باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 4713 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: باشقۇرغۇچىلارغا ۋە مۇنبەردىكىلەرگە دەيدىغانلىرىم
سەھرانى سۆيىمەن!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5001
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1018
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1018دانە
ئۆسۈش: 2360 %
مۇنبەر پۇلى: 7298 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2012-03-28
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-14 11:23

باشقۇرغۇچىلارغا ۋە مۇنبەردىكىلەرگە دەيدىغانلىرىم

ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى، ئالدى بىلەن تېنىڭلارغا ئاللاھتىن سالامەتلىك، ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن. مۇبارەك قەلىمىڭلاردىن تۆكۈلگەن ئېسىل يازمىلار بۇندىن كېيىن<<كەڭساي>> ئاسمىنىدا چاقنىسۇن. بارلىق مۇنبەرداشلارغىمۇ ئاللاھ ئاسايىشلىق، ئىشلىرىغا بەرىكەت ئاتا قىلسۇن. ئەمدى كۆڭلۈمدىكى گەپنى دەي:
مەن <<   <كەڭساي> دا ئەدەبىياتنى چۈشىنىدىغانلار قانچىلىك>> دېگەن يازمىنى يېزىپ، بىر قىسىم ئىنكاسلارغا نارازى بولغان بولساممۇ، مۇنبەردە مۇشۇنچىلىك مۇنازىرە بولغىنىدىن خۇشال بولدۇم. مەن ئۇ يازمامدىكى تۆۋەندىكى ئۈچ پىكىرنى يەنە قۇۋۋەتلىگەن ئاساستا گەپ قىلاي. 
3.‹‹كەڭساي››مۇنبىرى ئەدەبىي مۇنبەر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىجادىي ئەسەرلەر كۆپرەك بولۇشى كېرەك ئىدى،بىراق،مۇنبەردە باشقا مۇنبەرلەردىن كۆچۈرۈپ ئەكەلگەن تېمىلار جىق.بۇ ‹‹كەڭساي››مۇنبىرىنى‹‹باشقىلارنىڭ چاپىنىدا تەرلەيدىغان››قىلىپ قويىدۇ.بۇنىڭغا ۋاقتىدا چەك قويۇلىشى كېرەك.
بۇ شۇ يازمامدىكى ئۈچىنچى پىكرىم ئىدى. مەن بۇ پىكرىمنى يەنىلا قۇۋۋەتلەيمەن. چۈنكى ، نۇرغۇن ئەزالىرىمىز باشقا مۇنبەردىن تېما كۆچۈرۈپ، ياخشى بىلىم، ئۇچۇرلارنى بىزگە يەتكۈزگەندەك قىلسىمۇ، بۇنىڭ زىيانلىق تەرىپىمۇ بار، مەسىلەن: بىز كۆچۈرگەن يازمىنى شۇ مۇنبەردىكى ياخشى تېما دېسەك، بۇ مۇنبەرگە كەلگەندىن كېيىن ،ئۇ تېمىنىڭ باشقا مۇنبەردە ئۇزاق تۇرۇشىغا تەسىر يېتىدۇ. چۈنكى ،ئۇ تېمىنى بىز <<كەڭساي>>غا كۆچۈرگەندەك ،باشقىلارمۇ يەنە باشقا مۇنبەرگە كۆچۈرىدۇ-دە، ئۇ ياخشى تېما پاخاللىشىدۇ. يەنە بىرى، بىزنىڭ مۇنبىرىمىزدىكى شۇنداق ياخشى تېمىلارنى كۆچۈرۈشكە كۆنۈپ قالغان ئەزالارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىزدىنىشىگە توسالغۇ بولىدۇ. ئۆزى ئىزدىنىپ كىتاب كۆرمەيدۇ. بۇ ياخشى تەسىر ئەمەس. بەزىلەر شۇنداق ياخشى تېمىلارنى كۆچۈرۈپ ئەكەلسەك، مۇنبەرداشلارنىڭ ئاڭ-سەۋىيەسى ئاشىدۇ دەپ ئويلاپ قالىدۇ، ئەگەر مەسئۇلىيەتچان ئەزا بولسا ئۆزى كىتاب كۆرۈپ، ئىزدىنىپ يېڭى بىلىم، ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈشى كېرەك. چۈنكى، سىز كۆرگەن تېمىنى باشقىلارمۇ كۆرۈشى مۇمكىن، ئۇنداق بولغان ئىكەن، بۇ مۇنبەرگە يەنە ئۇ تېما يوللانسا، مۇنبەرنىڭ زىيارەت قىلىنىشىغا پايدىسىز.
