查看完整版本: [-- يېڭى بايقاش << قۇشلارنىڭ ئەجدادى ھەققىدە >> --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> جۇغراپىيە -> يېڭى بايقاش << قۇشلارنىڭ ئەجدادى ھەققىدە >> [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

gayrat828 2011-10-14 18:07

[attachment=12929]

[attachment=12928]

جۇڭگو پەنلەر ئاكادىميىسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە-جوغراپىيە تەتقىقات ئورنىدىن دوكتۇر مەردان تۇرغان بىلەن سۆھبەت


ئاللاھ ھېكمىتى  بىلەن گىگانىت ئادەملەرنىڭ ئورنىغا كېيىنكىلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئۇچار دىنىزاۋۇرلارنى قۇشلارغا ئايلاندۇرۇپ كىچىكلىتىۋەتكەن. تارىختىن گۇناھقا پاتقانلارنى شۇنداق جازالىغان! ئىلىم - پەن ئارقىلىق ئاللاھ بىزگە بۇنى بىلدۇرۇپ بولدى. توردىن ئىزدەپ كۆرۈڭ !تاشقى دۇنيادىن كەلگەن نۇرلا ،ئۆزگۈرۈشنىڭ سەۋەپچىسى قانداقتۇ ئۆزىنى ئۆزى ئۆزگەرتىۋالىدىغان ئىش يوق!
ھەرقانداق جانلىق ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئۆزگۈرۈش قىلىدۇ. ئۆزى تەدرىجى تەرەققىي قىلمايدۇ. قېنى ئايەتلەرگە قارايلى!.
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەر اﷲ نىڭدۇر (يەنى اﷲ نىڭ مۈلكىدۇر، مەخلۇقاتىدۇر). ھەممە ئىشنى باشقۇرۇشقا اﷲ يېتەرلىكتۇر [132]. ئى ئىنسانلار! ئەگەر اﷲ خالىسا، سىلەرنى يوق قىلىپ ئورنۇڭلارغا باشقىلارنى كەلتۈرىدۇ، اﷲ بۇنىڭغا قادىردۇر [133]. [4-سۈرە نىسا]
اﷲ (ئىنسانلارنى، جىنلارنى ھېساب ئۈچۈن) تولۇق يىغىدىغان كۈننى ئەسلىگىن، (بۇ كۈندە اﷲ ئېيتىدۇكى) «ئى جىنلار جامائەسى!سىلەر نۇرغۇن ئادەملەرنى ئازدۇردۇڭلار». ئۇلارنىڭ ئىنسانلاردىن بولغان دوستلىرى: «ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىز بىر - بىرىمىزدىن پايدىلاندۇق، بىز ئەمدى سەن بەلگىلىگەن ۋاقىتقا (يەنى قىيامەت كۈنىگە) يەتتۇق» دەيدۇ، اﷲ: «دوزاخ سىلەرنىڭ جايىڭلاردۇر، سىلەر اﷲ نىڭ خاھىشىغا باغلىق ھالدا ئۇ يەردە مەڭگۈ قالىسىلەر» دەيدۇ. شۈبھىسىزكى، سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر [128]. شۇنىڭغا (يەنى ئىنسانلار بىلەن جىنلارنى ئۆزئارا پايدىلاندۇرغىنىمىزغا) ئوخشاش، قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن زالىملارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىگە مۇسەللەت قىلىمىز [129]. «ئى جىنلار ۋە ئىنسانلار جامائەسى! سىلەرگە ئۆز ئىچىڭلاردىن مېنىڭ ئايەتلىرىمنى بايان قىلىپ بېرىدىغان، بۇ كۈنۈڭلاردىكى ئۇچرىشىشتىن سىلەرنى ئاگاھلاندۇرىدىغان پەيغەمبەرلەر كەلمىدىمۇ؟» ئۇلار: «گۇناھلىرىمىزنى ئېتىراپ قىلدۇق» دەيدۇ. ئۇلارنى دۇنيا تىرىكچىلىكى ئالدىغان، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقەتەن كاپىر بولغانلىقلىرىنى ئېتىراپ قىلىدۇ [130]. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، پەرۋەردىگارىڭ شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسىنى (ئۇلارغا پەيغەمبەرلەر ئەۋەتىپ ئاگاھلاندۇرماستىن) غەپلەتتىكى ۋاقىتلىرىدا زۇلۇم قىلغانلىقلىرى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلغىنى يوق [131]. (ئاخىرەتتە) ھەر ئادەمنىڭ قىلغان ئەمەلىگە يارىشا دەرىجىسى بولىدۇ، پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىدىن غاپىل ئەمەس [132]. پەرۋەردىگارىڭ (خالايىقتىن ۋە ئۇلارنىڭ ئىبادەتلىرىدىن) بىھاجەتتۇر، رەھمەت ئىگىسىدۇر. ئەگەر ئۇ خالىسا، سىلەرنى ھالاك قىلىپ، سىلەرنى باشقا بىر قەۋمنىڭ ئەۋلادىدىن پەيدا قىلغاندەك، سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا ئۆزى خالىغان (ئىتائەتمەن) باشقا بىر قەۋمنى قويىدۇ [133]. سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان (قىيامەت، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش قاتارلىق) ئىشلار چوقۇم مەيدانغا كېلىدۇ، سىلەر قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر [134]. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئى قەۋمىم! سىلەر كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە ئىشلەڭلار (يەنى كۇفرىڭلاردا چىڭ تۇرۇڭلار)، مەنمۇ چوقۇم كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئىشلەيمەن (يەنى مەنمۇ ئۆز دەۋىتىمدە چىڭ تۇرىمەن). ئاخىرەتتە كىمنىڭ ئاقىۋېتى ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئۇزۇنغا قالماي بىلىسىلەر، زالىملار ئەلۋەتتە مەقسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ» [135]. [6 - سۈرە ئەنئام ]
ئەگەر سىلەر (مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلىشتىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار(يۈز ئۆرۈگىنىڭلارنىڭ ماڭا زىيىنى يوق)، سىلەرگە مەن پەرۋەردىگارىمنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزدۈم (پەيغەمبەرنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت تەبلىغ قىلىشتۇر)، پەرۋەردىگارىم (سىلەرنى ھالاك قىلىپ) ئورنۇڭلارغا باشقا بىر قەۋمنى كەلتۈرىدۇ، (شېرىك كەلتۈرۈش بىلەن) اﷲ قا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر، پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن ھەربىر نەرسىنى كۈزىتىپ تۇرغۇچىدۇر» [57]. [11 - سۈرە ھۇد ]
ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى اﷲ نىڭ ھەق ئاساستا ياراتقانلىقىنى (يەنى بىكار ياراتمىغانلىقىنى) كۆرمىدىڭمۇ؟ ئەگەر اﷲ خالىسا، (ئى ئىنسانلار!) سىلەرنى يوق قىلىۋېتىپ (ئورنۇڭلارغا سىلەردىن ياخشى) يېڭى ئادەملەرنى يارىتىدۇ [19]. بۇ اﷲ قا قىيىن ئەمەس [20].[14 - سۈرە ئىبراھىم ]
پىتنە شەيتانغا ئەگەشكەن كۇفرانە نىمەت قىلغۇچىلارغا بېرىلگەن نىمەت. يالغانچىلار راست سۆزلىيەلمەيدۇ. بىر پاقا ئۇرۇقلانغان تۇخۇمىغا بىر كەسلەنچۈك تۇخىمىغا زەرىچىلەر ئۇرۇلسا يەنى رادىئاكسىيە قۇياش بورىنى، ماگىنىت مەيدانى كۇچەيسە دەپمۇ ئاتىدى. نىمىلا بولمىسۇن سىرتقى ئالەمدىن كەلگەن بىر ئالەم زەرىچىلەر  توپى گېنغا تەسىر قىلىپ، گېننىڭ توساتتىن ئۆزگىرىشىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئەلۋەتتە ئاللاھ ئەۋەتكەن ھېكمەت بىلەن ئۇچار دىنىزاۋۇر قۇشقاچلارغا ئايلىنىپ قالغان. قىسقا ۋاقت ئىچىدىكى ئىش قانداقتۇ....تەدرىجى تەرەقىي قىلىۋالغانلىق ئەمەس. دۇنيادا ھىچكىم بۇ تەدرىجى تەرەقىياتنى ئېتىراپ قىلمايدۇ.


aksiya 2011-10-15 14:33
غەيرەتجان، ئاللا خالىسا  مەن شۇ مەردان تۇرغان بولىمەن، بۇ تىما بۇ يەرگە قانداق بولۇپ يوللىنىپ قالدى بىلمىدىم، پىكرىڭلىغا قوشۇلىمەن ،  بۇ توغرىلىق سىلى بىلەن سۆزلىشىشنى خالايمەن.

