查看完整版本: [-- نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئۇچ ئايال --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> خانىم - قىزلار -> نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئۇچ ئايال [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

duxman 2011-10-11 09:51
[attachment=12863]

2011-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى جۈمە كۈنى ئېلان قىلىندى. بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى دېموكراتىيە ۋە تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئەر-ئاياللار باراۋەرلىكىنى قوغداش يولىدا خىزمەت كۆرسەتكەن 3 قەھرىمان ئايالغا بېرىلدى. بۇلار لىبېرىيە پرېزىدېنتى ئەللېن جونسون سىرلىف، لىبېرىيىدىكى ئۇرۇشنى ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئالدىنقى سەپلەردە خىزمەت قىلغان ئايال پائالىيەتچى لەيماھ بۈۋى ۋە يەمەندىكى دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ تونۇلغان ئىسىملىرىدىن بىرى بولغان تەۋەككۈل كارمان.
نوبېل مۇكاپاتى تەسىس قىلىنغان 110 يىلدىن بۇيان بۇ مۇكاپاتقا كۆپىنچە ھاللاردا ئەرلەر ئېرىشىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ نۆۋەت مۇكاپاتنىڭ ئاياللارغا بېرىلىشىنى ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن تەڭ-باراۋەرلىكىنى تەكىتلەش ۋە دۇنيادا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئاياللارنىڭ ئورنىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەشنى مەقسەت قىلغانلىقى مەلۇم. نوبېل مۇكاپاتى كومىتېتىنىڭ رەئىسى توربجورن جاگلەند مۇكاپاتنى ئېلان قىلغان ۋاقىتتا قىلغان نۇتقىدا «ئاياللار جەمئىيەتنىڭ ھەر قاتلىمىدا ئەرلەرگە ئوخشاش ئورۇنغا ئىگە بولمىغۇچە، بىز دۇنيادا دېموكراتىيىنى ۋە تىنچلىقنى بەرپا قىلالمايمىز، بۇ مۇكاپات دۇنيادىكى بارلىق ئاياللار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بىر سىگنال» دېدى.

خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاياللار كومىتېتىنىڭ رەئىسى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ 3 ئايالنى تەبرىكلىدى ۋە نوبېل كومىتېتىنىڭ ھەرىكىتىنى ئالقىشلىدى. ئۇ «دۇنيادىكى بارلىق ئاياللار ئۆز ھوقۇقىنى ۋە جەمئىيەت قۇرۇلۇشى، تىنچلىق ۋە دېموكراتىيىنىڭ ئورنىتىلىشىدا باراۋەر ھوقۇققا ئىگە بولۇشىنى تەلەپ قىلماقتا. نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى، بۇ مۇكاپات ئارقىلىق دۇنياغا 21-ئەسىرنىڭ ئاياللارنىڭ جەمئىيەتنىڭ ھەر قاتلىمىدا باراۋەر ئورۇنغا ئىگە بولىدىغان ئەسىر ئىكەنلىكىنىڭ سىگنالىنى بەردى» دېدى.

تاھىربەگ 2011-10-11 11:21
ئۆتكەن يىلى دۆلىتمىزنىڭ قارشىلىق قىلغىنىغا ئۇنىماي بۆلگۈنچى لىيۇشاۋبوغا بەرگەنتى. قاتتىق ئىتراز بىلدۈرمىز  

asanat 2011-10-11 12:00

natsist 2011-10-11 12:28
مەن مۇشۇ چاققىچە بىرەسى بىلەن ئۇرۇشۇپ باقمىسام ماڭا بەرمەي ئۇ مۇكاپاتنى  

nida0998 2011-10-11 13:11
سىزگە بىرىشى مۇمكىنتى ...........ئىسمىڭىز ناتسىست بولمىغان بولسا.

520ahsa 2011-10-11 13:20
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى natsist نىڭ 2011-10-11 12:28 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مەن مۇشۇ چاققىچە بىرەسى بىلەن ئۇرۇشۇپ باقمىسام ماڭا بەرمەي ئۇ مۇكاپاتنى  

سىز ئايال كىشى بولغان بولسىڭىز چۇقۇم بىرەتىكەن  ئەسلى ....................چاخچاق.

natsist 2011-10-11 14:05
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى nida0998 نىڭ 2011-10-11 13:11 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
سىزگە بىرىشى مۇمكىنتى ...........ئىسمىڭىز ناتسىست بولمىغان بولسا.