4.‹‹كەڭساي››مۇنبىرىدە بىرتۈركۈم ھىسىياتچان ،كاللىسىغا نېمە كەلسە ئىچىگە يۇتماي دەۋىرىدىغان،باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى بىلمەيدىغان ئەزالار بار.بۇلار ۋاقتىدا تازىلىنىشى ياكى ئۇنداقلار ئۆزىنى سۇراپ مۇنبەردىن چېكىنىشى ۋەياكى ئۆزگىرىشى كېرەك.
بۇ مېنىڭ يازمامدىكى تۆتىنچى پىكىر ئىدى، لېكىن ،بىرقىسىم مۇنبەرداشلار بۇ پىكىرنى خاتا چۈشىنىپ، يەنى <<ئەدەبىياتنى چۈشەنمەيدىغانلار مۇنبەردىن يوقالسۇن >>دەپ چۈشىنىپ  بىرقىسىم ئىنكاسلارنى يازغان. قانداق بولىشىدىن قەتئىنەزەر، مەن يەنىلا بۇ پىكرىمنى قۇۋۋەتلەيمەن. چۈنكى، مۇنبىرىمىزدە ھەقىقەتەن ساددا دىنىي كۆز قاراشقا، ساددا مىللەت قارىشىغا ئېگە ئەزالار بار. بۇلار پەقەت ئاغزىدا سۆزلەپلا قالىدۇ، بەزىلىرىمىز ئۇلار يازغان ئىنكاسلارنى كۆرسەك ئۇلارغا بولغان ھۆرمىتىمىز ئېشىپ كېتىدۇ. يەنە بەزىلىرىمىز ئەنسىرەپ قالىمىز. قېرىنداشلار، مەن كۆپ دەپ كەتتىم، سۆزلىگەن بىلەن، قاينىغان بىلەن بىر ئىش ھەل بولسا بۇ جاھان بۇنداق تۇرمايتتى. بۇنى ئېسىمىزدە چىڭ تۇتايلى. بۇنداق ئىنكاسلارغا باشقۇرغۇچىلارمۇ دىققەت قىلىشى كېرەك. چۈنكى  بۇ ئىنكاسلار مۇنبەرنى جانلاندۇرغاندەك قىلغان بىلەن تەسىرى ياخشى بولمايدۇ. بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرۈش ئاقىللارنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس.
5.‹‹كەڭساي››مۇنبىرىدە ئۇيغۇرتىلىنى ،ئۇيغۇر يېزىقىنى بىلمەيدىغانلار جىق.بۇلارمۇ ياكى ئۇيغۇرتىلىنى ئۆگۈنۈپ بولۇپ مۇنبەرگە كىرىشى ۋەياكى باشقۇرغۇچىلار تەرىپىدىن مۇنبەردىن چىقىرىۋىلىتىشى كېرەك. ئاخىرىنى ئىنكاس شەكلىدە يازىمەن
بۇ مېنىڭ شۇ يازمامدىكى بەشىنچى پىكرىم ئىدى. مەن بۇ پىكرىمنىمۇ قۇۋۋەتلەيمەن. چۈنكى، بىز  ئۆزىمىزنىڭ بۇ مۇنبىرىنى باشقا مۇنبەرلەرگە سېلىشتۇرۇپ ئۇ مۇنبەرلەردىكى يازمىلاردىمۇ ئىملا خاتالىقى بار، بۇ مۇنبەردىكى يازمىلاردا ئىملا خاتالىقى بولسا نېمە بولاتتى دېمەسلىكىمىز كېرەك. <<يازغۇچىلار مۇنبىرى>>نى كۆرىدىغانلار بولساڭلار دىققەت قىلغانسىلەر، ئۇنىڭدىمۇ بىر ئەزا بار، يازمىلاردىكى ئىملا خاتالىقىنى تۈزۈتۈپ تۇرىدىغان. دېمەك، بۇ ياخشى باشلىنىش. ئەمدى ،مۇنبەر قۇرغۇچىسىغا دەيدىغىنىم، باشقۇرغۇچىلارغا بولغان تۈزۈلمىنى يېڭىلاپ، ئۇلارغا بولغان تەلەپنى ئاشۇرسىڭىز، باشقۇرغۇچىلارمۇ ئۆزۈڭلارغا قاتتىق تەلەپ قويۇپ ئاندىن تېما تەستىقلىساڭلار، مۇنبەرگە كۈندە تېما تەستىقلاش شەرت ئەمەس، ئەمما، ياخشى تېما تەستىقلاش شەرت.