بۇ مەزمۇن 46قەۋەتتىكى anjura نىڭ 2011-12-08 19:32 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بىزنىڭ مەكتەپنىڭمۇ ئۆزگىچە مۇھىتلىرى بار. بولۇپمۇ ئاۋۇ 60 پەشتاقنىڭ نامى خېلى داڭلىق. (ئىزدىنىش ناملىق روماندا تىلغا ئېلىنىدۇ.) بۇ پەشتاق مەركىزى مەكتەپ رايونىدا،شۇ يەردە ئوقۇۋاتقانلارغا بەكلا ئىچىم ئاغرىيدۇ.ئۇلار كۈندە نەچچە قېتىم ئاشۇ پەشتاققا يامىشىپ چىقىپ-چۈشۈپ ئوقۇپ يۈرۈيدۇ.تاماق يەپ ياتىقىغا قايتىش ئۈچۈن ئۇ پەشتاقتىن چىقىپ بولغۇچە يىگەن تامقى سىڭىپ بولامدىكى دەيمەن.ئاندىن يەنە تەنتەربىيە مەيدانىمىزنىڭمۇ كۆلىمى چوڭ. مۇشۇ ئۆلكىدە ئۆتكۈزىلىدىغان چوڭ تىپتىكى تۈرلۈك پائالىيەتلەر مۇشۇ مەيداندا ئېلىپ بىرىلىدۇ.(بۇ مەيدان دەل مەن ئوقۇۋاتقان تارماق مەكتەپ رايونىدا) يادىمدا قېلىشىچە ئۆتكەن يىل مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرىنىڭ پۇتبول مۇسابىقىسىغا تاللىنىش مۇسابىقىسى دەمدۇق شۇ مۇسابىقە ئاشۇ مەيداندا ئۆتكۈزۈلگەن. شۇ ۋاقىتتا شىنجاڭ ئۈنۋىرسىتى، شىنجاڭ پىداگوكىكا ئۈنۋىرسىتى قاتارلىق مەكتەپلەردىن قېرىنداشلىرىمىز كىلىپ مۇسابىقىگە قاتناشقان. مەكتىپىمىزدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇلارغا مەدەت بەرگەن ئىدۇق. ئاخىرىدا شىنجاڭ ئۈنۋىرسىتىمۇ ئىشقىلىپ شىنجاڭدىكى بىر مەكتەپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرىپتىكەن.
ماڭا بەك چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىنى بولسا دەل ئاشۇ ئۆزگىچە مىللەتلەر. ئاشۇنداق تۈرلۈك مىللەتلەر ئارىسىدا ياشاپ كۆرمىگەننى كۆرۈپ، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلاپ نەزەر دائىرەممۇ خېلىلا كىڭىيىپ قالدى. ياتىقىمدىمۇ تۆت مىللەت. ئاللاھقا شۈكرى ئۆزگىچە مىللەتتىن تەشكىللەنگەن بۇ ياتاقدىكى ئۈچىمىز مۇسۇلمان............ئىشقىلىپ كۆزۈم قىيمايدىغان نۇرغۇن تەرەپلەر بار ئىكەن. كىلەر يىلى مەكتەپتىن ئايرىلىدىغاندا سەۋىر قىلالىساملا بولاتتى. ئاللاھدىن ئۆزۈمگە شۇنداقلا ماڭا ئوخشاش مۇشۇنداق ئۆزگىچە مۇھىتتىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيمايۋاتقان ۋەياكى ئەسلىمە ئىچىدە ئولتۇرۋاتقان بارلىق قېرىنداشلىرىمغا سەۋىر تىلەيمەن.ئاللاھ بىزلەرنى شۈكرى ۋە سەۋرى قىلغۇچىلار قاتارىدىن قىلسۇن ئامىن!!!