باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 8348 قېتىم كۆرۈلدى
«12345»Pages: 2/5     Go
تېما: يېڭى بايقاش << قۇشلارنىڭ ئەجدادى ھەققىدە >>
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8971
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 11
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە11دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 110 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-15
ئاخىرقى: 2011-10-24
10-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-16 04:24

ئالدى بىلەن بارلىق ھەمدۇ-سانالەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگاھى ئاللاغا  بولسۇن !   سۆز باشلاشتىن بۇرۇن مەن غەرىپكە ساياھەت فىلىمىدىكى بىر ۋەقەلىكنى مىسال ئىلىپ ئۆتەي. تاڭسىڭ شاگىرتلىرىنى باشلاپ ئاياللار دۆلىتىگە كەلگىنىدە تاڭسىڭ ۋە جۇباجى پەرزەنت دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئىچىۋىلىپ ھامىلدار بولۇپ قالىدۇ. سۇن ۋۇكوڭ بۇنىڭ دورىسىنى ئىلىپ كەلگىلى ئەرىشكە ماڭىدۇ ۋە دورىنى ئىلىپ بولغاندىن كىيىن ئەرىش ئوردىسىدا بىر كۈن ئوينىۋىلىپ كەتمەك ئاززۇيىنىڭ بارلىغىنى ئىيتقاندا ئەرشتىكىلەر ئەرىشتە ئۆتكەن بىر كۈننىڭ زىمىندا ئۆتكەن بىر يىلغا تەڭ ئىكەنلىگىنى، ئەگەر بىر كۈن كىچىكىپ بارسا تاڭ راھىبى ۋە جۇباجىنىڭ ئاللىقاچان يەڭگىپ بولىدىغانىغىنى ئەسكەرتىپ سۇن ۋۇكوڭنى قايتىپ كىتىشكە ئالدىرىتىدۇ.
بۇ نەچچە يۈز يىللار ئىلگىرى ئەدىپ ۋۇ چېڭئىن نىڭ بايانىدا تەسۋىرلەنگەن بىر ئەپسانە.
ئارىدىن يەنە نەچچە يۈز يىل ئۆتۈپ ئېينىشتىين نىسبىلىك نەزەرىيەسىدە زاماننىڭ قىسقىرايدىغانلىغىنى ئوتۇۇرىغا قويۇپ ئالەمدىكى ماكان ۋە زامان ئۇقۇمىنىڭ ۋە ئۆلچىمىنىڭ زىمىندىكى ماكان ۋە زامان ئۇقۇمى بىلەن ئوخشاشمايدىغانلىغىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ توغرىلىق مىم دەپ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كارتون فىلىمى بار، بۇنىڭدا داچىڭ بىلەن سىڭلىسى ئالەم ساياھىتىدە كىتىۋىتىپ داچىڭ بىر نەرسىسىنى ئۇنتۇپ قىلىپ يەر يۈزىگە قايتىدۇ، ئارىدىن كۆپ ئۆتمەي سىڭلىسى بىلەن ئۇچراشسا سىڭلىسى ئاللىقاچان قىرىپ مومايغا ئايلىنىپ كەتكەن.
مەيلى  غەرىپكە ساياھەتتىكى زامان ماكان ئەپسانىسى بولسۇن ياكى ئېينىشتىيىننىڭ نىسبىلىك نەزەرىيەسى بولسۇن بىزگە بىلدۇرمەكچى بولغىنى زىمىن ۋە ئالەمدىكى زامان ياكى ۋاقىت، ماكان ياكى بوشلۇق ئۇقۇمىنىڭ، مۇناىسۋەتلىك ئۆلچەملىرىنىڭ ئوخشاشماسلىغى، ياكى زىمىندىكى ماكان زامان بىرلىگىنىڭ باشقا ئالەمدە ئۆز ماھىيىتىنى ۋە قانۇنىيىتىنى پۇتۇنلەي يوقىتىشى.
