查看完整版本: [-- <<نۇرى تەمبۇرىيا>> --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> جۇغراپىيە -> <<نۇرى تەمبۇرىيا>> [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

بىناۋا 2011-07-22 11:13
خەلقئارا   بىئولوگلار ساھەسىدە  ئېتىراپ    قىلىندى

<<ئادەم مۇزىكا ئارقىلىقمۇ ئەڭ ئالى ھۆرلۈككە ئېرىشەلەيدۇ.>>

چىڭغىز ئايتماتوف

خەلقىمىز ئارىسىدا <<تەمبۇر شاھى>>نامى بىلەن تونۇلغان نۇرمۇھەممەت تۇرسۇن ۋاپاتىغا بىر يىل بولغانلىقىنى خاتىرىلەش،ئۇنىڭ نامىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈش

ئۈچۈن  بىئولوگىيە پەنلىرى دوكتورى،ھاشاراتشۇناس--مۇھەببەت كامال خانىم يولدىشى پروفېسسور-دوكتور ئەخمەد ئۆمەر بىلەن بىللە بىرخىل نامسىز پەرۋانىگە<<نۇرى تەمبۇرىيا>>دەپ نام بەرگەن ۋە بۇ پەرۋانە ھەققىدىكى تەتقىقات نەتىجىسى ئۈستىدە   

غا نۇرى ئورۇندىغان تەمبۇر-ساتارمۇزىكىلىرىنى كىرىشتۈرگەن،VCD ئىشلەنگەن  خەلقئارالىق جانلىقلارنى خەلقئارالىق جانلىقلارنى ئىسىملەندۈرۈش قائىدىسىگە ئاساسەن ،گېرمانىيىدىكى <<ئىسىملەندۈرۈش قائىدىلىرى بويىچە نازارەت قىلىش كومىسسىيونى>>نىڭ تەكشۈرۈپ-بېكىتىشىگە سۇنغان.(بىئولوگىيىە پېنى ھاشاراتشۇناسلىق ئىلمى ساھەسىدە ھەرقانداق بىر ئالىم-تەتقىقاتچى ئىلگىرى بايقالمىغان بىر جانلىقنى بايقىسا،ئۇنىڭغا مەڭگۈلۈك خاس ئىسىم قويۇشقا ھوقۇقلۇق.)

 ھازىر <<نۇرى تەمبۇرىيا>>دېگەن بۇ نام خەلقئارادىكى بىئولوگلار تەرىپىدىن  رەسمى ئېتىراپ قىلىنغان ۋە ئىشلىتىلىشكە باشلىغان.

پەرۋانە--ئوتقا ئاشىق جانلىق؛ بىزنىڭ نۇرى بولسا--مۇزىكا پەرۋانىسى،مۇزىكا ئاشىقىدۇر.

ئۇيغۇر مۇزىكانت--نۇرى تۇرسۇننى <<نۇرى تەمبۇرىيا>>ئىلمى ئىسىم بىلەن بىئولوگىيە دۇنياسىدا ئەبەدىيلەشتۈرگەن  ئەر-ئايال تەتقىقاتچىلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز!

تۆۋەندىكى ئادرېسلار خەلقئارادا تونۇلغان،ئېتىراپ قىلىنغان مۇھىم تەتقىقات تۈرلىرى ۋە <<نۇرى تەمبۇرىيا>>غا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر،ئېنتېرنېت سەھىپىلىرىنىڭ بىر قىسمىدۇر. 
 

http://www.organismnames.com/advancedquery.htm?q=Nuritamburia&Submit=&searchType=partial&so=a0&pp=10
 
http://gni.globalnames.org/name_strings?page=5&search_term=ns%3ANUR*
 
http://en.wikipedia.org/wiki/Nuritamburia
 
http://nature.berkeley.edu/~poboyski/Lepidoptera/Brad.htm
 
http://relaxationnews.com/news/Nuritamburia.html
 
http://www.biolib.cz/en/taxon/id868129/

مىسكىن 2011-07-23 14:42
بۇ كەڭسايغا كىرىدىغانلار ئازلاپ كېتىۋاتىدۇيا ئىنكاس يازىدىغانلارمۇ يوق <<نۇرى تەمبۇرىيا>> ئەمدى بىر پەرۋانىنىڭ نامى بولۇپ بۇنام ئەبەدىل-ئەبەت ئۆچمەيدىغان بوپتۇ.

