باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1699 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئانا سۈتىنىڭ كۆپ خىل پايدىلىرى
دوستلىشىش
رامىزان
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8606
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 62
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە62دانە
ئۆسۈش: 640 %
مۇنبەر پۇلى: 1080 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-15
ئاخىرقى: 2012-03-27
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-22 16:12

ئانا سۈتىنىڭ كۆپ خىل پايدىلىرى

ئەسكەرتىش: بۇ يازما samanyoli تەرىپىدىن نادىرلىقتىن قالدۇرۇلدى(2011-08-28)
ئانا سۈتىنىڭ كۆپ خىل پايدىلىرى

بالا ئانىنىڭ قۇرسۇقىدىكى ۋاقتىدا ئوزۇقلۇقنى ئانىنىڭ بەدىنىدىن بەدىنىدىن قوبۇل قىلىدۇ، تۇغۇلغاندىن كېيىن ئوزۇقلىنىشنى يەنىلا ئانىنىڭ سۈتىنى ئېمىش ئارقىلىق داۋاملاشتۇرىدۇ، تەبئىي سۈت ئۇنىڭ تەن ساغلاملىقىنىڭ نورمال بولۇشىنىڭ كاپالەتچىسىدۇر. تىۋىپ ۋە دۇختۇرلار تىببىي ئىلىم ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرىدىن مۇنداق بىر نەچچە خىل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ، بۇنى تۆۋەندە بايان قىلىمىز.
1.  بالا پاك ۋە مىكروپسىز بولغان سۈت ئىچىدۇ.
2.  ئۇ سۈتنىڭ تەركىۋى سوغۇق ياكى ئىسىسقمۇ ئەمەستۇر.
3.  ئانا سۈتى ساقلانغان تەقدىردىمۇ بۇزۇلمايدۇ.
4.  ئانا سۈتى ھەرقانداق ۋاقىتتا تەييار تۇرىدۇ.
5.  بالىنىڭ ئاشقازىنىغا مۇناسىپ بولۇپ، بالىدا ئۇنى ھەزىم قىلالماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلمەيدۇ.
6.  بالىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.
7.  بالىنىڭ بەدىنىنىڭ كېسەللىك مىكروپلىرىغا قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.
8.  بالا سۈت ئەمگەن مەزگىلىدە بالىمۇ، ئانىمۇ سەمىرىپ كەتمەيدۇ.
9.  ئانا-بالا ئوتتۇرىسىدىكى سۆيگۈ رىشتىسىنى كۈچەيتىدۇ.
ئانا بالىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تىلىگەن ھالدا ئېمىتىسە، ئۇنىڭ مېۋىسى ناھايىتى تېزلا كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەمىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئايالىغا:«سەن بالىنى ئېمىتكەندە، ئۇنى خۇددى ھەرقانداق ئانا مەخلۇقاتلارنىڭ بالىسىغا كۆيىنىش ۋە شەپقەت قىلىشىغا ئوخشاش كەيپىياتتىلا ئېمىتمەي، بەلكى بۇ ئىشىڭدا ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئۈمىد قىلغان، بالا ئاللاھنىڭ بارلىق ۋە بىرلىكىنى ئېتىراپ قىلىدىغان، ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلىدىغان بىر بەندە بولۇشىنى ئۈمىد قىلغان ھالدا ئېمىتىشىڭ لازىم » دىگەن.
بالا ئېمىىتىۋاتقان ئانىنىڭ يەنە قورساق كۆتۈرۈشى مەكرۇھتۇر. چۈنكى قورساق كۆتۈرۈش بىلەن ئۇنىڭدىكى سۈتنىڭ تەركىۋى بۇزۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئېمىۋاتقان بالا سۈتتىن مەھرۇم قالىدۇ. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنىڭدىن توسقان ئىدى.
ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن قىلىنغان رىۋايەتتە ئۇ مۇنداق دېگەن: « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بالا ئېمىۋاتقان ئانىنىڭ قورساق كۆتۈرۈشى سەۋەبىدىن سۈتنىڭ بۇزۇلۇشىنى، ئۆزى يامان كۆرىدىغان ئون ئىش قاتارىدا زىكىر قىلغان ئىدى.» (ئەبۇداۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايەت قىلغان)
«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلاد تەربىيىسى» دىگەن كىتاپتىن ئېلىندى.


دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4555
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1172
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1172دانە
ئۆسۈش: 5440 %
مۇنبەر پۇلى: 15629 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2012-03-29
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-23 04:28

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن قىلىنغان رىۋايەتتە ئۇ مۇنداق دېگەن: « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بالا ئېمىۋاتقان ئانىنىڭ قورساق كۆتۈرۈشى سەۋەبىدىن سۈتنىڭ بۇزۇلۇشىنى، ئۆزى يامان كۆرىدىغان ئون ئىش قاتارىدا زىكىر قىلغان ئىدى.» (ئەبۇداۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايەت قىلغان

ئاڭلىمىغان ھەدىسكەن ................
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن..................