مەن دىگەن تىنىچلىقنى ياقىلايدىغان ناتسىست

almiliq 2011-10-11 23:36
نوبىل مۇكاپاتى ياۋرۇپانى، غەرىب دۇنياسىنى مەدىھىيەلىگەنلەرگە بېرىلىدىكەن دەپ كۆرگەن ئىدىم، ئىلىگىرى قايسى بىر مۇنبەردە، سىلەر قايسىڭلار بىلىسىلەر، ئاسىيا، ئەرەپ، مۇسۇلمان ئەللىرىدىن نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنى؟ پەقەت نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىدىن باشقا.

natsist 2011-10-11 23:39
ھىندىستانلىق تاگور ئەپەندىم نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى ئالغان
لاتن ئامىرىكىلىك گارسىيا ئەپەندىممۇ ئۆتكەن يىلى نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى
جەنۇبى ئافرىقىلىق ماندىلا نوبىل تىنىچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنغۇ دەيمەن

zero903 2011-10-12 22:40
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 7قەۋەتتىكى almiliq نىڭ 2011-10-11 23:36 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
نوبىل مۇكاپاتى ياۋرۇپانى، غەرىب دۇنياسىنى مەدىھىيەلىگەنلەرگە بېرىلىدىكەن دەپ كۆرگەن ئىدىم، ئىلىگىرى قايسى بىر مۇنبەردە، سىلەر قايسىڭلار بىلىسىلەر، ئاسىيا، ئەرەپ، مۇسۇلمان ئەللىرىدىن نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنى؟ پەقەت نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىدىن باشقا.

تۈرۈك يازغۇچىسى ئورخان پامۇك نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى ئالغان........