gayrat828 2011-10-15 15:20
ئەسسالامۇئەلەيكوم ھۆرمەتلىك مەردان تۇرغان ئەپەندىم ،ئالدى بىلەن بىلەن سىز سۈپەتلىك بىلىملىك كىشىمىزنىڭ مۇنبىرىمىگە قەدەم تەشىرىپ قىلغانلىقىڭىزنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبىرىكلەيمەن . ئەمدى سىزگە نىسبەتەن شەخسەن مەن ئۈزۈم بىلىم جەھەتتە خېلى تۆۋەن ئورۇندا تۇرىمەن ،شۇ سەۋەب تۈپەيلى سىزنىڭ تەدىرىجى تەرەققىيات توغىرسىدا ئوتتۇرغا قويغان پىكىرىڭىز ، جەمىيىتىمىزدە خېلى قىززىق نوقتا شەكىلىدە ئوتتۇرغا قويۇلدىغانلىقى ئۈچۈن ھەم بۇ مۇنبەرگە چىقىرىش ھەم زادى بۇ مەسىلىنىڭ ئەينەن تەرىپىنى بىلپ بېقىش نىيىتىدە مۇنبىرىمىزگە تەييارلىدىم . پەقەتلا مەقسەد چۈشىنىش ...
سىزدىن ئالدى بىلەن سورايدىغان ئاددى  1- سوئالىمنىڭ مۇقەددىمىسى ؛
_ سىزنىڭ فىلىمدە ئوتتۇرغا قويغان <<تىرناقلىق دىنازاۋىردىن ئۆزگىرىپ كەلگەن>> دىگەن سۆزىڭىزنىڭ دارۋىننىڭ <<تەدىرىجى تەرەققىيات نەزەرىيەسى >> دىگەن تەتىققات يەكۈنى بىلەن باغلىنىشلىقى بارمۇ،قانداق  ؟
بۇ ئاساستا سىز دارۋىننىڭ <<تەدىرىجى تەرەققىيات نەزەرىيەسى>> گە قانداق قارايسىز ؟
ئاندىن فىلىمنىڭ ئاستىنقى قىسىمىغا قىستۇرۇلغان <<قۇرئان كەرىم>> دىكى ئېلىنغان بايانلار بىلەن سىزنىڭ فىلىمدە سۆزلىگەن كۆز-قارىشىڭىزدا پەيدا بولغان  سېلىشتۇرمىلارغا يىغىنچاقلاپ سىزدىن بىز قانائەتلەنگۈدەك بىر يەكۈننى كۈتسەك بولامدۇ ؟

رەسسام 2011-10-15 15:32
كەڭسايدا داڭلىق كىشىلەر بىلەن سۇھبەت ئۇتكۇزىمىز دەپ باش قاتۇرۋاتاتتىڭلارغۇ،،،،مانا مەردان تۇرغان ئەپەندى <ئاسماندىن چۇشكەندەك> كەڭسايغا قەدەم تەشرىپ قىلىپتۇ،،،،،سۇھبەتنى مۇشۇ يەردىن باشلاڭلار لىكىن بۇ بەك نازۇك ۋە چۇڭ تىما بۇلغاچقا باشقىلار ئارلاشماي تىڭشاپ ئۇلتۇرۇڭلار ،،،مۇنازرىنى غەيرەت ئەپەندىم ئۇزى ئىلىپ بارسۇن،،،!!!!!!

okya 2011-10-15 15:45
چەتئەل ئالىمى ئۇنى دىدى-بۇنى دىدى دەپلا يۈرىۋەرمەيلى!
مانا بۈگۈن ئۆز تىلىمىزدا چۈشەنگىدەك جاۋاپ بىرەلەيدىغان ،مەردان تۇرغان ئەپەندىممۇ كىرىپتۇ. بۇ ئىشتىن ناھايىتى خوشال بولدۇم دىسە!
<<ئەقىللىق كىشىلەر ئامبىرى>>دىن دادىللىق بىلەن سەكرەپ چىققانلارغا ئاپىرىن!!

جەڭچى 2011-10-15 23:04
قىنى سۇئالغا جاۋاپ يوق. مىللىتىمىز يەنە ئۆزنۆۋتىدە بىرقىتىم بىلىمدىن قۇرۇق قالدى ... مەردان تۇرغۇن ئەپەندى سىزدىكى بىلىمنىڭ مەسئۇلىيتى بار ئۇ بولسىمۇ غەيرەت828 ئەپەندىنىڭ سورغان سۇئاللىردەك سۇئاللارغا جاۋاپ بىرىش.شۇندىلا مەسئۇليىتىڭىزنى تولۇق ئادا قىلغان بولسىز.   قىرىنداشلار توغرا دىدىممۇ؟

aksiya 2011-10-15 23:34
بولىدۇ، ئەمىسە ئىلمى مۇنازىرىنى باشلىۋىتەيلى، ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن بۈگۈن باشلىنىش قىلىپ قويايلى، مىنىڭ بۇ مۇنازىرىدىكى مەركىزى ئىدىيەم شۇكى يارىلىش قىسسىسى ياكى ئاللانىڭ ئىرادىسى تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىرىيەسى بىلەن زىت كەلمەيدۇ بەلكى تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيەسى يارىلىش قىسسىنى قوللايدۇ ، ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ تەرەپتە ئايرىم توختىلاي، داۋاملىق يازىمەن.

ئىزباسار 2011-10-15 23:43
قېنى مەرھەمەت....
ۋاقتى كەلگەندە بىزمۇ كاللىمىزغا كەلگەننى سۇرايمىز ھە؟!
باشقۇرغۇچىلار بۇ تىمىنى يۇرتۇپ قۇيۇڭلا

جەڭچى 2011-10-16 00:40
ئەمسە مۇنازىرگە يىقىندىن دىققەت قىلمىز ،،، غەيرەت ئەپەندى ،،سىزمۇ  سۇئال سورغاندىكىن  بۇ تىمىغا ۋاقتىڭىزنى ئاجراتسىڭىز دىگەن ئۈمۈتتىمەن.

natsist 2011-10-16 01:52
ياخشى مۇنازىرە بولغۇدەك ما تىمىدا     يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتىمەن

