查看完整版本: [-- باشقۇرغۇچىلارغا ۋە مۇنبەردىكىلەرگە دەيدىغانلىرىم --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> كۆڭۈلدىكى سۆز -> باشقۇرغۇچىلارغا ۋە مۇنبەردىكىلەرگە دەيدىغانلىرىم [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

<<   1   2  >>  Pages: ( 2 total )

تاش 2011-10-14 11:23
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى، ئالدى بىلەن تېنىڭلارغا ئاللاھتىن سالامەتلىك، ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن. مۇبارەك قەلىمىڭلاردىن تۆكۈلگەن ئېسىل يازمىلار بۇندىن كېيىن<<كەڭساي>> ئاسمىنىدا چاقنىسۇن. بارلىق مۇنبەرداشلارغىمۇ ئاللاھ ئاسايىشلىق، ئىشلىرىغا بەرىكەت ئاتا قىلسۇن. ئەمدى كۆڭلۈمدىكى گەپنى دەي:
مەن <<   <كەڭساي> دا ئەدەبىياتنى چۈشىنىدىغانلار قانچىلىك>> دېگەن يازمىنى يېزىپ، بىر قىسىم ئىنكاسلارغا نارازى بولغان بولساممۇ، مۇنبەردە مۇشۇنچىلىك مۇنازىرە بولغىنىدىن خۇشال بولدۇم. مەن ئۇ يازمامدىكى تۆۋەندىكى ئۈچ پىكىرنى يەنە قۇۋۋەتلىگەن ئاساستا گەپ قىلاي. 
3.‹‹كەڭساي››مۇنبىرى ئەدەبىي مۇنبەر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىجادىي ئەسەرلەر كۆپرەك بولۇشى كېرەك ئىدى،بىراق،مۇنبەردە باشقا مۇنبەرلەردىن كۆچۈرۈپ ئەكەلگەن تېمىلار جىق.بۇ ‹‹كەڭساي››مۇنبىرىنى‹‹باشقىلارنىڭ چاپىنىدا تەرلەيدىغان››قىلىپ قويىدۇ.بۇنىڭغا ۋاقتىدا چەك قويۇلىشى كېرەك.
بۇ شۇ يازمامدىكى ئۈچىنچى پىكرىم ئىدى. مەن بۇ پىكرىمنى يەنىلا قۇۋۋەتلەيمەن. چۈنكى ، نۇرغۇن ئەزالىرىمىز باشقا مۇنبەردىن تېما كۆچۈرۈپ، ياخشى بىلىم، ئۇچۇرلارنى بىزگە يەتكۈزگەندەك قىلسىمۇ، بۇنىڭ زىيانلىق تەرىپىمۇ بار، مەسىلەن: بىز كۆچۈرگەن يازمىنى شۇ مۇنبەردىكى ياخشى تېما دېسەك، بۇ مۇنبەرگە كەلگەندىن كېيىن ،ئۇ تېمىنىڭ باشقا مۇنبەردە ئۇزاق تۇرۇشىغا تەسىر يېتىدۇ. چۈنكى ،ئۇ تېمىنى بىز <<كەڭساي>>غا كۆچۈرگەندەك ،باشقىلارمۇ يەنە باشقا مۇنبەرگە كۆچۈرىدۇ-دە، ئۇ ياخشى تېما پاخاللىشىدۇ. يەنە بىرى، بىزنىڭ مۇنبىرىمىزدىكى شۇنداق ياخشى تېمىلارنى كۆچۈرۈشكە كۆنۈپ قالغان ئەزالارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىزدىنىشىگە توسالغۇ بولىدۇ. ئۆزى ئىزدىنىپ كىتاب كۆرمەيدۇ. بۇ ياخشى تەسىر ئەمەس. بەزىلەر شۇنداق ياخشى تېمىلارنى كۆچۈرۈپ ئەكەلسەك، مۇنبەرداشلارنىڭ ئاڭ-سەۋىيەسى ئاشىدۇ دەپ ئويلاپ قالىدۇ، ئەگەر مەسئۇلىيەتچان ئەزا بولسا ئۆزى كىتاب كۆرۈپ، ئىزدىنىپ يېڭى بىلىم، ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈشى كېرەك. چۈنكى، سىز كۆرگەن تېمىنى باشقىلارمۇ كۆرۈشى مۇمكىن، ئۇنداق بولغان ئىكەن، بۇ مۇنبەرگە يەنە ئۇ تېما يوللانسا، مۇنبەرنىڭ زىيارەت قىلىنىشىغا پايدىسىز.
4.‹‹كەڭساي››مۇنبىرىدە بىرتۈركۈم ھىسىياتچان ،كاللىسىغا نېمە كەلسە ئىچىگە يۇتماي دەۋىرىدىغان،باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى بىلمەيدىغان ئەزالار بار.بۇلار ۋاقتىدا تازىلىنىشى ياكى ئۇنداقلار ئۆزىنى سۇراپ مۇنبەردىن چېكىنىشى ۋەياكى ئۆزگىرىشى كېرەك.
بۇ مېنىڭ يازمامدىكى تۆتىنچى پىكىر ئىدى، لېكىن ،بىرقىسىم مۇنبەرداشلار بۇ پىكىرنى خاتا چۈشىنىپ، يەنى <<ئەدەبىياتنى چۈشەنمەيدىغانلار مۇنبەردىن يوقالسۇن >>دەپ چۈشىنىپ  بىرقىسىم ئىنكاسلارنى يازغان. قانداق بولىشىدىن قەتئىنەزەر، مەن يەنىلا بۇ پىكرىمنى قۇۋۋەتلەيمەن. چۈنكى، مۇنبىرىمىزدە ھەقىقەتەن ساددا دىنىي كۆز قاراشقا، ساددا مىللەت قارىشىغا ئېگە ئەزالار بار. بۇلار پەقەت ئاغزىدا سۆزلەپلا قالىدۇ، بەزىلىرىمىز ئۇلار يازغان ئىنكاسلارنى كۆرسەك ئۇلارغا بولغان ھۆرمىتىمىز ئېشىپ كېتىدۇ. يەنە بەزىلىرىمىز ئەنسىرەپ قالىمىز. قېرىنداشلار، مەن كۆپ دەپ كەتتىم، سۆزلىگەن بىلەن، قاينىغان بىلەن بىر ئىش ھەل بولسا بۇ جاھان بۇنداق تۇرمايتتى. بۇنى ئېسىمىزدە چىڭ تۇتايلى. بۇنداق ئىنكاسلارغا باشقۇرغۇچىلارمۇ دىققەت قىلىشى كېرەك. چۈنكى  بۇ ئىنكاسلار مۇنبەرنى جانلاندۇرغاندەك قىلغان بىلەن تەسىرى ياخشى بولمايدۇ. بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرۈش ئاقىللارنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس.
5.‹‹كەڭساي››مۇنبىرىدە ئۇيغۇرتىلىنى ،ئۇيغۇر يېزىقىنى بىلمەيدىغانلار جىق.بۇلارمۇ ياكى ئۇيغۇرتىلىنى ئۆگۈنۈپ بولۇپ مۇنبەرگە كىرىشى ۋەياكى باشقۇرغۇچىلار تەرىپىدىن مۇنبەردىن چىقىرىۋىلىتىشى كېرەك. ئاخىرىنى ئىنكاس شەكلىدە يازىمەن
بۇ مېنىڭ شۇ يازمامدىكى بەشىنچى پىكرىم ئىدى. مەن بۇ پىكرىمنىمۇ قۇۋۋەتلەيمەن. چۈنكى، بىز  ئۆزىمىزنىڭ بۇ مۇنبىرىنى باشقا مۇنبەرلەرگە سېلىشتۇرۇپ ئۇ مۇنبەرلەردىكى يازمىلاردىمۇ ئىملا خاتالىقى بار، بۇ مۇنبەردىكى يازمىلاردا ئىملا خاتالىقى بولسا نېمە بولاتتى دېمەسلىكىمىز كېرەك. <<يازغۇچىلار مۇنبىرى>>نى كۆرىدىغانلار بولساڭلار دىققەت قىلغانسىلەر، ئۇنىڭدىمۇ بىر ئەزا بار، يازمىلاردىكى ئىملا خاتالىقىنى تۈزۈتۈپ تۇرىدىغان. دېمەك، بۇ ياخشى باشلىنىش. ئەمدى ،مۇنبەر قۇرغۇچىسىغا دەيدىغىنىم، باشقۇرغۇچىلارغا بولغان تۈزۈلمىنى يېڭىلاپ، ئۇلارغا بولغان تەلەپنى ئاشۇرسىڭىز، باشقۇرغۇچىلارمۇ ئۆزۈڭلارغا قاتتىق تەلەپ قويۇپ ئاندىن تېما تەستىقلىساڭلار، مۇنبەرگە كۈندە تېما تەستىقلاش شەرت ئەمەس، ئەمما، ياخشى تېما تەستىقلاش شەرت.مۇمكىن بولسا بىرقىسىم ئەسەرلەرنىڭ ئىملا خاتالىقىنى تۈزۈتۈپ  تەستىقلىساڭلار، شۇ جاپايىڭلار ئۈچۈن بولسىمۇ مۇنبىرىمىز باشقا مۇنبەرلەرگە تەسىر كۆرسىتىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. يەنە بۇرۇنقى تېمىلارنى قايتا يوللاۋاتقان ئىشمۇ بار مۇنبەردە.  بۇنىڭغا دىققەت قىلساڭلار. مەسىلەن: <<لۇتفى>>ئەپەندىنىڭ يوللىغان<<لەڭچىلەر قوشىقى>> بۇرۇن مۇشۇ مۇنبەرگە <<توغراق>> ئىسىملىك ئەزا تەرىپىدىن يوللانغان.  دەرسكە ئالدىراپ پىكرىم چېچىلىپ كەتتى. قالغىنىنى ئىنكاس شەكلى ئارقىلىق يىغىنچاقلىساق.

موتۇ 2011-10-14 17:08
تۇرغا   چىقىش  ئەركىنلىكنىمۇ   چەكلەمسىز  ؟  تورغا  چىققانلارنىڭ  ھەممىسى    ئالىي  مەلۇماتلىق  بولشى   ناتايىن  .[ماڭا  ئوخشاش  ]  .ئازراق  بىر  نەرسە   ئۆزلەشتۇرۋالساق   بولا  ؟

جەڭچى 2011-10-14 17:24
بۇ پىكىر ياخشى بىرلىپتۇ ،، كۆپچىلىكنىڭ سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىپ ،،، ئىلمىي پىكىر بىرشىنى ئۈمۈد قىلمەن .. مەنمۇ كۆپ دىقەت قىلدىم ، ھىسياتقا تاينىپ ئىنكاس يازدىغانلار كۆپيىپ قالدى ،،يەنە ئىلمىي پىكىر بەرمەي ئۇرشنىڭ  پىلتىسغا ئوت قويۇپ  ئويۇن كۆردىغانلارمۇ باكەن ،، باشقۇرغۇچىلار سەزگۈرلىكىنى كۈچەيتىپ تازلاشقا تىگىشلىكلەرنى تازلاپ تۇرسا دىگەن ئۈمۈتتىمەن. <شەخسى كۆزقارشىم.>

muhtarbay 2011-10-14 17:28
كەڭسايدا تىما ئىنكاسلار قىرغىنچىققا ئۇچراۋاتىدۇ ھە دىسە ئىنكاس تىمىلارنى ۋەھشى تازلاۋىرىپ تىما ئىنكاسنىڭ تايىنىنى قويماۋاتىدۇ، بۇنداق سەزگۇرلىگى ئىشىپ كەتكەن باشقۇرغۇچىلارنى تەڭشەش كىرەك ،ئۇنداق قىلىۋەرسە دولەتنىڭ ئابرويىنى چۇشۇرگەنلىك بولىدۇ،دولىتىمىزنى پىكىر ئەركىنلىگىنى بوغىدىكەن دىگەندەك ناچار تەسىر بىرىپ قويىدۇ
يەنە بىرگەپ،ھەر خىل ئىپادىلەرنى كوپرەك قوشۇش كىرەك

تاش 2011-10-14 18:13
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى موتۇ نىڭ 2011-10-14 17:08 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
تۇرغا   چىقىش  ئەركىنلىكنىمۇ   چەكلەمسىز  ؟  تورغا  چىققانلارنىڭ  ھەممىسى    ئالىي  مەلۇماتلىق  بولشى   ناتايىن  .[ماڭا  ئوخشاش  ]  .ئازراق  بىر  نەرسە   ئۆزلەشتۇرۋالساق   بولا  ؟

ئۆزلەشتۈرسىڭىز بولىدۇ قېرىندىشىم، ئەمما ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋالغان ئاساستا ئىنكاس يېزىپ، بىلمىگەنلىرىڭىزنى قىسقا ئۇچۇر شەكلى ياكى ئىنكاس شەكلىدە تېما ئېگىسىدىن سوراپ بىلىۋالسىڭىز بولىدۇ.  رەھمەت!

