ھەقىقەتەن ئېسىل تېمىكەن . بەكلا سۆيۈنۈپ كەتتىم ، مەمنۇن بولدۇم ، ئۆزۈمنىڭ بۇنداق ئىدىيەدە يالغۇز ئەمەسلىكىمنى ھېس قىلدىم. مانا مۇشۇنداق قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغان سىلەردەك قېرىنداشلار باردە !
ئەمما بىر نۇقتا ھەممىمىزگە ئايان ، بۇ سۆزلەرنىڭ تەسىر دائىرىسى كۈچەيمىسە ، كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ئاغزاكى تىلىدا ئومۇملاشمىسا ، ھەممىمىزنىڭ تۇرمۇشىدىكى بىز ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلاردا ياكى ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان نەرسىلىرىمىزنى ئىشلەتكەندە مۇشۇ سۆز لەر ئېسىمىزگە ئەڭ ئاۋۋال كېلىدىغان ھالەتكە يەتمىگۈچە بىز بۇ ئازغىنە ھاياجانسىمان قەلبلىرىمىز ئارقىلىق كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتەلمەيمىز .
لېكىن مەن يەنىلا مۇشۇ سۆزلەرنى تېپىشقا ئۇرۇنغان ، ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنىڭ ساپلىقىنى قوغداش مەجبۇرىيىتى ھەم مەسئۇلىيىتىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلالىغان شۇ ساپ كۆڭۈللەرگە ،ئانا تىل تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقان ئىللىق كۆڭۈل قېرىنداشلىرىمغا رەھمەت ئېيتىمەن !
ئاللاھ سىلەرگە كۆپ ئەجىر ئاتا قىلغاي !
[ بۇ يازمىنىبەگزات 2011-10-21 18:46قايتا تەھرىرلىدى ]