غەيرەتجاننىڭ گىننىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگۈرىشى بىلەن تەدرىجى تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ ئىنتايىن ئۇزۇن جەرياننى بىر بىرىگە زىت دەپ قارىشى يۇقۇرىدا ئىيتىلغان  كايىناتتىكى زامان ۋە ماكان ئۇقۇمى توغرىلىق چۈشەنچىلىرىنىڭ چولتىلىغىدىن بولغان، مەن ھەممىنى دەۋەتمەي، مۇشۇ ئارقىلىق بالىلارنىڭ تەپەككۈر قىلىشى ئويلىشىغا قوياي. نىمىلەرنى ھىس قىلىدىكىن. يەنە بىر يىپ ئۇچى ئىنساننىڭ تۆرىلىپ ئۆلگىچە بولغان جەريانى بۇ بىر شەخىس ئۈچۈن ناھايىتىمۇ بىر ئۇزۇن جەريان، ھەتتا بەزىدە ھايات مۇساپىسىنىڭ نەچچە يۈز مىڭ قەدىمىنىڭ بىرى بولغان بىر سائەتنى ئۆتكۈزمەكمۇ بىزگە بەك تەس بىلىنىدۇ، بەكلا ئۇزاق بىلىنىپ كىتىدۇ، لىكىن ئاللانىڭ دەرگاھىدا بۇ ئۇزۇن مۇساپە پەقەت ئوڭ يىنىمىزدىكى نەرسىنى ئىلىپ سول يىنىمىزغا قويغاندىنمۇ قىسقا مۇساپە. ھەتتا بىز ئۈچۈنمۇ شۇنداق ، كۆزىمىزنى بىر يۇمساقلا نەچچە ئون يىل ئۆمرىمىز دەقىقە ئىچىدە خىيالىمىزدىن كىچىپ بولىدۇ، ئىنسان ئۆرىنى دىمەي كايىناتنىڭ ئۆمرىنى دەيلى، يەر شارىنى دىسەك ھازىرغىچە 5 مىليارت يىل بولدى ، لىكىن قىيامەت كۈنى ماكان زامان ئۆز ئەھمىيىتىنى يوقۇتۇپ پۇتۇن كايىنات دەقىقە ئىچىدە يىڭنىنىڭ تۆشىگىدىن ئۆتكەن بولىدۇ.  بۇ بىزنىڭ نەزەرىمىزدە 5 مىليارت يىل ، لىكىن ئاللانىڭ ھۇزۇرىدا ئاللانىڭ نەزىرىدە بىر دەقىدە پەيتى. خۇددى ئىنساننىڭ تۈ
گۈمەس كۆرۈنگەن ئۆمرى ئاللانىڭ ھۇزۇرىدا ئۇ تۆشۈكتىن بۇ تۆشۈككە ئۆتكەندەك ئىش.
خوش، مەن ئۇنداق بولسا تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيەسىنى ياقلاپ دىنازاۋۇردىن قۇشلارغا ئۆزگۈرۈش ئۇچۇن 100 مىليون يىللار ۋاقىت كەتكەن دەيمەن، غەيرەتجان بولسا بۇ گىنلارنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى بىلەن دەقىقە پەيتىدە تاماملانغان دەيدۇ ؟ بۇ ئىككى قاراش بىر بىرىگە زىتمۇ؟ .ئالدىنقى قاراشتا بولاتتەك ئارخىلوگىيەلىك ئىسپاتلار بار، يىلىلىرىنى بىز كاربون ئىزوتوپلۇق تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەڭ توغرا مۆلچەردە تىپىپ چىقالايمىز، لىكىن بۇ يەردىكى 100 مىليون يىل ۋاقىت ئاللانىڭ ئىرادىسى، يارىلىشنىڭ ئۆلچىمىدە قانچىلىق ۋاقىت؟ بۇ توغرىلىق ئىزدىنىپ باققانلار بارمۇ؟ ؟؟؟؟؟؟؟؟
داۋاملىق يىزىلىدۇ، يۇقۇرقىلاردىن كۆپچىلىكنىڭ بەزى بەرسىىلەرنى ئويلىيالىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. ئەگەر قارغۇلارچە رەت قىلىنىدىغان ئىش بولسا مۇشۇ يەرگىچە يازىمەن.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8971
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 11
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە11دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 110 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-15
ئاخىرقى: 2011-10-24
11-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-16 04:29

مەندىن قانداق سوئال بولسا سورىساڭلار بولىدۇ، قانداق كۆز قاراش بولسا ئوتتۇرىغا قويساڭلار بولىدۇ، مەن ئىرىنمەي جاۋاپ بىرەلەيمەن، لىكىن مىنى كۇپۇرغا چىقىرىدىغان ھۆكۈملەرنى قوبۇل قىلالمايمەن.مەيلى كىم بولسۇن بىراۋنىڭ ئىمانى ئۈچۈن تون پىچىش ئۆزى كۇپۇرلۇقتۇر، بىلىپ بىلمەي گۇناھى كىبىرنى ئارتىۋالمايلى.