تاش 2011-10-14 18:15
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى muhtarbay نىڭ 2011-10-14 17:28 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
كەڭسايدا تىما ئىنكاسلار قىرغىنچىققا ئۇچراۋاتىدۇ ھە دىسە ئىنكاس تىمىلارنى ۋەھشى تازلاۋىرىپ تىما ئىنكاسنىڭ تايىنىنى قويماۋاتىدۇ، بۇنداق سەزگۇرلىگى ئىشىپ كەتكەن باشقۇرغۇچىلارنى تەڭشەش كىرەك ،ئۇنداق قىلىۋەرسە دولەتنىڭ ئابرويىنى چۇشۇرگەنلىك بولىدۇ،دولىتىمىزنى پىكىر ئەركىنلىگىنى بوغىدىكەن دىگەندەك ناچار تەسىر بىرىپ قويىدۇ
يەنە بىرگەپ،ھەر خىل ئىپادىلەرنى كوپرەك قوشۇش كىرەك

ئەسسالامۇئەلەيكۇم، <<مۇختەرباي>> ئاكا،  بۇ گېپىڭىز تازا جايىغا چۈشمىگەندەك تۇرىدۇ.  يەنىمۇ ئويلىنىپ مېنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىمنى چۈشۈنۈپ بېقىڭ.  

تاش 2011-10-14 18:24
قارىغاندا ،باشقۇرغۇچىلار  بۇ تېمىنى نەزىرىگىمۇ ئالمىغان ئوخشايدۇ.  مۇنبەرداشلارمۇ دىققەت قىلماي ئوقۇغان ئوخشايدۇ. مەن <<دىققەت>>دېگەن سۆزنى <<دىققەر>> دەپ يازسام تۈزىتىلمەپتۇ.  ئۆزۈم يەنە قايتا تەھرىرلەپ قويدۇم.  ئۆتكەندە <<ئويلىنىش >>ئەپەندىنى ئېلىپ كىرگەنتىم مۇشۇنداق قىلىپ  <<ئىملا ساقچى>> لىقىغا.  مۇمكىن بولسا،<< ئىملا ساقچى>>لىرى كۆپەيسە.  چۇقۇم پايدىسىنى كۆرىمىز. ئەگەر مەن مۇنبەر قۇرغۇچىسى بولسام، باشقۇرغۇچىلارغا ھەرقايسى سەھىپىلەرنى بۆلۈپ بېرىپ، ئەڭ ياخشى تېمىلارنى تەستىقلاش، ئىملاسىنى تۈزۈتۈپ تەستىقلاش، تېمىلارنىڭ پاخاللىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ياخشى تېمىلارنىڭ  مۇنبەر يۈزىدىن يوقاپ كەتمەسلىكىگە كېپىللىك قىلىش توغرۇلۇق بۇيرۇق چۈشۈرەتتىم.  نۆۋىتى كەلگەندە  ئۇلارنىڭ  تارتقان جاپايى ئۈچۈن ئازراق  ھەق بېرىشىممۇ مۇمكىن ئىدى.  مەن مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۆزۈمنىڭ ئانا تىلىمغا بولغان ھۆرمىتىمنى ئىپادىلەيتتىم  كىشىلەر <<شىنجاڭ مەدەنىيىتى >>ژۇرنىلىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇغاندەك، <<كەڭساي مۇنبىرى>> نى ياقتۇرۇپ  زىيارەت قىلىدىغان ھالغا كەلتۈرەتتىم.  

تاھىربەگ 2011-10-14 18:37
مۇشۇنداق قىىلىپ  <<ئىملا ساقچى>> لىقىغا

muhtarbay 2011-10-14 18:39
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى تاش نىڭ 2011-10-14 18:15 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :

ئەسسالامۇئەلەيكۇم، <<مۇختەرباي>> ئاكا،  بۇ گېپىڭىز تازا قايىغا چۈشمىگەندەك تۇرىدۇ.  يەنىمۇ ئويلىنىپ مېنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىمنى چۈشۈنۈپ بېقىڭ.  

ۋەئەلەيكۇم ئەسسەلام  ،مەن سىزنىڭ تىمىڭىزنىڭ باناسىدا مۇنبەرگە بولغان پىكىر تەلەپلىرىمنى ۋە ھىس قىلغانلىرىمنى ئوتتورىغا قويغانتىم.مۇشۇ تىما ئاستىغا، ھەممە قۇشلار بەس بەستە سايراپ ھەممە ئېقىم بەس بەستە ئىچىلسا ،توغرا بولدىما ئاخىرى، ئىسىمدىن چىقىپ قاپتۇ ئاۋۇ قاپقاننىڭ ئاخىرقى مىسراسى....

abdul 2011-10-14 19:15
سىز نىڭچە ياخشى ئەھمىيەتلىك تىمىلارنى كۆرگەنلەر  كۆرېۋېرىپ كۆرمىگەنلەر كۆرمەي كىتىۋېرىدىكەندە
سىزنىڭچە ھەممە ئادەم كىتاپ كۆرۈپ ئاندىن تىما يوللىسا بولىدىكەندە مىنىڭچە ھەممە ئادەمنىڭ كىتاپ كۆرۈپ ئولتۇرەۇدەك ۋاقتى يوقمىكىن دەيمە
ھازىرچە مۇشۇنچىلىك سۆزلەپ تۇراي

natsist 2011-10-14 19:22
مەن 4- پىكىرىڭىزنى قۇۋەتلەيمەن

جەڭچى 2011-10-14 19:44
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 9قەۋەتتىكى abdul نىڭ 2011-10-14 19:15 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  Re  ئاپتۇرغا :
سىز نىڭچە ياخشى ئەھمىيەتلىك تىمىلارنى كۆرگەنلەر  كۆرېۋېرىپ كۆرمىگەنلەر كۆرمەي كىتىۋېرىدىكەندە
سىزنىڭچە ھەممە ئادەم كىتاپ كۆرۈپ ئاندىن تىما يوللىسا بولىدىكەندە مىنىڭچە ھەممە ئادەمنىڭ كىتاپ كۆرۈپ ئولتۇرەۇدەك ۋاقتى يوقمىكىن دەيمە
ھازىرچە مۇشۇنچىلىك سۆزلەپ تۇراي

ئىملاغا دىققەت قىلسىڭىز .

3=1+1 2011-10-14 20:04
مىنىڭچە باشقا مۇنبەردىكى پايدىلنىش قىممىتى بار نەرسىلەرنى بۇ مۇنبەر گە ئەكەلسە زىينى يوق دەيمەن !!
مەسلەن : بىر بۇرادىرمىز <<مۇسۇلمانچە ساختا يىمەكلىكلەر>>دىگەندەك تىمىنى <<قارماي مۇنبىرى>>دىن كەڭ سايغا يوللاپتۇ!(ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن شۇ قىرىندىشمغا)  يەنە ھارام يىمەكلىكلەر نىڭ خەنزۇچە .ئۇيغۇرچە ئاتىلشى دىگەندەك ئىشنى قىلىپ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ يىمەك -ئىچمىكىگە ،كىيىم كىچىكىگە، ئىقدىسادى ئەھۋالىغا، ئىجدىمائى تۇرمۇش،سىياسەت(دىھقانلارنىڭ تۇرالغۇ،داۋالىنىشقا ئائىت ئىسلام ۋە ئۇيغۇر جەميتىدىكى يارقىن نوقتا ۋە مەسلىلەر گەۋدىلەندۇرگەن تىمىلار ئۇيغۇر مۇنبەرلىرنىڭ ھەممىسىدە نور چىچىپ تۇرشىنى بەك بەك ئۆمۇد قىلمەن !

بىزمۇ جۇڭگۇنى دوراپ ئىسلاھات دەرۋازىسىنى يوغان ئىچۋىتىشىمىز بىكىنمىچىلىك قىلماسلىقىمىز لازىم !!

سىز نىڭ مۇنازىرە ئەخلاقى، ئىملا خاتالىقى ، بىر قىسىم <<ئاغزى ئىتتىك>> كۆكەمە ئەزالار توغرىسىدىكى قارشىڭىز غا مەنمۇ قوشۇلمەن !   

 تېمىڭىزغا رەھمەت

abdul 2011-10-14 20:27
يېزىشقا ئالدىراپ ئىملاغا دىققەت قىلماپتىمە
 بۇندىن كىيىن بۇندىن كىيىن دىققەت قىلاي
كۆرسەتمە بەرگىنىڭىز گە رەھمەت

ئەلى 2011-10-14 20:49
ئەسسالامۇ  ئەلەيكۇم~~كەڭساي مۇنبىرى ئۇيغۇر مۇنبەرلىرى ئىچىدىكى پىكىر ئەركىنلىكى ئەڭ ياخشى مۇنبەر.
باشقۇرغۇچىلارمۇ شۇنداق ياخشى.پايدىنىلىنىش قىممىتىلا بولىدىكەن نەدىنلا كۆچۈرۈپ كەلسە ئوخشاش.پەقەت باشقىلارغا پايدىسى بولسىلا بولدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر كىشى نۇرغۇن مۇنبەرگە ئەزا بولۇشى مۇمكىن.بىر تېمىنى بىرلا ۋاقىتتا ئۆزى ئەزا ھەممە مۇنبەرگە بىراقلا يوللايدىغان ئىشلارمۇ ھەم كۆپ.شۇڭا بۇ تەرەپتىن بەك ئەنسىرەپ كېتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ ئويلايمەن.
پاخال ئىنكاسلارنى تازىلاپ تۇرۇشنى مەن قوش قوللاپ قۇۋەتلەيمەن.بولۇپمۇ ئادەم تىللايدىغان ۋە قۇرۇق چىراي ئىپادىسىلا يوللانغان ئىنكاسلارنى دەرھال تازىلاش كېرەك.ئاغزىدىن سەت گەپ چىقىدىغان كىشىنىڭ مۇنازىرە قىلىش سالاھىيىتى يوق دەپ قارايمەن.