aksiya 2011-10-16 04:24
ئالدى بىلەن بارلىق ھەمدۇ-سانالەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگاھى ئاللاغا  بولسۇن !   سۆز باشلاشتىن بۇرۇن مەن غەرىپكە ساياھەت فىلىمىدىكى بىر ۋەقەلىكنى مىسال ئىلىپ ئۆتەي. تاڭسىڭ شاگىرتلىرىنى باشلاپ ئاياللار دۆلىتىگە كەلگىنىدە تاڭسىڭ ۋە جۇباجى پەرزەنت دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئىچىۋىلىپ ھامىلدار بولۇپ قالىدۇ. سۇن ۋۇكوڭ بۇنىڭ دورىسىنى ئىلىپ كەلگىلى ئەرىشكە ماڭىدۇ ۋە دورىنى ئىلىپ بولغاندىن كىيىن ئەرىش ئوردىسىدا بىر كۈن ئوينىۋىلىپ كەتمەك ئاززۇيىنىڭ بارلىغىنى ئىيتقاندا ئەرشتىكىلەر ئەرىشتە ئۆتكەن بىر كۈننىڭ زىمىندا ئۆتكەن بىر يىلغا تەڭ ئىكەنلىگىنى، ئەگەر بىر كۈن كىچىكىپ بارسا تاڭ راھىبى ۋە جۇباجىنىڭ ئاللىقاچان يەڭگىپ بولىدىغانىغىنى ئەسكەرتىپ سۇن ۋۇكوڭنى قايتىپ كىتىشكە ئالدىرىتىدۇ.
بۇ نەچچە يۈز يىللار ئىلگىرى ئەدىپ ۋۇ چېڭئىن نىڭ بايانىدا تەسۋىرلەنگەن بىر ئەپسانە.
ئارىدىن يەنە نەچچە يۈز يىل ئۆتۈپ ئېينىشتىين نىسبىلىك نەزەرىيەسىدە زاماننىڭ قىسقىرايدىغانلىغىنى ئوتۇۇرىغا قويۇپ ئالەمدىكى ماكان ۋە زامان ئۇقۇمىنىڭ ۋە ئۆلچىمىنىڭ زىمىندىكى ماكان ۋە زامان ئۇقۇمى بىلەن ئوخشاشمايدىغانلىغىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ توغرىلىق مىم دەپ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كارتون فىلىمى بار، بۇنىڭدا داچىڭ بىلەن سىڭلىسى ئالەم ساياھىتىدە كىتىۋىتىپ داچىڭ بىر نەرسىسىنى ئۇنتۇپ قىلىپ يەر يۈزىگە قايتىدۇ، ئارىدىن كۆپ ئۆتمەي سىڭلىسى بىلەن ئۇچراشسا سىڭلىسى ئاللىقاچان قىرىپ مومايغا ئايلىنىپ كەتكەن.
مەيلى  غەرىپكە ساياھەتتىكى زامان ماكان ئەپسانىسى بولسۇن ياكى ئېينىشتىيىننىڭ نىسبىلىك نەزەرىيەسى بولسۇن بىزگە بىلدۇرمەكچى بولغىنى زىمىن ۋە ئالەمدىكى زامان ياكى ۋاقىت، ماكان ياكى بوشلۇق ئۇقۇمىنىڭ، مۇناىسۋەتلىك ئۆلچەملىرىنىڭ ئوخشاشماسلىغى، ياكى زىمىندىكى ماكان زامان بىرلىگىنىڭ باشقا ئالەمدە ئۆز ماھىيىتىنى ۋە قانۇنىيىتىنى پۇتۇنلەي يوقىتىشى.
غەيرەتجاننىڭ گىننىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگۈرىشى بىلەن تەدرىجى تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ ئىنتايىن ئۇزۇن جەرياننى بىر بىرىگە زىت دەپ قارىشى يۇقۇرىدا ئىيتىلغان  كايىناتتىكى زامان ۋە ماكان ئۇقۇمى توغرىلىق چۈشەنچىلىرىنىڭ چولتىلىغىدىن بولغان، مەن ھەممىنى دەۋەتمەي، مۇشۇ ئارقىلىق بالىلارنىڭ تەپەككۈر قىلىشى ئويلىشىغا قوياي. نىمىلەرنى ھىس قىلىدىكىن. يەنە بىر يىپ ئۇچى ئىنساننىڭ تۆرىلىپ ئۆلگىچە بولغان جەريانى بۇ بىر شەخىس ئۈچۈن ناھايىتىمۇ بىر ئۇزۇن جەريان، ھەتتا بەزىدە ھايات مۇساپىسىنىڭ نەچچە يۈز مىڭ قەدىمىنىڭ بىرى بولغان بىر سائەتنى ئۆتكۈزمەكمۇ بىزگە بەك تەس بىلىنىدۇ، بەكلا ئۇزاق بىلىنىپ كىتىدۇ، لىكىن ئاللانىڭ دەرگاھىدا بۇ ئۇزۇن مۇساپە پەقەت ئوڭ يىنىمىزدىكى نەرسىنى ئىلىپ سول يىنىمىزغا قويغاندىنمۇ قىسقا مۇساپە. ھەتتا بىز ئۈچۈنمۇ شۇنداق ، كۆزىمىزنى بىر يۇمساقلا نەچچە ئون يىل ئۆمرىمىز دەقىقە ئىچىدە خىيالىمىزدىن كىچىپ بولىدۇ، ئىنسان ئۆرىنى دىمەي كايىناتنىڭ ئۆمرىنى دەيلى، يەر شارىنى دىسەك ھازىرغىچە 5 مىليارت يىل بولدى ، لىكىن قىيامەت كۈنى ماكان زامان ئۆز ئەھمىيىتىنى يوقۇتۇپ پۇتۇن كايىنات دەقىقە ئىچىدە يىڭنىنىڭ تۆشىگىدىن ئۆتكەن بولىدۇ.  بۇ بىزنىڭ نەزەرىمىزدە 5 مىليارت يىل ، لىكىن ئاللانىڭ ھۇزۇرىدا ئاللانىڭ نەزىرىدە بىر دەقىدە پەيتى. خۇددى ئىنساننىڭ تۈ
گۈمەس كۆرۈنگەن ئۆمرى ئاللانىڭ ھۇزۇرىدا ئۇ تۆشۈكتىن بۇ تۆشۈككە ئۆتكەندەك ئىش.
خوش، مەن ئۇنداق بولسا تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيەسىنى ياقلاپ دىنازاۋۇردىن قۇشلارغا ئۆزگۈرۈش ئۇچۇن 100 مىليون يىللار ۋاقىت كەتكەن دەيمەن، غەيرەتجان بولسا بۇ گىنلارنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى بىلەن دەقىقە پەيتىدە تاماملانغان دەيدۇ ؟ بۇ ئىككى قاراش بىر بىرىگە زىتمۇ؟ .ئالدىنقى قاراشتا بولاتتەك ئارخىلوگىيەلىك ئىسپاتلار بار، يىلىلىرىنى بىز كاربون ئىزوتوپلۇق تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەڭ توغرا مۆلچەردە تىپىپ چىقالايمىز، لىكىن بۇ يەردىكى 100 مىليون يىل ۋاقىت ئاللانىڭ ئىرادىسى، يارىلىشنىڭ ئۆلچىمىدە قانچىلىق ۋاقىت؟ بۇ توغرىلىق ئىزدىنىپ باققانلار بارمۇ؟ ؟؟؟؟؟؟؟؟
داۋاملىق يىزىلىدۇ، يۇقۇرقىلاردىن كۆپچىلىكنىڭ بەزى بەرسىىلەرنى ئويلىيالىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. ئەگەر قارغۇلارچە رەت قىلىنىدىغان ئىش بولسا مۇشۇ يەرگىچە يازىمەن.

aksiya 2011-10-16 04:29
مەندىن قانداق سوئال بولسا سورىساڭلار بولىدۇ، قانداق كۆز قاراش بولسا ئوتتۇرىغا قويساڭلار بولىدۇ، مەن ئىرىنمەي جاۋاپ بىرەلەيمەن، لىكىن مىنى كۇپۇرغا چىقىرىدىغان ھۆكۈملەرنى قوبۇل قىلالمايمەن.مەيلى كىم بولسۇن بىراۋنىڭ ئىمانى ئۈچۈن تون پىچىش ئۆزى كۇپۇرلۇقتۇر، بىلىپ بىلمەي گۇناھى كىبىرنى ئارتىۋالمايلى.

ئىزباسار 2011-10-16 10:22
مەردان ئەپەندېم:
سىز نىڭ ئالدىنقى ئابزاستا تىلغا ئالغان زامان ۋە ۋاقىت ئوقۇمى توغرىسىدا ئاللاھ قۇرئانى كەرىمدە توختۇلۇپ ئۆتكەن. ھەقىقەتەن ئاسماندىكى بىر كۇن زىمىندىكى بىر يىلغا تەڭ.(قۇرئانى كەرىم تەپسىرى-ئەسرارۇلقۇرئان غا قارالسۇن). بۇ مۇنازىرسىز تىما.
كىيىنكى سۆزىڭىزدىكى " مەن ئۇنداق بولسا تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيەسىنى ياقلاپ دىنازاۋۇردىن قۇشلارغا ئۆزگۈرۈش ئۇچۇن 100 مىليون يىللار ۋاقىت كەتكەن دەيمەن، "
سىزنىڭ بۇ سۈزىڭىز بۇيىچە ئېيتقاندا بىر ھايۋان ۋاقىتنىڭ ئۇتۇشى بىلەن قۇشقا ئايلانغان. بۇ سۆزىڭىزچە ئېيتقاندا(سىزغۇ ئاللاھنى تۇنۇغان بىر مۇسۇلمانكەنسىز بۇنداق گەپلەرنى دىمەيسىز) دارۋىننىڭ " ۋاقىتنىڭ ئۈتىشىگە ئەگىشىپ تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيسى بۇيىچە مايمۇن ئادەمگە ئايلانغان" دىگەن سۆزى توغرا چىقىپ قالامدۇ قانداق؟

[attachment=12997][attachment=12998]
تەپسىلىرەك چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز....
تۈۋەندىكى ئادرىستىكى "جانلىقلار نەردىن كەلگەن" دىگەن قىسقا فىلىمنى كۈرۈپ باققايسىز....
http://www.uzuk.net/?p=243

ئەلى 2011-10-16 11:25
مەردان  ئەپەندى سىزنىڭ مۇنبىرىمىزگە كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز.ئەمىسە بىۋاستىلا سۇئالىمنى سوراۋېرەي~~~
سىز مۇشۇ ساھە توغرىسىدا ئىزدىنىۋاتقان مۇسۇلمان كىشى ئىكەنسىز،ئۇنداقتا بۈگۈنكىدەك قۇرئان كەرىمنىڭ مۆجىزىلىك كىتاب ئىكەنلىكى نۇرغۇنلىغان دىنسىز ئالىملار تەرىپىدىن كەينى-كەينىدىن تەكىتلىنىۋاتقان ۋە ئىلمىي پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلىنىۋاتقان مۇشۇنداق كۈندە سىزمۇ مۇشۇ ساھەدە قۇرئان كەرىمگە مۇراجەت قىلىپ باقتىڭىزمۇ؟دېمەكچى بولغىنىم بىز مۇسۇلمانلار ئەزەلدىن ئىنساننى ئاللاھ تۇپراقتىن ياراتتى دەپ ئىشىنىمىز.بىراق تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى بويىچە بولغاندا ئىنسان ئۇزۇن يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن مايمۇندىن ئۆزگەرگەن دەپ قارايدۇ.سىز تەدرىجىي تەرەققىياتنى قوللايسىز ،ئۇنداقتا سىزمۇ ئىنساننى مايمۇندىن ئۆزگەرگەن دەپ قارامسىز؟بىر جانلىقنىڭ مۇھىتنىڭ تەسىرىدە باشقا بىر جانلىققا ئايلىنىشى مۇمكىنمۇ ؟

