قۇرئانى - كەرىمدە، قىيامەت كۈنى يۈز بېرىدىغان ھادىسىلەر ئوچۇق بىر شەكىلدە تەسۋىرلىنىدۇ. ئايەتلەردە قىيامەتنىڭ، پەقەت دۇنيانى ئەمەس، باشقا ئالەم جىسىملىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان، پۈتۈن كائىنات كۆلەملىك بىر ئاخىرلىشىش ئىكەنلىكى خەۋەر قىلىنىدۇ.
- ئاسمان يېرىلغان چاغدا، يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا، دېڭىزلار بىر- بىرىگە قۇشۇلغان چاغدا، قەبرىلەر ئاستى- ئۈستى قىلىنغان ( يەنى ئۆلۈكلەر چىقىرىلغان چاغدا ) ( ئىنفىتار سۈرىسى، 1-4 ئايەتلەر )
- ئۇ كۈندە ئاسمان قاتتىق تەۋرەيدۇ. تاغلار قاتتىق سەيرى قىلىدۇ ( يەنى زېمىننىڭ ئۈستىدىن توزۇپ يوقىلىپ كېتىدۇ ). ( تۇر سۈرىسى 9-10 ئايەتلەر )
- كۈننىڭ نۇرى ئۆچكەن چاغدا، يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا، تاغلار گۇمران بولغان چاغدا... ( تەكۋىر سۈرىسى 1-3 ئايەتلەر )
- ئۇ كۈندە ئاسماننى ( پۈتۈكچى ) نەرسە يېزىلغان قەغەزنى يۆگىگەندەك يۆگەيمىز. مەخلۇقاتلارنى دەسلەپتە قانداق ياراتقان بولساق، شۇ ھالىتىدە ئەسلىگە قايتۇرىمىز. ( بۇ ) بىز ئۈستىمىزگە ئالغان ۋەدىدۇر، ( ئۇنى ) چوقۇم ئىشقا ئاشۇرىمىز. ( ئەنبىيا سۈرىسى 104- ئايەت )
مانا بۇ قىيامەت پەيتى يۇقۇرىدا بىز ئىيقان ماكان ۋە زاماننىڭ ئاخىرلىشىشى ۋە ئۇنىڭ ھەر قانداق شەكىلدىكى ئۆلچەملىرى ۋە ئىپادىلىشىنىڭ مەنىسىنى يوقىتىشى. بۇنى ماكان ياكى بوشلۇقنىڭ گۇمران بولۇپ زامانەنىڭ ياكى ۋاقىتنىڭ ئاخىرلىشىشى دەپ چۈشۈنۈشكىمۇ بولىدۇ،
تۆۋەندىكى ئايەتكە قارايلى:
- كۈن بەلگىلەنگەن جايغا قاراپ سەير قىلىدۇ، بۇ، غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى اﷲ نىڭ ئالدىنئالا بەلگىلىگەن ئىشىدۇر. ( سۈرە ياسىن 38- ئايەت ).
بۇ ئايەت، قۇياش سېستىمىسىنىڭ شەمسۇش - شۇمۇسقا قاراپ ئىلگىرلەۋاتقانلىقىنى ئىشارەت قلىدۇ.
بەدىئۇز-زامان ھەزرەتلىرى بۇ ھەقتە يەنە مۇنۇلارنى دەيدۇ:
* قۇياش سېستىمىسى، ئىچىدىكى بارلىق ئەزالىرى بىلەن شەمسۇش - شۇمۇسقا قاراپ ئىلگىرلەۋاتىدۇ. (قۇياش سىستىمىسىنىڭ ھەركەت يۆلىشىنى ۋە ئاخىرقى قارارگاھى قەيىت قىلىنغان، يەنى ئاخىرى بىرىپ قارا ئۆڭكۈر تەرىپىدىن يۇتۇۋىلىنىدۇ)
* شەمسۇش - شۇمۇس بولسا، ئاخىرەت ئالەمىدۇر (زامانە ئاخىر). ئۇ يەردە بىز ياشاۋاتقان بۇ فىزىكىلىق دۇنيانىڭ قانۇنلىرى ئىشلىمەيدۇ (يەنە بىر ئالەمدە ئاللا بىزگە نىمەت قىلىپ بەرگەن ماكان زامان ئۇقىمىنىڭ ئەھمىيىتىنى يوقىتىدىغانلىغىنى يەنىئىنسان ئۈچۈن بىرىلگەن تونۇش قورالى بولغان ۋاقىتنىڭ ئۆزئەھمىيىتى ۋە رولىنى يوقىتىدىغانلىغى قەيت قىلىنغان ).
* بۇنىڭ بىلەن شەمسۇش - شۇمۇستىكى بىر كۈن بىز ھىساپلاۋاتقان 50 مىڭ يىلغا تەڭ كېلىدۇ دەپمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. گەپ بۇ يەردە 18000 مىڭ ھەسسە دەپ قارالغان پەرقنىڭ توغرا خاتالىدا ئەمەس بەلكى ئىككى ئالەمدىكى ماكان زامان پەرقىنىڭ مەۋجۇتلىغىدا. بۇ ھەقتە قۇرئاندا ئىنتايىن جىق ئىشارەت بار.
قارا ئۆڭكۈرلەر ۋە قىيامەتنىڭ قوپۇشى دىگەن يازمىدىن نەقىل ئىلىندى.
دىناۋاۋۇرنىڭ توخۇغا ئۆزگۈرىشى ئىنساننىڭ ۋاقىت ئۆلچىمىدە مەيلى 100 مىليون يىللىق جەريان بولسۇن ياكى ئۇنىڭدىن ئۇزۇن بولسۇن بۇ پەقەت بىر نىسبى ۋاقىت ياكى نىسبى زامان. بۇ جەريان ئاللانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئاللا ھوزۇرىدا ياكى مەھشەرگاھتا پەقەت دەقىقە پەيتى بولىشى مۈمكىن.
[ بۇ يازمىنىaksiya 2011-10-18 17:48قايتا تەھرىرلىدى ]