بىناۋا 2011-07-24 09:14
تورداشلارنىڭ  بۇ خەۋەرنىڭ قىممىتىنى چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

guzal~atux 2011-07-24 13:41
بۇ ماقالىنى چىڭغىز ئايماتۇف يازغانمىكەن .

بىناۋا 2011-07-25 08:14
  گۈزەل ئاتۇش تورداش!
خەۋەرنى توردىشىڭىز---مەن  بىناۋا يوللىدىم.

چىڭغىز ئايتماتوفنىڭ سۆزىنى  ئالايىتەن قوش تىرناق  ئىچىگە ئالدىم.
دىققەت بىلەن قايتا بىر   تەكشۈرۈپ  باقامسىز؟

yusanjan 2011-07-25 08:38
ha qikgiz aymaton yazhandak kildu

بىناۋا 2011-07-26 08:28
ھەي،5-قەۋەتتىكى تورداش:
  نېمىلەرنى يازغان ئىدىڭىز.ئوقۇغىلى بولمىدى.تۈزىتىپ يېزىۋېتەمسىز.............

بىناۋا 2011-07-27 07:42
3- ۋە 5- قەۋەتتىكى تورداشلارغا!

يەر تېگىگە كىرىپ كەتكەن چىڭغىز ئايتماتوف ئۇيغۇر ئۇچۇن تېخى كۆڭۈل بۆلىۋاتىدۇ، دەپ ئويلاپ قالغىنىڭلارغا ھەيرانمەن.

بىلىك 2011-07-27 10:02
<نۇرى تەمبۇرىيە> دەڭ.

بىناۋا 2011-07-30 05:29
بىلىك تورداش! <<تەمبۇرىيە>>  دىسەك تېخىمۇ توغرا بولاتتىكەن.ئەمما بۇ نام  خەلقئارالىق ئىسىملەندۈرۈش كومىسسىيونىغا <<تەمبۇرىيا>> دەپ تىزىملىتىلغان ئىكەن.ئەسلىگە سادىق بولمىساق،پايدىلانغۇچىلارنىڭ خەلقئارادىكى توربەتلەردىن تېپىشى تەسرەك بولىدۇ.  خەۋەردە بېرىلگەن ئۇلانمىلارغا قارىسىڭىز  چۈشىنىشلىك .

kizilkowruk 2011-07-31 13:39
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم <بىناۋا>ناملىق تورداش ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز .تەتقىقاتچى مۇھەببەت كامال خانىم ۋە يولدىشى پروفىسسور ئەھمەد ئۆمەر ئەپەندىمگە كۆپ تەشەككۈر .مەرھۇم نۇرمۇھەممەد تۇرسۇندەك مىليونلىغان مىسكىن كۆڭۈللەرنى يېقىملىق تەمبۇر كۈيلىرى ۋە مۇڭلۇق ساتار مۇزىكىلىرى بىلەن ئاۋۇندۇرغان كۈي پەرۋانىسىنىڭ ئىسمىنى دۇنيا ئىلىم مۇنبىرىدىكى بىر ئۆچمەس نامغا ئايلاندۇرۇش يولىدا كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپتۇ .نۇرمۇھەممەد تۇرسۇندەك يېتىلگەن چالغۇچى نەچچە مىليون كىشىنىڭ ئىچىدىن نەچچە يۈز يىلدا بىرسى ئاران چىقىدۇ .ھاياتلىقىدا مەرھۇمنى تازا  قەدىرلىيەلمىدۇق،ئەمدى بولسىمۇ قەدىرلەيلى،ئۇنداق سەنئەتكار ئائىلىنى كەڭ تەشۋىق قىلايلى،ئۇلارغا شارائىت يارىتىپ بېرەيلى.شۇنداق قىلساق مەرھۇمنىڭ روھىغا يۈز كېلەلەيمىز.