مۇمكىن بولسا بىرقىسىم ئەسەرلەرنىڭ ئىملا خاتالىقىنى تۈزۈتۈپ  تەستىقلىساڭلار، شۇ جاپايىڭلار ئۈچۈن بولسىمۇ مۇنبىرىمىز باشقا مۇنبەرلەرگە تەسىر كۆرسىتىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. يەنە بۇرۇنقى تېمىلارنى قايتا يوللاۋاتقان ئىشمۇ بار مۇنبەردە.  بۇنىڭغا دىققەت قىلساڭلار. مەسىلەن: <<لۇتفى>>ئەپەندىنىڭ يوللىغان<<لەڭچىلەر قوشىقى>> بۇرۇن مۇشۇ مۇنبەرگە <<توغراق>> ئىسىملىك ئەزا تەرىپىدىن يوللانغان.  دەرسكە ئالدىراپ پىكرىم چېچىلىپ كەتتى. قالغىنىنى ئىنكاس شەكلى ئارقىلىق يىغىنچاقلىساق.
باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+3(general) ياخشى پىكىر
  • 1.يولۋاس يولۋاسنى يېمەيدۇ،پەقەت ئادەملا ئادەم بىلەن ئۆزىنى سەمرىتىدۇ. _تاگور
    2.ئۆزىنى ئىپادىلىيەلمىگەن كىشى قۇل دېمەكتۇر._ئا.مۇھەممەتئىمىن
    دوستلىشىش
    يالقۇنى
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9195
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 43
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە43دانە
    ئۆسۈش: 30 %
    مۇنبەر پۇلى: 440 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-10-08
    ئاخىرقى: 2011-10-23
    يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-10-19 00:42

    تاش ئەپەندىم،سىزنىڭ بۇ پىكرىڭىز تولىمۇ بىتەرەپلىمە بولۇپ قاپتۇ، تور دېگەن ھەرخىل پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇپ ،ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرىغان ئورۇن ،جۈملىدىن كەڭساي مۇنبىرىمۇ شۇنداق ،ئەدەبىياتنى سىز چۈشەنگىنىڭىز بىلەن مەن ۋە مەندەك  بىر قاتار چالا ساۋات تورداشلار تازا ياخشى چۈشىنىپ كەتمەيمىز،سىزنىڭ ئىلغار پىكىرلىك ئىديىلىرىڭىزگە بىزنىڭ ھەرۋاقىت ھەمدەمدە بولۇپ سىزدەك يۇقىرى سەۋىيىدە پىكىر قىلالىشىمىز ناتايىن ،ھەم سىزدەك نادىر ئەسەرلەرنى يازالمايمىز.تېما كۆچۈرۈشنى نوقۇل ھالدا كۆچۈرمىچلىك دەپ كۆزىڭىزنى يۇمىۋىلىپ پىكىر قىلسىڭىز مۇۋاپىق بولماس، خېلى ئەزالار بۇ مۇنبەرگەئەزا بولغان بىلەن باشقا مۇنبەرگە ئەزا ئەمەس، تورداشلارنىڭ باشقا مۇنبەردىكى ئەسەرلەرنى كۆچۈرۈپ ئەكىلىپ بۇ مۇنبەرگە چىقىرىشىمۇ بۇ مۇنبەرنىڭ ئاۋاتلىقى ئۈچۈن،تورنىڭ كىرىمىنى مەزكۇر تورغا چىقىغان تورداشلارنىڭ سانى بەلگىلەيدۇ،گەرچە كەڭساينىڭ مۇنبەر قۇرۇشتىكى مەقسىتى پۇل تېپىش بولمىسىمۇ،لېكىن مۇشۇ يەردىن كىلىدىغان كىرىم مۇ مۇنبەرنىڭ ھاياتىي كاپالىتى، سىز نوقۇل ھالدا ئۆزىڭىزنىڭ مۇپەسسەل بىلىملىرى بىلەنلا مۇنبەرنىڭ ھاياتىي كاپالىتىنى يوققا چىقىرىمەن دېسىڭىز،توربەتنىڭ كىرىمىگە كىم كاپالەتلىك قىلىدۇ، مۇشۇ تور بىلەن جان بېقىۋاتقانلار نېمە ئىش قىلىدۇ؟سىز باقامسىز؟
