باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 3360 قېتىم كۆرۈلدى
«123»Pages: 1/3     Go
تېما: يالغاندىن كېسەللىك ئىسپاتى ئېلىش ۋە چىقىرىپ بېرىش
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4555
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2097
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2097دانە
ئۆسۈش: 5500 %
مۇنبەر پۇلى: 15839 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2012-05-10
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-28 21:32

يالغاندىن كېسەللىك ئىسپاتى ئېلىش ۋە چىقىرىپ بېرىش





                                             بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم



بارلىق ھەمدۇ-سانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە-تاۋابىئاتىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكە قەدەر ياخشى ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.

مۇسۇلمان كىشى ئومۇمەن ئامانەتنى جايىدا ئادا قىلىدىغان بولۇشى كېرەك، ئامانەت دېگىنىمىز ئاللاھنىڭ ھەقلىرى بولسۇن، بەندىلەرنىڭ ھەقلىرى بولسۇن تۈرلۈك ئامانەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاللاھ تائالا ئامانەتنى ئىگىسىگە تاپشۇرۇشقا بۇيرۇغان:

(شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرنى ئامانەتلەرنى ئۆز ئىگىلىرىگە قايتۇرۇشقا، كىشىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغاندا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، ئاللاھ سىلەرگە نەسىھەت قىلغان ئىشلار نېمىدېگەن ياخشى، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر)( نىسا سۈرىسى 58-ئايەت.)

ئامانەتكە خىيانەت قىلىش بولسا مۇناپىقلارنىڭ سۈپەتلىرىدىندۇر. مالىك ئىبنى ئەبى ئامىر ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مۇناپىقنىڭ ئالامىتى ئۈچتۇر: سۆزلىسە يالغان سۆزلەيدۇ، ئامانەت تاپشۇرۇلسا خىيانەت قىلىدۇ، ۋەدە قىلسا تۇرمايدۇ».(سەھىھەين: بۇخارى 2682-ھەدىس. مۇسلىم: 59-ھەدىس)



يەنە مۇسۇلمان كىشى ئومۇمەن راستچىل بولۇشى كېرەك، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەپ بۇيرۇغان: )ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە راستچىللار بىلەن بىللە بولۇڭلار.)( تەۋبە سۈرىسى 119-ئايەت.)

ئەبۇ ۋائىل ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن راستچىللىق ئىخلاس بىلەن قىلىنغان ياخشى ئىشلارغا ئېلىپ بارىدۇ، ئىخلاس بىلەن قىلىنغان ياخشى ئىشلار بولسا، جەننەتكە ئېلىپ بارىدۇ، ھەقىقەتەن بىر كىشى راستچىل بولۇۋەرسە، ئاخىرى (ئاللاھنىڭ نەزىرىدە) ئىنتايىن راستچىل بولىدۇ، ھەقىقەتەن يالغانچىلىق پىسقى-پۇجۇرغا گۇناھ-مەئسىيەتلەرگە ئېلىپ بارىدۇ، گۇناھ-مەئسىيەتلەر بولسا، دوزاخقا ئېلىپ بارىدۇ، ھەقىقەتەن بىر كىشى يالغانچىلىق قىلىۋەرسە، ئاخىرى ئاللاھنىڭ نەزىرىدە كاززاپ دەپ يېزىلىپ كېتىدۇ».(سەھىھەين: بۇخارى 6094-ھەدىس. مۇسلىم: 2607-ھەدىس)

يۇقىرىقى ئايەت ۋە ھەدىسلەرگە ئاساسەن:

1- يالغاندىن كېسەل بولۇۋالغان ئىشچى-كادىرلار ئامانەتكە خىيانەت قىلغان، يالغانچىلىق قىلغان ھېسابلىنىدۇ.

2-دوختۇرنىڭ يالغاندىن كېسەللىك ئىسپاتى چىقىرىپ بېرىشى يالغان گۇۋاھلىق بېرىشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ساختىلىق، يالغانچىلىق ۋە ئامانەتكە خىيانەت بولىدۇ. يالغان گۇۋاھلىق بېرىش بولسا چوڭ گۇناھلارنىڭ بىرىدۇر.