رەسسام 2011-10-16 12:02
ھاي،،ھاي،،،ئاغنىلەر <<ئاقساقاللىق>> قىلىپ  مەردان ئەپەندىنى قاچۇرۇپ قۇيمايلى،،،ھە،،،،،
مەن مەردان ئەپەندى ئىيىتقان يۇقارقى سۇزلەردىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھىسى قىلىپ يەتتىم،،،،،

aksiya 2011-10-16 12:10
توغرا، توغرىسىنى بىلگۈچى ئاللا، توغرىسى قۇرئانى كەرىمدە ناھايىتى ئىنىق قىلىپ ئوتتىرىغا قويۇلغان، ھاياتنىڭ نۇرغۇن مۆجىزىلىرى توغرىلىق بىشارەت نىشان كۆرسەتمىلەر بىرىلگەن، قايسى ئىلىم قۇرئانى كەرىمگە چىتىلمايدۇ، قايسى يىڭىلىق بايقاش قۇرئانى كەرىمدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ باقمىغان؟ بۇنىڭ ئۈچۈن ھارۇن يەھيا نىڭ بىر يۈرۈش فىلىملىرىنى كۆرسەكلا قۇرئاندىن نەقىل ئىلىنغان نۇرغۇن پاكىتلار بار، بۇ توغرىلىق ماتىرىياللارغا قىزىقساڭلار مەن تەمىنلەپ تۇرىمەن.
بىر مىسال، قۇرئانى كەرىمدە ئىماسىزلارنىڭ قەلبىنىڭ دىڭىزنىڭ چوڭقۇرلۇقلىرىدىكى قارا تۇمانلاردەك قارا قىلىۋىتىلگەنلىگى ئىيتىلغان، قانچىنجى سۈرە ئايەت ئىسىمدە قالماپتۇ مەن ئاختۇرۇپ باقاي، تىخى ئالدىنقى ئەسىردە ئىنسانىيەت 11 مىڭ مىتىر چوڭقۇرلۇقتىكى تىنچ ئوكيان مارىئاننا چۆكمىسى توغرىلىق تەتقىقات ئىلىپ بىرىپ سۇنىڭ نۇر سۈزۈپ يورۇقلۇق ئۆتكۈزمەسلىك تەسىرىدە 11 مىڭ مىتىر چوڭقۇرلۇقتىكى قاراڭغۇچىلىقنىڭ ئىنسان تەسەۋۋۇرىدىنمۇ ھالقىپ كىتىدىغانلىغىنى، 11 مىڭ مىتىر ئىگىزلىكرىكى غايەت زور ھەجىمدىكى سۇنىڭ غايەت زور ئىغىرلىغى بىلەن چۆكمىدىكى سۇنىڭ سۇيۇق ھالەتتىن گاز ھالەتكە ئايلىنىپ كىتىدىغانلىغىنى بايقىدى، قۇرئانى كەرىمنى ئىنسان يازغان دىگۈچىلەر ئويلىنىپ باقسۇن، شۇ مەزگىللەردە ئىنسانىيەتتە 500 مىتىر چوڭقۇرلۇقتىكى سۇغا چۆكۈپ باققىدەك تىخنىكا بارمۇ؟ بىلىشىمىز كىرەككى سۇغا بىر ئىككى مىتىر چۆكە چۆكمەيلا ئۈستىمىسدىكى سۇنىڭ ئىغىرىنىڭ بىسىمى بىلەن بىئاراملىق ھىس قىلىشقا باشلايمىز، ھەتتا بىر چۆگۈن سۇنىڭ ئاستىدا قالغان چاشقان مىجىلىپ بىر دەمدە ئۆلىشى بار. شۇنداق قىلىپ بۇ ھەقىقەت يەنى دىڭىز چۆكمىسىدىكى دەھشەت قاراڭغۇ تۇمان قۇرئان كەرىمدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ بولغان، ھەتتا ئاتوم بومبىسى يىيوۋدەن (ئۇيغۇرچە نىمە دەيدىكى) قاتارلىق رادىئاكتىپلىق قوراللار توغرىلىق ئەجەبا سىلەر بالىلىرىڭلارنىڭ چاچلىرى ئاقىرىپ كىتىدىغان كۈننىڭ كىلىشىدىن قورقمامسىلەر دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان، يۇگۇسلاۋىيە ئۇرۇشىدا ئامرىكا قوشۇنى كۆپ مىقداردا پىيوۋدەن ئىشلەتكەنلىگى سەۋەپلىك ئۇ تەرەپتە كىچىك بالىلارنىڭ چاچلىرى ئىنتايىن تىز ئاقىرىپ كىتىشتەك غالىتە ئەھۋال نۇرغۇن كۆرۈلگەن، ئۇنداق بالىلارنى بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۇچراتقىلى بولىدۇ.
دارۋىنغا كەلسەك دارۋىن يەنە بىر تەرەپتىن يىتىشكەن پوپ، ئىزدىنىشلىرىگە كىتاۋى كالاملارنىڭ بىرى بولغان ئىنجىلدىكى يارىلىش قىسسىسى ئىلھام بولغان. ھەم ئەڭ ئاخىرقى نەپىسىدىمۇ ياراتقۇچىغا بولغان قايىللىق ، ھۆرمەت قورقۇنۇچ بىلەن ئۆلگەن ، نىيتون ئېينىشتىيىنلارمۇ شۇنداق. لىكىن دارۋىننىڭ خاتالىغى مەنچە (مەنمۇ بىر قىزىقىپ بىلىپ بىقىشقا ئۇرۇنغىچى، بىلىدىغانلىرىم پەقەت ئاردۇر كۆپتۇر ھىسسى نەرسىلەر، توغرىسىنى بىلگۈچى ئاللادۇر) دارۋىن ئۆزگۈرۈش دىگەندە تۇرلەر ئۇقۇمىدىن تۇرلەرنىڭ چىگرىسىدىن ھالقىپ كىتىپ قالغان، يەنى بىر تۇر يەنە بىر تۈرگە ئۆزگۈرۈپ يىڭى تۇر شەكىللىنىدۇ دەپ ئويلىغان. ئۆزگۈرۈش ھەر قانداق شەيئىدە بولىدۇ، ھەر زامان ھەر ۋاقىت مەۋجۇت لىكىن بۇ خىل ئۆزگۈرۈش مەنچە پەقەت تۇر ئەندىزى بۇزۇلمىغان، تۈر چىگرىسىدىن چىقىپ كەتمىگەن ھالدا تۈر ئىچىدىكى ئۆزگۈرۈش بولىشى مۇمكىن، مايمۇننىڭ ئۆزگۈرۇپ ئادەمگە تەرەققى قىلغانلىدەك قاراش بۇمۇ تۈر دايىرىسىدىن ھالقىپ كىتىلگەن قاراش. ئەگەر مايمۇن تۈرى ئۆز ئىچىدە ئانداق ئۆزگەرگەن مانداق ئۆزگەرگەن دىيىلسە ئارخىلوگىيەلىك پاكىتلار ئارقىلىق بۇنى قوبۇل قىلىش مۇمكىن. مەسىلەن قۇش تۇرىنىڭمۇ ئەسلى دىنازاۋۇر بولغىنىدەك ياكى  كىچىكلەپ ئۇچۇشقا ماسلىشىپ بۈگۈنگە كەلگىنىدەك.

ئىزباسار 2011-10-16 12:26
بۇ گىپىڭىزنىڭ قايىل قىلارلىقى يۇقرى بوپتۇ مانا.
مەن يەنە بىر سۇئال سوراي.
تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيسى بۇيىچە ئەقىلمۇ تەرەققى قىلامدۇ؟ ياكى پەيدا بۇلامدۇ؟

