2011-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى جۈمە كۈنى ئېلان قىلىندى. بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى دېموكراتىيە ۋە تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئەر-ئاياللار باراۋەرلىكىنى قوغداش يولىدا خىزمەت كۆرسەتكەن 3 قەھرىمان ئايالغا بېرىلدى. بۇلار لىبېرىيە پرېزىدېنتى ئەللېن جونسون سىرلىف، لىبېرىيىدىكى ئۇرۇشنى ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئالدىنقى سەپلەردە خىزمەت قىلغان ئايال پائالىيەتچى لەيماھ بۈۋى ۋە يەمەندىكى دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ تونۇلغان ئىسىملىرىدىن بىرى بولغان تەۋەككۈل كارمان.
نوبېل مۇكاپاتى تەسىس قىلىنغان 110 يىلدىن بۇيان بۇ مۇكاپاتقا كۆپىنچە ھاللاردا ئەرلەر ئېرىشىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ نۆۋەت مۇكاپاتنىڭ ئاياللارغا بېرىلىشىنى ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن تەڭ-باراۋەرلىكىنى تەكىتلەش ۋە دۇنيادا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئاياللارنىڭ ئورنىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەشنى مەقسەت قىلغانلىقى مەلۇم. نوبېل مۇكاپاتى كومىتېتىنىڭ رەئىسى توربجورن جاگلەند مۇكاپاتنى ئېلان قىلغان ۋاقىتتا قىلغان نۇتقىدا «ئاياللار جەمئىيەتنىڭ ھەر قاتلىمىدا ئەرلەرگە ئوخشاش ئورۇنغا ئىگە بولمىغۇچە، بىز دۇنيادا دېموكراتىيىنى ۋە تىنچلىقنى بەرپا قىلالمايمىز، بۇ مۇكاپات دۇنيادىكى بارلىق ئاياللار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بىر سىگنال» دېدى.
خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاياللار كومىتېتىنىڭ رەئىسى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ 3 ئايالنى تەبرىكلىدى ۋە نوبېل كومىتېتىنىڭ ھەرىكىتىنى ئالقىشلىدى. ئۇ «دۇنيادىكى بارلىق ئاياللار ئۆز ھوقۇقىنى ۋە جەمئىيەت قۇرۇلۇشى، تىنچلىق ۋە دېموكراتىيىنىڭ ئورنىتىلىشىدا باراۋەر ھوقۇققا ئىگە بولۇشىنى تەلەپ قىلماقتا. نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى، بۇ مۇكاپات ئارقىلىق دۇنياغا 21-ئەسىرنىڭ ئاياللارنىڭ جەمئىيەتنىڭ ھەر قاتلىمىدا باراۋەر ئورۇنغا ئىگە بولىدىغان ئەسىر ئىكەنلىكىنىڭ سىگنالىنى بەردى» دېدى.