دوستلىشىش
ئىزباسار
ئىتىپاقسىزلىق ئىسلامىيەتنىڭ مەغلۇبىيتى
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8724
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 451
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە451دانە
ئۆسۈش: 840 %
مۇنبەر پۇلى: 5007 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-24
ئاخىرقى: 2012-05-09
12-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-16 10:22

مەردان ئەپەندېم:
سىز نىڭ ئالدىنقى ئابزاستا تىلغا ئالغان زامان ۋە ۋاقىت ئوقۇمى توغرىسىدا ئاللاھ قۇرئانى كەرىمدە توختۇلۇپ ئۆتكەن. ھەقىقەتەن ئاسماندىكى بىر كۇن زىمىندىكى بىر يىلغا تەڭ.(قۇرئانى كەرىم تەپسىرى-ئەسرارۇلقۇرئان غا قارالسۇن). بۇ مۇنازىرسىز تىما.
كىيىنكى سۆزىڭىزدىكى " مەن ئۇنداق بولسا تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيەسىنى ياقلاپ دىنازاۋۇردىن قۇشلارغا ئۆزگۈرۈش ئۇچۇن 100 مىليون يىللار ۋاقىت كەتكەن دەيمەن، "
سىزنىڭ بۇ سۈزىڭىز بۇيىچە ئېيتقاندا بىر ھايۋان ۋاقىتنىڭ ئۇتۇشى بىلەن قۇشقا ئايلانغان. بۇ سۆزىڭىزچە ئېيتقاندا(سىزغۇ ئاللاھنى تۇنۇغان بىر مۇسۇلمانكەنسىز بۇنداق گەپلەرنى دىمەيسىز) دارۋىننىڭ " ۋاقىتنىڭ ئۈتىشىگە ئەگىشىپ تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيسى بۇيىچە مايمۇن ئادەمگە ئايلانغان" دىگەن سۆزى توغرا چىقىپ قالامدۇ قانداق؟




تەپسىلىرەك چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز....
تۈۋەندىكى ئادرىستىكى "جانلىقلار نەردىن كەلگەن" دىگەن قىسقا فىلىمنى كۈرۈپ باققايسىز....
http://www.uzuk.net/?p=243
ئاللاھتىن قورقمىساڭ خالىغىنىڭنى قىل....
