查看完整版本: [-- مۇشائىرىگە قېتىلىڭ: «گۇناھ خاتىرىسى» ئىزىدىن --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> شېئىر روبايىلار -> مۇشائىرىگە قېتىلىڭ: «گۇناھ خاتىرىسى» ئىزىدىن [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

<<   1   2   3  >>  Pages: ( 3 total )

oylinish 2011-10-02 23:13
«گۇناھ خاتىرىسى» ناملىق شېئىرنىڭ ئىزىدىن

  پەخىرلىك يازغۇچىمىز مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 58 ياشقا كىرگەن چېغىدا، ئۆتكەن ئۆمرىنى خۇلاسىلەپ «ھىدايەتنامە» ناملىق شېئىرىنى يېزىپ چىققان ئىدى. بۇ شېئىر توردا ئېلان قىلىنىشى بىلەن تورداشلار ئارىسىدا قىزغىن ئالقىش قوزغىغانىدى. ئۆتكەندە ئۆزىنىڭ تېتىملىق يازمىلىرى بىلەن تورداشلارنى ھەيرەتتە قالدۇرغان داڭلىق يازغۇچىمىز مەڭگۈتاش(ئوسمان زاھىر) ئەپەندى ئۆزىنىڭ 38 يىللىق ئۆمرىنى خۇلاسىلەپ يازغان « گۇناھ خاتىرىسى» ناملىق شېئىرىنى مىسرانىم مۇنبىرىگە چىقاردى. ئۇ شېئىر خۇددى «ھىدايەتنامە» دەك ئېسىل ئەسەر ئىدى. ئەپسۇس، بۇ تېمىغا تورداشلار ئانچە پەرۋا قىلمىدى. بىر كۈندىن كېيىن قارىسام بۇ تېمىنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانى 160 كىمۇ يەتمىگەنىدى. ئەمما، ئۇنىڭدىن كېيىن يوللانغان « مۇشائىرە قىلىشىپ باقايلى» دېگەن تېما باشقىچە قىززىپ كەتتى. تورداشلارنىڭ مۇشۇنداق ئېسىل ئەسەرگە دېققەت ئىتىبارىنى قاراتمىغانلىقى مېنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇردى.
شۇنىڭ بىلەن، بۇ شېئىرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىسراسىنى باشلاپ مۇشائىرە قىلىش ئارقىلىق، يازمىنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانىنى ئاشۇرماقچى بولدۇم. ھەر بىر قېتىم تورغا چىققاندا بىر كۇبلىتتىن مۇشائىرە شەكلىدە يېزىپ قويۇش ئارقىلىق يازمىنىڭ باش بەتتە كۆرۈنۈپ تۇرۇشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتتىم. شۇنچە قىلغان بولساممۇ يەنىلا ئۇ يازمىنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانى 400 گەيەتمىدى، شۇنداقتىمۇ، ئىنكاس يېزىش ئارقىلىق ئۆزۈممۇ تۇيمايلا يامان ئەمەس بىر پارچە شېئىرنى يېزىپ بوپتىمەن. شۇڭا بۇ شېئىرغا « ‹گۇناھ خاتىرىسى› ئىزىدىن» دەپ ماۋزۇ قويدۇم:
مەڭگۈتاش ئەپەندىنىڭ «گۇناھ خاتىرىسى» ناملىق شېئىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىسراسى مۇنداق:

ئۈمىدىم شۇ: ئىماندا كەتسەم ئۇشبۇ زىمىندىن.

يۇقارقى مىسرادىن باشلاپ مۇشائىرە باشلىدىم:


ئۈمىدىم شۇ: ئىماندا كەتسەم ئۇشبۇ زىمىندىن،
ئۇلۇغ رەببىم: ئىماننى ئايرىۋەتمە يېنىمدىن.
مۇسۇلمانغا خاس ماڭا ئاتا قىلغىن جاسارەت،
ساباتلىق قىل دىنىمدا ئايرىلساممۇ جېنىمدىن.

ساباتلىق قىل دىنىمدا ئايرىلساممۇ جېنىمدىن.
رىزىق، ھايات- ماماتىم، ھەممە نەرسەم سېنىڭدىن،
مۇسبەت، بالا- قازادىن ساقلىمىساڭ سەن ئۆزۈڭ،
كېچەلمەيدۇ ھىچ مەخلۇق بىرەر قوشۇق قېنىمدىن.

كېچەلمەيدۇ ھىچ مەخلۇق بىرەر قوشۇق قېنىمدىن،
ئالالمايدۇ ئىزنىڭسىز بىر تال موينى تېنىمدىن،
كەچۈر مېنى ئەي ئاللاھ! تەۋەككۈلۈم ساڭىلا،
قىيامەتتە ئاتا قىل ھەۋزى كەۋسەر، بېغىڭدىن.

قىيامەتتە ئاتا قىل ھەۋزى كەۋسەر، بېغىڭدىن،
ئىككى دۇنيا بەخىتنى ئۆتۈنىمەن سېنىڭدىن،
ئاجىز مەخلۇق بولغاچقا، گۇناھلىرىم بەك تولا،
ئى رەھىم رەب، ئەپۇنى ئايىمىغىن مېنىڭدىن!

ئى رەھىم رەب، ئەپۇنى ئايىمىغىن مېنىڭدىن،
مەككار دۈشمەن شەيتاننى قوغلىۋەتكىن تېنىمدىن،
ھىدايەتكە باشلىساڭ ئازدۇرالماس ئىبلىسمۇ،
توغرا يولدا ماڭغايمەن، گۈللەر ئۈنگەي ئىزىمدىن!

توغرا يولدا ماڭغايمەن، گۈللەر ئۈنگەي ئىزىمدىن،
ھالال يەيمەن، چاپىنىم ئاشمىسىمۇ تىزىمدىن،
ئاز يېسەممۇ مەيلىغۇ، ئارتۇق بولۇر ھالال رىزق
ئەقىدىنى، ۋىجداننى ئۇنتۇپ تاپقان كىرىمدىن!

ئەقىدىنى، ۋىجداننى ئۇنتۇپ تاپقان كىرىمدىن،
«دىلغا ھوزۇر بەرگۈچى» خۇمار قىلغۇچ چىلىمدىن،
نىجىس مەخلۇق ئاتالغان توڭگۇزدىن ھەم ئىتىڭدىن،
ھەممىسىدىن يىراق مەن، ھارام قىلغاچ دىنىمدىن.

ھەممىسىدىن يىراق مەن، ھارام قىلغاچ دىنىمدىن، 
سۇ ئىچكەنتىم ئەسلىدە پاكىز بولغان ئېقىندىن،
پەيدا بولدى ئېقىنغا شۇم نىيەتلىك مەخلۇقلار،
تازىلىغىن ئەي رەببىم، يولنى خائىن _ چىۋىندىن.