    ئەجدادلىرىمىز ياققان ئوت،بىزنىڭ قولىمزدا ئۆچۈپ قالمىسۇن
    دوستلىشىش
    يالقۇنى
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9195
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 43
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە43دانە
    ئۆسۈش: 30 %
    مۇنبەر پۇلى: 440 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-10-08
    ئاخىرقى: 2011-10-23
    2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-19 12:25

    50-قەۋەت (تاش) نىڭ يازمىسىغا

    ئالدى بىلەن ئىملايىمنى توغرىلاپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت!
    تېما كۆچۈرۈش يالغۇز ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدە ئەمەس،پۈتكۈل يەرشارىدىكى مۇنبەرلەرنىڭ ھەممىسىدە مەۋجۇت،ياخشى تېمىنى باشقا مۇنبەرلەردىن كۆچۈرۈش نوقۇل ھالدا كۆچۈرمىچىلىك ئەمەس ،بەلكى ياخشى تېملارنى كۆپچىلىك بىلەن تېخىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا جامائەت بىلەن ئورتاقلاشتۇرۇش!(ئەلۋەتتە ئەسلى مەنبەنى چوقۇم ئەسكەرتىش كېرەك)
    تورنىڭ تەرەققىياتى نوقۇل ھالدا چېكىلىش قېتىم سانى ئەمەس،بەلكى مۇقىم ئەزالارنىڭ سانى ،مەلۇم تېمىغا چۈشكەن ئىنكاسنىڭ كۆپلىكى،شۇ ئارقىلىق شەكىللەنگەن ئاۋاتلىقى ئارىقىلىق بەلگىلىنىدۇ! بولمىسا تېڭشۇن،بەيدۇ قاتارلىق تور بېكەتلەر مېنىڭ 800يۈز مىليون،600مىليۇن ئابونتىم بار دەپ نېمە ئىش قىلىدۇ،ھەر ئىككىسىنىڭ كۈنلۈك چېكىلىش قېىتىم سانى 100مىليوندىن ئارتىدۇ،ئەزا قوبۇل قىلىپ نېمە ئىش قىلىدۇ؟
    خەنزۇچە تور بېكەتلەرنىڭ ھەممىسىدە تېما كۆچۈرۈشنى چەكلەش ئەمەس بەلكى تېمىنى يۆتكەش(转载)نى تەشەببۇس قىلىدۇ، مەقسەت نادىر تېمىلارنى ھەممە كىشى بىلەن تەڭ بەھىرلەندۈرۈش،شۇ سەۋەبلىك تور بەتلەر تەرەققىي قىلىدۇ!
    [ بۇ يازمىنىيالقۇنى 2011-10-19 13:45قايتا تەھرىرلىدى ]
    ئەجدادلىرىمىز ياققان ئوت،بىزنىڭ قولىمزدا ئۆچۈپ قالمىسۇن
    دوستلىشىش
    يالقۇنى
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9195
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 43
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە43دانە
    ئۆسۈش: 30 %
    مۇنبەر پۇلى: 440 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-10-08
    ئاخىرقى: 2011-10-23
    3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-19 13:45

    ...
    ئەجدادلىرىمىز ياققان ئوت،بىزنىڭ قولىمزدا ئۆچۈپ قالمىسۇن