باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2099 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 2/2     Go
تېما: نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئۇچ ئايال
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5351
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 614
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە614دانە
ئۆسۈش: 760 %
مۇنبەر پۇلى: 6943 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2012-05-08
10-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-13 01:11

ئۇنى دىسىغۇ مەنمۇ يولدۇشۇمدىن باشقا ھىچ كىشى بىلەن ئۇرشۇپ باقمىغان،
دوستلىشىش
muhtarbay
ئارسلان ئىكەنسەن ئارسلاننىڭ بەدەلىنى تۆلەيسەن.
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5216
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 542
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە542دانە
ئۆسۈش: 2100 %
مۇنبەر پۇلى: 7644 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-26
ئاخىرقى: 2012-05-06
11-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-13 09:53

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 7قەۋەتتىكى almiliq نىڭ 2011-10-11 23:36 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
نوبىل مۇكاپاتى ياۋرۇپانى، غەرىب دۇنياسىنى مەدىھىيەلىگەنلەرگە بېرىلىدىكەن دەپ كۆرگەن ئىدىم، ئىلىگىرى قايسى بىر مۇنبەردە، سىلەر قايسىڭلار بىلىسىلەر، ئاسىيا، ئەرەپ، مۇسۇلمان ئەللىرىدىن نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنى؟ پەقەت نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىدىن باشقا.

پاكىستانلىق زەررىچە فىزىكا ئالىمى ئابدۇسالام،نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرشكەن..
نوبىل مۇكاپاتى ياۋرۇپانى مەدھىيلىگەنلەرگە بىرىلىدۇ دىگەن گەپنى دولىتىمىزدىكى ئەرباپلار شۇنداق دەيدۇ،چۇنكى نوبىل مۇكاپاتى كومىتىتى پارا يىمەيدىكەن ئەمەسمۇ، ئۇلار پارا يىگەن بولسا  نوبىل مۇكاپاتىنى  ئاساسى قاتلامنىڭ شۇجىلىرىدىن تارتىپ ئالاتتى
دوستلىشىش
muhtarbay
ئارسلان ئىكەنسەن ئارسلاننىڭ بەدەلىنى تۆلەيسەن.
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5216
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 542
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە542دانە
ئۆسۈش: 2100 %
مۇنبەر پۇلى: 7644 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-26
ئاخىرقى: 2012-05-06
12-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-13 09:58

جۇڭگولۇق يازغۇچى نوبىل مۇكاپاتى ئۈچۈن پارا بېرىشكە ئۇرۇنۇپتۇ


«جۇڭگو يازغۇچىلىرى پارا بېرىش ئۈچۈن، نوبىل مۇكاپاتىنىڭ دەرۋازىسىنى چەكمەكتە» سەرلەۋھىلىك قىسقا ئۇچۇر ئىيۇل ئېيى كىرگەندىن بۇيان جۇڭگودا نوبىل مۇكاپاتى ھەققىدە قىزىقچىلىق پەيدا قىلماقتا. مۇخبىر ھەرخىل سادالارنى ئاڭلاپ، بۇ گەپ-سۆزلەرنىڭ راست-يالغانلىقىنى دەلىللەش ئۈچۈن، نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى باھالاش ھەيئىتىنىڭ باھالىغۇچىسىدىن بىرى بولغان گوران مالمكۋست (Nils Göran David Malmqvist) ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى چېن ۋېنفېن خانىم بىلەن  ئىلخەت ۋە تېلېفۇن ئارقىلىق ئالاقىلاشتى. گوران مالمكۋست ئەپەندى قايسى جۇڭگولۇق يازغۇچىنىڭ ئۇنىڭغا پارا بېرىشكە ئۇرۇنغانلىقىنى مىسال كەلتۈرۈپ چۈشەنچە بەردى، چېن ۋېنفېن خانىم : بۇنداق كىشىلەرنى يازغۇچى دېگىلىمۇ بولماس، دەپ تولۇقلىما قىلدى. ما يۆرەن ئەپەندى مۇخبىرغا: جۇڭگولۇق يازغۇچىلار بىلەن كۆپ باردى-كەلدى قىلىمەن، جۇڭگولۇق يازغۇچىلاردىن مەن تونۇيدىغانلىرىدىن بىرەرسىمۇ ماڭا خەت يېزىپ ئۇنداق تەلەپ قويۇپ باقمىدى، دېدى.


