查看完整版本: [-- ئانا سۈتىنىڭ كۆپ خىل پايدىلىرى --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> خانىم - قىزلار -> ئانا سۈتىنىڭ كۆپ خىل پايدىلىرى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

رامىزان 2011-08-22 16:12
ئانا سۈتىنىڭ كۆپ خىل پايدىلىرى

بالا ئانىنىڭ قۇرسۇقىدىكى ۋاقتىدا ئوزۇقلۇقنى ئانىنىڭ بەدىنىدىن بەدىنىدىن قوبۇل قىلىدۇ، تۇغۇلغاندىن كېيىن ئوزۇقلىنىشنى يەنىلا ئانىنىڭ سۈتىنى ئېمىش ئارقىلىق داۋاملاشتۇرىدۇ، تەبئىي سۈت ئۇنىڭ تەن ساغلاملىقىنىڭ نورمال بولۇشىنىڭ كاپالەتچىسىدۇر. تىۋىپ ۋە دۇختۇرلار تىببىي ئىلىم ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرىدىن مۇنداق بىر نەچچە خىل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ، بۇنى تۆۋەندە بايان قىلىمىز.
1.  بالا پاك ۋە مىكروپسىز بولغان سۈت ئىچىدۇ.
2.  ئۇ سۈتنىڭ تەركىۋى سوغۇق ياكى ئىسىسقمۇ ئەمەستۇر.
3.  ئانا سۈتى ساقلانغان تەقدىردىمۇ بۇزۇلمايدۇ.
4.  ئانا سۈتى ھەرقانداق ۋاقىتتا تەييار تۇرىدۇ.
5.  بالىنىڭ ئاشقازىنىغا مۇناسىپ بولۇپ، بالىدا ئۇنى ھەزىم قىلالماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلمەيدۇ.
6.  بالىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.
7.  بالىنىڭ بەدىنىنىڭ كېسەللىك مىكروپلىرىغا قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.
8.  بالا سۈت ئەمگەن مەزگىلىدە بالىمۇ، ئانىمۇ سەمىرىپ كەتمەيدۇ.
9.  ئانا-بالا ئوتتۇرىسىدىكى سۆيگۈ رىشتىسىنى كۈچەيتىدۇ.
ئانا بالىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تىلىگەن ھالدا ئېمىتىسە، ئۇنىڭ مېۋىسى ناھايىتى تېزلا كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەمىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئايالىغا:«سەن بالىنى ئېمىتكەندە، ئۇنى خۇددى ھەرقانداق ئانا مەخلۇقاتلارنىڭ بالىسىغا كۆيىنىش ۋە شەپقەت قىلىشىغا ئوخشاش كەيپىياتتىلا ئېمىتمەي، بەلكى بۇ ئىشىڭدا ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئۈمىد قىلغان، بالا ئاللاھنىڭ بارلىق ۋە بىرلىكىنى ئېتىراپ قىلىدىغان، ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلىدىغان بىر بەندە بولۇشىنى ئۈمىد قىلغان ھالدا ئېمىتىشىڭ لازىم » دىگەن.
بالا ئېمىىتىۋاتقان ئانىنىڭ يەنە قورساق كۆتۈرۈشى مەكرۇھتۇر. چۈنكى قورساق كۆتۈرۈش بىلەن ئۇنىڭدىكى سۈتنىڭ تەركىۋى بۇزۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئېمىۋاتقان بالا سۈتتىن مەھرۇم قالىدۇ. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنىڭدىن توسقان ئىدى.
ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن قىلىنغان رىۋايەتتە ئۇ مۇنداق دېگەن: « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بالا ئېمىۋاتقان ئانىنىڭ قورساق كۆتۈرۈشى سەۋەبىدىن سۈتنىڭ بۇزۇلۇشىنى، ئۆزى يامان كۆرىدىغان ئون ئىش قاتارىدا زىكىر قىلغان ئىدى.» (ئەبۇداۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايەت قىلغان)
«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلاد تەربىيىسى» دىگەن كىتاپتىن ئېلىندى.



دىلناز 2011-08-22 17:36
ئۇنداقتا كالا سۈتىچۇ ؟
مەن بالامغا كۆپرەك كالا سۈتى بېرىمەن.

ohho~duqu 2011-08-22 18:03
ئانا سۈتى ساپ پاكىز ،بۇزۇلۇپ قالمايدۇ،ئىسسىقمۇ سوغۇقمۇ ئەمەس ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك مەھسۇلات

ئۆركەش 2011-08-22 20:56
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى دىلناز نىڭ 2011-08-22 17:36 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئۇنداقتا كالا سۈتىچۇ ؟
مەن بالامغا كۆپرەك كالا سۈتى بېرىمەن.




كالا سۈتىنى ئامال بولمىغاندا بوۋاققا بىرىش كېرەك ،ئامال بولسىلا ئانا سۈتىنى ئىمىتىش لازىم .
ھەرقانداق ساپ كالا سۈتىمۇ ئانا سۈتىگە يەتمەيدۇ ...
تىببىي كىتاپلاردا دىيىلىشچە :بالىنى ئەڭ ئاز بولغاندا 1.5 ياشقىچە ئانا سۈتى بىلەن بېقىش لازىم .
  بۇنى چوقۇم ئېسىڭىزدە ساقلاڭ دىلناز  .

nida0998 2011-08-23 04:28
ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن قىلىنغان رىۋايەتتە ئۇ مۇنداق دېگەن: « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بالا ئېمىۋاتقان ئانىنىڭ قورساق كۆتۈرۈشى سەۋەبىدىن سۈتنىڭ بۇزۇلۇشىنى، ئۆزى يامان كۆرىدىغان ئون ئىش قاتارىدا زىكىر قىلغان ئىدى.» (ئەبۇداۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايەت قىلغان

ئاڭلىمىغان ھەدىسكەن ................
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن..................

alxirxahzada 2011-08-24 00:34
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى دىلناز نىڭ 2011-08-22 17:36 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئۇنداقتا كالا سۈتىچۇ ؟
مەن بالامغا كۆپرەك كالا سۈتى بېرىمەن.

ئانا-بالا ئوتتۇرىسىدىكى سۆيگۈ رىشتىسىنى كۈچەيتىدۇ.


查看完整版本: [-- ئانا سۈتىنىڭ كۆپ خىل پايدىلىرى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.065312 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us