بۇ زادى نېمىدۇ؟
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1913
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1391
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1391دانە
ئۆسۈش: 910 %
مۇنبەر پۇلى: 15433 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-14
ئاخىرقى: 2012-05-10
13-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-16 11:25

مەردان  ئەپەندى سىزنىڭ مۇنبىرىمىزگە كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز.ئەمىسە بىۋاستىلا سۇئالىمنى سوراۋېرەي~~~
سىز مۇشۇ ساھە توغرىسىدا ئىزدىنىۋاتقان مۇسۇلمان كىشى ئىكەنسىز،ئۇنداقتا بۈگۈنكىدەك قۇرئان كەرىمنىڭ مۆجىزىلىك كىتاب ئىكەنلىكى نۇرغۇنلىغان دىنسىز ئالىملار تەرىپىدىن كەينى-كەينىدىن تەكىتلىنىۋاتقان ۋە ئىلمىي پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلىنىۋاتقان مۇشۇنداق كۈندە سىزمۇ مۇشۇ ساھەدە قۇرئان كەرىمگە مۇراجەت قىلىپ باقتىڭىزمۇ؟دېمەكچى بولغىنىم بىز مۇسۇلمانلار ئەزەلدىن ئىنساننى ئاللاھ تۇپراقتىن ياراتتى دەپ ئىشىنىمىز.بىراق تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى بويىچە بولغاندا ئىنسان ئۇزۇن يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن مايمۇندىن ئۆزگەرگەن دەپ قارايدۇ.سىز تەدرىجىي تەرەققىياتنى قوللايسىز ،ئۇنداقتا سىزمۇ ئىنساننى مايمۇندىن ئۆزگەرگەن دەپ قارامسىز؟بىر جانلىقنىڭ مۇھىتنىڭ تەسىرىدە باشقا بىر جانلىققا ئايلىنىشى مۇمكىنمۇ ؟
سىلەر بىزگە نېمىنى تىلىسەڭلار ئاللاھ سىلەرگە ئۇنى ھەسسىلەپ بەرسۇن!ئامىن!!!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7564
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 547
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە547دانە
ئۆسۈش: 1150 %
مۇنبەر پۇلى: 6355 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-24
ئاخىرقى: 2012-05-10
14-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-16 12:02

ھاي،،ھاي،،،ئاغنىلەر <<ئاقساقاللىق>> قىلىپ  مەردان ئەپەندىنى قاچۇرۇپ قۇيمايلى،،،ھە،،،،،
مەن مەردان ئەپەندى ئىيىتقان يۇقارقى سۇزلەردىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھىسى قىلىپ يەتتىم،،،،،
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8971
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 11
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە11دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 110 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-15
ئاخىرقى: 2011-10-24
15-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-16 12:10

توغرا، توغرىسىنى بىلگۈچى ئاللا، توغرىسى قۇرئانى كەرىمدە ناھايىتى ئىنىق قىلىپ ئوتتىرىغا قويۇلغان، ھاياتنىڭ نۇرغۇن مۆجىزىلىرى توغرىلىق بىشارەت نىشان كۆرسەتمىلەر بىرىلگەن، قايسى ئىلىم قۇرئانى كەرىمگە چىتىلمايدۇ، قايسى يىڭىلىق بايقاش قۇرئانى كەرىمدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ باقمىغان؟ بۇنىڭ ئۈچۈن ھارۇن يەھيا نىڭ بىر يۈرۈش فىلىملىرىنى كۆرسەكلا قۇرئاندىن نەقىل ئىلىنغان نۇرغۇن پاكىتلار بار، بۇ توغرىلىق ماتىرىياللارغا قىزىقساڭلار مەن تەمىنلەپ تۇرىمەن.