تۈرك يازغۇچى فېرىت ئورھان پامۇك 2006-يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەڭ ياش يازغۇچىلاردىن بىرى بولدى. kj=2+)!E7  
ئۇنىڭ كىتابلىرى 58 تىلغا تەرجىمە قىلىندى ۋە 100 گە يېقىن دۆلەتتە نەشر قىلىندى. ئۇ، يازغۇچىلىقتىن باشقا ھېچقانداق ئىش بىلەن مەشغۇل بولمىدى. ^ 6|"=+cO\  
QaBXzf  
ئورھان پامۇك 2005-يىلى «Prospect» ژۇرنىلى تەرىپىدىن دۇنيانىڭ 100 زىيالىيسى ئوتتۇرىسىدا كۆرسىتىلدى، -y*+G&  
2006-يىلى بولسا «TIME» ژۇرنىلى تەرىپىدىن دۇنيا بويىچە ئەڭ مەشھۇر 100 كىشى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. B :.;:AEbT  
Z[bC@y[Wb  
ئورھان پامۇك، 1952-يىلى 7-ئىيۇن ئىستانبۇلدا زەردار بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلدى. 2U{RA' s  
دادىسى ئىبم زاۋۇتىنىڭ تۈركىيە شۆبىسىدە باش دىرېكتور بولغان گۈندۈز پامۇك، 6&0a?Xu  
ئانىسى 1700-يىللاردا گىرىتكە ۋالىي بولغان ئىبراھىم پاشىنىڭ نەسلىدىن بولغان شەكۈرە خانىمدۇر. i}"JCqo2  
H,~In2Z  
ئورھان پامۇك «جەۋدەت ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى»(1982) ناملىق كىتابىدا ئوتتۇرىغا قويغىنىدەك ئۆي ۋە ئائىلىدە ئىستانبۇلنىڭ نىشانتاشى مەھەللىسىدە ئۆسۈپ چوڭ بولدى. كېچىكىدىن تارتىپلا رەسسام بولۇشنى ئارزۇ قىلىپ روبېرت ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇدى. ئىستانبۇل پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقىنىدا مېمار ياكى رەسسام بولالمايدىغانلىقىنى قارار قىلىپ مەكتەپنى تاشلىۋەتتى. داۋاملىق كېلىش شەرت بولمىغانلىقتىن يېزىقچىلىققا تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت ئاجرىتالىشىم مۇمكىن، دەپ قاراپ ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ژورنالىستلىق ئىنىستىتۇتېغا ئوقۇشقا كىردى ۋە شۇ ئىنستىتۇتنى پۈتتۈردى. بىراق، «قار» رومانىنىڭ سىرتىدا بۇ كەسىپتە ھېچ ئىشلەپ باقمىدى. 2Hwf:S'  
ئورھان پامۇك 1982-يىلى ئايلىن تۈرەگەن خانىم بىلەن توي قىلدى. 1991-يىلى «رۈيا» ئىسىملىك بىر قىزى دۇنياغا كەلگەن بۇ ئەر-خوتۇن 2001-يىلى ئاجرىشىپ كەتتى. L"/ato  
ئورھان پامۇكنىڭ ئاكىسى شەۋكەت پامۇك ئىقتىساد تارىخچىسى بولۇپ، بوغازئىچى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلماقتا. rWqA)j*!  
I GtH<0Du  
1985-1988-يىللىرى ئارىسىدا ئىئوۋا ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن بېرىلگەن «International Writing Program»(IWP) ناملىق كۇرسقا قاتناشتى. بۇنىڭدىن مەقسەت، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ۋە كەلگۈسىگە ئۈمىد بىلەن قاراشتا تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان يازغۇچىلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ كۈندىلىك ھاياتى بىلەن تونۇشۇپ چىقىشى ۋە كىتابلىرىنى يازالايدىغان شەرت-شارائىتقا ئېرىشتۈرۈش بولۇپ، ئورھان پامۇكنىڭ ئۆز تەبىرى بويىچە ئېيتقاندا، كۇرستىن كېيىن، ئۇنىڭ «ھاياتىدا زور بۇرۇلۇش ھاسىل بولدى». تۇنجى كىتابىدىن ئېتىبارەن مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى. كىتابلىرى ھەم كۆپ سېتىلدى ھەم ئەدەبىي جەھەتتىن ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. 9Wrcl ai  
{ rn~D5R  
ئورھان پامۇكنىڭ يازغۇچىلىق ھاياتى 1974-يىلى باشلاندى. 1979-يىلى تۇنجى رومانى بولغان «قاراڭغۇلۇق ۋە يورۇقلۇق» ناملىق رومانچىلىق مۇسابىقىسىدە بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتنى مەھمەت ئەرئوغلۇ بىلەن ئورتاقلاشتى. يەنە شۇ رومانى 1982-يىلى «جەۋدەت ئەپەندى ۋە ئوغۇللىرى» تېمىسى ئاستىدا قايتىدىن نەشر قىلىندى، ھەمدە بۇ قېتىم 1983-يىلى شۇ ناملىق ئەسىرى ئارقىلىق «ئورھان كەمال رومان مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى. 0O4mA&&!oK  
kyB]fmS  
ئورھان پامۇكنىڭ شۇنىڭدىن كېيىن يازغان كىتابلىرى ئۇدا نۇرغۇنلىغان مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئاپتورنىڭ «تىۋىشسىز ئۆي» ناملىق ئىككىنچى رومانى 1984-يىلى «مادارالى رومان مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى. بۇ روماننىڭ فرانسۇزچە تەرجىمىسى بولسا 1991-يىلى «Prix de la Découverte Européenne مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى. 1985-يىلى نەشر قىلىنغان «ئاق قەلئە» ناملىق رومانى 1990-يىلى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدا «Independent Award for Foreign Fiction مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى ۋە تۈركىيە سىرتىدا ئاپرورنىڭ كەڭ تونۇلۇشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. m 0PF"(  
R&xd ic!  
ئورھان پامۇك، 2002-يىلى نەشر قىلىنغان «قار» ناملىق ئەسىرىنى، تۈركىيىنىڭ ئېتنىك ۋە سىياسىي مەسىلىلىرى ئىشلەنگەن «سىياسىي رومان» دەپ تەرىپلىمەكتە. miSC'!  
ئاپتورنىڭ «قار» ناملىق ئەسىرى ئامېرىكىدا 2004-يىلى «2004-يىللىق ئەڭ ياخشى كىتابتىن بىرى» دەپ تونۇشتۇرۇلدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ تۈركىيە سىرتىدا تېخىمۇ شۆھرەت قازانىشقا باشلىدى. 6si-IJ  
1998-يىلى نەشر قىلىنغان «مېنىڭ ئىسمىم قىزىل» ناملىق ئەسىرى 24 تىلغا تەرجىمە قىلىندى ۋە 2003-يىلى ئىرېلاندىيىنىڭ دۇنياغا داڭلىق «International IMPAC Dublin Literary Award مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى. V485Yn!$(  
|D:0BATRP  
رومانلىرىنىڭ سىرتىدا يازمىلىرىدىن ۋە دىئالوگلىرىدىن تاللانمىلار ۋە ھېكايىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «باشقىچە رەڭلەر»(1999) ۋە ئۆمەر قاۋۇر رېژىسسورلۇق قىلغان «سىرلىق يۈز» ناملىق فىلىمنىڭ سېنارىيىسى(1992) بار. بۇ سېنارىيە، يازارنىڭ 1990-يىلى نەشر قىلدۇرغان «قارا كىتاب» ناملىق رومانىدىكى بىر بۆلۈمگە ئاساسەن يېزىلغان.   t m?  
K? k`U,  
ئورھان پامۇكنىڭ يازغۇچىلىق كەسپى 2006-يىلى 12-ئۆكتەبىردە «نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشىش بىلەن يۇقىرى پەللىگە يەتتى، ھەمدە «نوبېل مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن تۇنجى تۈرك گراژدانى سۈپىتىدە تارىخ بېتىدىن مەڭگۈلۈك ئورۇن ئالدى. c3dZ1v  
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭ .

