باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 8867 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئالى مەكتەپ ھاياتىڭلارنى سېغىندىڭلارمۇ ؟(رەسىملىك)
ھېچكىم بىلمەس ھالىمنى ،كىمگە ئېيتاي زارىمنى ؟
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 29
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 1410
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1410دانە
ئۆسۈش: 1700 %
مۇنبەر پۇلى: 12256 سوم
تۆھپىسى: 7 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-29
ئاخىرقى: 2012-03-27
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-07-16 12:32

ئالى مەكتەپ ھاياتىڭلارنى سېغىندىڭلارمۇ ؟(رەسىملىك)

ئەسكەرتىش: بۇ يازما kangsay تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-07-17)
تېخى تۈنۈگۈنلا ئالى مەكتەپ چاقىرىق قەغىزىنى قۇچاقلىغىنىمچە شىرىن ئۇيغۇدا
 ئۇخلاۋاتاتتىم ، ئويغىنىپ قارىسام بىردەمدە ئۇقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسىغا
 ئايلىنىپ قاپتۇ .........ۋاقىت نەقەدەر تىز ئۆتكەن ھە ،،،،،،،،،،،،،،،
كېچە .....
بىر توپ ساۋاقداشلىرىم بىلەن كۈلكە چاقچاقلار ئىچىدە دەرىسخانىدا يۈرەتتىم  ،،،توساتتىن
 تېلفۇنۇم جىرىڭشىدى ،،،ئويغىنىپ قارىسام ئىشقا چىقىدىغان ۋاقتىم توشۇپ قاپتۇ ،،،،
........................................................................................
سىلەرمۇ شۇنداق چۈشلەرنى كۆرىدىغانسىلەر ھە ساۋاقداشلىرىم ،،،،،، 

شۇتاپ ھېلىھەم ئۆزۈمنى بىر ئۇقۇغۇچىدەك ،بىر كۈنى تەتىل بۇلۇپ ئۆيدە ئۇزۇن مەزگىل
 ئارام ئالىدىغاندەك ھېس تۇيغۇلاردە يۈرۈيمەن ....... 

مەن ياتقان ياتاق  

 


  

ئاشخانام  


مەكتىپىمىزدە بىر كىچىك  بازار بۇلىدىغان ،شۇنداق ئويلايمەنكى ئۈرۈمچىدىكى ئالى مەكتەپلەر ئىچىدە تامىقى بۇنىڭدەك ئوخشايدىغان ھەم ئەرزارن ئاشخانا يوقمىكىن ،ئاشخانا ئاچقانلارنىڭ ياخشىلىغى ،ھەممىمىز دەپتەرگە يازدۇرۇپ قۇيۇپ يەۋرېرەتتۇق ،ئاي ئاخىرىدا پۇلىنى ھېساپلاشقاندا خوجايىنلار 30-40كوينى كۆتىرىۋېتەتتى ،بۇ بىر  ئۇقۇغۇچىغا نىسپەتەن ئاز پۇل ئەمەستى ...ماۋۇ تاۋسەن مىفەنلەر ھازىرمۇ شۇنداق ئەرزانكەن ..... 


تويۇقسىز ساۋاقداشلىرىمنى ،ياق، مەكتەپداش تەڭتۇشلىرىمنى ياد ئېتىپ قالدىم ،بىر چاغلاردا بزمۇ شۇنداق غەمسىز ئىدۇق،ئۆز مەيلىمىزچە نە نەلەرگە بېرىپ ئوينايىتتۇق : 



ئاخشاملىرىنى تورخانىلاردا تۈنەپ كەچ قالساق مەكتەپنىڭ بۇ ئارقا ئىشىكىدىن ئارتىلىپ كىرەتتۇق ،لىكىن ھازىر ئۇ پاكار سىيرىلما ئىشىكنىڭ ئورنىغا بۇ ئىشىكىنى ئورنۇتۇپ قويۇپتۇ ،ھازىرقى بالىلارغا تەس بوپتۇ دە !


خوشلىشىدىغان چاغدا سىنىپتىكى يىگىتلەر مانا مۇشۇنداق  خوشلاشقان ئىدۇق .... 