تازىلىغىن ئەي رەببىم، يولنى خائىن _ چىۋىندىن،
پەيغەمبەر دەۋرىدىكى ساپ ئىسلامنى سېغىندىم،
بىرلەشتۈرگىن ئۈممەتنى، ئىسلام قايتا نۇر چاچسۇن،
ئۇزۇقلاندۇر بىزلەرنى ساپ ئىسلامىي ئىلىمدىن!

يۇقارقى شېئىرنىڭ ئاخىرىغا بىر تورداش مۇنداق مۇشائىرە كەلتۈرۈشتۇق:

AynaK ناملىق تورداش:

ئۇزۇقلاندۇر بىزلەرنى ساپ ئىسلامىي ئىلىمدىن،
نادانلىقتا تېڭىرقاپ يىراقلاشتۇق ھەق يولدىن،
ئىلىم بىلەن يۇيۇلسۇن گۇناھ باسقان بۇ تەنلەر،
نۇر چاقنىسۇن كۆزلەردىن ئويغىنايلى غەپلەتتىن

مەن (ئويلىنىش):

نۇر چاقنىسۇن كۆزلەردىن ئويغىنايلى غەپلەتتىن،
تازىلايلى قەلىبنى بۇزۇق پىكىر _ ئەخلەتتىن،
ئىبادەتلەر ئارقىلىق يېقىنلايلى ئاللاھقا،
بۇڭا ئۈلگە ئالايلى ئۇستاز ئىمام ئەھمەدتىن!

AynaK ناملىق تورداش:

بۇڭا ئۈلگە ئالايلى ئۇستاز ئىمام ئەھمەدتىن،
ئىزلىرىنى كۆكەرتىپ باغ ياسايلى ھۆرمەتتىن.
چىچەكلىسۇن نۇر ئىمان ھەمىمىزنىڭ قەلبىدىن،
غەپلەتلەردىن ئويغانساق شەيتان قاچار خسلەتتىن.

مەن (ئويلىنىش):

غەپلەتلەردىن ئويغانساق شەيتان قاچار خسلەتتىن،
بېلىقلارمۇ قاچىدۇ تۇيۇپ قالسا ئىلمەكتىن،
قىيامەتتە يىراقراق بولاي دېسەڭ قىسمەتتىن،
توغرا يولدا پايدىلان ھاياتلىقتىن - نىئمەتتىن.

قېنى  ئەمدى سىلەرمۇ  مۇشائىرىگە  قېتىلمامسىلەر؟
تېز بولۇڭلار دەيمەن

تاھىربەگ 2011-10-02 23:46
10 مىنۇت ئوتتاسام كەلمىدى قەتتى ئىلھامىم !!  

muslima32 2011-10-03 01:38
                                            غەپلەتلەردىن ئويغانساق شەيتان قاچار خىسلەتتىن،
                                            باراي دىسەڭ مەشىر گاھقا سەنمۇ قاچقىن مەينەتتىن.
                                             ئەگەر سەنمۇ قىلمىشىڭنى كۆرەلىسەڭ ئەينەكتىن،
                                             سەنمۇ ھەرگىز قالمايسەن نازۇ-نىممەت جەننەتتىن.

بىخ 2011-10-03 07:47
سەنمۇ ھەرگىز قالمايسەن نازۇ-نىممەت جەننەتتىن
قاچالىساڭ سەن چۇقۇم دۇنيادىكى ئىشرەتــتىـن
ئويغىنىسەن بىر كۈنى سىنى باسقان غەپلەتتىن  
تازىلىنىسەن شۇندىلا  كونا -يىڭى بىدئەتتىن

ئەلى 2011-10-03 09:11
تازلىنىسەن شۇندىلا كونا يىڭى بىدئەتتىن،
سېنى خار قىلىۋاتقان ئاشۇ يامان ئادەتتىن.
ھەممىسىنىڭ ئاچقۇچى رەسۇلۇللاھ يولىدۇر،
مۇشۇ يولدا تۈز مېڭىپ قۇتۇلغىن سەن ئاپەتتىن.

بىخ 2011-10-03 10:20
مۇشۇ يولدا تۇز مېڭىپ قۇتۇلغىن سەن ئاپەتتىن
ئاداشماي سەن بۇ يولدىن ھەمرا قىلغىن ئىماننى
مېڭىۋېتىپ شۇ يولدا يۇقاتساڭ سەن نىشاننى
ئىزدىگىن ئۇ نىشاننى قۇرئان-ھەدىس شەرىئەتتىن





قايتا قۇراشتۇردۇم. قاملاشمىسىمۇ...

oylinish 2011-10-03 10:29
ئەستاغفىرۇللا
ياخشى ئىزباسار بولماپسىز جۇمۇ سىز!
ئالدىنقى كۇبلىتىڭىزدا «تازلىنىسەن» دەپ بىر خاتا سۆزنى يېزىپسىز. تازلىنىش دېگەن نېمە؟
كېينكى كۇبلىتىڭىزدا ABAA  شەكلىدە مېڭىۋاتقان قاپىيەنى  BABA شەكلىگە ئۆزگەرتىۋېتىپسىز.
ئۇنداق قىلماي ئىزباسارلىقنى ياخشى ھەم توغرا قىلىڭ دەيمەن

بىخ 2011-10-03 10:38
ۋوي مەن ئەمدى سىلەرگە ئوخشاش ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بولمىغاندىكىن مۇشۇنچلىك قاملاشتۇرالىغىنىمنىڭ ئۇزىمۇ چوڭ ئىش. پېقىرنىڭ مەكتەپ سەۋيەسى ئۆزلىرىگە ئايانغۇ ئويلىنىش ئەپەندىم.
<تازلىنىسەن> دىگەن ئۇيغۇرچە گەپقۇ... قۇتۇلىسەن دىمەكچى ئىدىم.قايتا تەھىرلەپ قۇياي
ئاستىدىكىنى ئۈزۈم بىلىپ شۇنداق قىلىپ قويدۇم. ئىلھامىم تەتۇرسىگە كەپقالغان چېغى................
ياش بۇ يەرگە يەتكەندە بەزى ئىشلار تەس كىلىدىكەن ئۆھھۆ. ئۆھھۆ..............

oylinish 2011-10-03 10:42
<تازلىنىسەن> ئەمەس، تازىلىنىسەن.
چاقچاق قىلىپ قويدۇم جۇمۇ،  ئۇ شېئىر ياخشى چىقىپتۇ. ئۆزگەرتىپ نېمە قىلىسىز؟
30 ياشقا كىرمەي تۇرۇپ ئۆھھۆ ئۆھھۆ  دېگىلى تۇرسىڭىز ئىش چاتاق جۇمۇ! ئەتىگەندە كومپيۇتېر ئالدىغا كېلىۋالماي ئىسسىق يوتقاندا ئۇخلىسىڭىز بولغۇدەك، ھازىر ھاۋا سوغۇق...

