ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم <بىناۋا>ناملىق تورداش ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز .تەتقىقاتچى مۇھەببەت كامال خانىم ۋە يولدىشى پروفىسسور ئەھمەد ئۆمەر ئەپەندىمگە كۆپ تەشەككۈر .مەرھۇم نۇرمۇھەممەد تۇرسۇندەك مىليونلىغان مىسكىن كۆڭۈللەرنى يېقىملىق تەمبۇر كۈيلىرى ۋە مۇڭلۇق ساتار مۇزىكىلىرى بىلەن ئاۋۇندۇرغان كۈي پەرۋانىسىنىڭ ئىسمىنى دۇنيا ئىلىم مۇنبىرىدىكى بىر ئۆچمەس نامغا ئايلاندۇرۇش يولىدا كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپتۇ .نۇرمۇھەممەد تۇرسۇندەك يېتىلگەن چالغۇچى نەچچە مىليون كىشىنىڭ ئىچىدىن نەچچە يۈز يىلدا بىرسى ئاران چىقىدۇ .ھاياتلىقىدا مەرھۇمنى تازا قەدىرلىيەلمىدۇق،ئەمدى بولسىمۇ قەدىرلەيلى،ئۇنداق سەنئەتكار ئائىلىنى كەڭ تەشۋىق قىلايلى،ئۇلارغا شارائىت يارىتىپ بېرەيلى.شۇنداق قىلساق مەرھۇمنىڭ روھىغا يۈز كېلەلەيمىز.