 
 

مەن ياتقان ياتاق
 

 


ھەي داشۆسىڭلار ....
بىزنىڭمۇ سىلەردەك بەخىتلىك چاغلىرىمىز بولغان ،ئالى مەكتەپنى مەڭگۈلۈك دەپ ئويلاپ قالماڭلار ،كىىتىدۇ ،ھەممىسى كىتىدۇ ،سىلەردە پەقەت  شىرىن ،تولىمۇ شىرىن ،تاتىلىق ،تولىمۇ تاتلىق ئەسلىمىلەرلا قالىدۇ ،مەكتەپنى قانداق پۈتتۈرگەنلىكىڭلارنى سەزمەيلا قالىسىلەر ،ئالى مەكتەپتىن ئايرىلىپ جەمىيەتكە قەدەم قويغىنىڭلاردا سىلەرنى نۇرۇغۇن قايغۇ غەملەر كۈتۈپ تۇرىدۇ ،زىممەڭلارگە يۈكلەنگەن يۈكنى ئارتىپ تۇرمۇش ، تىرىكچىلىك ھەلەكچىلىكىدە تۇرمۇشتىن  ئىبارەت بۇ ئايىغى چىقماس يولنىڭ قايناملىرىدا ئۆمرۈڭلار ئىرىپ  تۈگەيدۇ...
ئەمدى ئاتا ئاناڭلاردىن پۇل سورىيالمايسىلەر ،داڭلىق شەخەسلەرنىڭ لىكسىيەلىرىنى ھەقسىز ئاڭلىيالمايسىلەر ،تورخانىلاردا كىچىلەپ تۈنەپ يۈرەلمەيسلەر،سۆڭىكى يوق پۇلنى خەجلەپ بىغەم يۈرەلمەيسىلەر . ....
ئەي ئۇكىلار  ،ئۇقۇڭلار ،ياخىشى ئۇقۇڭلار ،ئالى مەكتەپ ھاياتىڭلارنى قەدىرلەڭلار ......... 



 

خاتىمە :

سىېغىندىم مەن سېغىندىم ،
ئۈرۈمچىنى سېغىندىم ،
ئۇقۇسامكەن يەنا بىر ،
مەكتىپىمنى سېغىندىم ...



زېرىكتىم مەن زېرىكتىم ،
جەمىيەتتىن زېرىكىتم ،
ئەجەپ تەسكەن پۇل تاپماق ،
مەكتىپىمنى سېغىندىم
[ بۇ يازمىنىxahruh 2011-12-15 16:05قايتا تەھرىرلىدى ]
باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+5(kangsay) مۇنەۋۋە ماقا ..
  • ئۆلۈم ھايات جۈملىسىگە ئۇرۇلغان چىكىت!!!
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2066
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 225
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە225دانە
    ئۆسۈش: 390 %
    مۇنبەر پۇلى: 2751 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-09-18
    ئاخىرقى: 2012-03-29
    يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-12-08 19:16

    رەسىم:
    رەسىم:
    رەسىم:
    رەسىم:
    رەسىم:
    ئەسسىلامۇئەلەيكۈم:
    مەنمۇ بۇ گۈزەل ۋاقتلاردىن ئايرىلىش ئالدىدا تۇرۋاتىمەن. نىمە ئۈچۈنكى ئوقۇش تۈگەشكە ئاز قالغانسىرى كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم بولۇپ،ئىچىم ئىيچىشىپلا يۈرگەن ئىدىم بۇ تىمىنى كۆرۈپ تىخىمۇ بەك بىئارام بولۇۋاتىمەن.دىمىسىمۇ مەكتەپ ھاياتى تولىمۇ گۈزەل ھايات ئىكەن. ئەمما يىغىلمايدىغان سورۇن، تاڭ ئاتماس كىچە بولمىغىنىدەك ھەممنىڭ چىكى بولىدىكەن..........
    ئادەم مانا مۇشۇنداق ئەسلىمە ئىچىدە گاھ كۈلۈپ، خۇشال ياشىسا گاھ يىغلاپ، قاقشاپ ئۆكۈنۈپمۇ يۈرۈيدىغان ئەھۋالغا ئۇچراپ تۇرىدۇ.بۇ دۇنيا سىناق دۇنياسى، شۇ قولدىن كەتكەنگە سەۋىر قىلساقمۇ كەينىدە يەنە نۇرغۇن نىئمەتلەر بىزلەرنى كۈتىۋاتقان بولىشى مۇمكىن. ئىشقىلىپ مەيلى قانداق مۇھىتتىكى تۇرمۇش بولسۇن ھەربىر كۈننى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ كىيىن ئۆكۈنۈپ،پۇشايمان قىلىپ <ئەگەر مانداق قىلغان بولسام مۇنداق بولار ئىدى.....>دىگەندەك شەيتانغا يول ئېچىپ بىرىشتىن يىراقراق تۇرغىنىمىز ئەۋزەل.
    ئۆلۈم ھايات جۈملىسىگە ئۇرۇلغان چىكىت!!!
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2066
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 225
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە225دانە
    ئۆسۈش: 390 %
    مۇنبەر پۇلى: 2751 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-09-18
    ئاخىرقى: 2012-03-29
    2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-08 19:32