بىخ 2011-10-03 10:48
قېنى مۇشائىرىگە مەرھەمەت...

oylinish 2011-10-03 11:18
ماقۇل،   ۋاقتىدا كۆرمەي قاپتىمەن،مانا مۇشائىرە دېگەن:

نىشانىڭنى ئىزدىگىن  شەرىئەتتىن- قۇرئاندىن، 
سۈننەتنى تۇتۇش ئۈچۈن پايدىلانغىن ئىمكاندىن
باشقا ئۆلۈم كەلسىمۇ ئايرىلمىغىن ئىسلامدىن،
قىيامەتتە قۇرۇق قول قالماي دېسەڭ ئىنئامدىن.

muslima32 2011-10-03 15:01
                 قىيامەتتە قۇرۇق قول قالماي دىسەڭ ئىنئامدىن،
                 يۈز ئۆرىمە ھەرگىزمۇ ئىمانىڭ ھەم قۇرئاندىن.
                مۇسلىمان سەن ئەزەلدىن قالماھەرگىز نامازدىن،
               قورقمايسەن ھەم شۇچاغدا سورىقى بار قىيامەتتىن.

oylinish 2011-10-03 15:09
قورقمايسەن ھەم شۇچاغدا سوراق- مەھشەر مەيداندىن،
قۇرۇق قول ھەم  قالمايسەن جەننەتتىكى ئىنئامدىن،
ئۇندا يوقتۇر ئەزىيەت، قىيىنچىلىق، ئوقۇبەت،
ھۇزۇر ئېلىپ ياشايسەن مەڭگۈ ئىززەت -ئىكرامدىن!

تاش 2011-10-03 16:28
 قىززىپ كەتتى                 قىزىپ كەتتى.
 دېققەت                          دىققەت
زىمىندىن،                       زېمىندىن

مۇسبەت                            مۇسىبەت
رىزىق، ھايات- ماماتىم، ھەممە نەرسەم سېنىڭدىن،
ئاز يېسەممۇ مەيلىغۇ، ئارتۇق بولۇر ھالال رىزق .بۇ ئىككىسىنىڭ قايسىسى توغرا؟

<<يۇقارقى>>  دېمەيدۇ<<يۇقىرىقى>>دەيدۇ.


<<نىجىس مەخلۇق ئاتالغان توڭگۇزدىن ھەم ئىتىڭدىن،
ھەممىسىدىن يىراق مەن، ھارام قىلغاچ دىنىمدىن.>> قاپىيە قوغلىشىپ سەل ئازدىڭىزمۇ قانداق؟بۇ مىسرالارغا چۈشەنچە بېرىڭ.

خسلەتتىن،    خىسلەتتىن







تاش 2011-10-03 16:30
<<ئىزباسار>>غا  قاپىيىنى بۇزۇپسەن دەپسىز-يۇ،

تازىلىغىن ئەي رەببىم، يولنى خائىن _ چىۋىندىن،
پەيغەمبەر دەۋرىدىكى ساپ ئىسلامنى سېغىندىم،
بىرلەشتۈرگىن ئۈممەتنى، ئىسلام قايتا نۇر چاچسۇن،
ئۇزۇقلاندۇر بىزلەرنى ساپ ئىسلامىي ئىلىمدىن!

بۇ مىسرالارغا دىققەت قىلماپسىز!!!!!

oylinish 2011-10-03 17:07
ماقۇل، تەقسىر، مەن چۈشەنچە بېرەي:
« قىززىق»  دېگەن سۆزمۇ توغرا، «قىزىق»  دېگەن سۆزمۇ توغرا.
سىز تېلىۋوزۇرنى ئېچىپ، «قىززىق نۇقتا ھەققىدە سۆھبەت» فىلىمىنى كۆرۈپ بېقىڭ، « قىزىق» دەمدىكىن ياكى «قىززىق»  دەمدىكىن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن جايلاردا « قىززىق» دەپ قوللىنىدۇ.

«زىمىندىن» دېگەن سۆزنى مەن يازمىغان، ئۇنى  ئەسلى شېئىرنىڭ ئاپتورى شۇنداق يېزىپتىكەن، مەن شۇ بويىچە كۆچۈرۈپ كېلىپ مۇشائىرە قىلدىم.

«رىزىق»  دېگەن سۆز خاتا، «رىزق»  دېگەن سۆز توغرا.
ئالدىنقى كۇبلىتتا بۇغۇم سانىنى توغرا كەلتۈرۈش ۋە ئوقۇشقا قولايلىق بولۇش ئۈچۈن «رىزىق»  دەپ ئالغان.  «رىزق»  دەپ ئالساممۇ،  بەرىبىر نۇرغۇن ئادەم ئۇ خەتنى «رىزىق»  دەپ ئوقۇۋالاتتى.

ئۇيغۇرچە ئىمتىھان سوئاللىرىدا «يۇقارقى» دەپ ئېلىنىدىغان ئەھۋاللار ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدۇ.  
ئىرپان سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئوكيانۇس لۇغىتىنى چۈشۈرۈش تور بېتىدە «يۇقارقى» دەپ ئېلىنغان.  
تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئەدەبىيات كىتابىدىمۇ «يۇقارقى» دېگەن سۆز كۆپ ئۇچرايدۇ.

ئاۋۇ ئىككى مىسرانى چۈشەنمەپسىز،  مەن چۈشەندۈرۈپ قوياي:
توڭگۇز، ئىت قاتارلىق نىجىس مەخلۇقلارنى دىنىمدىن ھارام دەپ بېكىتكەنلىكى ئۈچۈن(دىنىم تەرىپىدىن ھارام، دەپ بېكىتىلگەنلىكى ئۈچۈن) ،  ئۇنداق نىجىس نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىدىن يىراق تۇرىمەن.
ئەمدى چۈشىنىشلىك بولدىمۇ؟

«خسلەتتىن» دېگەن سۆزنى مەن يازمىغان.  ئۇنى «ئەينەك» ناملىق تورداش مۇشائىرە كەلتۈرۈپ شۇنداق يېزىپتىكەن، مەن شۇ پېتى كۆچۈرۈپ قويغان.


ئىزباسارغا ئېيتقان مەسىلە بىلەن  يۇقارقى كۇبلىتتىكى مەسىلە ئوخشىمايدۇ.  ئىزباسار  قاپىيەنىڭ   شەكلىنى ئالماش قاپىيەگە ئۆزگەرتىۋېتىپتىكەن.
ئەمما  يۇقىرىدىكى سىز ئېيتقان شېئىردا قاپىيە ماس كەلمىگەن ئەھۋال يوق، ئاچ قاپىيە تۈرىگە چۈشىدۇ.  قاپىيە دېگەن ئاساسلىقى ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى ئەمەس، بەلكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى.  ئەڭ ئاخىرقى ئىككى  سوزۇق تاۋۇشى ئوخشاش چىققان.