samanyoli 2011-10-14 21:58
تاش ئەپەندى ،،،،،،،،،قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ مۇنبەر ئۈچۈن پىكىر تەكلىپلەرنى ئوتىرىغا قويغىنىڭىزدىن ئىنتايىن خۇشالمىز،،،،،،،،،،،،،سىز دىگەن مەسىلىلەرگە مەنمۇ ئۆز كۆز قاراشلىرىمنى سۆزلەپ ئۆتەي،،
بىرىنچى پىكرىڭىزگە-كۆچۈرۈپ كەلگەن تىمىلارنى ئىمكانقەدەر چەكلەۋاتىمىز،،لېكىن شۇنداقتىمۇ بەزى تىمىلارنى يەنىلا مۇنبەرگە چىقىرىپ تۇردۇق ،،مەن ئۆزۈمنىڭ كۆز قارىشىمنى دىسەم بۇنداق قىلىشتىكى مەخسەت ،بىرىنچىدىن تەربىيىۋى ئەھمىيىتى كۈچلۈك تىمىلار نەدىن كېلىشىدىن قەيەرلەردە بولىشىدىن قەتئىنەزەر يەنىلا كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ،،ئىككىنچىدىن بەزى تىمىلار باشقا مۇنبەرلەردىن ئېلىپ كېلىنگەن  تەقدىردىمۇ كەڭساينىڭ كۆنگەن ئەزالىرى باشقا مۇنبەرلەردە مۇنازىرە  قىلىشىپ يۈرمەيدىغان (بۇ مېنىڭ پەرىزىم ،توغرىسنى بىلگۈچى ئاللاھ) بولغاچقا مەزكۇر تىمىنى كەڭسايلىقلارنىڭ مۇنازىرىسىگە تاشلاش سەۋەبىدىن تەستىقلاپ چىقىرىلىۋاتىدۇ،،،،،
ئىككىنچى پىكرىڭىزگە-مۇنبەردە سىز دىگەندەك ساددا دىنى ھىسسىياتقا ئىگە مۇسۇلمانلار بولىشى مۇمكىن ،لېكىن ئۇ مۇھىم ئەمەس ،نىمىلا بولىشىدىن قەتئىنەزەر ھەقنى چۈشەنگەن بولسىلا ئۇلار بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز،،،ھەممىلا ئادەمنىڭ پىشقان سىياسىئونلاردەك پىكىر قىلىپ كېتىشى ناتايىن ،ئاستا ئاستا بولىدۇ بەزى ئىشلار ،،،،ئۇلارمۇ ئاللاھ خالىسا سىز ئۈمىت قىلغاندەك سەۋىيەگە چىقىپ قېلىشى مۇمكىن ،،، گەپ سۆزلەردىكى مەلۇم بىر نۇقساننى دەپلا ئۇلارنى مۇنبەردىن تازىلىۋەتسەك ،ياكى ئۆزۈڭنى بىلىپ چىقىپ كەت دەپ بېسىم قىلساق بۇ تولىمۇ تەڭسىزلىك بولىدۇ،،،،بۇنداق تەڭسىزلىك كەڭساي روھىغا خىلاپ ،ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ قالايمىقان ئىنكاسلىرىنى ئۆچۈرۈشكە بولىدۇ ،لېكىن ئەزانىڭ ئۆزىنى ئۆچۈرۈشكە بولمايدۇ،
ئۈچىنچى پىكرىڭىزگە-ئىملا خاتالىقىنى چوقۇم چىڭ تۇتۇپ تۈزەش كېرەك،بۇ ئەلۋەتتە بىر ئۆزرىسىز مەسىلە ،،،،تىما يوللۇغۇچىلار ئۆزى تۈزەپ يوللىسا بەك ياخشى بولاتتى،،لېكىن ئەزالارمۇ سەل قاراۋاتىدۇ ،بىزمۇ يېتىشىپ بولالمايدىكەنمىز،تالا تۈزدە نۇرغۇن ئىشلىرىمىز بار،ئىشلار تۈگىگەندە ،ئۆيگە قايتقاندا ئاندىن مۇنبەرگە چىقىپ كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە مۇلازىمەت قىلىۋاتىمىز،،،
ئەمدى تىمىلارنىڭ قايتا يوللۇنۇش مەسىلىسىگە كەلسەك بۇ بىر ۋاقتىدا بايقىماسلىق سەۋەبىدىن ياكى كونا تىمىنى كۆرمەي قالغانلىقتىن بولغان ئىش ،،بۇنىڭ كارايىتى چاغلىق،،،،،،
ئاخىرىدا سىزگە دەيدىغنىم ،،ئىملا خاتالىقى كۆرۈلگەن تىمىلارنىڭ ۋە ئىنكاسلارنىڭ يوللۇغۇچىسىنى ھەدىگەندىلا گەپتە ئۇرۇۋالغىلى ئالدىرىماي ئۇلارغا مۇنبەر ئۇچۇر سېستىمىسى ئارقىلىق ئۇچۇر قالدۇرۇپ قويۇڭ،،،شۇنداق قىلىش ئەڭ توغرا ،مېنىڭچە،
،ئىملا خاتالىقى كۆرۈلۈپ قالسا تاش ئەپەندى كايىپ كېتەرمۇ دەپ ئىنكاس يازالمىسا ،گەپ سۆزلىرىمىز خەققە قىڭغىر بىلىنىپ قالارمۇ دەپ ئەسلى ئىنكاس يازالمىسا ،بۇ ئانچە ياخشى ئەھۋال ئەمەس،،،،

خامۇش 2011-10-14 22:09
سامان يولى قېرىندىشىمىز ھەقىقەتەن ئورۇنلۇق پىكىر قىپتۇ، قوللايمەن!

xahla91 2011-10-14 22:21
سىزگە تەكلىۋىم ئالدى بىلەن كەڭساينىڭ قايسى خارەكتىردىكى مۇنبەر ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرىۋىلىڭ !
كەڭساي ئەدەبىيات مۇنبىرى ئەمەس بەلكى مۇنازىرە مۇنبىرى .خاس مۇنبەر بىلەن ئۈنۋىرسال مۇنازىرە مۇنبەرلىرىنىڭ روشەن پەرقى بولىدۇ ، خاس مۇنبەرلەردە مۇنبەر خاسلىقى تۇتقۇ قىلىنىپ ئۇنۋىرسال تېمىلارغا بەك جىق سەھىپە ئاجىرتىلمايدۇ ، شۇ سەۋەپتىن خاس مۇنبەرلەرنىڭ تېمىلىرىدىن ئۇنۋىرسال مۇنبەرلەرنىڭ تېمىلىرى سەر خىل بولىدۇ ، بەزى ئەزالار باشقا مۇنبەرلەردە كۆرۈپ كەڭسايدىكى مۇنازىرە كەيپىياتىغا ماس دەپ قارىغان تېمىلارنى بۇ جايغا يۆتكەيدۇ ، بۇنداق تېمىلار قانۇنغا خىلاپ بولمىسىلا چەك قويماسلىق كېرەك ،
ئەزالارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى ئوخشاش بولمايدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھېچ كىم ھېچكىمگە كىتاپ ئوقۇ ، ياكى ئىجادىي تېما يوللا دەپ بەلگىلەپ بېرەلمەيدۇ، مۇنبەر ھەممىزگە ئورتاق ئائىلە ، ھەر كىم ئۆز يولىدا تىگىشلىك نېسىۋىسىگە ئېرىشىدۇ ،
دىنىي تېمىلار ، ئىنكاسلارمۇ ئۆز يولىدا مۇنبەرنىڭ يارىشىقى ، چۈنكى ھەمىمىز دىنىم ئىسلام دىگۈچىلەر ئەمەسمۇ ! ئەقىل كۆزىمىزدە قاراپ قۇبۇل قىلىشقا تىگىشلىكىنى قۇبۇل قىلىۋالساق بۇمۇ بولغىنى .
ئەزالار يامان غەرەزدە بولمىسىلا چەكلەشكە بولمايدۇ ، مۇنبەرنىڭ ئۆز ئالدىغا بىر يۈرۈش چەكلىمىلىرى بار شۇ چەكلىمىگە خىلاپلىق قىلمىسا ، قانۇنسىزلىق قىلمىسا چەكلىمەسلىك كېرەك ، بولمىسا مۇنبەرنىڭ دىمۇكىراتىك مۇنازىرە مۇنبەرلىكى قەيەردە قالدى ؟
ئىملا توغۇرلۇق ياخشى گەپ قىلىپسىز ، مۇمكىن بولسا كۆرگەن جايىڭىزدا (يازغۇچىلار مۇنبىرى)دىكىدەك توغۇرلاپ ماڭسىڭىز ھەمىمىز سىزدىن مىننەتدا بولىمىز !
قىزىققانلىق بىلەن قايناپ بەرگەن پىكرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر .

ئىزباسار 2011-10-14 23:07
مەن شەھلانىڭ پىكىرىنى قوللايمەن. ئۇرۇنلۇق پىكىر.
تاش ئەپەندى. سىزنىڭ بۇ تىمىڭىزغا يەنە ئىنكاس يېزىپ ئولتۇرمايمەن. سىزنىڭ ئويلىغىنىڭىزدەك بەزى ئىشلارنى تۈزىشىڭىز ئۈچۈن ئۇزىڭىز بىر مۇنبەر ئاچمىسىڭىز مەقسىتىڭىزگە يىتەلمەيسىز.....
راستىمنى دىسەم سىز بۇ مۇنبەرگە زايا بۇلۇپ كىتىگلىك. سىزنىڭ بىلىمىڭىز بارابىرىدە بىلىمى بارلار بەلكىم بولماسلىقى مۇمكىن.  شۇڭا سىز ئارتۇقچە ئىشلارنى ئويلاپ كەتمەڭ. سىز بۇ مۇنبەرگە يىڭى تېخى. بۇ مۇنبەرنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتىدىن تارتىپ  يولغا قۇيلىۋاتقان ئىشلارنى ئۆزگەرتىمە دىيشىڭىز بەلكىم سىز ئۈچۈن ئاۋارىچىلىقتۇر. بۇ مۇنبەرنىڭ قۇرغۇچىسى كەڭساي ئەپەندىممۇ ئۆزى بىلىپ يولغا قويغان ئىشلار بۇ. بۇ مۇنبەرنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى ئىسمى جىسمىغا لايىق «كەڭساي» مۇنبىرى. بۇ مۇنبەرددىكى خاسلىق باشقا مۇنبەرلەردە بەلكىم بولماسلىقى مۇمكىن... بەلكىم سىزمۇ بۇ «خاسلىق»نى سەزگەن بۇلىشىڭىز مۇمكىن. ئەگەر سىز دىگەندەك ئىشلار ئەمىللىشىپ قالسا مۇنبەر چۆلدەرەپ قېلىشى مۇمكىن. چۈنكى بۇ مۇنبەردە سىزدەك«زىيالىي»لار ساناقلىقلا....
سىزنىڭ بۇ تىمىدىكى «ئىملا توغۇرلاش» توغۇرلۇق پىكرىڭىزنىلا قۇۋەتلەيمەن. سىزنىڭچە ھەممە ئادەم ئوخشاش بولسا بۇلىدىكەندە. سىز «كاپراتسىيە»نى قايتا قۇرماقچىمۇ قانداق؟
ھەممە ئادەم ئۆزى بىلگەنلىرىنىلا يازىدۇ. مۇنبەر ئارقىلىق خاتالىقلىرىنى تۈزەيدۇ.
سىزنى باشقۇرغۇچى قىلىپ تەھرىر ھۇقۇقىنىلا بەرسە خىزمىتىڭىزنى ياخشى جارى قىلدۇرسىڭىز مەن ۋە باشقا قېرىنداشلار سىزنى نامزاتلىققا كۆرسىتەيلى...

