بۇ مەزمۇن 31قەۋەتتىكى !adiyat نىڭ 2011-09-23 14:20 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئاللا سىلەرگە سەدىقە ھىساۋىدا مۇسۇلمانلىقنى ئىلتىپات قىلسا، ئۆزەڭلاردىن باشقا ھەممە ئادەمنى ھارامدىن بولغانغا چىقىرىپ ، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە لايىق ئەمەللىرىنى يوققا چىقارغىنىڭلار- مۇسۇلمان بولغىنىڭلارنى ئاللاغا مىننەت قىلىپ ، ئوقوغان نامازلىرىڭلارنى
پەخىرلىنىپ تىلغا ئالغىنىڭلار - زىمىندا تەپرىقچىلىق قىلىش ۋە يولسىزلىق، يوغانچىلىق قىلغانلىق ھىساپلىنىدۇ. مىنىڭچە بۇ مۇسۇلماننىڭ ئەمەس ،يەھۇدىنىڭ يولى.
مانا مەن ناماز ئوقويمەن ، ئەلھەمدۇلىلا مۇسۇلمانمەن. لىكىن ئىككىگە بۆلۈنۈپ ئۇرۇش قىلىشقا توغرا كەلسە مەن باشقىلارنى كەمسىتىدىغان تەقۋا تەرەپتە ئەمەس ، ئادەمگەرچىلىكنىڭ ئاددى قائىدە پىرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلدىغان كىشلەر تەرەپتە تۇرىمەن. پو ئاتمايمەن . مەن ھازىر مەشەدىكى ھەر قاندىقىڭلاردىن تەقۋامەن.
قارىسام بەزىلەر مەيدانىنى ئىپادىلەپ ئىنكاس يىزىپتۇ. بۇ ئىنكاس شۇلارغا كەتتى.