بەك ئۇششاق ئىشلارغا ئېسىلىۋېلىشقىلى تۇردۇق،  بۇنداق ئىشلارنىڭ  ئورنىغا  ئاشۇ شېئىرغا كەلتۈرۈپ  بىر كۇبلىت شېئىر يازساق ياكى جىم تۇرساق ئەۋزەل ئىدى.

0998waris 2011-10-03 19:13
ئۇزۇق قىلىپ بەر ئاللا ماڭا دىننى ئىلىمنى،
ئاتا قىل كۈچ -جاسارەت مەھكەم باغلاي بېلىمنى.
بۇ دۇنيالىق تاللاشنىڭ ئەڭ ئەبزىلى ئىلىمدۇر،
ئاتىغايمەن بۇيولغا مال-بىساتىم،جېنىمنى.

ئىلىم ئېلىش پەرىزدۇر،مەن مۇسۇلمان دىگەنگە،
كىم بەردى بۇھاياتنى؟كىم ئالىدۇ؟..بىلگەنگە.
ئىمان بىلەن نەچچە كۈن ياشاپ ئۆلسەم بەختىمدۇر،
گول ئەمەسمەن ئىمانسىز،يۈز يىل ئۆمۈر كۆرگەنگە.

ئەلى 2011-10-03 20:36
ھۇزۇر ئېلىپ ياشايسەن مەڭگۈ ئىززەت -ئىكرامدىن،
ئېھسان قىلساڭ مىسكىنگە ، يىراق تۇرۇپ ھارامدىن.
داۋام ئەتمەي تۇرۇپ تېخى مۇشائىرە ئۈچ بەتمۇ،
ئۈستىگە كىم نېمىشقا قىستۇردى لاۋزا ئېلاندىن.

ئىككى بەت بولا-بولماي بۇزۇلۇشقا باشلاپتۇ،
تەرتىپ،قائىدە-يۇسۇن بىزلەردىن يىراقلاپتۇ.
دىققەت قىلساق بولمامدۇ قائىدىگە ھەر ۋاق،
ساھىبخان ئۆزى  چىقىپ رەتلىمىسە بولماپتۇ.

تاش 2011-10-03 20:41
تازىلىغىن ئەي رەببىم، يولنى خائىن _ چىۋىندىن،
پەيغەمبەر دەۋرىدىكى ساپ ئىسلامنى سېغىندىم،
بىرلەشتۈرگىن ئۈممەتنى، ئىسلام قايتا نۇر چاچسۇن،
ئۇزۇقلاندۇر بىزلەرنى ساپ ئىسلامىي ئىلىمدىن!

تەقسىر دەپ كەتمىسىڭىزمۇ بولاتتى.مەنمۇ شۇنداق دەپ قوياي،مەن دېسەم مېنى دېمىدى دەپ قالماڭ!
تەقسىر،بۇ كوپلىتتىكى<<چىۋىندىن>>،<<سېغىندىم>>،<<ئىلىمدىن>>دېگەن سۆزلەر قاپىيە ئورنىدا كەلگەن.ئەمدى مەنمۇ چۈشەنچە بېرەي:شېئىرلاردا ئەسلى سۆزنىڭ تومۇرى قاپىيە كېلىشى كېرەك.لېكىن ،بىزنىڭ ھازىرقى شېئىرلىرىمىزدا سۆزنىڭ ئاخىرىدىكى قوشۇمچە قاپىيە كەلسىلا بولىدىغان بولدى.(بۇنى بىز ئاچ قاپىيە كەلدى دەپ چۈشىنىۋاتىمىز)بىراق،سىز قاپىيە كەلتۈرگەن <<چىۋىندىن>>،<<سېغىندىم>>،<<ئىلىمدىن>>دېگەن سۆزلەرنىڭ سۆز تومۇرىمۇ قاپىيە كەلمەيدۇ.قوشۇمچە قوشۇلغاندىمۇ يەنە قاپىيە بۇزۇلغان.ئىتىراپ قىلمىسىڭىز مەيلى.

<<نىجىس مەخلۇق ئاتالغان توڭگۇزدىن ھەم ئىتىڭدىن،
ھەممىسىدىن يىراق مەن، ھارام قىلغاچ دىنىمدىن>>.ئەمدى بۇ مىسرالارغا كېلەي،تەقسىر،
ئەگەر<<نىجىس مەخلۇق ئاتالغان توڭگۇزدىن ھەم ئىتىڭدىن،
ھەممىسىدىن يىراق مەن، ھارام قىلغاچ دىنىمدا>>.دېگەن بولسىڭىز بۇ مىسرا توغرا مەزمۇن ئىپادىلەيتتى.بىراق،قاپىيە كەلمىگەچكە ،سىز <<دىنىمدىن >>دەپ ئالغان. ئۇنداق بولغاندا لوگېكىلىق خاتالىق يۈز بەرگەنننىىڭ ئۈستىگە سىز ئىپادىلىمەكچى بولغان مەزمۇن خاتا بولۇپ قالىدۇ.تىل دېگەن شۇنداق نەرسە.بىرئېغىزدا ئۇيان ،بىر ئېغىزدا بۇيان بولۇپ كېتىمىز. بۇ مىسرالار ھەققىدە يەنە بىر قېتىم ئويلىنىڭ.ئاندىن قىسقا ئۇچۇر قىلىشايلى. مۇنازىرە ئىلمىي،كەسكىن بولسا قىزىيدۇ.


«رىزىق»  دېگەن سۆز خاتا، «رىزق»  دېگەن سۆز توغرا.
ئالدىنقى كۇبلىتتا بۇغۇم سانىنى توغرا كەلتۈرۈش ۋە ئوقۇشقا قولايلىق بولۇش ئۈچۈن «رىزىق»  دەپ ئالغان.  «رىزق»  دەپ ئالساممۇ،  بەرىبىر نۇرغۇن ئادەم ئۇ خەتنى «رىزىق»  دەپ ئوقۇۋالاتتى.