ھافىز ئىبنى ھەجەر ئىمام قۇرتۇبىدىن مۇنداق نەقىل قىلىدۇ: "يالغان گۇۋاھلىق دېگەن يا بىگۇناھ ئىنساننى ئۆلتۈرۈش يا مال-مۈلۈك ئېلىۋېلىش يا ھارامنى ھالال قىلىش ياكى ھالالنى ھارام قىلىشتەك ناھەقچىلىكنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يالغاندىن گۇۋاھلىق بېرىشتىن ئىبارەت بولۇپ، چوڭ گۇناھلارنىڭ ئىچىدە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشتىن قالسا ئۇنىڭدىنمۇ زىيانلىقراقى، ئۇنىڭدىنمۇ بۇزغۇنچىراقى يوقتۇر".(فەتھۇل بارى 10/412)

ئاللاھ تائالا: (يەنە ساختا سۆزدىن نېرى تۇرۇڭلار) دېگەن (ھەج سۈرىسى 30-ئايەت.) يەنە راھماننىڭ بەندىلىرىنى سۈپەتلىگەندە: (يەنە ساختا گۇۋاھلىق بەرمەيدىغانلار)(فۇرقان سۈرىسى 72-ئايەت)

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «چوڭ گۇناھلارنىڭ ئەڭ چوڭى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش، ئاتا- ئانىنى قاقشىتىش ۋە ساختا سۆز قىلىش» دېگەن. ياكى رەسۇلۇللاھ: «يالغان گۇۋاھلىق بېرىش» دېگەن. (سەھىھەين: بۇخارى 6871-ھەدىس. مۇسلىم: 88-ھەدىس)

ئەبۇ بەكرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «چوڭ گۇناھلارنىڭ ئەڭ چوڭلىرى: ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، ئاتا- ئانىنى قاقشىتىش، يالغان گۇۋاھلىق بېرىش، يالغان گۇۋاھلىق بېرىش- دەپ ئۈچ قېتىم تەكرارلىدى-ياكى ساختا سۆز قىلىش» دېدى، رەسۇلۇللاھ ئاشۇ سۆزنى بىز كاشكى رەسۇلۇللاھ جىم تۇرسىكەن دەپ كەتكىچە قايتا-قايتا تەكرارلاۋەردى. (سەھىھەين: بۇخارى 6919-ھەدىس. مۇسلىم: 87-ھەدىس)

يەنە رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى بىزنى گوللايدىكەن، ئۇ بىزدىن ئەمەس» دېگەن، يەنە بىر رىۋايەتتە: «كىمكى گوللايدىكەن، ئۇ مەندىن ئەمەس» دېگەن، (سەھىھۇ مۇسلىم: 101-102-ھەدىس)

ئەلۋەتتە بۇ يالغان ئىسپاتمۇ ئېنىق گوللاش، ئالداش دائىرىسىگە كىرىدۇ.

3-يالغان كېسەللىك ئىسپاتى بىلەن ئىشلىمەي ئالغان مائاش ھارام كەسىپ دائىرىسىگە كىرىدۇ.

4-يالغان كېسەللىك ئىسپاتى چىقىرىپ بېرىش ئۈچۈن دوختۇرلار ئالغان پارا ھارام كەسىپ دائىرىسىگە كىرىدۇ.


ۋەللاھۇ ئەئلەم.


پەتىۋادا: دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ.

                                         مەنبە؛ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى
دوستلىشىش
nazli0998
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4714
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1309
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1309دانە
ئۆسۈش: 140 %
مۇنبەر پۇلى: 7346 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-12
ئاخىرقى: 2012-05-09

ئاللاھ  بىزنى  يالغانچىلىقتىن  ساقلىسۇن  !
ئەمسە  پىنسىيە   مائىشى  كىرەمدۇ  ؟  كىرمەمدۇ؟
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1614
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 405
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە405دانە
ئۆسۈش: 1640 %
مۇنبەر پۇلى: 5763 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-07
ئاخىرقى: 2012-05-04
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-29 00:12

قانداق قىلساق يالغانچىلىقتىن ساقلانغىلى بولۇدۇ؟مەن ئۆزەمنى يالغانچىلىق ئىچىدە ياشاۋاتقاندەك ھىس قىلىمەن.بۇ مېنى بەكلاملا ئازاپلايدۇ .
باشقىلار ھازىر كىتاب كۇرىۋاتىدۇ...
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 112
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 10
ئومۇمىي يازما: 757
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە757دانە
ئۆسۈش: 2375 %
مۇنبەر پۇلى: 8237 سوم
تۆھپىسى: 25 كىشى
ياخشى باھا: 1 نۇمۇر
گۇرۇپپا: ئوغلان
تىزىملاش: 2010-06-02
ئاخىرقى: 2012-04-18
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-29 01:27

يالغانچىلىق ياخشى ئادەت ئەمەس!
كەڭساي چ چ توپى نۇمۇرى:9745592  ھەمىمز بۇيەردە...
ياردەم مەزمۇنى
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1191
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1086
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1086دانە
ئۆسۈش: 140 %
مۇنبەر پۇلى: 12064 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-26
ئاخىرقى: 2012-05-11
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-29 11:35