gayrat828 2011-10-16 13:35
ئەسسالامۇئەلەيكوم ؛
خوش ، ھۆرمەتلىك مەردان تۇرغان ئەپەندىم ، خۇددى سىز ئېيتقاندەك مەنمۇ بىر قىززىقىپ بىلىپ بېقىشقا ئۇرۇنغۇچى خالاس . ئەمما مەن يۇقۇردىكى فىلىمنىڭ ئاستىغا بېرىلگەن رەددىيەنى شەخسەن ئۈزۈم مۇتلەقلەشتۈرۈپ فىلىمگە ماسلاشتۇرغان ئەمەسمەن ،بەلكى  تور ساھەسىدىن مۇشۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك دەپ قاراپ ئوتتۇرغا قويغانلىقى ئۈچۈن ، ھەم نىمە ئۈچۈن ، قايسى تەرەپ بىلەن فىلىمگە زىتلىقى بارلىقىنى  سىزنىڭ پىكىرىىڭىزگە ئاساسلىنىپ بېقىش مەقسىدىدە تەييارلىدىم .
راسىت سىز دىگەندەك مەن ئەلۋەتتە زامان-ۋە ماكان ئۇقۇمى جەھەتتە سىز دىگەندىنمۇ بەكىرەك چولتا بولۇشىم مومكىن .
ئەمسە ، سىز يۇقىردا بىز قىياس قىلغان بەش مىليارد يىل  ،ئاللاھنىڭ نەزىرىدە پەقەتلا بىر دەقىقە پەيتى دەپسىز .
بىزنىڭ نەزىرىمىزدىكى بەش مىليارد يىلنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى پەقەتلا بىر دەقىقە پەيتى دەپ ھۆكۆم قىلغان تۇرۇقلۇق ،<<غەيرتجان بولسا بۇ گىنلارنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى پەقەت دەقىقە پەيتىدە تاماملانغان دەيدۇ ؟ >> دەپ مېنىڭدىن سوئال سورىشىڭىزدىكى مۇددىئايىڭىز ،ئۆزىڭىزنىڭ ھۆكۆمىگە تازا ئىنىق قايىللىقنى تاپالماي يەنە بىر ئۇرۇنۇپ بېقىشىڭىزمۇ ؟
ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا پەقەتلا دەقىقە پەيتى دىگەن قارىشىڭىز بىلەن گىنلارنىڭ ئۆزگىرىشى پەقەت دەقىقە پەيتىدە دىگەن سېلىشتۇرمىدا مېنىڭچە پەرىق قالمىدى دەپ قارايمەن .
دىنوزاۋردىن قۇشلارغا ئۆزگىرىش ئۈچۈن 100مىلىيۇن يىل ۋاقىت كەتكەن دىگەن قاراش بىلەن  گىنلارنىڭ ئۆزگىرىشىگە دەقىقە پەيتى كەتكەن دىگەن ھۆكۆمنىڭ ئارىسىدا  چەكىسىز كۈچلۈكلۈك بىلەن ئىنتايىن ئاجىزلىقنىڭ روشەن سېلىشتۇرمىسى چاقناپ تۇرۇپتۇ . چەكسىز كۈچلۈكلۈك بولسا <<قۇرئان كەرىم >> دىن  ئېلىنغان مىىساللار بىلەن سىزنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا پەقەت دەقىقە پەيتى دىگەن سۆزىڭىزنىڭ رىئاللىقى چىقىپ تۇرۇپتۇ ، ئىنتايىن ئاجىزلىقى بولسا  سىزنىڭ دېنوزاۋىردىن قۇشلارغا ئۆزگىرىش ئۈچۈن 100مىليۇن ۋاقىت كەتكەن دىگەن ھۆكۆمىڭىزنىڭ رىئاللىق چىقىپ تۇرۇپتۇ .
خوش ، ئەمسە سىز مەندىن سورىغان <<بۇ ئىككى قاراش بىر-بىرىگە زىتمۇ ؟ >> دىگەن سوئالىڭىزغا كۈچلۈكلۈك بىلەن ئاجىزلىق دىگەن ئىككى تەرەپ بىر -بىرىگە ئۇددۇل كەلدى ، ئەمسە بۇ  ئىنقىلا زىت كەلدى دىگەن گەپ ، يەنە بىر تەرەپتىن ناھايىتىمۇ غايەت بىر جاۋاپ بويسۇنۇش دىگەن ھۆكۆم  قانداقلا بولمىسۇن سىز بىلەن مېنىڭ يۈرۈكۈمگە تېگىدۇ .
ئەلىھەمدۇلىللاھى رەببىل ئالەمىن .!!!!
دىمەك سىز ئاللاھنىڭ دەقىقە پەيتىدە بەش مىليارد  يىل ياشىدىڭىز دىسەك ، بىزنىڭ ھازىرقى ئوتتۇرچە ئۆمىرىمىزنىڭ 60 يىللىقىنى تەسسەۋۋۇر قىلالمايدىكەنمىز ، مۇشۇنى سىز كاربۇن ئىزۇتۇپلۇق تەكشۈرۈشىڭىزدە ھىسابلاپ باقامسىز ؟
ئەگەر توغرا ھىساپلاپ چىقالىسىڭىز  قىيامەت كۈنىدىكى ئاللاھنىڭ سوئال -سوراق مەيدانىدا ئىنسان مەيدانغا كەلگەن دىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان بارلىق ئىنسانلارنىڭ  سورىقىدىن پەقەت دەقىقە ئىچىدىلا ئۆتۈپ بولىدىغانلىق ئايان بولىدۇ دەپ قارايمەن .
يەنە بىر سوئالىڭىزغا ؛
<< 100مىلىيۇن يىل ۋاقىت ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ، يارلىشىنىڭ ئۆلچىمىدە قانچىلىك ۋاقىت بار ؟ بۇ توغىرسىدا ئويلىنىپ باققانلار بارمۇ ؟؟؟؟>>  .دەپسىز .. بۇنىڭ جاۋابى ؛ يارلىشنىڭ ئۆلچىمىمۇ ئاللاھنىڭ ئىرادىسى .
بىز مەيلى قانچىلىك توغرا ھىسابلاپ چىقايلى ھامان يۇقىرقىدەك  بىر كۈچنىڭ دائىرىسىدلا پائالىيەت قىلالايمىز ....
خۇددى دارۋىنننىڭ نەزەرىيەسىدە ئىنساننىڭ ئەجدادى مايمۇن دەپ قويۇپ ، يەنە ئىچكىرلەپ كىرسە مايمۇننىڭ ئەجداسى نىمە ؟ خوش مايمۇننىڭ ئەجدادى يۇرا دەۋىردىكى دىنۇزاۋىر دەپلا تۇرايلى ئەمسە دىنۇزاۋىرنىڭ ئەجدادىچۇ ؟  ئۇنىمۇ قىياس قىلغانلار بار ... ئالەمدىن شەكىللەنگەن ماددا ...ئەسلى ئالەم سۇيۇق ھالەتتە ئىدى دىگەن قاراش بار ، ئاندىن گاز ھالەتتە دىگەن قاراش ئوتتۇرغا چىقىتى ، ئەمسە گاز ھالەت نەدىن كەلدى ؟ ئۇنىڭدىن ئىچكىرى بىر بوشلۇق بار ئىكەن، بۇ بوشلۇق نىمە ؟  ئىنساننىڭ ئاجىز بولغىنى بولغان ... مەيلى نىمىدىن شەكىللەنگەن دىسۇن ھامان ئايلىنىپ بېرىپ بىر كۈچنىڭ ئالدىدا بېشىنى ئېگىدۇ .
ئەگەر سىزنىڭ  كاربۇ ئىزۇتۇپلۇق تەكشۈرۈشىڭىز مۇتلەق توغرا دىگەن قارىشىڭىزغا ئاساسەن  يۇقۇردىكى سوئاللارغا جاۋاپ ئىزدىسەك بولامدۇ ؟  كاربۇن ئىزۇتۇپلۇق تەكشۈرۈشكە شۇنداق مۇتلەق ئىشەنگىلى بولامدۇ ؟

muhtarbay 2011-10-16 16:25
قاسىم سىدىق ئەپەندىممۇ ۋاقتى بولغان بولسا ئىككى ئىغىز بىرنىمە دەپباقسا،بۇ تىمىمۇ كائىنات ماكان زامانغا مۇناسىۋەتلىك بولغاندىكىن،غەيرەت ئەپەندىممۇ خېلى بىر ئىلمى يۇسۇندا مۇنازىرە ئىلىپ بىرىۋاتىدۇ،خۇددى مەكتەپتە ئوقوپ باققاندەكلا

aksiya 2011-10-16 16:43
ناھايىتى ياخشى پىكىر ۋە دەلىللەر سوئاللار چۈشۈۋاتىدۇ، ھەق ئۈستىدە مۇھاكىمە مۇلاھىزە ئىلىپ بىرىش بۇ ياخشى ئىش، بىلمىگەننى  بىلمەكلىكمۇ ساۋاپ ئىش، مۇشۇنداق ئوتتتۇرىغا قويۇپ مۇنازىرە قىلىپ باقايلى، چۇڭقۇرلاشقانسىرى ئادەم ئۆزىنىڭ تولىمۇ بىلىمسىز يىتىشسىزلىگىنى، نۇرغۇن تەرەپلەردە ئويلىنىپ بىقىشقا تىخى پۇرسەتمۇ بولمىغانلىغىنى ھىس قىلىدىكەن، ھەر قاندا ئىلىم نەزەرىيە مۇكەممەل ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق نەزەرىيەگە گۇمانى قاراشتا قاراش، ھەق ناھەق ئۇستىدە پىكىر يۇرگۈزۈشنىڭ ياخشى ئاساسى.
ئىلىمنىڭ بىلمەكلىكنىڭ ئىزدىنىشنىڭ ساۋابى خاسىيىتى توغرىسىدا سۆزلىشىمنىڭ ھاجىتى يوق، مەنچە ئىمان-ئىبادەت ئىسلامىيەتنىڭ بىر تۈۋرىگى بولسا يەنە بىر تۈۋرىگى ئىلىم، ئىمان ئاساسى يوق ئىلىم كۇفرى ھىساپلانغىنىدەك ئىلىمسىز ئىبادەتمۇ جاھىلىيەتكە تەركى دۇنياچىلىققا ئاخىرى زۇۋاللىققا باشلايدۇ.  قىنى مەن يەنە بىر ۋاقتىم چىققاندا ئويلىنىپ بىر يازاي ، ئۇنىڭغىچە ھەممىڭلا قاندا گەپ بولسا تاشلىساڭلا بولىدۇ

hikmet 2011-10-17 02:28
   ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ، ئۇيغۇر تورچىلىقىدا مۇنداق ئىلمىي مۇنازىرە ھەقىقەتەن كەم تېپىلىدۇ. ھەممىڭلارغا اللە كوپ ئەجىرلەر بەرسۇن ھەم سىلەرگە مەنپەتلىك ئىلىم ئاتا قىلسۇن.
   ئوز ۋاقتىدا بەرقىي تورىدا بىلىكيار دوستىمىزمۇ بۇ توغرىدا كوپ توختالغان، يۇقىردىكى غەيرەتچان سىز شۇمۇ؟
   دارۋىننىڭ ،  ئىلمىي نەزىرىيىلەرگە ئۇزىنىڭ ماسونلۇق  غايىسى ئىھتىياجىنى ئاساس قىلغان باتىل قاراشلىرىنى ئارىلاشتۇرغانلىقىغا ئائىت  مەسىللەرگە قانداق قارايسىزكىن ؟

newruz 2011-10-17 23:29
باشتىكىنى مەن يازغان ئىنكاس ئىدى شۇنىسى مۇنبەردىن مەردان ئەپەندىنىڭ تەلىۋى بىلەن ئۆچۈرۋېتىلگەن. قاراپ باقسام يەنە بۇ مەسىلە قوزغۇلۇپ قاپتۇ. تورداشلىرىم گۇمانىيلا سۆزلەپتۇ. دەلىل كەلتۇرۇپ سۆزلەڭلەر!