بۇ چۈشەندۈرىشىڭىزنى كۆرۈپ،ئالدانغاندەك بولۇپ قالدىم،مىللەت ئۈچۈن قايناپ سۆزلەيدىغان ئادەمنىڭ ئانا تىلىغا تۇتقان پوزىتسىيىسى مۇشۇنداق بولسا <<كەڭساي>>دا ئانا تىل توغرۇلۇق سۆزلەش بىھاجەت بولسا كېرەك.

oylinish 2011-10-03 21:13
بولدى، سىز بىلەن تالاشمايمەن.  خاتا بولسا مەيلى،  مەن يۈز پىرسەنت مۇكەممەل ئادەم ئەمەس.  ئاشۇنداق خاتالىقلىرىم جىق.  ئەمما، گۇناھ بولمايدىغان خاتالىقلار بولسا كارايىتى چاغلىق،  شۇڭا بۇنداق ئەرزىمەس خاتالىقلارنى ئانچە ئىتىبارغا ئېلىپ كەتمەيمەن.
مەن مۇشائىرىگە چۈشۈپ كەتتىم.
ئۇقتۇرۇش: تېمىغا ئىنكاس يازغاندا ئىملاغا دىققەت قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئەمما، شېئىرنىڭ مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىۋەتمەيدىغان خاتالىقلار بولسا ئالاھىدە تۈزىتىش ئىنكاسى يېزىش چەكلىنىدۇ.
بۇ مەتبۇئات ئەمەس، ھەممە ئادەم مۇھەررىر ئەمەس ياكى كوررېكتور ئەمەس. شۇڭا بۇ يەردە بىزگە مۇھىمى مەزمۇن.  بىر ئىككى سۆزنىڭ ئىملاسىنىڭ خاتا بولۇشى ئانا تىلىمىزنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ. ئەمما، بىر ئىككى ئادەمنىڭ ئەقىدىسىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشى ئانا تىلىمىزغا ۋە مىللىتىمىزگە، شۇنداقلا دىنىمىزغا زىيان ئېلىپ كېلىدۇ.

oylinish 2011-10-03 21:33
ئاتىغايمەن بۇ يولغا مال-بىساتىم، جېنىمنى
كىچىكىمدىن ئۆگەنگەن ئون بەش يىللىق بىلىمنى.
گۇناھلاردىن قايتۇراي پۇتۇمنى ھەم تىلىمنى،
توغرا يولغا يېتەكلەي ئېزىپ كەتكەن ئىنىمنى.

لۇتفى 2011-10-03 22:06
توغرا يولغا يېتەكلەي ئېزىپ كەتكەن ئىنىمنى،                          
ھەمدە بىللە ئۆگىنەي دىنىمدىكى ئىلىمنى،
كۆپ ئۆتكۈزدۈم گۇناھنى بىلىپ بىلمەي ئىلگىرى،
مەغفىرەتلەر تىلەيمەن پاكلاپ تەن ۋە دىلىمنى.

oylinish 2011-10-03 22:13
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 21قەۋەتتىكى لۇتفى نىڭ 2011-10-03 22:06 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
توغرا يولغا يېتەكلەي ئېزىپ كەتكەن ئىنىمنى،                          
ھەمدە بىللە ئۆگىنەي دىنىمدىكى ئىلىمنى،
كۆپ ئۆتكۈزدۈم گۇناھنى بىلىپ بىلمەي ئىلگىرى،
مەغفىرەتلەر تىلەيمەن پاكلاپ تەن ۋە دىلىمنى.

مەن سىزنى تونۇيدىغاندەك تۇرىمەن. بۇيىل شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستىتىنى پۈتتۈردىڭىزمۇ؟
بۇلتۇر ئاۋۇ باش سۈرەتنى مەن تونۇيدىغان بىرىنىڭ ئىشلەتكەنلىكىنى كۆرگەنىدىم.

مەغفىرەتلەر تىلەيمەن پاكلاپ تەن ۋە دىلىمنى،
يولاتمايمەن ئېغىزغا تاماكىنى چىلىمنى،
ھەقىقەتتە مېڭىشقا تىك رۇسلايمەن بېلىمنى،
ئەۋلاد ئۈلگە ئالغۇدەك قالدۇرغايمەن ئىزىمنى!

لۇتفى 2011-10-03 23:27
  ياق ، بىراق تونۇشۇپ قالساق ياخشى بولىدۇ .

ئەۋلاد ئۈلگە ئالغۇدەك قالدۇرغايمەن ئىزىمنى،
جاھالەتكە ئازغۇنغا ئەگمەسمەن ھەم تىزىمنى .
ھەر ئىشىمدا ياد ئېتىپ شۇ ھەق زاتنىڭ ئىسمىنى،
گۇناھلارغا پاتقاندا ئەسلەي شۇئان رەببىمنى

oylinish 2011-10-04 00:10
گۇناھلارغا پاتقاندا ئەسلەي شۇئان رەببىمنى،
تەۋبە قىلاي چىن دىلدىن، ئەمدى بىلەي ھەددىمنى،
كۇللى ئاسمان-زىمىنغا ھاكىم پەقەت بىر ئاللاھ،
شەيتانلارنىڭ ئالدىغا  ئاپارمايمەن ئەرزىمنى!

لۇتفى 2011-10-04 08:39
شەيتانلارنىڭ ئالدىغا  ئاپارمايمەن ئەرزىمنى،
رەببىم ئۈچۈن ھەر يولدا ئادا قىلاي ھەققىمنى،
رەببىمدىنلا قورقىمەن ئۇندىن ئۆزگە يات ماڭا،
شەرىئەتنى دوست تۇتۇپ ئادا قىلاي قەرزىمنى.

kuwruk 2011-10-04 12:18
ئۇڭ قۇلۇمدا شەرىئەت سۇل قۇلۇمدا مەرىپەت
يۇرۇكۇمدە ئەقىدە ،كۇزلىرىمدە مۇھەببەت
ھايات قىسقا ئۇمۇر ئۇزۇن بەكمۇ تاتتىم رىيازەت
بەزەن ماختاش ،بەزەن ھەسەت ھەتتا بۇلدى ئاھانەت،،..........

oylinish 2011-10-04 12:38
كۆۋرۈك بوۋا  شېئىرىڭىز ياخشى  چىقىپتۇ،  ئەمما  مۇشائىرە قىلاي دېسەم  شېئىرىڭىزنىڭ ھىچ بىر قاملاشقۇدەك بىرەر مىسراسى يوقكەن،  شۇڭا ئۈستىدىكى لۇتفىنىڭكىگە قاپىيە كەلتۈرىۋەردىم ئەمىسە ھە

شەرىئەتنى دوست تۇتۇپ ئادا قىلاي قەرزىمنى،
دەل ۋاقتىدا ئورۇنداي كۈندە بەش ۋاق پەرزىمنى.
دىنى ئىسلام بولسىلا دوست تۇتىمەن ھەر كىمنى،
ئۇنتۇمايمەن ھەرگىزمۇ مۇسۇلمانلىق ئەھدىمنى!

dulbarqin310 2011-10-04 13:17
ئىلھام دېگەن باشقىچە بۇلدىكەن جۇمۇ! قالتىس...