    رەسىم:
    رەسىم:
    رەسىم:
    رەسىم:
    رەسىم:
    بىزنىڭ مەكتەپنىڭمۇ ئۆزگىچە مۇھىتلىرى بار. بولۇپمۇ ئاۋۇ 60 پەشتاقنىڭ نامى خېلى داڭلىق. (ئىزدىنىش ناملىق روماندا تىلغا ئېلىنىدۇ.) بۇ پەشتاق مەركىزى مەكتەپ رايونىدا،شۇ يەردە ئوقۇۋاتقانلارغا بەكلا ئىچىم ئاغرىيدۇ.ئۇلار كۈندە نەچچە قېتىم ئاشۇ پەشتاققا يامىشىپ چىقىپ-چۈشۈپ ئوقۇپ يۈرۈيدۇ.تاماق يەپ ياتىقىغا قايتىش ئۈچۈن ئۇ پەشتاقتىن چىقىپ بولغۇچە يىگەن تامقى سىڭىپ بولامدىكى دەيمەن.ئاندىن يەنە تەنتەربىيە مەيدانىمىزنىڭمۇ كۆلىمى چوڭ. مۇشۇ ئۆلكىدە ئۆتكۈزىلىدىغان چوڭ تىپتىكى تۈرلۈك پائالىيەتلەر مۇشۇ مەيداندا ئېلىپ بىرىلىدۇ.(بۇ مەيدان دەل مەن ئوقۇۋاتقان تارماق مەكتەپ رايونىدا) يادىمدا قېلىشىچە ئۆتكەن يىل مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرىنىڭ پۇتبول مۇسابىقىسىغا تاللىنىش مۇسابىقىسى دەمدۇق شۇ مۇسابىقە ئاشۇ مەيداندا ئۆتكۈزۈلگەن. شۇ ۋاقىتتا شىنجاڭ ئۈنۋىرسىتى، شىنجاڭ پىداگوكىكا ئۈنۋىرسىتى قاتارلىق مەكتەپلەردىن قېرىنداشلىرىمىز كىلىپ مۇسابىقىگە قاتناشقان. مەكتىپىمىزدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇلارغا مەدەت بەرگەن ئىدۇق. ئاخىرىدا شىنجاڭ ئۈنۋىرسىتىمۇ ئىشقىلىپ شىنجاڭدىكى بىر مەكتەپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرىپتىكەن.
    ماڭا بەك چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىنى بولسا دەل ئاشۇ ئۆزگىچە مىللەتلەر. ئاشۇنداق تۈرلۈك مىللەتلەر ئارىسىدا ياشاپ كۆرمىگەننى كۆرۈپ، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلاپ نەزەر دائىرەممۇ خېلىلا كىڭىيىپ قالدى. ياتىقىمدىمۇ تۆت مىللەت. ئاللاھقا شۈكرى ئۆزگىچە مىللەتتىن تەشكىللەنگەن بۇ ياتاقدىكى ئۈچىمىز مۇسۇلمان............ئىشقىلىپ كۆزۈم قىيمايدىغان نۇرغۇن تەرەپلەر بار ئىكەن. كىلەر يىلى مەكتەپتىن ئايرىلىدىغاندا سەۋىر قىلالىساملا بولاتتى. ئاللاھدىن ئۆزۈمگە شۇنداقلا ماڭا ئوخشاش مۇشۇنداق ئۆزگىچە مۇھىتتىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيمايۋاتقان ۋەياكى ئەسلىمە ئىچىدە ئولتۇرۋاتقان بارلىق قېرىنداشلىرىمغا سەۋىر تىلەيمەن.ئاللاھ بىزلەرنى شۈكرى ۋە سەۋرى قىلغۇچىلار قاتارىدىن قىلسۇن ئامىن!!!
    ئۆلۈم ھايات جۈملىسىگە ئۇرۇلغان چىكىت!!!
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2066
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 225
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە225دانە
    ئۆسۈش: 390 %
    مۇنبەر پۇلى: 2751 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-09-18
    ئاخىرقى: 2012-03-29
    3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-10 10:51

    51-قەۋەت (xahruh) نىڭ يازمىسىغا

    ئەسسىلامۇئەلەيكۈم:
    بۇ سۆيۈملۈك يۇرتىمىز شىنجاڭدىكى مەكتەپ ئەمەس. ئىچكىردىكى مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپ. ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمىدىم توغرا چۈشەنگەيسىلەر.