى، قانۇننى چۈشۈردۇق...» (سۈرە «ھەدىد»، 25-ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
ئىختىلاپ قىلماسلىق ئۈچۈن باشقىلارنىڭ يول قويۇشىنى ئىستەش ئەمەس، بەلكى باشقىلارغا يول قۇيۇش كىرەك
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5723
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 384
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە384دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 3923 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-18
ئاخىرقى: 2012-03-29
27-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-02 00:05

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
ھەربىر  ئىنكاستا  يازغان   بۈلەكلەرنى،     ھىچ بولمىسا بىرەركۈن  ئاتلاپ بىر     يوللىغان بوسىلىرىمۇ بوپتىكەن  داموللام،،،
بىزمۇ بىر     ھەزىم قىلىپراق    ئوقۇپ ماڭغان بولساق  تېمىلىرىنى،ھەقىقەتەن ياخشى تېما يوللاپتىكەنلا بولمىسا...  
بۇتېمىنى تىزراق يوللاپ تۈگۈتىۋېتىشنى  كەڭ سايكام  كۆتىرەگە بەرمىگەندۇ سىلىگە ؟  
ئاللاھ ئەجرىلىرىنى ھەسسىلەپ بەرگەي...مۇشۇنداق ياخشى تېمىلار بولسا داۋاملىق يوللاپ تۇرسىلا...
مەن بۇتېمىنى ئىنكاس بىلەن ساخلىۋېلىپ ئالدىرىماي ھەزىم قىلاي،،، رەخمەت...!!!