بىناۋا 2011-08-02 19:18
رەھمەت ، قىزىل كۆۋرۈك!
<<نۇرى تەمبۇرىيا>>نى  چىن مەنىسىدىن چۈشىنىپسىز!

!adiyat 2011-08-02 20:15
مۇھەببەت كامال خانىم يولدىشى پروفېسسور-دوكتور ئەخمەد ئۆمەر

بۇلار كىم  ؟  نەلىك ؟؟؟؟

بىناۋا 2011-08-04 10:57
سالام ئادىيات، تېما مەزمۇنىغا كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە تەشەككۈر!

   تېما ئىگىسى بولغىنىم ئۈچۈن سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزدىكى سۇئالغا جاۋاپ بېرىۋاتىمەن.

    مۇھەببەت كامال---غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان.شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتۇتىنىڭ بئولوگىيە كەسپىنى 1989-يىلى پۇتتۇرۇپ،غۇلجا شەھەرلىك 14-ئوتتۇرا ماكتەپتە بىئولوگىيە مۇئەللىمى بولغان.3 يىلدىن كېيىن تۇركىيە ئەنقەرە ئۇنۋېرستىتۇتىغا ئوقۇشقا چىقىپ،ئۇ يەردە ئۆز كەسپى بويىچەئاسپرانت ۋە دوكتورنى تاماملاپ، ئىسپانىيەدىكى  مۇرسىيە ئۇنۋېرستىتۇتىدا ئىتالىيە،ئىسپانىيە ئالىملىرى بىلەن ئىنسانلارنىڭ گېن  تەتقىقاتىغا قاتناشقان. كېيىن تۇركىيىگە قايتىپ،ئاناتولىيە ۋان ئۇنۋېرستىتۇتىدا خىزمەتكە چۈشكەن.
    يەنىمۇ تەپسىلى ماتېرىيال غۇلجا شەھەرلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 100 يىللىقىغا بېغىشلانغان <<شانلىق ئىزلار>> ناملىق كىتاپتىكى <<بۇلار 5-ئوتتۇرىنىڭ قىزلىرى ئىدى>> تېمىلىق ماقالىدا  بار ئىكەن.

!adiyat 2011-08-04 12:36
ۋە ئەلەيكوم ئەسسالام  
رەھمەت .

بىناۋا 2011-08-07 10:36
سىزگىمۇ رەھمەت،ئادىيات تورداش!

muhtarbay 2011-08-07 16:16
مىللىتىمىز ئېچىدىن چىققان مەشھۇرلار چەت مەملىكەتلەردە بولسىمۇ قەدىرلىنىۋاتىدۇ،ئۇلارنىڭ نامىنى ھەر تۇرلۇك مەكتەپ، يوللارغا قويوپ نامىنى مەڭگۇلەشتۇرىۋاتىدۇ،مەھمۇد قاشقەرى،يۇسۇپ خاس ھاجىپنىڭ بولسىمۇ نامى بىرە ئالىي مەكتەپكە قويولمىغىنىدىن بەك ئىچىم سىقىلىدۇ،چەتئەلدە بولسا بۇلارنىڭ نامىدا ئالىي مەكتەپ ئاكادىمىيەلەر قۇرۇلغىلى نەۋاق،رەھمەت تېمىڭىزغا

yawuz2 2011-08-07 19:26
مەڭگۈ ئەسلىگۈدەك ئەھمىيەتلىك ئىسىم بۇلۇپتۇ رھمەت سىلەرگە ئاللاھ ئەجرىڭلارنى يەردە قويمايدۇ ،خەلىق سىلەرنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايدۇ .لىكىن بىر قىسىم قىرغىزپەرەسلەر بۇنى چىڭغىز ئايتىماتۇف يازغان دەپتۇ ،ئاغىزىغا پوق تىقسا بۇلىدۇ ئۇنداقلارنىڭ  

بىناۋا 2011-08-10 08:30
ياۋۇز --2گە!