بىر مىسال، قۇرئانى كەرىمدە ئىماسىزلارنىڭ قەلبىنىڭ دىڭىزنىڭ چوڭقۇرلۇقلىرىدىكى قارا تۇمانلاردەك قارا قىلىۋىتىلگەنلىگى ئىيتىلغان، قانچىنجى سۈرە ئايەت ئىسىمدە قالماپتۇ مەن ئاختۇرۇپ باقاي، تىخى ئالدىنقى ئەسىردە ئىنسانىيەت 11 مىڭ مىتىر چوڭقۇرلۇقتىكى تىنچ ئوكيان مارىئاننا چۆكمىسى توغرىلىق تەتقىقات ئىلىپ بىرىپ سۇنىڭ نۇر سۈزۈپ يورۇقلۇق ئۆتكۈزمەسلىك تەسىرىدە 11 مىڭ مىتىر چوڭقۇرلۇقتىكى قاراڭغۇچىلىقنىڭ ئىنسان تەسەۋۋۇرىدىنمۇ ھالقىپ كىتىدىغانلىغىنى، 11 مىڭ مىتىر ئىگىزلىكرىكى غايەت زور ھەجىمدىكى سۇنىڭ غايەت زور ئىغىرلىغى بىلەن چۆكمىدىكى سۇنىڭ سۇيۇق ھالەتتىن گاز ھالەتكە ئايلىنىپ كىتىدىغانلىغىنى بايقىدى، قۇرئانى كەرىمنى ئىنسان يازغان دىگۈچىلەر ئويلىنىپ باقسۇن، شۇ مەزگىللەردە ئىنسانىيەتتە 500 مىتىر چوڭقۇرلۇقتىكى سۇغا چۆكۈپ باققىدەك تىخنىكا بارمۇ؟ بىلىشىمىز كىرەككى سۇغا بىر ئىككى مىتىر چۆكە چۆكمەيلا ئۈستىمىسدىكى سۇنىڭ ئىغىرىنىڭ بىسىمى بىلەن بىئاراملىق ھىس قىلىشقا باشلايمىز، ھەتتا بىر چۆگۈن سۇنىڭ ئاستىدا قالغان چاشقان مىجىلىپ بىر دەمدە ئۆلىشى بار. شۇنداق قىلىپ بۇ ھەقىقەت يەنى دىڭىز چۆكمىسىدىكى دەھشەت قاراڭغۇ تۇمان قۇرئان كەرىمدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ بولغان، ھەتتا ئاتوم بومبىسى يىيوۋدەن (ئۇيغۇرچە نىمە دەيدىكى) قاتارلىق رادىئاكتىپلىق قوراللار توغرىلىق ئەجەبا سىلەر بالىلىرىڭلارنىڭ چاچلىرى ئاقىرىپ كىتىدىغان كۈننىڭ كىلىشىدىن قورقمامسىلەر دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان، يۇگۇسلاۋىيە ئۇرۇشىدا ئامرىكا قوشۇنى كۆپ مىقداردا پىيوۋدەن ئىشلەتكەنلىگى سەۋەپلىك ئۇ تەرەپتە كىچىك بالىلارنىڭ چاچلىرى ئىنتايىن تىز ئاقىرىپ كىتىشتەك غالىتە ئەھۋال نۇرغۇن كۆرۈلگەن، ئۇنداق بالىلارنى بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۇچراتقىلى بولىدۇ.
دارۋىنغا كەلسەك دارۋىن يەنە بىر تەرەپتىن يىتىشكەن پوپ، ئىزدىنىشلىرىگە كىتاۋى كالاملارنىڭ بىرى بولغان ئىنجىلدىكى يارىلىش قىسسىسى ئىلھام بولغان. ھەم ئەڭ ئاخىرقى نەپىسىدىمۇ ياراتقۇچىغا بولغان قايىللىق ، ھۆرمەت قورقۇنۇچ بىلەن ئۆلگەن ، نىيتون ئېينىشتىيىنلارمۇ شۇنداق. لىكىن دارۋىننىڭ خاتالىغى مەنچە (مەنمۇ بىر قىزىقىپ بىلىپ بىقىشقا ئۇرۇنغىچى، بىلىدىغانلىرىم پەقەت ئاردۇر كۆپتۇر ھىسسى نەرسىلەر، توغرىسىنى بىلگۈچى ئاللادۇر) دارۋىن ئۆزگۈرۈش دىگەندە تۇرلەر ئۇقۇمىدىن تۇرلەرنىڭ چىگرىسىدىن ھالقىپ كىتىپ قالغان، يەنى بىر تۇر يەنە بىر تۈرگە ئۆزگۈرۈپ يىڭى تۇر شەكىللىنىدۇ دەپ ئويلىغان. ئۆزگۈرۈش ھەر قانداق شەيئىدە بولىدۇ، ھەر زامان ھەر ۋاقىت مەۋجۇت لىكىن بۇ خىل ئۆزگۈرۈش مەنچە پەقەت تۇر ئەندىزى بۇزۇلمىغان، تۈر چىگرىسىدىن چىقىپ كەتمىگەن ھالدا تۈر ئىچىدىكى ئۆزگۈرۈش بولىشى مۇمكىن، مايمۇننىڭ ئۆزگۈرۇپ ئادەمگە تەرەققى قىلغانلىدەك قاراش بۇمۇ تۈر دايىرىسىدىن ھالقىپ كىتىلگەن قاراش. ئەگەر مايمۇن تۈرى ئۆز ئىچىدە ئانداق ئۆزگەرگەن مانداق ئۆزگەرگەن دىيىلسە ئارخىلوگىيەلىك پاكىتلار ئارقىلىق بۇنى قوبۇل قىلىش مۇمكىن. مەسىلەن قۇش تۇرىنىڭمۇ ئەسلى دىنازاۋۇر بولغىنىدەك ياكى  كىچىكلەپ ئۇچۇشقا ماسلىشىپ بۈگۈنگە كەلگىنىدەك.