ئاللاھقا نىسپەتەن ۋاقتنىڭ رولى يوق. ۋاقت پەقەت ئىنسانغا بېرىلگەن بىر نىمەت!

مەن يەنە يەتتە كۈنلەردىن كېيىن جاۋاب يازىمەن. مۇھىم ئىشىم بار قىسقىلا يازدىم.

aksiya 2011-10-18 12:01
ئاللاھقا نىسپەتەن ۋاقتنىڭ رولى يوق. ۋاقت پەقەت ئىنسانغا بېرىلگەن بىر نىمەت!

.......
[/quote]
بۇ سۆزنىڭ جىنى بار، مەنمۇ شۇنداق ئويلايمەن. ماكان ۋە زامان ياكى بوشلۇق ۋە ۋاقىت نىسپى ئۇقۇم، مەن بۇلارنىڭ نىسبى ئۆلچىمى ۋە نىسبى ئىپادىلىنىشىنى باشتىكى ئىنكاستا سۆزلەپ ئۆتتۈم، مەسىلەن ئىنجىلدىكى يارىلىش قىسسىسىدە ئالەم 6 كۈندە بەرپا قىلىنغان، ئادەم ئالتىنجى كۈنى يارىتىلغان دەيدۇ، قىسساسۇل ئەنبىيادىمۇ  كائىنات ۋە ئادەمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جانلىقلارنىڭ ئاللا تەرىپىدىن يوقتىن بار قىلىنىشى بىلەن باشلىنىدۇ. بۇ يەردىكى مۇھىم نۇقتا پەقەت ئاللانىڭ ئالەمنى ۋە مەخلۇقاتلارنى يارىتىشتىكى ئىرادىسى بولۇپ ۋاقىت مەسىلىسى ئەمەس. ئىلىم پەن تەرەپتىن كايىناتنىڭ چوڭ پارتلاش بىلەن مەيدانغا كىلىشى، يەر شارىدا جانلىقلار ياشىغىدەك مۇھىتنىڭ بارا بارا ھازىرلىنىشى قاتارلىقلار بۇ ناھايىتىمۇ ئۇزۇن نەچچە مىليارت يىل بىرلىك قىلىپ ھىساپلىنىدىغان جەريانلار (ئەلۋەتتە بۇ زىمىندىكى ئىنسانىيەت ئۈچۈن بىرىلگەن ماكان ۋە زامان ئۆلچىمى). مەن باشتا ئىنكاسىمدا دىگەندەك ئاللانىڭ ھوزۇرىدا بۇ ۋاقىت ۋە زامان ئۆلچىنىمىڭ ئەھمىيىتى رولى يوق. قايسىڭلانىڭ ۋاقتى بولسا قىيامەتنىڭ قوپۇشى دىگەن يازمىنى ئىزدەپ قويساڭلا، ئۇنىڭدا بۇ تىمىغا يىپ ئۇچى بولغىدەك نۇرغۇن ياخشى مەزمۇنلار بار.مەسىلەن قىيامەتتە بىزگە زىمىندا بىرىلگەن ماكان ۋە زامان بوشلۇق ۋە ۋاقىت ئۇقۇمى ئۆز ئۆلچىمى، ئەسلى بار بولغان ئەھمىيىتى ۋە رولىنى يوقىتىدۇ. قىيامەتتە پۇتۇن كايىناتنىڭ يوقتىن بار بولۇپ تەرەققى قىلىپ ئاخىرى گۇمران بولغىچە بولغان بۇ ئىنتايىن ئۇزۇن جەريان دەقىقە ئىچىدە بىسىلىپ خۇلاسىنىپ بولىدۇ. خۇددى بىزنىڭ ئۆمرىمىز ئەسلىسەك كىنو لىنتىسىدەك كۆز ئالدىمىزدىن غۇيۇلداپ ئۆتۈپ كەتكەندەكلا.
ئاللا باشتا كايىنات ئالەمنى  نۇر ھاۋانى ئاندىن جانلىقلارنى ياراتقان، ئەڭ ئاخىرىدا بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ ئالىسى ئەڭ مەرتىۋىلىك ئادەمنى ياراتقان. بۇ تەرتىپنى  ئىلىم پەندە ئوتتۇرىغا قويۇلغان قىياسلىغا تەدبىقلىساق ھەيران قالارلىق توغرا كىلىدۇ. يەنى ئەڭ ئاۋال چوڭ پارتلاش بىلەن ئالەم پەيدا بولغان ۋە ئۈزلۈكسىز كىڭىيىپ بارغان، تەبىيەت دۇنياسىدىمۇ ئادەم يارىلىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مۇكەممەل چىكى. ئوخشىمايدىغىنى بىرى ئاللانىڭ ھوزۇرىدىكى ئىپادىلىشى، يەنە بىرى ئاللانىڭ ئىرادىسىدە ئوخشاش تەرتىپتە پەيتلىك تىزلىكلىرىدە  تاماملانغان جەرياننىڭ كايىنات ۋە  ئىنسان ئۈچۈن ناھايىتىمۇ ئۇزۇن جەريان بولۇپ ئىپادە تىپىشى ۋە ھىس قىلىندۇرىلىشى. ئاللا ئۈچۈن ماكان ۋە زامان ياكى بوشلۇق ۋە ۋاقىتنىڭ رولى يوق دىگەن چۈشەنچە ئايدىڭ بولسىتى ئۇ چاغدا پەننى پاكىتلار بىلەن يارىلىش قىسسىسىنىڭ ئىككى ئالەمدە زامان ۋە ماكاننىڭ ئوخشىمىغان ئىككى ئۆلچىمىدە يۈز بەرگەن ئوخشاش بىر جەريان ئىكەنلىگىنى چۈشۈنەتتۇق.
توغرىسىنى بىلگۈچى ئاللا
داۋاملىق يىزىلىدۇ

fatih204 2011-10-18 12:45
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،، مەردان ئەپەندى ،، سىزنى قارشى ئالىمىز ،،
سىز دىگەن ۋاقىت ئۇقىمى ماكانلاردا ئوخشىمايدۇ دىگەن قارىشىڭىزنى ، قورئاندا ھەم ئېيتىلىپتۇ ،، رىئال دۇنيادا بولسا بىر ۋەقەلىك بار ئىدى ، بۇ ۋەقەلىك شۇ قارىشىڭىزغا چۇشۇپ قالامدۇ ، بۇ ھەقتە بىر نىمە دەپ باقسىڭىز ،،
1956-يىللىرى ئامرىكىدىكى مەلۇم شىتات ئايرىدىرومىدىن بىر ئايرۇپىلان يولغان چىققان ،، بۇ ئايرىپىلان مەنزىلگە بارماستىنلا يوقاپ كەتكەن ، ھىچ يەردە تېپىلمىغان ،، ئارىدىن 40 يىل ئوتۇپ 1995 -يىللىرى ئامرىكىدىنكى يەنە بىر شىتاتقا بۇ ئايروپىلان كېلىپ قونغان ،، كىشىلەر بۇ شاللىۋىتىلگەن ئايرۇپىلانغا قاراپ ھەيران قالغان ،، ئايرۇپىلاندىكى كىشىلەرنىڭ بېلىتىنى كورۇپ تىخىمۇ ھەيران قالغان ، چۇنكى ئۇ بېلەت 54 -يىلنىڭ  بېلىتى ئىدى ،، ئۇ ئايروپىلاندىكى كىشىلەرمۇ جاھاننىڭ ئوزگىرىشىنى كورۇپ ھەيران قالغان ، ۋە كوپىنچىسىنىڭ بالىلىرىنىڭ ئوزىدىنمۇ قېرىپ كەتكەنلىكىنى ئوزىنىڭ بولسا ياش ھالىتىدە تۇرغانلىقىنى بىلىشكەن ،، ئۇلارنىڭ دىيىشىچە ئۇلار پەقەت نەچچە سائەتلا يول  يۇرگەنمىش ،،،  بۇنى مەن شىنجاڭ نەشىرياتى نەشىر قىلغان  دۇنيادىكى ئاجايىپ غارايىباتلار دىگەن كىتابتىن ئوقىغان ،،،  بۇ ۋەقەلىك سىز دىگەن ۋاقىت ئوقىمىنىڭ ماكانغا قاراپ پەرىقلىق بولىدىغىنىغا مىسال بولالامدۇ ؟؟  ۋاقتىڭىز بولسا مۇشۇ ئىش ھەققىدە بىر نەرسە يېزىپ باقسىڭىز ؟  

rayhan 2011-10-18 12:53
بۇ ئىنتايىن ياخشى داۋاملاشقان مۇنازىرە بولدى .......نەۋرۇز بۇ  مۇلاھىزىدىكى ھەل قىلغۇچ نوختا ۋاقىتنى  ئىنسانغا باغلاپ ،مۇلاھىزىنىڭ بۇسۇش نوختىسى  بولغان زامان ھەم ماكان ئۇقۇمىنى بىرلىككە كەلتۇردى .......دىمەك بۇ يەردىكى مۇلاھىزە چۇقۇم اللەھنىڭ ئەرشى ئۇستىدىكى ئەمەس زىمىندىكى ۋاقىت  ئۇستىدە بۇلىشى كېرەك .
  قېنى غەيرەت قىلىڭلار ...

