ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلار بىلسەك دەلىللىرى بىلەن ھەقىقەتنى بايان قىلىلايلى ، باشقىلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرى ئۇچۇق - ئاشكارا خاتا بولسا سەمىمى ئەسكەرتىش بىرەيلى . ئەگەر خاتا ئىكەنلىكىنى ئىنىق بىلمەي ئىھتىماللىق بىلەن ئارىمىزدىكى ئىسلامى قىرىنداشلىققا تەسىر يەتكۈزىدىغان گەپ - سۆزلەرنى قىلمايلى . مۇنازىرە ئىلمى بولسۇن . مەن بۇ ماقالىدە رەسۇلۇللاھنىڭ ئائىلىسىگە تىل تەككۈزىدىغان نەرسىنى بايقىمىدىم ، بۇ پەقەت بەزى قىرىنداشلىرىمىزنىڭ قەلبىدىكى ۋەھىمە بۇلىشى مۇمكىن . مەنچە ئاپتۇر مىسالنى رەسۇلۇللاھنىڭ ئائىلىسىگە تەنە قىلىش ئۈچۈن ئەمەس ئۈز پىكرىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن ئىلىپ كەلگەنلىكى ناھايىتى ئىنىق . شۇڭا باشقىلارنىڭ ئىسلام ئەقىدىسىگە زىت سۆزلەرنى ئۇچۇق ئاشكارا دىگەنلىكىگە دەلىل يوق تۇرۇپ زەننى كۆز قاراش بىلەن ئىتتىپاقلىققا تەسىر يەتكۈزسەك بۇ مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك ئىغىر مەسلە .
ھەممىمىز ئەتراپلىق ئويلىنىپ باقايلى !