دوستلىشىش
ئىزباسار
ئىتىپاقسىزلىق ئىسلامىيەتنىڭ مەغلۇبىيتى
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8724
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 451
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە451دانە
ئۆسۈش: 840 %
مۇنبەر پۇلى: 5007 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-24
ئاخىرقى: 2012-05-09
16-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-16 12:26

15-قەۋەت (aksiya) نىڭ يازمىسىغا

بۇ گىپىڭىزنىڭ قايىل قىلارلىقى يۇقرى بوپتۇ مانا.
مەن يەنە بىر سۇئال سوراي.
تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيسى بۇيىچە ئەقىلمۇ تەرەققى قىلامدۇ؟ ياكى پەيدا بۇلامدۇ؟
ئاللاھتىن قورقمىساڭ خالىغىنىڭنى قىل....
دوستلىشىش
gayrat828
ھامان بىر كۈنى .......
دەرىجە: كۇلۇب باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 10
ئومۇمىي يازما: 1423
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1423دانە
ئۆسۈش: 12030 %
مۇنبەر پۇلى: 12959 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-18
ئاخىرقى: 2012-05-10
17-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-16 13:35

ئەسسالامۇئەلەيكوم ؛
خوش ، ھۆرمەتلىك مەردان تۇرغان ئەپەندىم ، خۇددى سىز ئېيتقاندەك مەنمۇ بىر قىززىقىپ بىلىپ بېقىشقا ئۇرۇنغۇچى خالاس . ئەمما مەن يۇقۇردىكى فىلىمنىڭ ئاستىغا بېرىلگەن رەددىيەنى شەخسەن ئۈزۈم مۇتلەقلەشتۈرۈپ فىلىمگە ماسلاشتۇرغان ئەمەسمەن ،بەلكى  تور ساھەسىدىن مۇشۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك دەپ قاراپ ئوتتۇرغا قويغانلىقى ئۈچۈن ، ھەم نىمە ئۈچۈن ، قايسى تەرەپ بىلەن فىلىمگە زىتلىقى بارلىقىنى  سىزنىڭ پىكىرىىڭىزگە ئاساسلىنىپ بېقىش مەقسىدىدە تەييارلىدىم .
راسىت سىز دىگەندەك مەن ئەلۋەتتە زامان-ۋە ماكان ئۇقۇمى جەھەتتە سىز دىگەندىنمۇ بەكىرەك چولتا بولۇشىم مومكىن .
ئەمسە ، سىز يۇقىردا بىز قىياس قىلغان بەش مىليارد يىل  ،ئاللاھنىڭ نەزىرىدە پەقەتلا بىر دەقىقە پەيتى دەپسىز .
بىزنىڭ نەزىرىمىزدىكى بەش مىليارد يىلنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى پەقەتلا بىر دەقىقە پەيتى دەپ ھۆكۆم قىلغان تۇرۇقلۇق ،<<غەيرتجان بولسا بۇ گىنلارنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى پەقەت دەقىقە پەيتىدە تاماملانغان دەيدۇ ؟ >> دەپ مېنىڭدىن سوئال سورىشىڭىزدىكى مۇددىئايىڭىز ،ئۆزىڭىزنىڭ ھۆكۆمىگە تازا ئىنىق قايىللىقنى تاپالماي يەنە بىر ئۇرۇنۇپ بېقىشىڭىزمۇ ؟
ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا پەقەتلا دەقىقە پەيتى دىگەن قارىشىڭىز بىلەن گىنلارنىڭ ئۆزگىرىشى پەقەت دەقىقە پەيتىدە دىگەن سېلىشتۇرمىدا مېنىڭچە پەرىق قالمىدى دەپ قارايمەن .