aksiya 2011-10-18 17:19
قۇرئانى - كەرىمدە، قىيامەت كۈنى يۈز بېرىدىغان ھادىسىلەر ئوچۇق بىر شەكىلدە تەسۋىرلىنىدۇ. ئايەتلەردە قىيامەتنىڭ، پەقەت دۇنيانى ئەمەس، باشقا ئالەم جىسىملىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان، پۈتۈن كائىنات كۆلەملىك بىر ئاخىرلىشىش ئىكەنلىكى خەۋەر قىلىنىدۇ.
- ئاسمان يېرىلغان چاغدا، يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا، دېڭىزلار بىر- بىرىگە قۇشۇلغان چاغدا، قەبرىلەر ئاستى- ئۈستى قىلىنغان ( يەنى ئۆلۈكلەر چىقىرىلغان چاغدا ) ( ئىنفىتار سۈرىسى، 1-4 ئايەتلەر )
- ئۇ كۈندە ئاسمان قاتتىق تەۋرەيدۇ. تاغلار قاتتىق سەيرى قىلىدۇ ( يەنى زېمىننىڭ ئۈستىدىن توزۇپ يوقىلىپ كېتىدۇ ). ( تۇر سۈرىسى 9-10 ئايەتلەر )
- كۈننىڭ نۇرى ئۆچكەن چاغدا، يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا، تاغلار گۇمران بولغان چاغدا... ( تەكۋىر سۈرىسى 1-3 ئايەتلەر )
- ئۇ كۈندە ئاسماننى ( پۈتۈكچى ) نەرسە يېزىلغان قەغەزنى يۆگىگەندەك يۆگەيمىز. مەخلۇقاتلارنى دەسلەپتە قانداق ياراتقان بولساق، شۇ ھالىتىدە ئەسلىگە قايتۇرىمىز. ( بۇ ) بىز ئۈستىمىزگە ئالغان ۋەدىدۇر، ( ئۇنى ) چوقۇم ئىشقا ئاشۇرىمىز. ( ئەنبىيا سۈرىسى 104- ئايەت )
مانا بۇ قىيامەت پەيتى يۇقۇرىدا بىز ئىيقان ماكان ۋە زاماننىڭ ئاخىرلىشىشى ۋە ئۇنىڭ ھەر قانداق شەكىلدىكى ئۆلچەملىرى ۋە ئىپادىلىشىنىڭ مەنىسىنى يوقىتىشى. بۇنى ماكان ياكى بوشلۇقنىڭ گۇمران بولۇپ زامانەنىڭ ياكى ۋاقىتنىڭ ئاخىرلىشىشى دەپ چۈشۈنۈشكىمۇ بولىدۇ،
تۆۋەندىكى ئايەتكە قارايلى:
- كۈن بەلگىلەنگەن جايغا قاراپ سەير قىلىدۇ، بۇ، غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى اﷲ نىڭ ئالدىنئالا بەلگىلىگەن ئىشىدۇر. ( سۈرە ياسىن 38- ئايەت ).
بۇ ئايەت، قۇياش سېستىمىسىنىڭ شەمسۇش - شۇمۇسقا قاراپ ئىلگىرلەۋاتقانلىقىنى ئىشارەت قلىدۇ.
بەدىئۇز-زامان ھەزرەتلىرى بۇ ھەقتە يەنە مۇنۇلارنى دەيدۇ:
* قۇياش سېستىمىسى، ئىچىدىكى بارلىق ئەزالىرى بىلەن شەمسۇش - شۇمۇسقا قاراپ ئىلگىرلەۋاتىدۇ. (قۇياش سىستىمىسىنىڭ ھەركەت يۆلىشىنى ۋە ئاخىرقى قارارگاھى قەيىت قىلىنغان، يەنى ئاخىرى بىرىپ قارا ئۆڭكۈر تەرىپىدىن يۇتۇۋىلىنىدۇ)
* شەمسۇش - شۇمۇس بولسا، ئاخىرەت ئالەمىدۇر (زامانە ئاخىر). ئۇ يەردە بىز ياشاۋاتقان بۇ فىزىكىلىق دۇنيانىڭ قانۇنلىرى ئىشلىمەيدۇ (يەنە بىر ئالەمدە ئاللا بىزگە نىمەت قىلىپ بەرگەن ماكان زامان ئۇقىمىنىڭ ئەھمىيىتىنى يوقىتىدىغانلىغىنى يەنىئىنسان ئۈچۈن بىرىلگەن تونۇش قورالى بولغان  ۋاقىتنىڭ ئۆزئەھمىيىتى ۋە رولىنى يوقىتىدىغانلىغى قەيت قىلىنغان ).
* بۇنىڭ بىلەن شەمسۇش - شۇمۇستىكى بىر كۈن بىز ھىساپلاۋاتقان 50 مىڭ يىلغا تەڭ كېلىدۇ دەپمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. گەپ بۇ يەردە 18000 مىڭ ھەسسە دەپ قارالغان پەرقنىڭ توغرا خاتالىدا ئەمەس بەلكى ئىككى ئالەمدىكى ماكان زامان پەرقىنىڭ مەۋجۇتلىغىدا.  بۇ ھەقتە قۇرئاندا ئىنتايىن جىق ئىشارەت بار.
قارا ئۆڭكۈرلەر ۋە قىيامەتنىڭ قوپۇشى دىگەن يازمىدىن نەقىل ئىلىندى.
دىناۋاۋۇرنىڭ توخۇغا ئۆزگۈرىشى ئىنساننىڭ ۋاقىت ئۆلچىمىدە مەيلى 100 مىليون يىللىق جەريان بولسۇن ياكى ئۇنىڭدىن ئۇزۇن بولسۇن  بۇ پەقەت بىر نىسبى ۋاقىت ياكى نىسبى زامان. بۇ جەريان ئاللانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئاللا ھوزۇرىدا ياكى مەھشەرگاھتا پەقەت دەقىقە پەيتى بولىشى مۈمكىن.

aksiya 2011-10-18 17:50
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 23قەۋەتتىكى fatih204 نىڭ 2011-10-18 12:45 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل : 
 بۇنى مەن شىنجاڭ نەشىرياتى نەشىر قىلغان  دۇنيادىكى ئاجايىپ غارايىباتلار دىگەن كىتابتىن ئوقىغان ،،،  بۇ ۋەقەلىك سىز دىگەن ۋاقىت ئوقىمىنىڭ ماكانغا قاراپ پەرىقلىق بولىدىغىنىغا مىسال بولالامدۇ ؟؟  ۋاقتىڭىز بولسا مۇشۇ ئىش ھەققىدە بىر نەرسە يېزىپ باقسىڭىز ؟  

ئەگەر بۇ ۋەقە راس بولغان بولسا ئاخىرقى قىياسىڭىز توغرا دەپ ئىيتىشقا بولىدۇ

خامۇش 2011-10-18 22:14
ھەقىقەتەن ئاز ئۇچرايدىغان ئېسىل مۇنازىرە..............داۋامىغا تەشنامەن!!!

nazli0998 2011-10-18 23:52
نىماندا  بۇ  تىما  بىرىنجى قۇردىن چۇشمەيدىكىن دىسەم  ئەسلى نادىر تىما ،ئىسىل مۇنازىرلەر
بولۋىتىپتىكەن ئەمەسمۇ .

sad~da 2011-10-19 09:51
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇ
تۇنجى ئاتمىز ئادەم  ئەلەيھسسالامنىڭ ياشىغان يىل سانى شۇنداقلا ئۇنۇڭ بەدەن قۇرۇلمىسدىن مۇھەممەدسەللەللاھۇ ئەلەيھسسالاممنىڭ دەۋرىگە كەلگۈچە ئىنسانلارنىڭ  ئۆمۈريېشىنىڭ تۈۋەنلىشى شۇنداقلا بەدەن سۈپتىنىڭ تۈۋەنلىشى قاتارلىق مازمۇنلارنى ئۇقۋالغىلى بۇلدۇ .
تۇنجى ئاتىمىز زىمىندا نەچچە يىل ياشىدى ئۇنۇڭ بەدىننىڭ چوڭلىغى قانچىرىك ئىدى  
بۇلار بىلەن دىنازاۋۇرلارنىڭ ئۆزگىرىپ قۇشقا ئايلىنشىدا ئوخشاشلىق بامۇ يوق ؟

kuwruk 2011-10-22 01:50
ئىلمىي كىشىنى قايىل قىلارلىق سۇھبەت بۇپتۇ،،،،،ھەقىقەتەن ئىسىل سۇھبەت،،،،،،،،،،،!!!!!!!!!