   بۇ خەۋەرنى چىڭغىز ئايتماتوف يازمىغان. سىز دېگەندەك بەزى تورداشلار  خاتا چۈشىنىۋاپتۇ. ئايتماتوفنىڭ مۇزىكا ھەققىدىكى مەشھۇر سۆزى بۇ خەۋەرنىڭ تەسىرى كۈچىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە  باش تېما ئاستىغا بېرىلگەن.

ئاقئۆرۈك 2011-08-12 00:34
بۇنچلىك كاتتا شۆھرەتكە ئېرىشكەندە ئۆزىنىڭ يىلتىزىنى، كىملكىنى، مىللىتىنى، تومۇرىدا ئېقىۋاتقان پاكىز قېنىنى ئۇنتۇپ قالمىغان  ئۇيغۇر  ئالىمى مۇھەببەت كامالغا  تەشەككۈر!!!  خەلقئارا ئېتراپ قىلغان ئۇلۇق نەتىجىلىرىنى ئۆز ۋەتىنىدىن، ئۆز مىللىتىدىن  چىققان سەرخىللارنىڭ نام-شەرىپى بىلەن ئاتاشنى تۇنجى بولۇپ، ئېسىمىزگە سالغان بۇ سۆيۈملۈك قېرىندىشىمىزغا ئاپىرىن!!!
مەن، مەن دېگەن ئوغۇل بالا ئەركەكلەر قىلالمىغان  ئۇلۇق ئىشتىن بىرىنى روياپقا چىقارغان سۆيۈمۈلۈك ئۇيغۇر قىزى ئالىم مۇھەببەت كامال سىزدىن پەخىرلىنىمەن...سىزگە مەدەت ۋە بەخت تىلەيمەن...

ئاقئۆرۈك 2011-08-12 00:46
:<<نۇرى تەمبۇرىيا>>نى چىڭغىز ئايتماتوف  يازدى دەپ قالايمىقان جۆيلۈگەنلەرگە:
<< كۈلەلمىسەڭ ھېجايما>>

yawuz2 2011-08-12 01:42
سىز ناھايتىمۇ ياخشى سۆزلەرنى قىلىپسىز مەن ناھايتىمۇ خوشال بولدۇم . ئەينى ۋاقىتتا يەنى 1995-يىل بىزنىڭ مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن ۋاپات بولغاندىن كېيىن بېرلىندا ئېچىلغان بىر قېتىملىق يىغىندا ياۋرۇپا ،ئامىركا ،ياپۇنيە ئالىملىرى مەرھۇمنىڭ ھايات ۋاقتىتدىكى ئىلمى ئىجادىيەت ئەمگەكلىرىنى خۇلاسىلەپ چىقىپ مۇنداق دىگەن ئىكەن : بۇنىڭدىن كېيىنكى 50يىلدىن100يىلغىچە بولغان ئارلىقتىكى ۋاقىت ئىچىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركى مىللەتلەر ئىچىدىن ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىندەك بىر ئالىم چىقمايدۇ بۇ ئالىم ھايات ۋاقتىدا ئۆز مىللىتى قەدىرىنى بىلمىدى ھەم بىلمەيدۇ دەپ خۇلاسە چىقىرىپتىكەن .بىز چۇقۇم ئۆز مىللىتىمىزدىن چىققان مەشھۇر ئادەملىرىمىزنىڭ قەدىرىنى چۇقۇم ھايات ۋاقتىدا قىلىشىمىز كېرەك !