دىنوزاۋردىن قۇشلارغا ئۆزگىرىش ئۈچۈن 100مىلىيۇن يىل ۋاقىت كەتكەن دىگەن قاراش بىلەن  گىنلارنىڭ ئۆزگىرىشىگە دەقىقە پەيتى كەتكەن دىگەن ھۆكۆمنىڭ ئارىسىدا  چەكىسىز كۈچلۈكلۈك بىلەن ئىنتايىن ئاجىزلىقنىڭ روشەن سېلىشتۇرمىسى چاقناپ تۇرۇپتۇ . چەكسىز كۈچلۈكلۈك بولسا <<قۇرئان كەرىم >> دىن  ئېلىنغان مىىساللار بىلەن سىزنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا پەقەت دەقىقە پەيتى دىگەن سۆزىڭىزنىڭ رىئاللىقى چىقىپ تۇرۇپتۇ ، ئىنتايىن ئاجىزلىقى بولسا  سىزنىڭ دېنوزاۋىردىن قۇشلارغا ئۆزگىرىش ئۈچۈن 100مىليۇن ۋاقىت كەتكەن دىگەن ھۆكۆمىڭىزنىڭ رىئاللىق چىقىپ تۇرۇپتۇ .
خوش ، ئەمسە سىز مەندىن سورىغان <<بۇ ئىككى قاراش بىر-بىرىگە زىتمۇ ؟ >> دىگەن سوئالىڭىزغا كۈچلۈكلۈك بىلەن ئاجىزلىق دىگەن ئىككى تەرەپ بىر -بىرىگە ئۇددۇل كەلدى ، ئەمسە بۇ  ئىنقىلا زىت كەلدى دىگەن گەپ ، يەنە بىر تەرەپتىن ناھايىتىمۇ غايەت بىر جاۋاپ بويسۇنۇش دىگەن ھۆكۆم  قانداقلا بولمىسۇن سىز بىلەن مېنىڭ يۈرۈكۈمگە تېگىدۇ .
ئەلىھەمدۇلىللاھى رەببىل ئالەمىن .!!!!
دىمەك سىز ئاللاھنىڭ دەقىقە پەيتىدە بەش مىليارد  يىل ياشىدىڭىز دىسەك ، بىزنىڭ ھازىرقى ئوتتۇرچە ئۆمىرىمىزنىڭ 60 يىللىقىنى تەسسەۋۋۇر قىلالمايدىكەنمىز ، مۇشۇنى سىز كاربۇن ئىزۇتۇپلۇق تەكشۈرۈشىڭىزدە ھىسابلاپ باقامسىز ؟
ئەگەر توغرا ھىساپلاپ چىقالىسىڭىز  قىيامەت كۈنىدىكى ئاللاھنىڭ سوئال -سوراق مەيدانىدا ئىنسان مەيدانغا كەلگەن دىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان بارلىق ئىنسانلارنىڭ  سورىقىدىن پەقەت دەقىقە ئىچىدىلا ئۆتۈپ بولىدىغانلىق ئايان بولىدۇ دەپ قارايمەن .
يەنە بىر سوئالىڭىزغا ؛
<< 100مىلىيۇن يىل ۋاقىت ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ، يارلىشىنىڭ ئۆلچىمىدە قانچىلىك ۋاقىت بار ؟ بۇ توغىرسىدا ئويلىنىپ باققانلار بارمۇ ؟؟؟؟>>  .دەپسىز .. بۇنىڭ جاۋابى ؛ يارلىشنىڭ ئۆلچىمىمۇ ئاللاھنىڭ ئىرادىسى .
بىز مەيلى قانچىلىك توغرا ھىسابلاپ چىقايلى ھامان يۇقىرقىدەك  بىر كۈچنىڭ دائىرىسىدلا پائالىيەت قىلالايمىز ....
خۇددى دارۋىنننىڭ نەزەرىيەسىدە ئىنساننىڭ ئەجدادى مايمۇن دەپ قويۇپ ، يەنە ئىچكىرلەپ كىرسە مايمۇننىڭ ئەجداسى نىمە ؟ خوش مايمۇننىڭ ئەجدادى يۇرا دەۋىردىكى دىنۇزاۋىر دەپلا تۇرايلى ئەمسە دىنۇزاۋىرنىڭ ئەجدادىچۇ ؟  ئۇنىمۇ قىياس قىلغانلار بار ... ئالەمدىن شەكىللەنگەن ماددا ...ئەسلى ئالەم سۇيۇق ھالەتتە ئىدى دىگەن قاراش بار ، ئاندىن گاز ھالەتتە دىگەن قاراش ئوتتۇرغا چىقىتى ، ئەمسە گاز ھالەت نەدىن كەلدى ؟ ئۇنىڭدىن ئىچكىرى بىر بوشلۇق بار ئىكەن، بۇ بوشلۇق نىمە ؟  ئىنساننىڭ ئاجىز بولغىنى بولغان ... مەيلى نىمىدىن شەكىللەنگەن دىسۇن ھامان ئايلىنىپ بېرىپ بىر كۈچنىڭ ئالدىدا بېشىنى ئېگىدۇ .