لۇتفى 2011-10-04 13:28
ئۇنتۇمايمەن ھەرگىزمۇ مۇسۇلمانلىق ئەھدىمنى،
بار جاھاننى بەرسىمۇ ئالتۇن قىلىپ تەختىمنى،
شەيتان ئىشى دۇنيالىق ،ئۇنتۇماسمەن ئەسلىمنى،
مۇساپىرمەن دۇنياغا يېڭەي ئارزۇ نەپسىمنى.

oylinish 2011-10-04 13:55
مۇساپىرمەن دۇنياغا، يېڭەي ئارزۇ- نەپسىمنى،
ھەق ئىزدەشكە ئىشلىتەي رەببىم بەرگەن ئەقلىمنى،
ئەمدى تاشلاپ ئويۇننى، ئىجتىھادلىق ئۆگىنەي:
رەسۇلۇللا ئاللاھتىن  ئېلىپ كەلگەن تەئلىمنى!

تاش 2011-10-04 14:06
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 19قەۋەتتىكى oylinish نىڭ 2011-10-03 21:13 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بولدى، سىز بىلەن تالاشمايمەن.  خاتا بولسا مەيلى،  مەن يۈز پىرسەنت مۇكەممەل ئادەم ئەمەس.  ئاشۇنداق خاتالىقلىرىم جىق.  ئەمما، گۇناھ بولمايدىغان خاتالىقلار بولسا كارايىتى چاغلىق،  شۇڭا بۇنداق ئەرزىمەس خاتالىقلارنى ئانچە ئىتىبارغا ئېلىپ كەتمەيمەن.
مەن مۇشائىرىگە چۈشۈپ كەتتىم.
ئۇقتۇرۇش: تېمىغا ئىنكاس يازغاندا ئىملاغا دىققەت قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئەمما، شېئىرنىڭ مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىۋەتمەيدىغان خاتالىقلار بولسا ئالاھىدە تۈزىتىش ئىنكاسى يېزىش چەكلىنىدۇ.
بۇ مەتبۇئات ئەمەس، ھەممە ئادەم مۇھەررىر ئەمەس ياكى كوررېكتور ئەمەس. شۇڭا بۇ يەردە بىزگە مۇھىمى مەزمۇن.  بىر ئىككى سۆزنىڭ ئىملاسىنىڭ خاتا بولۇشى ئانا تىلىمىزنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ. ئەمما، بىر ئىككى ئادەمنىڭ ئەقىدىسىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشى ئانا تىلىمىزغا ۋە مىللىتىمىزگە، شۇنداقلا دىنىمىزغا زىيان ئېلىپ كېلىدۇ.

سىز بەك ھېسىياتچان ئىكەنسىز ئەپەندى.ئىنسان ئەقلى ئارقىلىق ھېسىياتىنى كونتىرول قىلغاندا ئاندىن مۇكەممەللىككە يۈزلىنەلەيدۇ.يۇقىرىدىكى گەپلىرىڭىزنى ئوقۇپ سىزنى بەك مەسئۇلىيەتسىز ئوخشايدۇ دەپ قالدىم.گەپنى ئېغىزدا دەپ قويسىلا ھېساب ئەمەس.ئەمىلىيەتتە قىلسا ھېساب.بۇرۇنقى ئىنكاسلىرىمىزدا دېيىشكەن <<يۇقارقى>>دېگەن سۆز خاتا.بۇنىڭغا يەنە ئىزدىنىڭ.مەن سىز يازغان<<قىززىپ كەتتى>>دېگەن سۆزنى خاتا دېسەم ،سىز<<قىززىق>>دېگەن سۆزنى كۆتۈرۈپ چىقىپسىز.بۇ سۆزمۇ خاتا.چۈنكى بىزنىڭ تىلىمىزدا ھەم <<قىززىق>>ھەم<<قىزىق>>دېمەيدۇ.بىرنىلا ئىشلىتىمىز.بۇ خەتلەرنىڭ ئىككى خىل ھالەتتە ئۇچرىشىدىكى سەۋەب بىرقىسىم مەسئۇلىيەتسىز كىشىلەرنىڭ ئانا يېزىقىمىزغا قىلغان ھاقارىتى ،خالاس.
<<بىر ئىككى سۆزنىڭ ئىملاسىنىڭ خاتا بولۇشى ئانا تىلىمىزنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ.>>بۇ سۆزىڭىزنى قايتۇرۇپ بېرەي،بىكار بولسىڭىز ئۈرۈمچىدىكى ۋېۋىسكىلارنى كۆرۈپ كېلىڭ.ئانا تىلىمىز كىشىلەرگە قانداق ھالەتتە نامايان بولۇۋاتىدىكىن؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

لۇتفى 2011-10-04 15:45
رەسۇلۇللا ئاللاھتىن  ئېلىپ كەلگەن تەئلىمنى،
بىزگە كەلگەن توغرا يول رەھمانىمنىڭ ئەمرىنى،
رەسۇل دېگەن پەرزلەرنىڭ ئۆگىنىشتۇر ئەۋۋىلى،
بىلگەن كىشى چىن دىلدىن تونار ئاندىن رەببىنى.

لۇتفى 2011-10-04 15:51
ئەدەبىياتنى بەك چۈشىنىدىغان (ئەپەندىممۇ ياكى خانىممۇ بىلمىدىم،جىنسىڭىز يوشۇرۇنكەن)  كەچۈرۈڭ ، شېئىرىيەتتە سۆزلەردە ئاز تولا ئىشلىتىلىش زۆرۈرى جەھەتتىن ئۆزگىرىش بوپ قالىدۇ . بولسا كىلاسسىك  شېئىرلارنى كۆپرەك ئاختۇرۇپ بېقىڭ،بىرەر تەنقىد كىتابى يېزىپ قالامسىز تېخى ، تەتقىقاتىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن.

تاش 2011-10-04 16:30
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 33قەۋەتتىكى لۇتفى نىڭ 2011-10-04 15:51 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل 31-قەۋەت (تاش) نىڭ يازمىسىغا :
ئەدەبىياتنى بەك چۈشىنىدىغان (ئەپەندىممۇ ياكى خانىممۇ بىلمىدىم،جىنسىڭىز يوشۇرۇنكەن)  كەچۈرۈڭ ، شېئىرىيەتتە سۆزلەردە ئاز تولا ئىشلىتىلىش زۆرۈرى جەھەتتىن ئۆزگىرىش بوپ قالىدۇ . بولسا كىلاسسىك  شېئىرلارنى كۆپرەك ئاختۇرۇپ بېقىڭ،بىرەر تەنقىد كىتابى يېزىپ قالامسىز تېخى ، تەتقىقاتىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن.