yawuz2 2011-08-12 01:55
مەن خاتا چۈشۈنۇپ قاپتىمەن ،چۈشەنچە بەرگىنىڭىزگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن !    لىكىن يېقىندىن بۇيان بىزنىڭ مۇنازىرە سۇرۇنىمىزدا ئەرەبپەرەسلىك،قازاق،قىرغىزپەرەسلىك خاھىشى يامىرماقتتا  ھەر بىر ئەقلى بار ئۇيغۇر چۇقۇم  بۇنداق نازۇك مەسىلىلەرگە قارتا ھۇشيار بۇلۇشى كېرەك .سىز بەلكىم قازاق،قىرغىزلارنىڭ رايۇنىمىز تەۋەسىدە نەشىردىن چىققان ئەدەبىئى ئەسەرلىرىدە ئۇيغۇرلارنى كەمسىتكەنلىك توغرۇسىدىكى ئاتلمىش<<رومانلىرى>>نى كۆرگەن بۇلىشىڭىز مۇمكىن شۇ ۋاقىتتا ئاندىن بۇ مەسىلىلەرنىڭ ئۇنداق ئاسان ئەمەسلىكىنى چۈشىنىپ قالىسىز ،مەن بۇ ئىككى تائىپىگە مەڭگۈ قارشى دوستۇم ئىمكان بولسا ئالاقىلىشىپ تۇرايلى ،سىز بىلەن دوست ھەم سىرداش بۇلۇشنى خالايمەن  

بىناۋا 2011-08-14 07:14
<<شامال گەرچە ئاسمانغا كۆتىرىلەلىسىمۇ،يەڭگىل ۋە مىقدارسىزدۇر.تاغ گەرچە توپىغا مىلىنىپ ياتسىمۇ،سۆلەتلىك ۋە سالماقتۇر.تاغنىڭ زىمىنىدا ئوتقا يېقىلىدىغان خەس- خەشەك بار،ئۇنىڭ باغرىدا شاھ تاجىسىغا تاقىلىدىغان  پارلاق لەھەل تاشمۇ بار.>>

                                           ئەلىشىر ناۋايى

          <<  نۇرى تەمبۇرىيا>>ھەقىقەتەن پارلاق لەھەل تاش دەرىجىسىگە كۆتىرىلگەندەك قىلىدۇ.

بىناۋا 2011-08-17 04:55
ياۋۇز--2 ئەپەندى!
  سىزگە سالاملار بولسۇن! يۈرىكىڭىزدە ئۇيغۇر ئۈچۈن ساقلىنىۋاتقان چوغ بارلىقىنى بىلدىم. سىزگە ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەدئىمىننىڭ مۇنۇ سۆزىنى تەقدىم قىلىمەن:
   <<ئۇيغۇرنىڭ دوستى ئۇيغۇردۇر.>>
  ۋە يەنە خەنزۇ خەلقىنىڭ مۇنۇ بىر ئىدىيومىنى سىز بەلكىم ئاڭلىغان،شۇنداقتىمۇ بىللە ئوقۇيلى:
   <<باشقا مىللەتنىڭ كۆڭلى باشقا>>
    سالامەت بولۇڭ!

