ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 34قەۋەتتىكى تاش نىڭ 2011-10-04 16:30 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل Re:31-قەۋەت (تاش) نىڭ يازمىسىغا :
مەن بەك چۈشىنىپ كەتمەيمەن
.ماڭا ئۇنداق تەنە قىلماڭ
!!!!!!!!!!مەن<< ئەپەندى
>>.بىلىۋېلىڭ.كىلاسسىك شېئىرلارنىمۇ ئوقۇيمەن
.توغرا بەزى سۆزلەردە ئۆزگىرىش بولىدۇ
.ئەمما،ئۇنداق سۆزلەر تۇراقلىق.ئۆزگىرىش
بولىدۇ دەپ ھەممە سۆزنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.
<< سۆزلەردە
ئاز تولا ئىشلىتىلىش
زۆرۈرى جەھەتتىن ئۆزگىرىش
بوپ قالىدۇ >>.بۇ شېئىر بولمىغاندىكىن،<<بولۇپ قالىدۇ>>دەپ
تۇلۇق ئېلىڭ
.بىر مۇھەررىر ئۆزىنىڭ يازغان
كىتابىدا بۇ سۆزنى شېئىردىمۇ <<بوپ>>دەپ يېزىشقا بولمايدىغانلىقىنى
ئېيىتقان.
سىز بىلەن بۇ توغرىسىدا ئېتىشماي دېگەن ئىدىم. ئەمما، كۆزۈمگە بەك كىرىۋالدىڭىز!
مەن يۇقىرىدىكى ئىنكاسىڭىزدىكى خاتالىقلارنى كۆرسىتىپ قويىمەن، ئاندىن، ئىملا توغرىسىدا نېمە دېيىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر ئاڭلىمايمەن، ئىنكاسمۇ قايتۇرمايمەن.
1. ھەر قانداق بىر جۈملىدە، تىنىش بەلگىسىدىن كېيىن بىر بوشلۇق قويۇلۇپ ئاندىن كېيىنكى سۆز يېزىلىدۇ. ھەر قانداق مۇستەقىل ئىككى سۆز ئارىسىغا چوقۇم بوشلۇق قويۇلىدۇ. ئەمما، سىزنىڭ يۇقىرىدىكى كىچىككىنە ئىنكاسىڭىزدا بۇ خىل خاتالىق ئىنتايىن كۆپ.
2.ئۇيغۇر تىلىدا ھىچقانداق بىر جۈملىنىڭ ئاخىرىغا ئۈندەش بەلگىسىنى سىزدەك كۆپ قويۇشقا بولمايدۇ.
3. "بىلىۋېلىڭ" دېگەن سۆزىڭىز مۇستەقىل جۈملە ئەمەس، شۇڭا ئۇنىڭ ئالدىغا چېكىت قويۇلۇشى خاتا.
3. "توغرا" دېگەن سۆزنىڭ كەينىگە پەش قويۇلۇشى كېرەك ئىدى، ئەمما، سىز پەش قويماپسىز.
4. "بولىدۇ دەپ" دېگەن سۆزلەردە، "بولىدۇ" دېگەن سۆزنىڭ كەينىگە پەش قويۇلۇشى كېرەك ئىدى.
5. "
تۇلۇق" دېگەن سۆزىڭىز خاتا، توغرىسى "تولۇق".
6. "كىتابىدا" دېگەن سۆزنىڭ كەينىگە بىر پەش قويۇلۇشى كېرەك ئىدى، شۇڭا ئۇ جۈملىڭىز خاتا.
7. "
ئېيىتقان" دېگەن سۆزىڭىز خاتا، توغرىسى "ئېيتقان".
بىر قىسىم ئىملا خاتالىقلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپلا ئەسكەرتىۋەتتىم. مېنىڭ تاش ئەپەندى بىلەن ئىملا توغرىسىدا قىلىشىدىغان مۇنازىرەم مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى.
تاش ئەپەندىم باشقىلارنىڭ ئىملاسىنىڭ قانداق ئىكەنلىكى بىلەن قالماي، ئەڭ ياخشىسى ئۆز ئىملاسىنى توغرىلاشقا ئالاھىدە كۈچىگەي!