شۇنداق قىلىپ بۇ پەتىۋامۇ چىقىپ بولدى ......ئەمدى بۇنى بىزدەكلەر كوپ كۇرۇپ قويسا بولغۇدەك ...بىلىۋالدۇق .
كەچۇرۇڭلار ئۇرۇشمايمەن!!!!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7728
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 65
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە65دانە
ئۆسۈش: 210 %
مۇنبەر پۇلى: 859 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-04
ئاخىرقى: 2012-03-18
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-29 13:56

مىنىڭچە بۇ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىكى مۇسۇلمان ئەللىرىگە قارىتىلغان .چۈنكى ئۇلار نىڭ دۆلىتى ئۇلارنىڭ ھامىيسىدۇر .  سىزنىڭ بۇيەردە شەرىئەت كۈچكە ئېگىمۇ ئەمەسمۇ ؟!\
ئاتا ئۆز بالىسغا قۇرئان ئۆگەتسىمۇ "جىنايەت"ھېسابلىنىدىغان يەردە ياشاۋاتىسىز .  ئۆزىڭىزگە پايدىلىق  پەتۋالارنى ھىچ ئەمىللەشتۈرەلمەيسىز . ......
مىنىڭچە ئېشەكنىڭ بىر تۈكىنى بولسىمۇ يۇڭدىۋېلىش كېرەك .
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9053
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 16
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە16دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 200 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-25
ئاخىرقى: 2011-09-29
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-29 14:08

يۇرتىمىزدا بۇنداق ئىشلار كۆپقۇ بۇرۇن. ھازىرغۇ چىڭىپ كەتتى...
ھارامنى يەيدىغان شۇنداقلارنى قانۇن قاتتىق جازالىشى كېرەك....مەسىلەن: 病退 دېگەن شۇغۇ، بەزىلەرنىڭ....
ئاللاھ دىللارغا غىل-پال كەشكەن خىيالنىمۇ بىلىپ ت ..
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1760
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1147
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1147دانە
ئۆسۈش: 1340 %
مۇنبەر پۇلى: 13274 سوم
تۆھپىسى: 9 كىشى
ياخشى باھا: 19 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-10
ئاخىرقى: 2012-03-19
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-29 14:19

ئامال يوق  يالغان سۆزلەشكە مۇشۇلارنىڭ ئۆزى قىستايدۇ ئادەمنى...بەشىنچى قەۋەتتىكى ئىنكاس ئورۇنلۇق.
ئەتە ئۈلۈم!
اﷲقا تەقۋادار بول، ھەمىشە ئەسلەپ تۇرغىن!چۇنكى ئ& ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7815
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 104
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە104دانە
ئۆسۈش: 80 %
مۇنبەر پۇلى: 1160 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-10
ئاخىرقى: 2012-04-21
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-29 17:13

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى bahadir0996 نىڭ 2011-09-29 13:56 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مىنىڭچە بۇ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىكى مۇسۇلمان ئەللىرىگە قارىتىلغان .چۈنكى ئۇلار نىڭ دۆلىتى ئۇلارنىڭ ھامىيسىدۇر .  سىزنىڭ بۇيەردە شەرىئەت كۈچكە ئېگىمۇ ئەمەسمۇ ؟!\
ئاتا ئۆز بالىسغا قۇرئان ئۆگەتسىمۇ "جىنايەت"ھېسابلىنىدىغان يەردە ياشاۋاتىسىز .  ئۆزىڭىزگە پايدىلىق  پەتۋالارنى ھىچ ئەمىللەشتۈرەلمەيسىز . ......
مىنىڭچە ئېشەكنىڭ بىر تۈكىنى بولسىمۇ يۇڭدىۋېلىش كېرەك .
 
 ھەقېقەتەن دانا پېكېر بوپتۇ.......
ئوۋچىنىڭ مىلتىقى بولسا ، تۇلكىنىڭ خۇداسى يوقمىكەن .
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 100
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە100دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1056 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-17
ئاخىرقى: 2012-05-03
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-29 22:04

خەق بىزنىڭ تىگىمىزدىن چىقىۋاتقان بايلىق بىلەن تەرەققى قىلىپ خېلى بىر يەرگە باردى ، شۇنىڭ بەدىلىگەئەسلىدە ئىشلىمەي يېتىپ يىيىشكە تىگىشلىك  خەقتۇق بىز سەئۇدى ، دۇبەي ، قاتارلارنىڭ پۇقرالىرىدەك . ھېلىمۇ يەنە ئىشلەۋاتىمىز ئازغىنە پۇل ئۈچۈن .   مىنىڭچە بۇ پەتىۋانى بىزگە تەدبىقلىسا دۇرۇس ئەمەس .