بۇ مەزمۇن 53قەۋەتتىكى dulbarqin310 نىڭ 2011-10-20 18:54 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
كەڭساي مۇنبىرى ھەقىقەتەن ئىسىل مۇنبەر، بۇ مۇنبەرنىڭ باشقا مۇنبەرلەردىن كۆپ ئالاھىدىلىكلىرى بار، ئەمما شۇنىڭغا ماس ھالدا يېتەرسىزلىكىمۇ يوق ئەمەس ئەلۋەتتە، ئىملا خاتالىقىنى تۈزۈتۈش
ھەمىمىزنىڭ مەسئولىيىتى، ئەمما بۇ مۇنبەرگە كىرگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ كەسپى خەت ئۇرغۇچى خادىم
بۇلىشى ناتايىن، شۇڭا ئۇلارنىڭ تۈزۈتىۋېلىشى ئۈچۈن ئۇلارغا ۋاقىت بېرىشىمىز كېرەك. كۆچۈرۈلگەن ماتىرىياللارغا نسبەتەن ئېيتقاندا مەنچە بولسا ، چوقۇم باشقىلارنى خەۋەرلەندۈرۈشكە
تىگىشلىك بولسا
يۈتكەپ كېلىش كېرەك. چۈنكى باشقىلارنىڭ ھەممىسى بۇ تېمىنى ئەسلى ئورنىدا كۆرۈپ بولغان
بۇلۇشى ھەم چوقۇم ئەسلى ئورنىغا كىرىپ كۆرۈشى ناتايىن، مەسلەن ئۆزۈمنىلا
ئىلىپ ئېيتسام، مەن ئادەتتە كەڭسايدىن باشقا مۇنبەرلەرگە ئانچە
ئىتبار بېرىپ كەتمەيمەن، ئىشقا چىقساملا بىرىنچى
بۇلۇپ كەڭساي مۇنبىرىنى ئاندىن چ چ نى ئاچىمەن. دېمەكچى بولغىنىم، مەن كۆپىنچە خەۋەرلەرنى ۋە باشقا بىلىشكە
تىگىشلىك بولغان ئىشلارنى مۇشۇ مۇنبەردىن كۆرۈپ بىلىمەن، شۇڭا كۆچۈرۈپ كەلگەن تېمىلارنى پۈتۈنلەي چەكلەشنى مەن ئانچە قوللىمايمەن. يەنە بىر مەسلە، مۇنبىرىمىزدە ھەقىقەتەن ئۆز ھىسىياتىغا ئاساسەن ئىنكاس يازىدىغانلار ۋە ئەدەپسىزلىك بىلەن ئىنكاس يازىدىغانلارمۇ بار، لېكىن ئۇلارنىڭمۇ بەزىدە شۇ ئىنكاسلىرى ئاساسلىق
بۇلۇپ قالىدۇ. شۇڭا ئۇنداق ئەزالارنى مۇنبەردىن چىقىرىپ تاشلاشنىڭ زۆرۆرىيىتى يوق. قاغا سەت بولسىمۇ ئۇنىڭمۇ ياخشى تەرەپلىرى بار ئەمەسمۇ. ئۇيغۇر تىلىنى ۋە يېزىقىنى بىلمەيدىغانلار ھەقىقەتەن جىق ، ئەمما ئۇلارمۇ
ئۆگۈنۋالسۇن، بىلمىگەنلەرگە
بىلدىغانلار ياردەم بەرسەك، ئۇلارمۇ بىز بىلەن تەڭ بۇ مۇنبەرنىڭ
ئىسىللىقىنى ھىس قىلسا ياخشى ئەمەسمۇ، ھېچكىم تۇغۇلۇپلا بىلگەن ئەمەس، بۇ دېگەن ئۇنۋېرسال مۇنبەر، مۇنبەرنى بىلمىگەنلەر
بىلۋالسۇن، بىلگەنلەر تارقاتسۇن دەپ قۇرىدىغاندۇ. شۇڭا ئۇلارغا ياردىمىمىزنى ئايىمىساق ئۇلارمۇ چوقۇم ئاللاھ خالىسا كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەندەك كەسپى خەت ئۇرغۇچىنى بىسىپ چۈشكىدەك
بۇپ كېتىدۇ.
مەن مۇشۇنچىلىك ئويلىدىم، بۇ پەقەتلا مېنىڭ شەخسى پىكىرىم ۋە كۆز قارىشىم، يامان يەرگە تارتىپ كەتمىگەيسىلەر.