باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 15580 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: <<نۇرى تەمبۇرىيا>>
دوستلىشىش
بىناۋا
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7808
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 210
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە210دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 2314 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-10
ئاخىرقى: 2012-03-27
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-22 11:13

<<نۇرى تەمبۇرىيا>>

خەلقئارا   بىئولوگلار ساھەسىدە  ئېتىراپ    قىلىندى

<<ئادەم مۇزىكا ئارقىلىقمۇ ئەڭ ئالى ھۆرلۈككە ئېرىشەلەيدۇ.>>

چىڭغىز ئايتماتوف

خەلقىمىز ئارىسىدا <<تەمبۇر شاھى>>نامى بىلەن تونۇلغان نۇرمۇھەممەت تۇرسۇن ۋاپاتىغا بىر يىل بولغانلىقىنى خاتىرىلەش،ئۇنىڭ نامىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈش

ئۈچۈن  بىئولوگىيە پەنلىرى دوكتورى،ھاشاراتشۇناس--مۇھەببەت كامال خانىم يولدىشى پروفېسسور-دوكتور ئەخمەد ئۆمەر بىلەن بىللە بىرخىل نامسىز پەرۋانىگە<<نۇرى تەمبۇرىيا>>دەپ نام بەرگەن ۋە بۇ پەرۋانە ھەققىدىكى تەتقىقات نەتىجىسى ئۈستىدە   

غا نۇرى ئورۇندىغان تەمبۇر-ساتارمۇزىكىلىرىنى كىرىشتۈرگەن،VCD ئىشلەنگەن  خەلقئارالىق جانلىقلارنى خەلقئارالىق جانلىقلارنى ئىسىملەندۈرۈش قائىدىسىگە ئاساسەن ،گېرمانىيىدىكى <<ئىسىملەندۈرۈش قائىدىلىرى بويىچە نازارەت قىلىش كومىسسىيونى>>نىڭ تەكشۈرۈپ-بېكىتىشىگە سۇنغان.(بىئولوگىيىە پېنى ھاشاراتشۇناسلىق ئىلمى ساھەسىدە ھەرقانداق بىر ئالىم-تەتقىقاتچى ئىلگىرى بايقالمىغان بىر جانلىقنى بايقىسا،ئۇنىڭغا مەڭگۈلۈك خاس ئىسىم قويۇشقا ھوقۇقلۇق.)

 ھازىر <<نۇرى تەمبۇرىيا>>دېگەن بۇ نام خەلقئارادىكى بىئولوگلار تەرىپىدىن  رەسمى ئېتىراپ قىلىنغان ۋە ئىشلىتىلىشكە باشلىغان.

پەرۋانە--ئوتقا ئاشىق جانلىق؛ بىزنىڭ نۇرى بولسا--مۇزىكا پەرۋانىسى،مۇزىكا ئاشىقىدۇر.

ئۇيغۇر مۇزىكانت--نۇرى تۇرسۇننى <<نۇرى تەمبۇرىيا>>ئىلمى ئىسىم بىلەن بىئولوگىيە دۇنياسىدا ئەبەدىيلەشتۈرگەن  ئەر-ئايال تەتقىقاتچىلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز!

تۆۋەندىكى ئادرېسلار خەلقئارادا تونۇلغان،ئېتىراپ قىلىنغان مۇھىم تەتقىقات تۈرلىرى ۋە <<نۇرى تەمبۇرىيا>>غا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر،ئېنتېرنېت سەھىپىلىرىنىڭ بىر قىسمىدۇر. 
 

http://www.organismnames.com/advancedquery.htm?q=Nuritamburia&Submit=&searchType=partial&so=a0&pp=10
 
http://gni.globalnames.org/name_strings?page=5&search_term=ns%3ANUR*
 
http://en.wikipedia.org/wiki/Nuritamburia
 
http://nature.berkeley.edu/~poboyski/Lepidoptera/Brad.htm
 
http://relaxationnews.com/news/Nuritamburia.html
 
http://www.biolib.cz/en/taxon/id868129/
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5446
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 133
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە133دانە
ئۆسۈش: 1880 %
مۇنبەر پۇلى: 2938 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-03
ئاخىرقى: 2012-03-27
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-07-31 13:39

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم <بىناۋا>ناملىق تورداش ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز .تەتقىقاتچى مۇھەببەت كامال خانىم ۋە يولدىشى پروفىسسور ئەھمەد ئۆمەر ئەپەندىمگە كۆپ تەشەككۈر .مەرھۇم نۇرمۇھەممەد تۇرسۇندەك مىليونلىغان مىسكىن كۆڭۈللەرنى يېقىملىق تەمبۇر كۈيلىرى ۋە مۇڭلۇق ساتار مۇزىكىلىرى بىلەن ئاۋۇندۇرغان كۈي پەرۋانىسىنىڭ ئىسمىنى دۇنيا ئىلىم مۇنبىرىدىكى بىر ئۆچمەس نامغا ئايلاندۇرۇش يولىدا كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپتۇ .نۇرمۇھەممەد تۇرسۇندەك يېتىلگەن چالغۇچى نەچچە مىليون كىشىنىڭ ئىچىدىن نەچچە يۈز يىلدا بىرسى ئاران چىقىدۇ .ھاياتلىقىدا مەرھۇمنى تازا  قەدىرلىيەلمىدۇق،ئەمدى بولسىمۇ قەدىرلەيلى،ئۇنداق سەنئەتكار ئائىلىنى كەڭ تەشۋىق قىلايلى،ئۇلارغا شارائىت يارىتىپ بېرەيلى.شۇنداق قىلساق مەرھۇمنىڭ روھىغا يۈز كېلەلەيمىز.