مەدىنەم 2011-10-27 01:10
«ئىلىمنىڭ بىلمەكلىكنىڭ ئىزدىنىشنىڭ ساۋابى خاسىيىتى توغرىسىدا سۆزلىشىمنىڭ ھاجىتى يوق، مەنچە ئىمان-ئىبادەت ئىسلامىيەتنىڭ بىر تۈۋرىگى بولسا يەنە بىر تۈۋرىگى ئىلىم، ئىمان ئاساسى يوق ئىلىم كۇفرى ھىساپلانغىنىدەك ئىلىمسىز ئىبادەتمۇ جاھىلىيەتكە تەركى دۇنياچىلىققا ئاخىرى زۇۋاللىققا باشلايدۇ.  قىنى مەن يەنە بىر ۋاقتىم چىققاندا ئويلىنىپ بىر يازاي ، ئۇنىڭغىچە ھەممىڭلا قاندا گەپ بولسا تاشلىساڭلا بولىدۇ»     ئىسلام   دىنى  ئىلىم ،  پەن_تىخنىكا دىگەنلەرنى  چەكلىمەيدۇ،   پەقەت  ئاللاھ نى ھەق ۋە بىر  ھەممىگە  قادىر  دەپ  قارىلىپ  بۇلۇنغان  پەن_تىخنىكا ئاللاھ نىڭ  نەزىرىدە  قۇبۇل  قىلىندۇ،  ئىنشائاللاھ.  مەيلى دارۋىنچىنىڭ  ئادەم  مايمۇندىن تۇرەلگەن دىگەن نەزىرىيىسى  بۇلسۇن ، بۇلار خاتا قاراش ، بۇ  قۇرئان كەرىمدە  ئىنىق ئىيتىلغان،  «ئەقىدەتۇل مۇئمىن» دىگەن كىتاپتىمۇ  دارۋىنچىنىڭ بۇ  ئەخمىقانە نەزىرىگە  پاكىت ۋە دەلىل ئۇتتۇرىغا  قۇيغان،    ئاللاھ تائالا  ئادەم ئاتىنى تۇپراقتىن ئادەم ئاتىنىڭ  باللىرىنى مەنى سۇدىن  ياراتقان  ،بۇنىڭغا قارىتا  سۈرە ئىنسان  دا  تەپسلي  بايان  قىلىنغان.  

بەگزات 2011-10-27 23:03
ئەسسالام مەدىنەم قىز !
يارقىن پىكرىڭىزدىن ئاللاھ سۆيۈنگەي !   ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن !
لېكىن سىز ئېسىڭىزدە ئوبدان تۇتۇۋېلىڭ !  داۋىنچى دېگىنى ياۋروپالىق رەسسام ، سىزنىڭ دېمەكچى بولغىنىڭىز دارۋىن ،  تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسىنى ئوتۇرىغا قويغىنى شۇ .   

pida.n 2011-10-28 21:51
ئاخىرىغا تەشنا بىز ، بەك ئەھمىيەتلىك تېما بوپتۇ. مەنمۇ كىيىنچە ئۆز پىكىرىمنى ئوتتۇرغا قويارمەن.

taranqi217 2011-10-28 23:51
نىم بولدى ... تىپ تىنىچ ..................شۇنداق ياخشى داۋاملىشۋاتقان ..................
قەلىمىڭلارنىڭ تىزگىنى قويۋىتىڭلار ......................

لاچىن1 2011-11-02 02:25
بۇ تىما مېنىڭ مۇنبەرگە تىزىملىتىشىمغا سەۋەب بولدى ،

wali12 2011-11-09 13:02
قېنى مەرھەمەت....
ۋاقتى كەلگەندە بىزمۇ كاللىمىزغا كەلگەننى سۇرايمىز ھە؟!
باشقۇرغۇچىلار بۇ تىمىنى يۇرتۇپ قۇيۇڭلا

newruz 2011-11-12 01:05
تەجرىبە بىلەن گېننىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى تەجرىبىدىن ئوتتى. يەنە مۇنازىرىنىڭ كېرىكى يوق. ئېنگىلىزچە ئىزدەپ كورۇڭلار...

wali12 2011-11-14 21:14
  

نۇرجۇلا 2011-11-14 23:09
قاتتىق ئىسسقتا بىر پىيالە مۇزدەك بۇلاق سۈيى ئىچكەندەك راھەتلەندىما ما تېمىغا كىرىپ، ئاللاغا مىڭ مەرتىۋە شۈكرى، مۇشۇنداق ئېسىل مۇنازىرىنى كۆرۈش نىسىپ بولۇپتۇ بۈگۈن، ئىمانىمنىڭ ھەسسىلەپ كۈچىيىشىگە تۈرۈتكە بولدى، ھەممىڭلارغا ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولسۇن! ئىنشائاللا!

urkesh 2011-11-30 14:24
مۇنازىرەدىكى مەيدانىڭلارنى دىنى چۈشەنچىلەر بىلەن پەننى ھەقىقەتلەرنىڭ كېسىشكەن نوختىدىن تاللىشىڭلارنى ئۆمۈت قىلىمەن.

1-قېتىم 2012-01-21 16:40
بۇ قۇشنى بىر كىنودا كۆرگەندەك قىلىمەنغۇ تاڭ!!!!!!!!!!!!!!

خەنجەر0903 2012-01-25 16:21
مۇنازىرە ھەقىقەتەن ئادەمنى قايىل قىلىۋاتىدۇ. توختاپ قالماي داۋاملاشتۇرغايسىلەر.

ق.سىدىق 2012-04-20 20:20
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم مەردان!
مۇشۇ ئاينىڭ 9-كۈنى ئامرىكا پەن-تىخنىكا ئىشخانىسى ئوخشىمىغان ئۈسۈملۈكەرنىڭ ئوخشاش گىن تەرتىۋىگە ئىگە ئىكەنلىگى ھەققىدە خەۋەر ئىلان قىلغان.مىنىڭچە بۇ خىلى موھىم ئۇچۇر،مۇھاكىمە قىلىنىۋاتقان مەسىلە بىلەنمۇ ئالاقىسى بارمىكىن دەپ ئويلۇدۇم.كەسپى نۇقتىدىن سىز تەھلىل قىلىپ باقارسىز.
مۇناسىۋەتلىك ئۆچۆرلارنى تۈۋەندىكى ئۇلىنىشنى يىپ ئۇچى قىلىپ ئىز قوغلاپ تاپقىلى بولىدۇ.


http://www.stdaily.com 2012年04月11日 来源: 中国科技网 作者: 毛黎



ق.سىدىق 2012-04-20 23:10

چۈجە تۇغۇلغاندىن كېيىن سالامەتلىكى ناھايىتى ياخشى
ئەنگىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 19- ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سىرى لانكادا بىر مېكيان تۇخۇم بېسىش شەكلى بىلەن چۈجە چىقارماستىن، بەلكى بىۋاستىلا بىر چۈجە تۇغقان. بۇ شۇ يەرلىكلەر ئارىسىدا چوڭ غولىغولا قوزغىدى. ئىگىلىنىشچە، مېكيان ئادەتتە تۇخۇم چىقارغاندىن كېيىن، ئاندىن تۇخۇمنى بېسىپ چۈجە چىقىراتتى، بىراق بۇ تۇخۇم مېكيان تېنىدە 21 كۈن تۇرغاندىن كېيىن، مېكيان تېنى ئىچىدىلا چۈجە چىقارغان. چۈجە تۇغۇلغاندىن كېيىن سالامەتلىكى ناھايىتى ياخشى بولغان، بىراق مېكيان ھايات قالالمىغان. شۇ جايدىكى ھايۋانات دوختۇرى ئەزەلدىن مۇنداق ئىشنى كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. مېكىياننىڭ جەسىتى تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ مېكىياننىڭ تېنىدە يېتىلگەنلىكى، تۇخۇمدىن چىققۇچە بولغان ئارىلىقتا بەدەن ئىچىدە تۇرغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلدى. جەسەت تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، مېكىيان ئىچكى زەخىمدىن ئۆلۈپ قالغان. بۇ ئىش ناھايىتى چوڭ زىلزىلە قوزغىدى، بۇنىڭ بىلەن زادى ئاۋۋال تۇخۇم بۇرۇن پەيدا بولغانمۇ ياكى ئاۋۋال توخۇ پەيدا بولغانمۇ دېگەن مەسىلىگە جاۋاب تېپىلغاندەك قىلىدۇ: چوقۇم ئەڭ ئاۋۋال توخۇ بارلىققا كەلگەن.

بۇغداي 2012-05-01 18:57
ئاللا ئەزەل ۋە ئەبەدنىڭ سۇلتانى ،ئاللاھقا ۋاقىت ئۇقۇمى مەۋقۇت ئەمەس


查看完整版本: [-- يېڭى بايقاش << قۇشلارنىڭ ئەجدادى ھەققىدە >> --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.073556 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us