ئانا سۈتىنىڭ كۆپ خىل پايدىلىرى
بالا ئانىنىڭ قۇرسۇقىدىكى ۋاقتىدا ئوزۇقلۇقنى ئانىنىڭ بەدىنىدىن بەدىنىدىن قوبۇل قىلىدۇ، تۇغۇلغاندىن كېيىن ئوزۇقلىنىشنى يەنىلا ئانىنىڭ سۈتىنى ئېمىش ئارقىلىق داۋاملاشتۇرىدۇ، تەبئىي سۈت ئۇنىڭ تەن ساغلاملىقىنىڭ نورمال بولۇشىنىڭ كاپالەتچىسىدۇر. تىۋىپ ۋە دۇختۇرلار تىببىي ئىلىم ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرىدىن مۇنداق بىر نەچچە خىل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ، بۇنى تۆۋەندە بايان قىلىمىز.
1. بالا پاك ۋە مىكروپسىز بولغان سۈت ئىچىدۇ.
2. ئۇ سۈتنىڭ تەركىۋى سوغۇق ياكى ئىسىسقمۇ ئەمەستۇر.
3. ئانا سۈتى ساقلانغان تەقدىردىمۇ بۇزۇلمايدۇ.
4. ئانا سۈتى ھەرقانداق ۋاقىتتا تەييار تۇرىدۇ.
5. بالىنىڭ ئاشقازىنىغا مۇناسىپ بولۇپ، بالىدا ئۇنى ھەزىم قىلالماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلمەيدۇ.
6. بالىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.
7. بالىنىڭ بەدىنىنىڭ كېسەللىك مىكروپلىرىغا قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.
8. بالا سۈت ئەمگەن مەزگىلىدە بالىمۇ، ئانىمۇ سەمىرىپ كەتمەيدۇ.
9. ئانا-بالا ئوتتۇرىسىدىكى سۆيگۈ رىشتىسىنى كۈچەيتىدۇ.
ئانا بالىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تىلىگەن ھالدا ئېمىتىسە، ئۇنىڭ مېۋىسى ناھايىتى تېزلا كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەمىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئايالىغا:«سەن بالىنى ئېمىتكەندە، ئۇنى خۇددى ھەرقانداق ئانا مەخلۇقاتلارنىڭ بالىسىغا كۆيىنىش ۋە شەپقەت قىلىشىغا ئوخشاش كەيپىياتتىلا ئېمىتمەي، بەلكى بۇ ئىشىڭدا ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئۈمىد قىلغان، بالا ئاللاھنىڭ بارلىق ۋە بىرلىكىنى ئېتىراپ قىلىدىغان، ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلىدىغان بىر بەندە بولۇشىنى ئۈمىد قىلغان ھالدا ئېمىتىشىڭ لازىم » دىگەن.
بالا ئېمىىتىۋاتقان ئانىنىڭ يەنە قورساق كۆتۈرۈشى مەكرۇھتۇر. چۈنكى قورساق كۆتۈرۈش بىلەن ئۇنىڭدىكى سۈتنىڭ تەركىۋى بۇزۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئېمىۋاتقان بالا سۈتتىن مەھرۇم قالىدۇ. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنىڭدىن توسقان ئىدى.
ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن قىلىنغان رىۋايەتتە ئۇ مۇنداق دېگەن: « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بالا ئېمىۋاتقان ئانىنىڭ قورساق كۆتۈرۈشى سەۋەبىدىن سۈتنىڭ بۇزۇلۇشىنى، ئۆزى يامان كۆرىدىغان ئون ئىش قاتارىدا زىكىر قىلغان ئىدى.» (ئەبۇداۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايەت قىلغان)
«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلاد تەربىيىسى» دىگەن كىتاپتىن ئېلىندى.