muslima32 2011-10-13 01:11
ئۇنى دىسىغۇ مەنمۇ يولدۇشۇمدىن باشقا ھىچ كىشى بىلەن ئۇرشۇپ باقمىغان،

muhtarbay 2011-10-13 09:53
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 7قەۋەتتىكى almiliq نىڭ 2011-10-11 23:36 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
نوبىل مۇكاپاتى ياۋرۇپانى، غەرىب دۇنياسىنى مەدىھىيەلىگەنلەرگە بېرىلىدىكەن دەپ كۆرگەن ئىدىم، ئىلىگىرى قايسى بىر مۇنبەردە، سىلەر قايسىڭلار بىلىسىلەر، ئاسىيا، ئەرەپ، مۇسۇلمان ئەللىرىدىن نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنى؟ پەقەت نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىدىن باشقا.

پاكىستانلىق زەررىچە فىزىكا ئالىمى ئابدۇسالام،نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرشكەن..
نوبىل مۇكاپاتى ياۋرۇپانى مەدھىيلىگەنلەرگە بىرىلىدۇ دىگەن گەپنى دولىتىمىزدىكى ئەرباپلار شۇنداق دەيدۇ،چۇنكى نوبىل مۇكاپاتى كومىتىتى پارا يىمەيدىكەن ئەمەسمۇ، ئۇلار پارا يىگەن بولسا  نوبىل مۇكاپاتىنى  ئاساسى قاتلامنىڭ شۇجىلىرىدىن تارتىپ ئالاتتى

muhtarbay 2011-10-13 09:58
جۇڭگولۇق يازغۇچى نوبىل مۇكاپاتى ئۈچۈن پارا بېرىشكە ئۇرۇنۇپتۇ


«جۇڭگو يازغۇچىلىرى پارا بېرىش ئۈچۈن، نوبىل مۇكاپاتىنىڭ دەرۋازىسىنى چەكمەكتە» سەرلەۋھىلىك قىسقا ئۇچۇر ئىيۇل ئېيى كىرگەندىن بۇيان جۇڭگودا نوبىل مۇكاپاتى ھەققىدە قىزىقچىلىق پەيدا قىلماقتا. مۇخبىر ھەرخىل سادالارنى ئاڭلاپ، بۇ گەپ-سۆزلەرنىڭ راست-يالغانلىقىنى دەلىللەش ئۈچۈن، نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى باھالاش ھەيئىتىنىڭ باھالىغۇچىسىدىن بىرى بولغان گوران مالمكۋست (Nils Göran David Malmqvist) ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى چېن ۋېنفېن خانىم بىلەن  ئىلخەت ۋە تېلېفۇن ئارقىلىق ئالاقىلاشتى. گوران مالمكۋست ئەپەندى قايسى جۇڭگولۇق يازغۇچىنىڭ ئۇنىڭغا پارا بېرىشكە ئۇرۇنغانلىقىنى مىسال كەلتۈرۈپ چۈشەنچە بەردى، چېن ۋېنفېن خانىم : بۇنداق كىشىلەرنى يازغۇچى دېگىلىمۇ بولماس، دەپ تولۇقلىما قىلدى. ما يۆرەن ئەپەندى مۇخبىرغا: جۇڭگولۇق يازغۇچىلار بىلەن كۆپ باردى-كەلدى قىلىمەن، جۇڭگولۇق يازغۇچىلاردىن مەن تونۇيدىغانلىرىدىن بىرەرسىمۇ ماڭا خەت يېزىپ ئۇنداق تەلەپ قويۇپ باقمىدى، دېدى.


