جەمئىيەت ئۈندەككە ۋە ئەخلاقىي تىزگىنگە موھتاج
دىنغا موھتاج بولىدىغان يەنە بىر ئامىل بولسا، ئىجتىمائىي ئېھتىياجدۇر. بۇ جەمئىيەتنىڭ ئۈندەككە ۋە ئەخلاقىي تىزگىنكە موھتاج بولۇشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئۈندەك جەمئىيەت ئەزالىرىنى كۈزىتىپ تۇرىدىغان ئادەم بولمىسىمۇ ياخشلىق قىلىشقا، ئۆزلىرىنىڭ مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۆزلۈكىدىن ئادا قىلىشقا ئۈندەيدۇ. ئەخلاقىي تىزگىنلەش بولسا، ئىنسانلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن بولغان كىشىلىك مۇناسىۋەتلەرنى، شۇنداقلا بىر شەخسنىڭ ئۆز نەپسى، ھاۋايى-ھەۋىسى ۋە دەرھاللىق بولغان ماددى مەنپەئىتى ئۈچۈن ھەددىدىن ئېشىشىنى، ئۆزگىگە تاجاۋۇز قىلىشىنى ياكى ئىجتىمائى توپىنىڭ مەنپەئەتلىرىگە سەل قارىشىنى تىزگىنلەپ تۇرىدۇ.
بەزىلەر قانۇن-تۈزۈملەر ئىنساندا ئاشۇنداق ئۈندەك ۋە ئەخلاقىي تىزگىننى يېتىلدۈرۈشكە يېتەرلىك قىلىدۇ دېيىشى مۇمكىن. دەرھەقىقەت، قانۇن-تۈزۈملەر ئۈندەك ۋە ئەخلاقىي تىزگىن بەرپا قىلالمايدۇ. بىلىش كېرەككى، قانۇن-تۈزۈملەردىن قېچىش، ئالداش مۇمكىنچىلىكى ئىنتايىن يۇقىرى. شۇڭلاشقا، ئىنساننى ئۆزىنىڭ ھەق-مەجبۇرىيەتلىرىنى قىلىشقا ئىچىدىن ئۈندەپ تۇرىدىغان ئۈندەك، ئۇنى تىزگىنلەپ تۇرىدىغان ئەخلاقىي تىزگىن بولۇشى كېرەك. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، ئىنسانغا ئىچكى تىزگىن ئۈچۈن ۋىجدان ياكى پاك روھ ۋە ياكى ساپ قەلب كېرەك. ئۇ شۇنداق تىزگىنكى ئۇ ئوڭشالسا، ئىنساننىڭ، بىر پۈتۈن ئىش-ھەرىكەتلىرى ئوڭشىلىدۇ. ئۇ بۇزۇلسا، ئىنسان بىر پۈتۈن بۇزۇلىدۇ.
ئىنسانلار ئەلمىساقتىن بېرى تەجرىبە-سىناق ۋە تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلاپ كۆرۈش ئارقىلىق ئىنسان روھىيىتىنى پاكلاشتا، ئەخلاقىنى گۈزەللەشتۈرۈشتە، ئىنساننى ياخشىلىققا ئۈندەيدىغان ئۈندەكنى ۋە يامانلىقتىن تىزگىنلەيدىغان تىزگىننى يېتىلدۈرۈشتە دىندىن بىھاجەت بولغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ كەلمەكتە. زامانىمىزدىكى ئەنگلىيلىك بەزى سودىيەلەر ئىلىم-پەن غايەت زور تەرەققىي قىلغان، مەدەنىيەت-ساپا يۇقىرى دەرىجىدە يۈكسەلگەن ۋە قانۇن-تۈزۈم ئىنچىكىلىك بىلەن تۈزۈلگەن تۇرۇغلۇق، جەمئىيەتتە يەنىلا جىنايىي ئىشلارنىڭ زور دەرىجىدە يامراپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ مۇنداق دېگەن: «ئەخلاقنى قانۇن-تۈزۈمدىن ئايرىۋەتكىلى شۇنداقلا، ئېتىقادنى ئەخلاقتىن ئايرىۋەتكىلى بولمايدۇ.»
بەزى دىنسىزلارنىڭ اللەقا ۋە ئاخىرەت كۈنىدىكى جازاغا بولغان ئېتىقاد بولمىسا، ھاياتنىڭ مۇنتىزىم داۋاملىشالمايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس. ۋولتېر مۇنداق دېگەن: «ئەگەر خۇدا بولمىغان بولسا، ئۇنى ئۆزىمىز يارىتىشىمىز بىزگە زۆرۈر بولاتتى.» يەنى، بىز ئىنسانلارغا، ئۇلار ئۇنىڭ رەھمىتىنى، رازىلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغان، ئازابىدىن قورقىدىغان بىر ئىلاھنى پەيدا قىلىپ بېرەتتۇق. شۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار ياخشى ئەمەللەرنى قىلىدۇ. يامانلىقلاردىن قاچىدۇ. ۋولتېر يەنە بىر مەسخىرىلىك بىلەن مۇنداق دېگەن: «نېمە ئۈچۈن خۇدانىڭ بارلىقىغا شەك كەلتۈرىسىلەر؟ ئەگەر ئۇ بولمىغان بولسا ئىدى، ئايالىم ماڭا خىيانەت قىلغان، خىزمەتچىم مېنى ئوغرىلىغان بولاتتى!»
«بلۇتارك» مۇنداق دېگەن: « ھەقىقەتەن زېمىنسىز بىر شەھەرنىڭ بولۇشى، خۇداسىز بىر دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشىدىن ئاساندۇر.»
داۋامى بار....