گوران مالمكۋست ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، ئۇ جۇڭگودىن ئەۋەتىلگەن سالام خەتلەرنى ھەر ئايدا دېگىدەك تاپشۇرۇپ ئالىدىكەن. كونۋېرتقا يېزىلغان ئادرېس ئانچە توغرا بولمىسىمۇ، شۋېتسىيە ئىنستىتوتى دەپ يېزىلغانلا بولسا، خەت ئۇنىڭغا تېگىدىكەن. سالام خەتتە نوبىل مۇكاپاتى ئېلىشىمغا ياردەم قىلسىڭىز دەپ يېزىلىدىكەن، ئۇلار نەشىر قىلىنغان شېئىر توپلىمى، ھېكايە-رومانلىرىنى ئەۋەتىدىكەن، بەزىلىرى تېخى نەشىر قىلىنمىغان قوليازمىلىرىنىمۇ ئەۋەتىدىكەن. بۇ كىتابلارنىڭ بەزىلىرىنى مايۆرەن ئەپەندى ئونىۋېرسىتېت جۇڭگو ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنىڭ كۈتۈبخانىسىغا ئەۋەتىپ بېرىدىكەن. ئۇ بۇ ئەسەرلەر نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا باھالاشقا قاتناشتۇرۇش شەرتىگە توشمىغان بولسىمۇ، جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى مەلۇم ئەدەبىيات ھادىسلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ دەپ قارايدىكەن. بۇنداق سالام خەت يازغۇچىلار ھەققىدە ما يۆرەن ئەپەندى: جۇڭگو دۇنيادا نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەت، ھەر قىسما ئادەملەر بار، بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرۈدىغان، مېڭىسىنىڭ دەردى بار، مېنىڭلا راست دەيدىغان، قويمىچى، چېركىن، مۇناپىقلارمۇ ئاز ئەمەس، دېدى.

گوران مالمكۋست ئەپەندى مۇخبىرغا مۇنداق ئىككى ئىشنى سۆزلەپ بەردى: شياڭگاڭدا نەچچە پارچە شېئىر توپلىمىنى نەشر قىلدۇرغان بىر شائىرە ئۇنىڭغا 5000 سوم (شياڭگاڭ پۇلى) لۇق پۇل چېكى ئەۋەتىپتۇ. شەندوڭلۇق مەدەنىيەت كادىرى ئىككى يىل ئىچىدە ئۇنىڭغا 18 پارچە سالام خەت يېزىپ، ئۆزىنىڭ ناھايىتى پۇلدار ئىكەنلىكىنى، مۇكاپات پۇلىنى ما ئەپەندىگە بېرىپ، نام-ئاتاقنىلا ئالسا بولىدىغانلىقىنى تەلەپ قىپتۇ. ھەر قېتىم سالام خەت ئەۋەتكەندە ھۆسنخەت-رەسىم ئەسەرلىرىنى ھەدىيە قىلىپ بىرگە ئەۋەتىپتۇ. ما يۆرەن ئەپەندى بۇلارنى قايتۇرغۇزىۋېتىپتۇ ھەمدە جاۋاب خەت يېزىپ پاراكەندە قىلماسلىقنى ئۆتۈنۈپتۇ. شۋېتسىيە ئىنستىتوتىنىڭ خەت-چەك باشقۇرۇش خادىمىغا شۇ ئادەمدىن خەت كەلسە، قايتۇرىۋېتىشنى تاپىلاپتۇ. بۇ يىل ئەتىيازدىن باشلاپ، ھېلىقى ئادەم شۋېتسىيە ئىنستىتوتى نوبىل مۇكاپاتى گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسىگە سالام خەت يېزىشنى باشلىۋېتىپتۇ. بۇ ئادەم ئۆزىنى نامى چىققان يازغۇچىمەن دەۋاپتۇ.

گوران مالمكۋست  ئەپەندى يەنە تەكىتلەپ: جۇڭگولۇق يازغۇچىلاردىن مەن تونۇيدىغانلىرىدىن بىرەرسىمۇ ماڭا خەت يېزىپ ئۇنداق تەلەپ قويۇپ باقمىدى، دېدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، 50 يىلدىن بۇيان، ئۇ 80 گە يېقىن جۇڭگولۇق يازغۇچىنىڭ نۇرغۇن ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى شۋېت تىلىغا تەرجىمە قىپتۇ. ئۇ ئەيچىڭ، فېڭ جى قاتارلىق جۇڭگولۇق داڭلىق يازغۇچىلار بىلەن ياخشى دوست ئىكەن. ئۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا شۋېتسىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ مەدەنىيەت خادىمى بولۇپ تۇرغان چاغلاردا، باجىن، لاۋشې، چيەن جوڭشۇ، شېن سوڭۋېن، ئەيچىڭ، بىڭشىن قاتارلىق داڭلىق ئەدىبلەرنى زىيارەت قىلغان ئىكەن.

ماقالە ئاپتۇرى: جۇ لىڭ.


تارىم شېئىرىيەت تورىغا (http://www.sheiriyet.com) نوشىرۋان تەرجىمە قىلدى.


شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى. خەنزۇچە مەنبە ئادرېسى:
http://news.xinhuanet.com/book/2011-07/30/c_121747093.htm