تاش 2011-10-15 01:09
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 9قەۋەتتىكى abdul نىڭ 2011-10-14 19:15 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل Re  ئاپتۇرغا :
سىز نىڭچە ياخشى ئەھمىيەتلىك تىمىلارنى كۆرگەنلەر  كۆرېۋېرىپ كۆرمىگەنلەر كۆرمەي كىتىۋېرىدىكەندە
سىزنىڭچە ھەممە ئادەم كىتاپ كۆرۈپ ئاندىن تىما يوللىسا بولىدىكەندە مىنىڭچە ھەممە ئادەمنىڭ كىتاپ كۆرۈپ ئولتۇرەۇدەك ۋاقتى يوقمىكىن دەيمە
ھازىرچە مۇشۇنچىلىك سۆزلەپ تۇراي

كىتاب كۆرۈشكە ۋاقتى يوق ئادەمنىڭ مۇنبەر كۆرۈشكە ۋاقتى چىقامدۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولىدىكەن، ئۇ ئادەم مۇنبەرگە ياخشىچاق بولغىلى كىرگەن بولىدۇ.  سىزگە بۇنىڭدىن ئارتۇق گەپ يوق. قېرىندىشىم.

تاش 2011-10-15 01:20
ئەپەندى، سىزنىڭمۇ سەمىمىي پىكىر-تەكلىپلەرنى بەرگىنىڭىزگە ۋە ياخشى چۈشەنچە بەرگىنىڭىزگە رەھمەت! بەزىدە ئازراق قاتتىقلىق قىلمايمۇ بولمايدۇ. شۇنداق قىلساق تەنقىدكە ئۇچرىغان ئەزا مۇنبەرگە ھەقىقىي يۈرىكىدىن كىرگەن بولسا  تۈزىتىدۇ ياكى تۈزۈتۈشكە تىرىشىدۇ.  ئەگەر ئىچ پۇشۇقى ئۈچۈن كىرگەن بولسا  يەنە ئۆزىنىڭ سەنىمىگە دەسسەۋېرىدۇ. بۇ ئارقىلىق بىز ئەزالىرىمىزنىڭ ئەھۋالىنى ئېگەللىيەلەيمىز.  پىسخىك جېڭى قىلىپ باققانمۇ سىز؟

تاش 2011-10-15 01:26
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 17قەۋەتتىكى xahla91 نىڭ 2011-10-14 22:21 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
سىزگە تەكلىۋىم ئالدى بىلەن كەڭساينىڭ قايسى خارەكتىردىكى مۇنبەر ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرىۋىلىڭ !
كەڭساي ئەدەبىيات مۇنبىرى ئەمەس بەلكى مۇنازىرە مۇنبىرى .خاس مۇنبەر بىلەن ئۈنۋىرسال مۇنازىرە مۇنبەرلىرىنىڭ روشەن پەرقى بولىدۇ ، خاس مۇنبەرلەردە مۇنبەر خاسلىقى تۇتقۇ قىلىنىپ ئۇنۋىرسال تېمىلارغا بەك جىق سەھىپە ئاجىرتىلمايدۇ ، شۇ سەۋەپتىن خاس مۇنبەرلەرنىڭ تېمىلىرىدىن ئۇنۋىرسال مۇنبەرلەرنىڭ تېمىلىرى سەر خىل بولىدۇ ، بەزى ئەزالار باشقا مۇنبەرلەردە كۆرۈپ كەڭسايدىكى مۇنازىرە كەيپىياتىغا ماس دەپ قارىغان تېمىلارنى بۇ جايغا يۆتكەيدۇ ، بۇنداق تېمىلار قانۇنغا خىلاپ بولمىسىلا چەك قويماسلىق كېرەك ،
ئەزالارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى ئوخشاش بولمايدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھېچ كىم ھېچكىمگە كىتاپ ئوقۇ ، ياكى ئىجادىي تېما يوللا دەپ بەلگىلەپ بېرەلمەيدۇ، مۇنبەر ھەممىزگە ئورتاق ئائىلە ، ھەر كىم ئۆز يولىدا تىگىشلىك نېسىۋىسىگە ئېرىشىدۇ ،
دىنىي تېمىلار ، ئىنكاسلارمۇ ئۆز يولىدا مۇنبەرنىڭ يارىشىقى ، چۈنكى ھەمىمىز دىنىم ئىسلام دىگۈچىلەر ئەمەسمۇ ! ئەقىل كۆزىمىزدە قاراپ قۇبۇل قىلىشقا تىگىشلىكىنى قۇبۇل قىلىۋالساق بۇمۇ بولغىنى .
ئەزالار يامان غەرەزدە بولمىسىلا چەكلەشكە بولمايدۇ ، مۇنبەرنىڭ ئۆز ئالدىغا بىر يۈرۈش چەكلىمىلىرى بار شۇ چەكلىمىگە خىلاپلىق قىلمىسا ، قانۇنسىزلىق قىلمىسا چەكلىمەسلىك كېرەك ، بولمىسا مۇنبەرنىڭ دىمۇكىراتىك مۇنازىرە مۇنبەرلىكى قەيەردە قالدى ؟
.......

يۇقىرىقى گەپلەردىن سىزنىڭ بىرخىل مەسئۇلىيەتتىن قېچىش خارەكتىرىڭىز چىقىپ قالغاندەك قىلىدۇ.  خاتا ئويلىۋالغان بولسام كەچۈرۈڭ!مەنمۇ مۇشۇ مۇنبەرنىڭ ئەزاسى.  كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمەن سەرخىل تېمىلارنى، ئونىۋېرسال تېمىلارنى.

تاش 2011-10-15 01:34
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 18قەۋەتتىكى ئىزباسار نىڭ 2011-10-14 23:07 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مەن شەھلانىڭ پىكىرىنى قوللايمەن. ئۇرۇنلۇق پىكىر.
تاش ئەپەندى. سىزنىڭ بۇ تىمىڭىزغا يەنە ئىنكاس يېزىپ ئولتۇرمايمەن. سىزنىڭ ئويلىغىنىڭىزدەك بەزى ئىشلارنى تۈزىشىڭىز ئۈچۈن ئۇزىڭىز بىر مۇنبەر ئاچمىسىڭىز مەقسىتىڭىزگە يىتەلمەيسىز.....
راستىمنى دىسەم سىز بۇ مۇنبەرگە زايا بۇلۇپ كىتىگلىك. سىزنىڭ بىلىمىڭىز بارابىرىدە بىلىمى بارلار بەلكىم بولماسلىقى مۇمكىن.  شۇڭا سىز ئارتۇقچە ئىشلارنى ئويلاپ كەتمەڭ. سىز بۇ مۇنبەرگە يىڭى تېخى. بۇ مۇنبەرنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتىدىن تارتىپ  يولغا قۇيلىۋاتقان ئىشلارنى ئۆزگەرتىمە دىيشىڭىز بەلكىم سىز ئۈچۈن ئاۋارىچىلىقتۇر. بۇ مۇنبەرنىڭ قۇرغۇچىسى كەڭساي ئەپەندىممۇ ئۆزى بىلىپ يولغا قويغان ئىشلار بۇ. بۇ مۇنبەرنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى ئىسمى جىسمىغا لايىق «كەڭساي» مۇنبىرى. بۇ مۇنبەرددىكى خاسلىق باشقا مۇنبەرلەردە بەلكىم بولماسلىقى مۇمكىن... بەلكىم سىزمۇ بۇ «خاسلىق»نى سەزگەن بۇلىشىڭىز مۇمكىن. ئەگەر سىز دىگەندەك ئىشلار ئەمىللىشىپ قالسا مۇنبەر چۆلدەرەپ قېلىشى مۇمكىن. چۈنكى بۇ مۇنبەردە سىزدەك«زىيالىي»لار ساناقلىقلا....
سىزنىڭ بۇ تىمىدىكى «ئىملا توغۇرلاش» توغۇرلۇق پىكرىڭىزنىلا قۇۋەتلەيمەن. سىزنىڭچە ھەممە ئادەم ئوخشاش بولسا بۇلىدىكەندە. سىز «كاپراتسىيە»نى قايتا قۇرماقچىمۇ قانداق؟
ھەممە ئادەم ئۆزى بىلگەنلىرىنىلا يازىدۇ. مۇنبەر ئارقىلىق خاتالىقلىرىنى تۈزەيدۇ.
.......

ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بۇرادەر، ئىشلارنى ئارتۇقچە ئويلاپ كېتىۋاتقان مەن ئەمەس، بەلكى مۇنبەردىكى سىزگە ئوخشاش بىرقىسىم ئەزالار.  شۇڭا مەن ھەقىقەتنى ئېتىراپ قىلالىغانلار ئەمىلىيەتنىمۇ ئېتىراپ قىلالىشى كېرەك دېگەنمەن. يەنە بىرى، بۇ مۇنبەرگە مەن يېڭى ئەمەس،  سىز يېڭى. بولمىسا، مۇنبەرگە كىرگەن ۋاقتىمىزغا قاراڭ! بۇ يەردە <<زىيالىي>>توغرۇلۇق گەپ بولمايۋاتىدۇ، شۇڭا ئۇنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ كېتىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. مەن مۇنبەردە ھەممەيلەن ئوخشاش بولايلى، ئوخشاش پىكىر قىلايلى دېمىدىم. خاتا چۈشۈنۈپ قاپسىز.  ياخشى ئويلىنىڭ! شۇڭا ئۇ <<كاپراتسىيە>>لىرىڭىزنى ئۆزىڭىز قۇرۇۋېلىڭ!

muslima32 2011-10-15 01:50
ۋەئەلەيكۇم ئەسالام بۇ مۇنبەر ھازىرمۇ ناھايتى ياخشى كىتىپ بارىدۇ، تاش قېرىندىشىمىزنىڭ ئىملانى توغرا يازايلى دىگن سۆزى ئۇرۇنلۇق لىكىن باشقا مۇنبەردىن تىما يۆتكەپ كەلسە يولىماسلىق دىگەن سۆزىگە بىز تازا قايىل ئەمەس چۈنكى نۇرغۇن يېڭىدىن مۇنبەرەە كىرگەن قېرىنداشلىرىمىز بار ئۇللار بەلكىم مۇشۇ مۇنبەرگىلا كىرىپ باشقا مۇنبەرگە ئانچە جېق كىرمەسلىگىمۇ مۈمكىن ،چۈنكى بۇ يەردە ۋاقىت مەسىلسىمۇ ناھايتى مۇيىم ئۇرۇندا تۇردۇ. شەخسەن مەن ئۈزەمنى ئېپ ئېيتساممۇ بۇرۇن بۇمۇنبەرگە ئەزا بولماستا ئالكۈيىگە، قۇياشقا ، مىسرانىم مۇنبەرلىرىگە كۆپ كىرەتتىم قاچان بۇمۇنبەرگە ئەزا بولدۇم شۇنىڭدىن كىيىن باشقا مۇنبەرلەرگە ئانچە كىرمەس بۇلۇپ قالدىم چۈنكى بۇ مۇنبەردىن بىز ئىھتىياجلىق تېمىلار نىڭ ھەممىسى مۇشۇ مۇنبەردە بار.باشقۇرغۇچىلارنىڭ ياردىمدە شۇنداقلا تاھىر  قاتارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مول مەزمۇنلۇق تىمىلىردىن ئۇزۇق ئېلىۋاتىمىز ،
ۋاقىت مەسىلسىگە كەلسەك بولۇپمۇ بىز ئاياللارنىڭ ۋاقتى تازامۇقۇم ئەمەس بىز ۋاختىمىزنى بىر نەچچە مۇنبەرلەرگە ئاجىرتالمايمىز، مىنىڭ پىكرىم بۇمۇنبەر بۇنىڭدىن كىيىنمۇ يەنىلا ھازىر قىدەك داۋاملاشسا دىگەن ئۈمۈتتىمەن.
مۇنبەرداشلار يەنەبىر گەپ  بۇ مۇنبەردە ئىسلامى تىمىلارنى ئانچە ياختۇرۇپ كەتمەيدىغان بىر قانچە مۇنبەرداشلىرىمىز بار ئىكەن ، بۇ مۇنبەرگە كۆز تەگمىسە بۇللاتتى، ئەي ئۇللۇغ رەببىم شۇنداقلارنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرگەيلا،