مەن بەك چۈشىنىپ كەتمەيمەن.ماڭا ئۇنداق تەنە قىلماڭ!!!!!!!!!!مەن<< ئەپەندى>>.بىلىۋېلىڭ.كىلاسسىك شېئىرلارنىمۇ ئوقۇيمەن.توغرا بەزى سۆزلەردە ئۆزگىرىش بولىدۇ.ئەمما،ئۇنداق سۆزلەر تۇراقلىق.ئۆزگىرىش بولىدۇ دەپ ھەممە سۆزنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.
<< سۆزلەردە ئاز تولا ئىشلىتىلىش زۆرۈرى جەھەتتىن ئۆزگىرىش بوپ قالىدۇ >>.بۇ شېئىر بولمىغاندىكىن،<<بولۇپ قالىدۇ>>دەپ تۇلۇق ئېلىڭ.بىر مۇھەررىر ئۆزىنىڭ يازغان كىتابىدا بۇ سۆزنى شېئىردىمۇ <<بوپ>>دەپ يېزىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيىتقان.

0998waris 2011-10-04 17:30
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 32قەۋەتتىكى لۇتفى نىڭ 2011-10-04 15:45 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
رەسۇلۇللا ئاللاھتىن  ئېلىپ كەلگەن تەئلىمنى،
بىزگە كەلگەن توغرا يول رەھمانىمنىڭ ئەمرىنى،
رەسۇل دېگەن پەرزلەرنىڭ ئۆگىنىشتۇر ئەۋۋىلى،
بىلگەن كىشى چىن دىلدىن تونار ئاندىن رەببىنى.

بولسا ھەقتىن ھىدايەت،ئاندىن تۇنار رەببىنى،
ئادا قىلار ھەرتىنىق ،مۇسۇلمانلىق ئەھدىنى.
تىلدا سۆزلەپ زاھىرەن،دىلدىن تەستىق بولمىسا،
قىلدى پەقەت ئۇ ئىنسان ئىبادەتنىڭ شەكلىنى.

oylinish 2011-10-04 20:47
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 34قەۋەتتىكى تاش نىڭ 2011-10-04 16:30 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل Re:31-قەۋەت (تاش) نىڭ يازمىسىغا :

مەن بەك چۈشىنىپ كەتمەيمەن.ماڭا ئۇنداق تەنە قىلماڭ!!!!!!!!!!مەن<< ئەپەندى>>.بىلىۋېلىڭ.كىلاسسىك شېئىرلارنىمۇ ئوقۇيمەن.توغرا بەزى سۆزلەردە ئۆزگىرىش بولىدۇ.ئەمما،ئۇنداق سۆزلەر تۇراقلىق.ئۆزگىرىش بولىدۇ دەپ ھەممە سۆزنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.
<< سۆزلەردە ئاز تولا ئىشلىتىلىش زۆرۈرى جەھەتتىن ئۆزگىرىش بوپ قالىدۇ >>.بۇ شېئىر بولمىغاندىكىن،<<بولۇپ قالىدۇ>>دەپ تۇلۇق ئېلىڭ.بىر مۇھەررىر ئۆزىنىڭ يازغان كىتابىدا بۇ سۆزنى شېئىردىمۇ <<بوپ>>دەپ يېزىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيىتقان.


سىز بىلەن بۇ توغرىسىدا ئېتىشماي دېگەن ئىدىم. ئەمما، كۆزۈمگە بەك كىرىۋالدىڭىز!
مەن يۇقىرىدىكى ئىنكاسىڭىزدىكى خاتالىقلارنى كۆرسىتىپ قويىمەن، ئاندىن، ئىملا توغرىسىدا نېمە دېيىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر ئاڭلىمايمەن، ئىنكاسمۇ قايتۇرمايمەن.
1. ھەر قانداق بىر جۈملىدە، تىنىش بەلگىسىدىن كېيىن بىر بوشلۇق قويۇلۇپ ئاندىن كېيىنكى سۆز يېزىلىدۇ.  ھەر قانداق مۇستەقىل ئىككى سۆز ئارىسىغا چوقۇم بوشلۇق قويۇلىدۇ. ئەمما، سىزنىڭ يۇقىرىدىكى كىچىككىنە ئىنكاسىڭىزدا بۇ خىل خاتالىق ئىنتايىن كۆپ.
2.ئۇيغۇر تىلىدا ھىچقانداق بىر جۈملىنىڭ ئاخىرىغا ئۈندەش بەلگىسىنى سىزدەك كۆپ قويۇشقا بولمايدۇ.
3. "بىلىۋېلىڭ" دېگەن سۆزىڭىز مۇستەقىل جۈملە ئەمەس، شۇڭا ئۇنىڭ ئالدىغا چېكىت قويۇلۇشى خاتا. 
3. "توغرا" دېگەن سۆزنىڭ كەينىگە پەش قويۇلۇشى كېرەك ئىدى، ئەمما، سىز پەش قويماپسىز.
4. "بولىدۇ دەپ"  دېگەن سۆزلەردە، "بولىدۇ" دېگەن سۆزنىڭ كەينىگە پەش قويۇلۇشى كېرەك ئىدى.
5. "تۇلۇق" دېگەن سۆزىڭىز خاتا، توغرىسى "تولۇق".
6. "كىتابىدا" دېگەن سۆزنىڭ كەينىگە بىر پەش قويۇلۇشى كېرەك ئىدى، شۇڭا ئۇ جۈملىڭىز خاتا.
7. "ئېيىتقان" دېگەن سۆزىڭىز خاتا، توغرىسى "ئېيتقان".
بىر قىسىم ئىملا خاتالىقلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپلا ئەسكەرتىۋەتتىم.  مېنىڭ تاش ئەپەندى بىلەن ئىملا توغرىسىدا قىلىشىدىغان مۇنازىرەم مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى.
تاش ئەپەندىم باشقىلارنىڭ ئىملاسىنىڭ قانداق ئىكەنلىكى بىلەن قالماي، ئەڭ ياخشىسى ئۆز ئىملاسىنى توغرىلاشقا ئالاھىدە كۈچىگەي!

oylinish 2011-10-04 21:00
قىلدى پەقەت ئۇ ئىنسان ئىبادەتنىڭ شەكلىنى،
ئىخلاسى يوق، بىلمىگەچ جەننەتنىڭكى نەرقىنى،
مۆئمىنلەرنىڭ ئالدىدا كۆز بوياشتۇر مەقسىتى،
پەقەت ئالدار ئۆزىنى، ئالدىيالماس رەببىنى.

لۇتفى 2011-10-04 21:18
پەقەت ئالدار ئۆزىنى، ئالدىيالماس رەببىنى،
قىلىپ بۇنداق ئەمەلنى تارتۇرپەقەت  جەبرىنى،
رىيا دەيمىز بۇلارنى اللە ئۇندىن ساقلىسۇن،
ئىبادەتتە ئەمەلدە كۆزلەي پەقەت رەببىمنى.