ۋاي-ۋۇي 2011-08-19 17:52
مەن تولۇقسىزدا ئوقىۋاتقان چاغلاردا بىر ياش بىئولوگىيە مۇئەللدىم مەكتىۋىمىزگە كەلگەن ئىدى ،ئۇنىڭ ياپۇنچە كىسىلگەن چاچلىرى ،ئۇرۇق ساغلام سىماسى ھىلىمۇ كۇز ئالدىمدا ،ئۇ بىزگە بىرىنچى بولۇپ مەكتەپ تەجىربەخانىسىدا يىڭى پىتى توپا بىسىپ تۇرغان مىكروسكوپلارنى ئەپ چىقىپ ئوقۇغۇچىلارغا تەجىربە دەرىسى ئۇيۇشتۇرغان ھەم مىكروسكوپنىڭ تۇزىلىشىنى بىزگە چۇشەندۇرگەن ، بىز خۇددى ئۇزىمىزنى تەتقىقاتچى ئالىمدەك ھىس قىلىپ چاچلىرىمىزنى يەنە قانداقتۇر كىچىك نەرسىلەرنى يوغانتىپ كۇرۇپ كەتكەن ئىدۇق ، «تولۇقسىزدا ئوقۇپ تۇرۇپمۇ مىكروسكوپنى تۇتۇپ باقمىسا بۇ بالىلار بۇنى مۇشۇ پىتى كونىرتىپ تاشلاشقا ئالغانمىكەن بۇلار» دەپ غودۇرغىنى ھىلىمۇ ئىسىمىزدە ،ئۇنىڭ مەكتەپ تەنتەربىيە مۇسابىقىسىغا قاتنىشىپ يۇگۇرگەن ۋاقىتلىرى ،ئاغزىنى بۇزۇپ تىللىغان بىر بالىنى مۇنداقلا ئۇرۇپ قويۇپ بۇرنى قاناپ كەتكەندە ،«تولا توپ ئويناپ قىتىپ كىتىپتۇ بۇ قولۇم »دەپ ئوڭايسىزلىنىپ قولىنى ئۇۋىلاپ كەتكەن چاغلىرى ،بىزدەك يىزا بالىلىرغا مۇھەببەت ،مەسئۇليەت بىلەن قارايدىغان كۇزلىرى ھىلىمۇ كۇز ئالدىمدا تۇرىدۇ ،  بۇ ھاياتقا قىزغىنلىق ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بىزگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان بۇ سۇيۇملۇك مۇئەللىم   مۇھەببەت كامال خانىمكەن ئەمەسمۇ ،  مۇھەببەت مۇئەللىمگە ئىھتىرام.........

بىناۋا 2011-08-23 05:07
ۋاي-ۋۇي تورداش! ئىنكاسىىڭىز  بىر نادىر تېمىغا تەڭ بوپتۇ. مۇشۇ مۇئەللىم ھەققىدە بىر ئەسلىمە يېزىپ باققان بولسىڭىز،ھەممىمىز تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنسەك.
     بىزدە ياخشىلىرىمىزنى ئۆلگەندىن كېيىن  بەك قەدىرلەيدىغان،ھاياتلىقىدا ئېتىبارسىز قالدۇرىدىغان ناتوغرا ئادەت بار. بۇنى كۆپ تەكىتلەيمىز،لېكىن كۆڭۈلدىكىدەك  ئورۇندىيالمايۋاتىمىز. سىز  مۇئەللىمىڭىزگە ئېھتىرام بىلدۇرۇپسىز،ئىچىڭىزدە مۇئەللىمىڭىزگە كۆپ گېپىڭىز باردەك قىلىدۇ.ھەممىمىز ئاڭلىساق...

بىناۋا 2011-08-27 17:52
ۋاي-ۋۇي تورداش! نەگە كەتتىڭىز؟ مۇئەللىمىڭىز ھەققىدە  ئەسلىمە يېزىپ،بۇ تېمىغا تولۇقلىما بېرىشىڭىزنى كۈتۈۋاتىمىز.

guzal~atux 2011-08-28 23:57
بۇ تېما باشقۇرغۇچى تەرىپىدىن تاقالدى!

بىناۋا 2011-08-31 08:27
گۈزەل ئاتۇش تورداش،ھېيت-ئايەملەردە كۆڭلىڭىزنى پاراكەندە قىلمىسىڭىزچۇ؟

guzal~atux 2011-09-01 02:25
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 29قەۋەتتىكى بىناۋا نىڭ 2011-08-31 08:27 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
گۈزەل ئاتۇش تورداش،ھېيت-ئايەملەردە كۆڭلىڭىزنى پاراكەندە قىلمىسىڭىزچۇ؟