رەسسام 2011-10-15 11:57
قىرىندىشىم تاش،،پىكىرلىڭىز ئۇرۇنلوق سىزنىڭ كەڭساي ئۇچۇن بۇنچىلىك باش قاتۇرۇرغنىڭىزغا تەشەككۇر،،،
--سىز باشتىن ئاخر ئىملا مەسلىسىنى ئۇتتۇرغا قۇيۋاتسىز،،،،،مىنىڭچە نۇرغۇن قىرىنداشلەرمىز كۇمپىيۇتۇردا ئۇيغۇرچە خەت بىسشنى ئاران ئۇگەندى(مەنمۇ شۇ)،،،سىز نەشىريات ئۇرۇنلىرى تەرپىدىن تەھرىلەپ نەشىر قىلىپ چىقىلدىغان گزىت-ژۇرناللارغا قۇيۇلدىغان ئىملا جەھەتتىكى يۇقۇرى تەلەپنى كەڭسايدىكى قىرىنداشلارغا قۇيسىڭىز،،،بۇلارنى قىيىن ئەھۋالغا چۇشۇرۇپ قۇيغان بۇلسىز،،،مىنىڭچە مۇنبەردىكى تىمىلارغا تەلەپ يۇقۇرراق بۇلسا ئىمكان بۇلسا باشقۇرغۇچىلار تەھرىلەپ قۇيسا لىكىن ئىناسلارنىڭمۇ ئىملا خاتالىقىغا قاراپ ئۇلتۇرساق بەك كۇپ ئىشى بۇلوپ كىتەمدىكىن دەپ ئۇيلىدىم،،،!

xahla91 2011-10-15 13:10
سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى مەسئولىيەت زادى قانداق بۇنى بىلمىدىم ،  بىراق سىز قىزىل رەڭدە بوياپ قويغان  خېتىم زادى قانداق مەسئولىيەتسىز خارەكتىرىمنى ئىپادىلەپتۇ ، ئېنىڭ شەرھىلەڭ!

ئۇيغۇرۇم 2011-10-15 16:24
بىر ئېغىز گەپ بىلەن يىغىنچاقلىسام:
يولدىن چىقما خاندىن قوقما
مەن مۇنداق دەيمەن:
ئەقىلىڭ بىلەن كۈچلەن،تەدبىرىڭ بىلەن مۇش ئات
ئەنە شۇندىلا ئالدىڭدا يىقىلغىنى دەل سىنى بوزەك قىلغان <<دۇنيا>> ئىكەنلىكىنى بايقايسەن ...
- زامانى

saifulla 2011-10-15 17:22
4 .‹‹كەڭساي››مۇنبىرىدە بىرتۈركۈم ھىسىياتچان ،كاللىسىغا نېمە كەلسە ئىچىگە يۇتماي دەۋىرىدىغان،باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى بىلمەيدىغان ئەزالار بار.بۇلار ۋاقتىدا تازىلىنىشى ياكى ئۇنداقلار ئۆزىنى سۇراپ مۇنبەردىن چېكىنىشى ۋەياكى ئۆزگىرىشى كېرەك).
مۇشۇنى يازغان ئادەمنىڭ ئۆزىنى تازلاش كېرەك!!!!

ansar514 2011-10-15 18:25
خۇدىكى بار موللام تەرلەيدۇ.  مىنىڭچە گەپتە يىڭىلىپ قىلىپ غۇم ساقلىساقمۇ بولمايدۇ.لىكىن ساراڭلىق قىلىپ ئۆزگىپىمىز خاتا تۇرسىمۇ يورغىلتىيۋەرسەك تىخمۇ بولمايدۇ.توغرا !ئۆزمىزدە بارنى تۇزتەيلى.بولمىسا سۇكۇت.لىكىن ئىملا خاتالىقىغا دىققەت قىلايلى! بىراق ئەخلەت تىما دەپ باشقىلارنىڭ پىكىرىنى ئىلمىغىنىمىز بولمىدى.خاتاسىنى تۇزتۇپ بىرەيلى .كىم بىلدۇ بىزنىڭ بۇ سورۇتلۇق تىمىلىرمىزمۇ تىخى داڭلىق ئەدىپلەرگە ئەخلەت كۆرنەمدۇ تىخى.خۇددى دىھقانغا ئىشەك،بىكخامغا پۇتپۇل موھىم بولغىندەك.دەپ باقلى تۇزتىپ بىقىڭلار.يا تۇزتەممىسەڭلار تۇزلۇپ بىقىڭلار .ئاللاھ ئۆزى نەتىيجىنى بىردۇ بىركۇن!

تاش 2011-10-16 11:21
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 24قەۋەتتىكى رەسسام نىڭ 2011-10-15 11:57 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
قىرىندىشىم تاش،،پىكىرلىڭىز ئۇرۇنلوق سىزنىڭ كەڭساي ئۇچۇن بۇنچىلىك باش قاتۇرۇرغنىڭىزغا تەشەككۇر،،،
--سىز باشتىن ئاخر ئىملا مەسلىسىنى ئۇتتۇرغا قۇيۋاتسىز،،،،،مىنىڭچە نۇرغۇن قىرىنداشلەرمىز كۇمپىيۇتۇردا ئۇيغۇرچە خەت بىسشنى ئاران ئۇگەندى(مەنمۇ شۇ)،،،سىز نەشىريات ئۇرۇنلىرى تەرپىدىن تەھرىلەپ نەشىر قىلىپ چىقىلدىغان گزىت-ژۇرناللارغا قۇيۇلدىغان ئىملا جەھەتتىكى يۇقۇرى تەلەپنى كەڭسايدىكى قىرىنداشلارغا قۇيسىڭىز،،،بۇلارنى قىيىن ئەھۋالغا چۇشۇرۇپ قۇيغان بۇلسىز،،،مىنىڭچە مۇنبەردىكى تىمىلارغا تەلەپ يۇقۇرراق بۇلسا ئىمكان بۇلسا باشقۇرغۇچىلار تەھرىلەپ قۇيسا لىكىن ئىناسلارنىڭمۇ ئىملا خاتالىقىغا قاراپ ئۇلتۇرساق بەك كۇپ ئىشى بۇلوپ كىتەمدىكىن دەپ ئۇيلىدىم،،،!

ئەسسالامۇئەلەيكۇم، قېرىندىشىم، مانا بۇ سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزنىڭ ئەھۋالى.  ئىنكاسقا يۇقىرى تەلەپ قويمىساق مۇشۇنداق ئەھۋال بولىدۇ.  سىز ئىنكاسنى يېزىپ بولۇپ يازغىنىڭىزنى كۆرمەيدىغان ئوخشايسىز، بولمىسا ئازراق بولسىمۇ تۈزۈتۈش ئېلىپ بارغان بولاتتىڭىز.  بىزنىڭ يېزىقىمىز بۇنداق سەت ئەمەس!!

تاش 2011-10-16 11:29
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 25قەۋەتتىكى xahla91 نىڭ 2011-10-15 13:10 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى مەسئولىيەت زادى قانداق بۇنى بىلمىدىم ،  بىراق سىز قىزىل رەڭدە بوياپ قويغان  خېتىم زادى قانداق مەسئولىيەتسىز خارەكتىرىمنى ئىپادىلەپتۇ ، ئېنىڭ شەرھىلەڭ!

ئەزالارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى ئوخشاش بولمايدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھېچ كىم ھېچكىمگە كىتاپ ئوقۇ ، ياكى ئىجادىي تېما يوللا دەپ بەلگىلەپ بېرەلمەيدۇ، مۇنبەر ھەممىزگە ئورتاق ئائىلە ، ھەر كىم ئۆز يولىدا تىگىشلىك نېسىۋىسىگە ئېرىشىدۇ ،
ئەزالارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ
ئوخشاش ئەمەسلىكى راست. بىراق، ھېچكىمگە ھېچكىم كىتاب ئوقۇ، ئىجادىي تېما يوللا دەپ بەلگىلەپ بېرەلمەيدۇ دېگىنىڭىز مەسئۇلىيەتسىزلىك.  ياخشى ئويلىنىڭ! بىز بىربىرىمىزنى كىتاب ئوقۇ دېمىگەچكە ،21-ئەسىردىمۇ ئۆز سەنىمىمىزگە دەسسەپ يۈرىۋەرگەچكە،ئابدۇقادىر دامۇللام،   ئا. ئۇيغۇر،   ل. مۇتەللىپ، مەمتىلى ئەپەندى قاتارلىق ئوت يۈرەكلىرىمىز كىتاب ئوقۇ دېسە  ئۇلارنى يوشۇرۇن، قەستلەپ يۈرۈپ ئۆلتۈرگەچكە مۇشۇ كۈنگە قالغان خەلق بىز.  ئەمدى يەنە باشقا گېپىم يوق . ياخشى ئويلىنىڭ!!

تاش 2011-10-16 11:36
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 27قەۋەتتىكى saifulla نىڭ 2011-10-15 17:22 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
4 .‹‹كەڭساي››مۇنبىرىدە بىرتۈركۈم ھىسىياتچان ،كاللىسىغا نېمە كەلسە ئىچىگە يۇتماي دەۋىرىدىغان،باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى بىلمەيدىغان ئەزالار بار.بۇلار ۋاقتىدا تازىلىنىشى ياكى ئۇنداقلار ئۆزىنى سۇراپ مۇنبەردىن چېكىنىشى ۋەياكى ئۆزگىرىشى كېرەك).
مۇشۇنى يازغان ئادەمنىڭ ئۆزىنى تازلاش كېرەك!!!!

بۇنى بەك ئالدىراپ دەپ قويدىڭىزمۇ قانداق؟ ھازىر بۇنداق ھېسىياتقا بېرىلىپ گەپ قىلغان بىلەن  ئەتە گېپىمىزدىن چاتاق چىقسا ھەممە كەلگۈلۈك مۇنبەرگە بولىدۇ . ئويلىنىڭ، قېرىندىشىم، ھازىر بىزنىڭ نېمە دەۋاتقىنىمىزنى ، نېمە يېزىۋاتقىنىمىزنى بىلىپ تۇرىدۇ. سىز ئازراق ھېسىيات ئارلاشقان گەپ قىلىپ قويسىڭىز، ئارقىڭىزدىن ئىنكاس يازغۇچىدىمۇ سىزدە بار يۈرەك بار، سىزدە ئۇيغۇرنىڭ قېنى ئاقسا، باشقىلاردىمۇ ئۇيغۇرنىڭ قېنى ئاقىدۇ. شۇڭا ، كەينىڭىزدىكى قېرىندىشىمىز باشقا گەپ قىلىپ قويۇشى مۇمكىن.   ياخشى ئويلىنىڭ ! رەھمەت!