گوران مالمكۋست ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، ئۇ جۇڭگودىن ئەۋەتىلگەن سالام خەتلەرنى ھەر ئايدا دېگىدەك تاپشۇرۇپ ئالىدىكەن. كونۋېرتقا يېزىلغان ئادرېس ئانچە توغرا بولمىسىمۇ، شۋېتسىيە ئىنستىتوتى دەپ يېزىلغانلا بولسا، خەت ئۇنىڭغا تېگىدىكەن. سالام خەتتە نوبىل مۇكاپاتى ئېلىشىمغا ياردەم قىلسىڭىز دەپ يېزىلىدىكەن، ئۇلار نەشىر قىلىنغان شېئىر توپلىمى، ھېكايە-رومانلىرىنى ئەۋەتىدىكەن، بەزىلىرى تېخى نەشىر قىلىنمىغان قوليازمىلىرىنىمۇ ئەۋەتىدىكەن. بۇ كىتابلارنىڭ بەزىلىرىنى مايۆرەن ئەپەندى ئونىۋېرسىتېت جۇڭگو ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنىڭ كۈتۈبخانىسىغا ئەۋەتىپ بېرىدىكەن. ئۇ بۇ ئەسەرلەر نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا باھالاشقا قاتناشتۇرۇش شەرتىگە توشمىغان بولسىمۇ، جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى مەلۇم ئەدەبىيات ھادىسلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ دەپ قارايدىكەن. بۇنداق سالام خەت يازغۇچىلار ھەققىدە ما يۆرەن ئەپەندى: جۇڭگو دۇنيادا نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەت، ھەر قىسما ئادەملەر بار، بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرۈدىغان، مېڭىسىنىڭ دەردى بار، مېنىڭلا راست دەيدىغان، قويمىچى، چېركىن، مۇناپىقلارمۇ ئاز ئەمەس، دېدى.

گوران مالمكۋست ئەپەندى مۇخبىرغا مۇنداق ئىككى ئىشنى سۆزلەپ بەردى: شياڭگاڭدا نەچچە پارچە شېئىر توپلىمىنى نەشر قىلدۇرغان بىر شائىرە ئۇنىڭغا 5000 سوم (شياڭگاڭ پۇلى) لۇق پۇل چېكى ئەۋەتىپتۇ. شەندوڭلۇق مەدەنىيەت كادىرى ئىككى يىل ئىچىدە ئۇنىڭغا 18 پارچە سالام خەت يېزىپ، ئۆزىنىڭ ناھايىتى پۇلدار ئىكەنلىكىنى، مۇكاپات پۇلىنى ما ئەپەندىگە بېرىپ، نام-ئاتاقنىلا ئالسا بولىدىغانلىقىنى تەلەپ قىپتۇ. ھەر قېتىم سالام خەت ئەۋەتكەندە ھۆسنخەت-رەسىم ئەسەرلىرىنى ھەدىيە قىلىپ بىرگە ئەۋەتىپتۇ. ما يۆرەن ئەپەندى بۇلارنى قايتۇرغۇزىۋېتىپتۇ ھەمدە جاۋاب خەت يېزىپ پاراكەندە قىلماسلىقنى ئۆتۈنۈپتۇ. شۋېتسىيە ئىنستىتوتىنىڭ خەت-چەك باشقۇرۇش خادىمىغا شۇ ئادەمدىن خەت كەلسە، قايتۇرىۋېتىشنى تاپىلاپتۇ. بۇ يىل ئەتىيازدىن باشلاپ، ھېلىقى ئادەم شۋېتسىيە ئىنستىتوتى نوبىل مۇكاپاتى گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسىگە سالام خەت يېزىشنى باشلىۋېتىپتۇ. بۇ ئادەم ئۆزىنى نامى چىققان يازغۇچىمەن دەۋاپتۇ.

گوران مالمكۋست  ئەپەندى يەنە تەكىتلەپ: جۇڭگولۇق يازغۇچىلاردىن مەن تونۇيدىغانلىرىدىن بىرەرسىمۇ ماڭا خەت يېزىپ ئۇنداق تەلەپ قويۇپ باقمىدى، دېدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، 50 يىلدىن بۇيان، ئۇ 80 گە يېقىن جۇڭگولۇق يازغۇچىنىڭ نۇرغۇن ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى شۋېت تىلىغا تەرجىمە قىپتۇ. ئۇ ئەيچىڭ، فېڭ جى قاتارلىق جۇڭگولۇق داڭلىق يازغۇچىلار بىلەن ياخشى دوست ئىكەن. ئۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا شۋېتسىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ مەدەنىيەت خادىمى بولۇپ تۇرغان چاغلاردا، باجىن، لاۋشې، چيەن جوڭشۇ، شېن سوڭۋېن، ئەيچىڭ، بىڭشىن قاتارلىق داڭلىق ئەدىبلەرنى زىيارەت قىلغان ئىكەن.

ماقالە ئاپتۇرى: جۇ لىڭ.


تارىم شېئىرىيەت تورىغا (http://www.sheiriyet.com) نوشىرۋان تەرجىمە قىلدى.


شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى. خەنزۇچە مەنبە ئادرېسى:
http://news.xinhuanet.com/book/2011-07/30/c_121747093.htm


查看完整版本: [-- نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئۇچ ئايال --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.055036 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us