ئەلى 2011-10-04 21:29
ئىبادەتتە ئەمەلدە كۆزلەي پەقەت رەبىممنى،
تاشلىۋېتەي يىراققا قۇرۇق شۆھرەت، نەپسىمنى.
ئۇششاق ئىشنى تالىشىپ قىلىشماڭلار ھەم تەنە،
ئەمدى ئېلان قىستۇرۇپ بۇزماڭ ھەرگىز تەرتىپنى.

لۇتفى 2011-10-04 22:16
تاشلىۋېتەي يىراققا قۇرۇق شۆھرەت، نەپسىمنى،
ئۇندىن ئۆزگە نە پايدا پەس قىلغانلىق ئۆزىنى،
يولۇچىمەن دۇنيادا لازىم ئەمەس ئارتۇق يۈك، 
رەھمانىمدىن تىلەيمەن ھەق ھىدايەت نۇرىنى.

نۇرئېلجان 2011-10-05 08:02
يا خشى  شئېركەن  مىنىڭ  بەزى    سۇئالىم   باتى   قەيەرگە يىزىپ   يۇلاشنى    بلەلمەيۋاتمە  [s:16]

تاش 2011-10-05 10:43
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 36قەۋەتتىكى oylinish نىڭ 2011-10-04 20:47 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل Re:Re:31-قەۋەت (تاش) نىڭ يازمىسىغا :


سىز بىلەن بۇ توغرىسىدا ئېتىشماي دېگەن ئىدىم. ئەمما، كۆزۈمگە بەك كىرىۋالدىڭىز!
مەن يۇقىرىدىكى ئىنكاسىڭىزدىكى خاتالىقلارنى كۆرسىتىپ قويىمەن، ئاندىن، ئىملا توغرىسىدا نېمە دېيىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر ئاڭلىمايمەن، ئىنكاسمۇ قايتۇرمايمەن.
1. ھەر قانداق بىر جۈملىدە، تىنىش بەلگىسىدىن كېيىن بىر بوشلۇق قويۇلۇپ ئاندىن كېيىنكى سۆز يېزىلىدۇ.  ھەر قانداق مۇستەقىل ئىككى سۆز ئارىسىغا چوقۇم بوشلۇق قويۇلىدۇ. ئەمما، سىزنىڭ يۇقىرىدىكى كىچىككىنە ئىنكاسىڭىزدا بۇ خىل خاتالىق ئىنتايىن كۆپ.
.......

تەقسىر،ئۇيغۇرتىلى كىتابىنى ياخشى كۆرگەيلا!!<<ئىملا لۇغىتى>>نىمۇ كۆرۈپ قويغايلا!!ئەجرىڭىزگە رەھمەت!

oylinish 2011-10-05 11:16
رەھمانىمدىن تىلەيمەن ھەق ھىدايەت نۇرىنى،
ياخشى تىكلەي دۇنيادا ئاخىرەتنىڭ ئۇلىنى.
ئېرىشكەن بۇ نېئمەتكە شۈكرى قىلاي دائىما،
تۇزلۇقىنى چاقمايمەن يەپ خەلقىمنىڭ تۇزىنى.

0998waris 2011-10-05 11:32
تۇزلۇقىنى چاقمايمەن يەپ خەلقىمنىڭ تۇزىنى،
ساتمايمەن ھەم نەپ ئۈچۈن مىللىتىمنىڭ يۈزىنى.
ماڭا قۇچاق ئاچقۇسى بىر نۇرانە،داغدام يول،
ماياك قىلسام ھەر زامان رەببىم-ئاللاھ سۈزىنى.

era13 2011-10-05 13:13
ماياك قىلسام ھەرزامان رەببىم ئاللاھ  سۆزىنى ،
يۇرۇتقايمەن ھەرماكان  شەرپىم ئىسلام يۈزىنى .
قاچان ئولەي بەرىبىر ،جان تەسەددۇق ھەق ئۇچۇن
پەقەت ئىسلام يۇرۇتقاي مەزلۇم خەلقىم  كۆزىنى !

لۇتفى 2011-10-05 13:47
پەقەت ئىسلام يۇرۇتقاي مەزلۇم خەلقىم  كۆزىنى ،
مەزلۇملۇقتىن تۈزەتكەي ئەمدى خەلقىم ئۆزىنى،
بىلسۇن خەلقىم توغرا يول، ھەق،سۈننەتنىڭ يولىنى،
شۇندا ھەممە  تۈزىلەر  تېپىپ  يولنىڭ  تۈزىنى.

0998waris 2011-10-05 16:16
بارچە ئىنسان تۈزەلسە تىپىپ يولنىڭ تۈزىنى،
گۇمراھلىق ۋە شەيتانلار ياشلاپ قالار كۈزىنى.
   ئەپسۇسكى بۇ دەۋىردە ئازغۇنلارغا يول راۋان،
توراپ تۇرار تام-تۇساق،ھەقىقەتنىڭ سۈزىنى.

مەدىنيەت دەپ تون كەيدى ،زامانەمدە زالالەت،
ئەخلاق-ھايا ياتلاشتى،ئىمان بېغى چۆلدىرەپ.
قىزلار بولدى يالىڭاچ،ئەركىنلىك دەپ ۋاقىراپ،
ئەركەكلىكنىڭ بېغىغا قوزغۇن قۇندى ئاقىۋەت.

چاقىرماقتا بىزلەرنى ئىككى ياقتا ئىككى يول،
بىرى كۆڭۈل خاھىشى،يەنە بىرى قۇرئاندۇر.
جىلۋە قىلار بۇدۇنيا،كۈلۇپ باقار ئاخىرەت،
ئەگىشىسەن قايسىغا ،ئۈزۈڭ تاللا قىز-ئۈغۈل.

oylinish 2011-10-05 20:57
ئەگىشىسەن قايسىغا، ئۆزۈڭ تاللا  قىز- ئوغۇل،
مۇھاببەتنىڭ  سورۇنى ئەمەستۇر ئالىي ئوقۇل.
ئىككى كۈنلۈك دۇنيا بۇ، نەزەر تاشلا يىراققا،
ئاساس قىلما ھەرگىزمۇ كۆز ئالدىڭنىلا نوقۇل.

0998waris 2011-10-05 21:49
ئىككى كۈنلۇك دۇنيا بۇ نەزەر تاشلا يىراققا،
ھۇزۇر قوغلاپ ماي بولما شەيتان ياققان چىراققا.
بۇدۇنيا  ئۇ ئالەمنىڭ ئىكىنزارلىق مەيدانى،
ياخشى ئەمەل ،ساۋاپتىن دۇنيا تاپقىن ھاياتتا.


查看完整版本: [-- مۇشائىرىگە قېتىلىڭ: «گۇناھ خاتىرىسى» ئىزىدىن --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.060564 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us