تاش 2011-10-16 11:44
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 28قەۋەتتىكى ansar514 نىڭ 2011-10-15 18:25 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
خۇدىكى بار موللام تەرلەيدۇ.  مىنىڭچە گەپتە يىڭىلىپ قىلىپ غۇم ساقلىساقمۇ بولمايدۇ.لىكىن ساراڭلىق قىلىپ ئۆزگىپىمىز خاتا تۇرسىمۇ يورغىلتىيۋەرسەك تىخمۇ بولمايدۇ.توغرا !ئۆزمىزدە بارنى تۇزتەيلى.بولمىسا سۇكۇت.لىكىن ئىملا خاتالىقىغا دىققەت قىلايلى! بىراق ئەخلەت تىما دەپ باشقىلارنىڭ پىكىرىنى ئىلمىغىنىمىز بولمىدى.خاتاسىنى تۇزتۇپ بىرەيلى .كىم بىلدۇ بىزنىڭ بۇ سورۇتلۇق تىمىلىرمىزمۇ تىخى داڭلىق ئەدىپلەرگە ئەخلەت كۆرنەمدۇ تىخى.خۇددى دىھقانغا ئىشەك،بىكخامغا پۇتپۇل موھىم بولغىندەك.دەپ باقلى تۇزتىپ بىقىڭلار.يا تۇزتەممىسەڭلار تۇزلۇپ بىقىڭلار .ئاللاھ ئۆزى نەتىيجىنى بىردۇ بىركۇن!

ئەسسەلامۇئەلەيكۇم، قېرىندىشىم ، سىزمۇ تۈزۈلۈپ بېقىڭ! ئاللاھ نەتىجىسىنى بېرەر بىر كۈنى!
بۇ مۇنبەردە مېنىڭچە، ھېچكىم ھېچكىمگە غۇم ساقلىمايدۇ.  بۇنداق يوق گەپلەرنى كۆتۈرۈپ چىقماڭ! يەنە بىر گەپ  بۇندىن كېيىن دېھقانلارغىمۇ ئېشەك مۇھىم بولمايدۇ. بۇنى بىلىۋېلىڭ.  ئېشەكنىڭ بىز ئۈچۈن قىلىپ بەرگەن ئىشلىرىنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ، ئەمما، ئېشەك بىلەن پەخىرلىنىشكە تېخىمۇ بولمايدۇ!!

end 2011-10-16 11:59
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 32قەۋەتتىكى تاش نىڭ 2011-10-16 11:44 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :

ئەسسەلامۇئەلەيكۇم، قېرىندىشىم ، سىزمۇ تۈزۈلۈپ بېقىڭ! ئاللاھ نەتىجىسىنى بېرەر بىر كۈنى!
بۇ مۇنبەردە مېنىڭچە، ھېچكىم ھېچكىمگە غۇم ساقلىمايدۇ.  بۇنداق يوق گەپلەرنى كۆتۈرۈپ چىقماڭ! يەنە بىر گەپ  بۇندىن كېيىن دېھقانلارغىمۇ ئېشەك مۇھىم بولمايدۇ. بۇنى بىلىۋېلىڭ.  ئېشەكنىڭ بىز ئۈچۈن قىلىپ بەرگەن ئىشلىرىنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ، ئەمما، ئېشەل بىلەن پەخىرلىنىشكە تېخىمۇ بولمايدۇ!!
 

ئىشەك بىلەن پەخىرلىنىشكە تېخىمۇ بولمايدۇ!!

ئىزباسار 2011-10-16 12:09
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 31قەۋەتتىكى تاش نىڭ 2011-10-16 11:36 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :

بۇنى بەك ئالدىراپ دەپ قويدىڭىزمۇ قانداق؟ ھازىر بۇنداق ھېسىياتقا بېرىلىپ گەپ قىلغان بىلەن  ئەتە گېپىمىزدىن چاتاق چىقسا ھەممە كەلگۈلۈك مۇنبەرگە بولىدۇ . ئويلىنىڭ، قېرىندىشىم، ھازىر بىزنىڭ نېمە دەۋاتقىنىمىزنى ، نېمە يېزىۋاتقىنىمىزنى بىلىپ تۇرىدۇ. سىز ئازراق ھېسىيات ئارلاشقان ەەپ قىلىپ قويسىڭىز، ئارقىڭىزدىن ئىنكاس يازغۇچىدىمۇ سىزدە بار يۈرەك بار، سىزدە ئۇيغۇرنىڭ قېنى ئاقسا، باشقىلاردىمۇ ئۇيغۇرنىڭ قېنى ئاقىدۇ. شۇڭا ، كەينىڭىزدىكى قېرىندىشىمىز باشقا گەپ قىلىپ قويۇشى مۇمكىن.   ياخشى ئويلىنىڭ ! رەھمەت!

سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ ئۇستۇن ئەڭ ئالى كۈزەتچى بولغان ئاللاھنىڭ سىزنىڭ ھەر-بىر ئىش ئىزلىرىڭىزغىچە،ھەتتا تىنغان تىنىقىڭىزغىچىلىك بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلگەن بولسىڭىز ھەرقانداق ئىشنى دىننىي قاراشقا سېلىشتۇرغانلارنى "ساددا پىكىردىكىلەر" دەپمۇ يۇرمەيتتىڭىز..... ھەم بۇنداق كىشىلەرنى يامان كۈرۈپمۇ يۇرمەيتتىڭىز. ئەمەلىيەتتە سىز ئوچۇق -ئاشكارا دىننىي تىما-ئىنكاس يازغانلارنى چەكلەپ ئۇلارغا قارشىلىقىڭىزنى بىلدۇرەلمىسىڭىزمۇ سىزنىڭ بەزىبىر تىما-ئىنكاسلىرىڭىزدىن
ئىنىق بىلنىپ تۇرۇپتۇ.
قېرىندىشىم: مەن سىزنى خېلى ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەردىن دەپ قارايمەن. دىننى چۈشۈنۈش ئۈچۈن ۋە تۇنۇشۇش ئۇچۇن ئازراق ۋاقتىڭىزنى چىقارسىڭىزكەن دەيمەن...

تاش 2011-10-16 12:27
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 34قەۋەتتىكى ئىزباسار نىڭ 2011-10-16 12:09 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :

سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ ئۇستۇن ئەڭ ئالى كۈزەتچى بولغان ئاللاھنىڭ سىزنىڭ ھەر-بىر ئىش ئىزلىرىڭىزغىچە،ھەتتا تىنغان تىنىقىڭىزغىچىلىك بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلگەن بولسىڭىز ھەرقانداق ئىشنى دىننىي قاراشقا سېلىشتۇرغانلارنى "ساددا پىكىردىكىلەر" دەپمۇ يۇرمەيتتىڭىز..... ھەم بۇنداق كىشىلەرنى يامان كۈرۈپمۇ يۇرمەيتتىڭىز. ئەمەلىيەتتە سىز ئوچۇق -ئاشكارا دىننىي تىما-ئىنكاس يازغانلارنى چەكلەپ ئۇلارغا قارشىلىقىڭىزنى بىلدۇرەلمىسىڭىزمۇ سىزنىڭ بەزىبىر تىما-ئىنكاسلىرىڭىزدىن
ئىنىق بىلنىپ تۇرۇپتۇ.
قېرىندىشىم: مەن سىزنى خېلى ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەردىن دەپ قارايمەن. دىننى چۈشۈنۈش ئۈچۈن ۋە تۇنۇشۇش ئۇچۇن ئازراق ۋاقتىڭىزنى چىقارسىڭىزكەن دەيمەن...

ئەسسالامۇئەيكۇم، قېرىندىشىم ، سىز ئازراق خاتا چۈشۈنۈپ قالغان ئوخشايسىز.  مەن دىنىي تېمىلارنى ھەرگىز چەكلىمەيمەن ھەم چەكلەش ئويۇممۇ يوق. لېكىن، بىرقىسىم ئەزالارنىڭ ئىنكاس يازغاندا دىققەت قىلىشىنىلا ئۈمد قىلىمەن .
سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ ئۇستۇن ئەڭ ئالى كۈزەتچى بولغان ئاللاھنىڭ سىزنىڭ ھەر-بىر ئىش ئىزلىرىڭىزغىچە،ھەتتا تىنغان تىنىقىڭىزغىچىلىك بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلگەن بولسىڭىز ھەرقانداق ئىشنى دىننىي قاراشقا سېلىشتۇرغانلارنى "ساددا پىكىردىكىلەر" دەپمۇ يۇرمەيتتىڭىز..... ھەم بۇنداق كىشىلەرنى يامان كۈرۈپمۇ يۇرمەيتتىڭىز.
مېنىڭچە ،بۇ ھۆكۈم  سەل بالدۇرلۇق قىلىدۇ. چۈنكى،  ئاللاھنىڭ بىزنىڭ قىلغان ئىبادەت-ئەمەللىرىمىزنى بىلىپ تۇرۇدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنە قىلغانلىرىمىزنى باشقىلارغا داۋراڭ قىلىپ يۈرۈشىمىز نادانلىقتىن ئىبارەت. بۇ ھەقتە يەنە پىكىرلەشسەك بولىدۇ.  مەن دېدىم.  بىز خەلققە ھامان لازىم بولىمىز.  بۇ يەردە ئازراق ھېسىياتنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتسەك بولمايدۇ!

xahla91 2011-10-16 20:31
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 30قەۋەتتىكى تاش نىڭ 2011-10-16 11:29 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :

ئەزالارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى ئوخشاش بولمايدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھېچ كىم ھېچكىمگە كىتاپ ئوقۇ ، ياكى ئىجادىي تېما يوللا دەپ بەلگىلەپ بېرەلمەيدۇ، مۇنبەر ھەممىزگە ئورتاق ئائىلە ، ھەر كىم ئۆز يولىدا تىگىشلىك نېسىۋىسىگە ئېرىشىدۇ ،
ئەزالارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ
ئوخشاش ئەمەسلىكى راست. بىراق، ھېچكىمگە ھېچكىم كىتاب ئوقۇ، ئىجادىي تېما يوللا دەپ بەلگىلەپ بېرەلمەيدۇ دېگىنىڭىز مەسئۇلىيەتسىزلىك.  ياخشى ئويلىنىڭ! بىز بىربىرىمىزنى كىتاب ئوقۇ دېمىگەچكە ،21-ئەسىردىمۇ ئۆز سەنىمىمىزگە دەسسەپ يۈرىۋەرگەچكە،ئابدۇقادىر دامۇللام،   ئا. ئۇيغۇر،   ل. مۇتەللىپ، مەمتىلى ئەپەندى قاتارلىق ئوت يۈرەكلىرىمىز كىتاب ئوقۇ دېسە  ئۇلارنى يوشۇرۇن، قەستلەپ يۈرۈپ ئۆلتۈرگەچكە مۇشۇ كۈنگە قالغان خەلق بىز.  ئەمدى يەنە باشقا گېپىم يوق . ياخشى ئويلىنىڭ!!