بىناۋا تورداش بۇ تور دۇنياسىدا ئادەم خاتالىقتىن خالى بولالامايدىكەن<<ئازمىغان ئاللا >>قاراڭ ،راست بىر ئادەم ئەجىر قىلىپ مۇنبەرنى بىزەۋاتسا باشقىلارنىڭ ئۇنىڭ ئەمگىكىگە بىھۇرمەتلىق قىلىشىنى مەن ئىنساننىڭ ئىشى ئەمەس دەيدىغانلارنىڭ بىرى ،كەچۇرۇڭ باشتىكى ئىنكاسىمدىكى سەۋەنلىكنى ،لىكىن ئا ........................... نىڭ باشقىلارغا مۇناپىقانە << مۇناپىقلىقنىڭ ئالدىقى شەرتى قۇپالىق>> گەپ سۇزلىرى مىنى بەك چارچىتىۋەتتى دەڭا ،نىمە كەپتۇ دەيمەن بۇ مەۋھوم دۇنيادا باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىپ .چۇجىنىڭ شۇملىقىدىن مىكىياننىڭ ئەمچىكى يوق دىگەندەك ،بۇ مىسكىن ئۇيغۇرنىڭ بېشىغا نىمە قىسمەتلەر كەلمىگەن  ؟؟...................... شۇ  ئىتتىپاقسىزلىق ،ئىناقسىزلىق، ....... تۇپەيلىدىن . بولدىلا  جىق گەپ ئىشەككە يۈك ...............مەن شۇڭا ئا بىرنىمىگە << مۇنبەردىكى ئىسمى ياۋۇز ئىكەن ،بۇ ئىسىمغۇ ئادەم تەبىيىتىدىن ھالقىپ ھايۋانلار توپىغا ماس ئاتالغۇكەن >> سەل قايناپ سالغان ئىدىم . كەچۇرۇڭلار .

بىناۋا 2011-09-10 07:34
كەچۈرۈم سوراش بىھاجەت،گۈزەل ئاتۇش تورداش! ئەسلى تېمىنىڭ قىممىتىنى تونۇپ يەتسەك، تېما مەزمۇنىنىڭ مۇناسىۋەتسىز ياققا بۇرۇلۇپ كېتىشىدىن ساقلىساق بولىدۇ-غۇ!

ۋاي-ۋۇي 2011-09-11 18:27
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 27قەۋەتتىكى بىناۋا نىڭ 2011-08-27 17:52 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ۋاي-ۋۇي تورداش! نەگە كەتتىڭىز؟ مۇئەللىمىڭىز ھەققىدە  ئەسلىمە يېزىپ،بۇ تېمىغا تولۇقلىما بېرىشىڭىزنى كۈتۈۋاتىمىز.


كەچۇرسىز مىنىڭ ئىسمدا قالغىنى شۇنچىلىككەن ،ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇشۇ بىر نەرسە يىزىشقا سەل چولتا مەن...

tuprakbag 2011-09-11 18:57
بىناۋا دىگەن گەپ ناۋاسى يوق دىگەن دىگەن گەپما؟ .

بىناۋا 2011-09-16 18:00
شۇنداق،تۇپراقبەگ تورداش!

بىناۋا 2011-09-18 08:24
<<گاچا>> ياكى <،غەمكىن>> دېگەن مەنىسى بىلەن چۈشەنسەكمۇ  بولىدۇ.

بىناۋا 2011-09-22 05:31
تۇپراقبەگ،<<نۇرى تەمبۇرىيا>>  خۇشناۋالىق ئىدى.بىناۋا ئۇنىڭ نامى ئەمەس--ھە!

muslima32 2011-09-24 01:09
رەھمەت قېرىندىشىم ناھايتى ئىسىل تىما ئىكەن مەنمۇ بۇ مەرھۇمنىڭ كۈيىنى بەك ياقتۇراتتىم،

بىناۋا 2011-12-19 18:41
بۈگۈن 12-ئاينىڭ 19-كۈنى نۇرى ۋاپاتىنىڭ7 يىللىق  خاتىرە كۈنى.
شۇ كۈنى ئۈرۈمچىدە ئەتراپ قار بىلەن نىقابلانغان .ناھايىتى نۇرغۇن ئەركەكلەر ئۇنىڭ تاۋۇتىنى بېشىدىن ئېگىز كۆتىرىپ قەبرىستانلىق تەرەپكە ماڭغان... ئىدى.


查看完整版本: [-- <<نۇرى تەمبۇرىيا>> --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.051271 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us