ئەگەر سىزنىڭ  كاربۇ ئىزۇتۇپلۇق تەكشۈرۈشىڭىز مۇتلەق توغرا دىگەن قارىشىڭىزغا ئاساسەن  يۇقۇردىكى سوئاللارغا جاۋاپ ئىزدىسەك بولامدۇ ؟  كاربۇن ئىزۇتۇپلۇق تەكشۈرۈشكە شۇنداق مۇتلەق ئىشەنگىلى بولامدۇ ؟
دوستلىشىش
muhtarbay
ئارسلان ئىكەنسەن ئارسلاننىڭ بەدەلىنى تۆلەيسەن.
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5216
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 542
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە542دانە
ئۆسۈش: 2100 %
مۇنبەر پۇلى: 7644 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-26
ئاخىرقى: 2012-05-10
18-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-16 16:25

قاسىم سىدىق ئەپەندىممۇ ۋاقتى بولغان بولسا ئىككى ئىغىز بىرنىمە دەپباقسا،بۇ تىمىمۇ كائىنات ماكان زامانغا مۇناسىۋەتلىك بولغاندىكىن،غەيرەت ئەپەندىممۇ خېلى بىر ئىلمى يۇسۇندا مۇنازىرە ئىلىپ بىرىۋاتىدۇ،خۇددى مەكتەپتە ئوقوپ باققاندەكلا
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8971
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 11
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە11دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 110 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-15
ئاخىرقى: 2011-10-24
19-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-16 16:43

ناھايىتى ياخشى پىكىر ۋە دەلىللەر سوئاللار چۈشۈۋاتىدۇ، ھەق ئۈستىدە مۇھاكىمە مۇلاھىزە ئىلىپ بىرىش بۇ ياخشى ئىش، بىلمىگەننى  بىلمەكلىكمۇ ساۋاپ ئىش، مۇشۇنداق ئوتتتۇرىغا قويۇپ مۇنازىرە قىلىپ باقايلى، چۇڭقۇرلاشقانسىرى ئادەم ئۆزىنىڭ تولىمۇ بىلىمسىز يىتىشسىزلىگىنى، نۇرغۇن تەرەپلەردە ئويلىنىپ بىقىشقا تىخى پۇرسەتمۇ بولمىغانلىغىنى ھىس قىلىدىكەن، ھەر قاندا ئىلىم نەزەرىيە مۇكەممەل ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق نەزەرىيەگە گۇمانى قاراشتا قاراش، ھەق ناھەق ئۇستىدە پىكىر يۇرگۈزۈشنىڭ ياخشى ئاساسى.
ئىلىمنىڭ بىلمەكلىكنىڭ ئىزدىنىشنىڭ ساۋابى خاسىيىتى توغرىسىدا سۆزلىشىمنىڭ ھاجىتى يوق، مەنچە ئىمان-ئىبادەت ئىسلامىيەتنىڭ بىر تۈۋرىگى بولسا يەنە بىر تۈۋرىگى ئىلىم، ئىمان ئاساسى يوق ئىلىم كۇفرى ھىساپلانغىنىدەك ئىلىمسىز ئىبادەتمۇ جاھىلىيەتكە تەركى دۇنياچىلىققا ئاخىرى زۇۋاللىققا باشلايدۇ.  قىنى مەن يەنە بىر ۋاقتىم چىققاندا ئويلىنىپ بىر يازاي ، ئۇنىڭغىچە ھەممىڭلا قاندا گەپ بولسا تاشلىساڭلا بولىدۇ