مەن تاغدىن سىز باغدىن سۆزلەپ بۇ تېما خېلى قىزىپتۇ ، گەپ چۈشەنسىڭىز ئىنكاسىمغا ئىنكاس نەقىل قىلىڭ ، بولمىسا سىزنى گەپ قىلالمايدىكەن دىمەيمەن ،مەن سىزگە مۇنبەر ھەر كىمنىڭ ئۆزىگە چۈشلۈق نېسىۋىسىنى ئالىدىغان سورۇن دىدىم ، 21-ئەسىر توغۇرلۇق گە پ قىلمىدىم ، مەن سىزگە سىز ھېچ كىمگە قانداق تېما يوللاش ، قانداق كىتاپ ئوقۇش توغۇرلۇق ھېچ نىمە دىيەلمەيسىز دىدىم ، سىز ، دىگەن بىلەن مەن دىگەن ئىككىسى ئىككى گەپ ،  

پىسخىكا جېڭى دىگەندەك گەپلەرنى قىلىپ قاپسىز ، ئەقەللىي پىسخىكا ساۋاتى ،
قارشى تەرەپنىڭ نىمە داۋەتقانلىقىنى ئېنىق بىلىۋىلىش ، ھەم ئۇنىڭ ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ تىل قابىلىيىتىنى ئىشقا سېلىپ ھۇجۇم قېلىش ،
مېنىڭچە سىز مۇشۇ تېمىنى يوللىغاندىلا ئاللىقاچان بۇ ئىنكاس جېڭىدە مەغلۇپ بولغان، چۈنكى سىز ئۆز پىكرىڭىزنىڭ يورغۇلۇتۇشقا بەكىراق كۈچىۋىتىپ ، كەڭساينى ھەقىقىي چۈشىنىشكە ئېشىنالماي قالدىڭىز . شۇڭا كەڭسايدىكىلەرگە ئىش ئۈگىتىمەن دىمەي ، قولىڭىزدىن كەلگەننى قىلىپ ھەسسە قوشۇشقا تىرىشقاسىز !

تاش 2011-10-16 21:29
<<ئەزالارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى ئوخشاش بولمايدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھېچ كىم ھېچكىمگە كىتاپ ئوقۇ ، ياكى ئىجادىي تېما يوللا دەپ بەلگىلەپ بېرەلمەيدۇ، مۇنبەر ھەممىزگە ئورتاق ئائىلە ، ھەر كىم ئۆز يولىدا تىگىشلىك نېسىۋىسىگە ئېرىشىدۇ ، >>  بۇ ئاۋۋال دېەەن گېپىڭىز.

<< مەن سىزگە سىز ھېچ كىمگە قانداق تېما يوللاش ، قانداق كىتاپ ئوقۇش توغۇرلۇق ھېچ نىمە دىيەلمەيسىز دىدىم ، سىز ، دىگەن بىلەن مەن دىگەن ئىككىسى ئىككى گەپ ،  >>  بۇ كېيىن دېگەن گېپىڭىز.  
 

بۇ ئىككى جۈملىدە  پەرق بارمۇ يوقمۇ؟  ئۆزىڭىز ياىشى ئويلىنىپ بېقىڭ  پىسخىكىچى خانىم.
 مېنى <<كەڭساي>>نى چۈشەنمەيسەن دېگۈچىلەر بەك جىق.   لېكىن ، مېنى ئۇنداق دەيدىغانلار  مېنى چۈشەنمەيدۇ. شۇڭا ئاغرىنمايمەن. سىز ئەدەبىياتتا لوگېكىنى ئۆگەنگەنغۇ دەيمەن؟ شۇڭا گەپ -سۆز قىلغاندا دىققەت قىلمىساق  بىر چىكىت، پەش ئۇيان -بۇيان بولۇپ كەتسە گېپىمىزدىن چاتاق چىقىدۇ.

جەڭچى 2011-10-16 21:39
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 23قەۋەتتىكى muslima32 نىڭ 2011-10-15 01:50 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
ۋەئەلەيكۇم ئەسالام بۇ مۇنبەر ھازىرمۇ ناھايتى ياخشى كىتىپ بارىدۇ، تاش قېرىندىشىمىزنىڭ ئىملانى توغرا يازايلى دىگن سۆزى ئۇرۇنلۇق لىكىن باشقا مۇنبەردىن تىما يۆتكەپ كەلسە يولىماسلىق دىگەن سۆزىگە بىز تازا قايىل ئەمەس چۈنكى نۇرغۇن يېڭىدىن مۇنبەرەە كىرگەن قېرىنداشلىرىمىز بار ئۇللار بەلكىم مۇشۇ مۇنبەرگىلا كىرىپ باشقا مۇنبەرگە ئانچە جېق كىرمەسلىگىمۇ مۈمكىن ،چۈنكى بۇ يەردە ۋاقىت مەسىلسىمۇ ناھايتى مۇيىم ئۇرۇندا تۇردۇ. شەخسەن مەن ئۈزەمنى ئېپ ئېيتساممۇ بۇرۇن بۇمۇنبەرگە ئەزا بولماستا ئالكۈيىگە، قۇياشقا ، مىسرانىم مۇنبەرلىرىگە كۆپ كىرەتتىم قاچان بۇمۇنبەرگە ئەزا بولدۇم شۇنىڭدىن كىيىن باشقا مۇنبەرلەرگە ئانچە كىرمەس بۇلۇپ قالدىم چۈنكى بۇ مۇنبەردىن بىز ئىھتىياجلىق تېمىلار نىڭ ھەممىسى مۇشۇ مۇنبەردە بار.باشقۇرغۇچىلارنىڭ ياردىمدە شۇنداقلا تاھىر  قاتارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مول مەزمۇنلۇق تىمىلىردىن ئۇزۇق ئېلىۋاتىمىز ،
ۋاقىت مەسىلسىگە كەلسەك بولۇپمۇ بىز ئاياللارنىڭ ۋاقتى تازامۇقۇم ئەمەس بىز ۋاختىمىزنى بىر نەچچە مۇنبەرلەرگە ئاجىرتالمايمىز، مىنىڭ پىكرىم بۇمۇنبەر بۇنىڭدىن كىيىنمۇ يەنىلا ھازىر قىدەك داۋاملاشسا دىگەن ئۈمۈتتىمەن.
مۇنبەرداشلار يەنەبىر گەپ  بۇ مۇنبەردە ئىسلامى تىمىلارنى ئانچە ياختۇرۇپ كەتمەيدىغان بىر قانچە مۇنبەرداشلىرىمىز بار ئىكەن ، بۇ مۇنبەرگە كۆز تەگمىسە بۇللاتتى، ئەي ئۇللۇغ رەببىم شۇنداقلارنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرگەيلا،

ئىملاغا دىققەت قىلايلى

جەڭچى 2011-10-16 21:41
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 24قەۋەتتىكى رەسسام نىڭ 2011-10-15 11:57 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
قىرىندىشىم تاش،،پىكىرلىڭىز ئۇرۇنلوق سىزنىڭ كەڭساي ئۇچۇن بۇنچىلىك باش قاتۇرۇرغنىڭىزغا تەشەككۇر،،،
--سىز باشتىن ئاخر ئىملا مەسلىسىنى ئۇتتۇرغا قۇيۋاتسىز،،،،،مىنىڭچە نۇرغۇن قىرىنداشلەرمىز كۇمپىيۇتۇردا ئۇيغۇرچە خەت بىسشنى ئاران ئۇگەندى(مەنمۇ شۇ)،،،سىز نەشىريات ئۇرۇنلىرى تەرپىدىن تەھرىلەپ نەشىر قىلىپ چىقىلدىغان گزىت-ژۇرناللارغا قۇيۇلدىغان ئىملا جەھەتتىكى يۇقۇرى تەلەپنى كەڭسايدىكى قىرىنداشلارغا قۇيسىڭىز،،،بۇلارنى قىيىن ئەھۋالغا چۇشۇرۇپ قۇيغان بۇلسىز،،،مىنىڭچە مۇنبەردىكى تىمىلارغا تەلەپ يۇقۇرراق بۇلسا ئىمكان بۇلسا باشقۇرغۇچىلار تەھرىلەپ قۇيسا لىكىن ئىناسلارنىڭمۇ ئىملا خاتالىقىغا قاراپ ئۇلتۇرساق بەك كۇپ ئىشى بۇلوپ كىتەمدىكىن دەپ ئۇيلىدىم،،،!

سىزنىڭچە ئانا تىلمىزنى مۇشۇنداق قەدىرلەمدۇق.ئىملاغا دىققەت قىلايلى

جەڭچى 2011-10-16 21:42
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 25قەۋەتتىكى xahla91 نىڭ 2011-10-15 13:10 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى مەسئولىيەت زادى قانداق بۇنى بىلمىدىم ،  بىراق سىز قىزىل رەڭدە بوياپ قويغان  خېتىم زادى قانداق مەسئولىيەتسىز خارەكتىرىمنى ئىپادىلەپتۇ ، ئېنىڭ شەرھىلەڭ!

ئىملاغا دىققەت قىلايلى

جەڭچى 2011-10-16 21:46
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 27قەۋەتتىكى saifulla نىڭ 2011-10-15 17:22 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
4 .‹‹كەڭساي››مۇنبىرىدە بىرتۈركۈم ھىسىياتچان ،كاللىسىغا نېمە كەلسە ئىچىگە يۇتماي دەۋىرىدىغان،باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى بىلمەيدىغان ئەزالار بار.بۇلار ۋاقتىدا تازىلىنىشى ياكى ئۇنداقلار ئۆزىنى سۇراپ مۇنبەردىن چېكىنىشى ۋەياكى ئۆزگىرىشى كېرەك).
مۇشۇنى يازغان ئادەمنىڭ ئۆزىنى تازلاش كېرەك!!!!

بۇ گىپىڭىز سەل ئىشىپ كىتىپتۇ قىرىندىشىم.تاش بۇرادەر مۇنبەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۋاتىدۇ.
ئەگەر، بۇمۇنبەر شۇنداق قالايمىقان ئىنكاسلار تۈپەيلى تاقىلىپ قالسا ،ھەممەيلەن ياغ سالغان چايدەك
كۆزىمىزنى پارقىرتىپ تۇرمىز شۇ.

xahla91 2011-10-16 21:47
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 37قەۋەتتىكى تاش نىڭ 2011-10-16 21:29 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
<<ئەزالارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى ئوخشاش بولمايدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھېچ كىم ھېچكىمگە كىتاپ ئوقۇ ، ياكى ئىجادىي تېما يوللا دەپ بەلگىلەپ بېرەلمەيدۇ، مۇنبەر ھەممىزگە ئورتاق ئائىلە ، ھەر كىم ئۆز يولىدا تىگىشلىك نېسىۋىسىگە ئېرىشىدۇ ، >>  بۇ ئاۋۋال دېەەن گېپىڭىز.

<< مەن سىزگە سىز ھېچ كىمگە قانداق تېما يوللاش ، قانداق كىتاپ ئوقۇش توغۇرلۇق ھېچ نىمە دىيەلمەيسىز دىدىم ، سىز ، دىگەن بىلەن مەن دىگەن ئىككىسى ئىككى گەپ ،  >>  بۇ كېيىن دېگەن گېپىڭىز.  
 

.......

ھا ھاھاھا...پەققەت ئورنى ئالماشقان ، بىراق ئوخشاش مەنا ئاڭلىتىدىغان جۈملە ، بولدى سىز بىلەن بىر نىمە دىيىشىش ۋاقىت ئىسراپ قىلغانلىقكەن ، ئامان بولۇڭ!

end 2011-10-16 23:49
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 37قەۋەتتىكى تاش نىڭ 2011-10-16 21:29 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
<<ئەزالارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى ئوخشاش بولمايدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھېچ كىم ھېچكىمگە كىتاپ ئوقۇ ، ياكى ئىجادىي تېما يوللا دەپ بەلگىلەپ بېرەلمەيدۇ، مۇنبەر ھەممىزگە ئورتاق ئائىلە ، ھەر كىم ئۆز يولىدا تىگىشلىك نېسىۋىسىگە ئېرىشىدۇ ، >>  بۇ ئاۋۋال دېەەن گېپىڭىز.

<< مەن سىزگە سىز ھېچ كىمگە قانداق تېما يوللاش ، قانداق كىتاپ ئوقۇش توغۇرلۇق ھېچ نىمە دىيەلمەيسىز دىدىم ، سىز ، دىگەن بىلەن مەن دىگەن ئىككىسى ئىككى گەپ ،  >>  بۇ كېيىن دېگەن گېپىڭىز.   
 

 بۇ ئىككى جۈملىدە  پەرق بارمۇ يوقمۇ؟  ئۆزىڭىز ياىشى ئويلىنىپ بېقىڭ  پىسخىكىچى خانىم.
 مېنى <<كەڭساي>>نى چۈشەنمەيسەن دېگۈچىلەر بەك جىق.   لېكىن ، مېنى ئۇنداق دەيدىغانلار  مېنى چۈشەنمەيدۇ. شۇڭا ئاغرىنمايمەن. سىز ئەدەبىياتتا لوگېكىنى ئۆگەنگەنغۇ دەيمەن؟ شۇڭا گەپ -سۆز قىلغاندا دىققەت قىلمىساق  بىر چىكىت، پەش ئۇيان -بۇيان بولۇپ كەتسە گېپىمىزدىن چاتاق چىقىدۇ

.......

 ئىملاغادىققەت قىلىڭ.

muhtarbay 2011-10-17 00:35
ئەمەلدار بوپسىز،مۇبارەك بولسۇن

xahla91 2011-10-17 00:43
دەم ئېلىشىم توشتى شۇ باشقا گەپ يوق ،  

end 2011-10-17 01:24
دەم ئىلىش بىريىل مىتې...
لىنىيە توربىكىتىڭىز ياخشى كىتىپ بارىدىغاندو...  

لۇتفى 2011-10-17 21:42
   پاھ بۇ مۇنبەردە  يېڭىدىن <<مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى>> باشلىنىپتۇ . مەن ھەممەيلەننىڭ ئەمەلىيەتكە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . نېمە بۇنچىۋالا  غايىۋىلىشىپ كېتىشنىڭ ھاجىتى بارمۇ ؟ شۇنىمۇ ئۇنتۇپ قالمايلى ، تەرەققىيات يولى ئەنە شۇنداق ئەگرى توقاي بولىدۇ ، ھەممىگە قارىغۇلارچە بېسىم قىلىش ئەكىس تەسىر بېرىدۇ ، پەيغەمبىرىمىزمۇ ھەقنى يەتكۈزۈشتىمۇ قانچىلىك سەۋرچان بولغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالمايلى ،
   ھۆرمەتلىك تاش ئەپەندى نۇرغۇن قاراشلىرىڭىز توغرا بولغان بىلەن سىز بۇنى كىم ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويىۋاتقانلىقىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ ،سىزنىڭ ئاخىرقى مەقسىتىڭىز سۆزلەش ئەمەس بەلكى باشقىلارنى قايىل قىلىپ ،قوبۇل قىلدۇرۇش ، شۇنىڭ ئۈچۈن سۆزلىگەنلىرىڭىز << ۋالاقتەككۈرۈف>>نىڭكىگە ئوخشاپ قالمىسۇن . سىزمۇ بەزى ئەمەلىيەتلەردىن بەكرەك ھالقىپ كېتىپ قاپسىز . نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ئۇسۇل توغرا بولۇش كېرەك ، مەقسەتنىڭ توغرا بولۇشى ھەممىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ ، شۇڭا سىزمۇ ئۆز غىلىپىڭىزدىن چىقىپ باشقىلارغىمۇ نەزەر سەپ بېقىڭ. بولمىسا سىزنىڭ بۇ غايىى قاراشلىرىڭىز نىڭ ئاقىۋىتى خۇددى ئەپلاتوننىڭ <<غايىۋى دۆلىتى >>گە ئوخشاش بولىدۇ خالاس .

uyghur 2011-10-18 16:55
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 15قەۋەتتىكى samanyoli نىڭ 2011-10-14 21:58 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
تاش ئەپەندى ،،،،،،،،،قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ مۇنبەر ئۈچۈن پىكىر تەكلىپلەرنى ئوتىرىغا قويغىنىڭىزدىن ئىنتايىن خۇشالمىز،،،،،،،،،،،،،سىز دىگەن مەسىلىلەرگە مەنمۇ ئۆز كۆز قاراشلىرىمنى سۆزلەپ ئۆتەي،،
بىرىنچى پىكرىڭىزگە-كۆچۈرۈپ كەلگەن تىمىلارنى ئىمكانقەدەر چەكلەۋاتىمىز،،لېكىن شۇنداقتىمۇ بەزى تىمىلارنى يەنىلا مۇنبەرگە چىقىرىپ تۇردۇق ،،مەن ئۆزۈمنىڭ كۆز قارىشىمنى دىسەم بۇنداق قىلىشتىكى مەخسەت ،بىرىنچىدىن تەربىيىۋى ئەھمىيىتى كۈچلۈك تىمىلار نەدىن كېلىشىدىن قەيەرلەردە بولىشىدىن قەتئىنەزەر يەنىلا كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ،،ئىككىنچىدىن بەزى تىمىلار باشقا مۇنبەرلەردىن ئېلىپ كېلىنگەن  تەقدىردىمۇ كەڭساينىڭ كۆنگەن ئەزالىرى باشقا مۇنبەرلەردە مۇنازىرە  قىلىشىپ يۈرمەيدىغان (بۇ مېنىڭ پەرىزىم ،توغرىسنى بىلگۈچى ئاللاھ) بولغاچقا مەزكۇر تىمىنى كەڭسايلىقلارنىڭ مۇنازىرىسىگە تاشلاش سەۋەبىدىن تەستىقلاپ چىقىرىلىۋاتىدۇ،،،،،
ئىككىنچى پىكرىڭىزگە-مۇنبەردە سىز دىگەندەك ساددا دىنى ھىسسىياتقا ئىگە مۇسۇلمانلار بولىشى مۇمكىن ،لېكىن ئۇ مۇھىم ئەمەس ،نىمىلا بولىشىدىن قەتئىنەزەر ھەقنى چۈشەنگەن بولسىلا ئۇلار بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز،،،ھەممىلا ئادەمنىڭ پىشقان سىياسىئونلاردەك پىكىر قىلىپ كېتىشى ناتايىن ،ئاستا ئاستا بولىدۇ بەزى ئىشلار ،،،،ئۇلارمۇ ئاللاھ خالىسا سىز ئۈمىت قىلغاندەك سەۋىيەگە چىقىپ قېلىشى مۇمكىن ،،، گەپ سۆزلەردىكى مەلۇم بىر نۇقساننى دەپلا ئۇلارنى مۇنبەردىن تازىلىۋەتسەك ،ياكى ئۆزۈڭنى بىلىپ چىقىپ كەت دەپ بېسىم قىلساق بۇ تولىمۇ تەڭسىزلىك بولىدۇ،،،،بۇنداق تەڭسىزلىك كەڭساي روھىغا خىلاپ ،ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ قالايمىقان ئىنكاسلىرىنى ئۆچۈرۈشكە بولىدۇ ،لېكىن ئەزانىڭ ئۆزىنى ئۆچۈرۈشكە بولمايدۇ،
ئۈچىنچى پىكرىڭىزگە-ئىملا خاتالىقىنى چوقۇم چىڭ تۇتۇپ تۈزەش كېرەك،بۇ ئەلۋەتتە بىر ئۆزرىسىز مەسىلە ،،،،تىما يوللۇغۇچىلار ئۆزى تۈزەپ يوللىسا بەك ياخشى بولاتتى،،لېكىن ئەزالارمۇ سەل قاراۋاتىدۇ ،بىزمۇ يېتىشىپ بولالمايدىكەنمىز،تالا تۈزدە نۇرغۇن ئىشلىرىمىز بار،ئىشلار تۈگىگەندە ،ئۆيگە قايتقاندا ئاندىن مۇنبەرگە چىقىپ كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە مۇلازىمەت قىلىۋاتىمىز،،،
ئەمدى تىمىلارنىڭ قايتا يوللۇنۇش مەسىلىسىگە كەلسەك بۇ بىر ۋاقتىدا بايقىماسلىق سەۋەبىدىن ياكى كونا تىمىنى كۆرمەي قالغانلىقتىن بولغان ئىش ،،بۇنىڭ كارايىتى چاغلىق،،،،،،
.......



قوللايمەن!

يالقۇنى 2011-10-19 00:42
تاش ئەپەندىم،سىزنىڭ بۇ پىكرىڭىز تولىمۇ بىتەرەپلىمە بولۇپ قاپتۇ، تور دېگەن ھەرخىل پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇپ ،ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرىغان ئورۇن ،جۈملىدىن كەڭساي مۇنبىرىمۇ شۇنداق ،ئەدەبىياتنى سىز چۈشەنگىنىڭىز بىلەن مەن ۋە مەندەك  بىر قاتار چالا ساۋات تورداشلار تازا ياخشى چۈشىنىپ كەتمەيمىز،سىزنىڭ ئىلغار پىكىرلىك ئىديىلىرىڭىزگە بىزنىڭ ھەرۋاقىت ھەمدەمدە بولۇپ سىزدەك يۇقىرى سەۋىيىدە پىكىر قىلالىشىمىز ناتايىن ،ھەم سىزدەك نادىر ئەسەرلەرنى يازالمايمىز.تېما كۆچۈرۈشنى نوقۇل ھالدا كۆچۈرمىچلىك دەپ كۆزىڭىزنى يۇمىۋىلىپ پىكىر قىلسىڭىز مۇۋاپىق بولماس، خېلى ئەزالار بۇ مۇنبەرگەئەزا بولغان بىلەن باشقا مۇنبەرگە ئەزا ئەمەس، تورداشلارنىڭ باشقا مۇنبەردىكى ئەسەرلەرنى كۆچۈرۈپ ئەكىلىپ بۇ مۇنبەرگە چىقىرىشىمۇ بۇ مۇنبەرنىڭ ئاۋاتلىقى ئۈچۈن،تورنىڭ كىرىمىنى مەزكۇر تورغا چىقىغان تورداشلارنىڭ سانى بەلگىلەيدۇ،گەرچە كەڭساينىڭ مۇنبەر قۇرۇشتىكى مەقسىتى پۇل تېپىش بولمىسىمۇ،لېكىن مۇشۇ يەردىن كىلىدىغان كىرىم مۇ مۇنبەرنىڭ ھاياتىي كاپالىتى، سىز نوقۇل ھالدا ئۆزىڭىزنىڭ مۇپەسسەل بىلىملىرى بىلەنلا مۇنبەرنىڭ ھاياتىي كاپالىتىنى يوققا چىقىرىمەن دېسىڭىز،توربەتنىڭ كىرىمىگە كىم كاپالەتلىك قىلىدۇ، مۇشۇ تور بىلەن جان بېقىۋاتقانلار نېمە ئىش قىلىدۇ؟سىز باقامسىز؟


查看完整版本: [-- باشقۇرغۇچىلارغا ۋە مۇنبەردىكىلەرگە دەيدىغانلىرىم --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.086156 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us