查看完整版本: [-- ئالى مەكتەپ ھاياتىڭلارنى سېغىندىڭلارمۇ ؟(رەسىملىك) --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> شېئىر روبايىلار -> ئالى مەكتەپ ھاياتىڭلارنى سېغىندىڭلارمۇ ؟(رەسىملىك) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

<<   1   2  >>  Pages: ( 2 total )

xahruh 2010-07-16 12:32
تېخى تۈنۈگۈنلا ئالى مەكتەپ چاقىرىق قەغىزىنى قۇچاقلىغىنىمچە شىرىن ئۇيغۇدا
 ئۇخلاۋاتاتتىم ، ئويغىنىپ قارىسام بىردەمدە ئۇقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسىغا
 ئايلىنىپ قاپتۇ .........ۋاقىت نەقەدەر تىز ئۆتكەن ھە ،،،،،،،،،،،،،،،
كېچە .....
بىر توپ ساۋاقداشلىرىم بىلەن كۈلكە چاقچاقلار ئىچىدە دەرىسخانىدا يۈرەتتىم  ،،،توساتتىن
 تېلفۇنۇم جىرىڭشىدى ،،،ئويغىنىپ قارىسام ئىشقا چىقىدىغان ۋاقتىم توشۇپ قاپتۇ ،،،،
........................................................................................
سىلەرمۇ شۇنداق چۈشلەرنى كۆرىدىغانسىلەر ھە ساۋاقداشلىرىم ،،،،،، 

شۇتاپ ھېلىھەم ئۆزۈمنى بىر ئۇقۇغۇچىدەك ،بىر كۈنى تەتىل بۇلۇپ ئۆيدە ئۇزۇن مەزگىل
 ئارام ئالىدىغاندەك ھېس تۇيغۇلاردە يۈرۈيمەن ....... 

مەن ياتقان ياتاق  
[attachment=1115] 


  

ئاشخانام  
[attachment=1117]
مەكتىپىمىزدە بىر كىچىك  بازار بۇلىدىغان ،شۇنداق ئويلايمەنكى ئۈرۈمچىدىكى ئالى مەكتەپلەر ئىچىدە تامىقى بۇنىڭدەك ئوخشايدىغان ھەم ئەرزارن ئاشخانا يوقمىكىن ،ئاشخانا ئاچقانلارنىڭ ياخشىلىغى ،ھەممىمىز دەپتەرگە يازدۇرۇپ قۇيۇپ يەۋرېرەتتۇق ،ئاي ئاخىرىدا پۇلىنى ھېساپلاشقاندا خوجايىنلار 30-40كوينى كۆتىرىۋېتەتتى ،بۇ بىر  ئۇقۇغۇچىغا نىسپەتەن ئاز پۇل ئەمەستى ...ماۋۇ تاۋسەن مىفەنلەر ھازىرمۇ شۇنداق ئەرزانكەن ..... 
[attachment=1118]
تويۇقسىز ساۋاقداشلىرىمنى ،ياق، مەكتەپداش تەڭتۇشلىرىمنى ياد ئېتىپ قالدىم ،بىر چاغلاردا بزمۇ شۇنداق غەمسىز ئىدۇق،ئۆز مەيلىمىزچە نە نەلەرگە بېرىپ ئوينايىتتۇق : 

[attachment=1184]
ئاخشاملىرىنى تورخانىلاردا تۈنەپ كەچ قالساق مەكتەپنىڭ بۇ ئارقا ئىشىكىدىن ئارتىلىپ كىرەتتۇق ،لىكىن ھازىر ئۇ پاكار سىيرىلما ئىشىكنىڭ ئورنىغا بۇ ئىشىكىنى ئورنۇتۇپ قويۇپتۇ ،ھازىرقى بالىلارغا تەس بوپتۇ دە !
[attachment=1120]
خوشلىشىدىغان چاغدا سىنىپتىكى يىگىتلەر مانا مۇشۇنداق  خوشلاشقان ئىدۇق .... 
[attachment=1121] 
 

مەن ياتقان ياتاق
 
[attachment=1116] 


ھەي داشۆسىڭلار ....
بىزنىڭمۇ سىلەردەك بەخىتلىك چاغلىرىمىز بولغان ،ئالى مەكتەپنى مەڭگۈلۈك دەپ ئويلاپ قالماڭلار ،كىىتىدۇ ،ھەممىسى كىتىدۇ ،سىلەردە پەقەت  شىرىن ،تولىمۇ شىرىن ،تاتىلىق ،تولىمۇ تاتلىق ئەسلىمىلەرلا قالىدۇ ،مەكتەپنى قانداق پۈتتۈرگەنلىكىڭلارنى سەزمەيلا قالىسىلەر ،ئالى مەكتەپتىن ئايرىلىپ جەمىيەتكە قەدەم قويغىنىڭلاردا سىلەرنى نۇرۇغۇن قايغۇ غەملەر كۈتۈپ تۇرىدۇ ،زىممەڭلارگە يۈكلەنگەن يۈكنى ئارتىپ تۇرمۇش ، تىرىكچىلىك ھەلەكچىلىكىدە تۇرمۇشتىن  ئىبارەت بۇ ئايىغى چىقماس يولنىڭ قايناملىرىدا ئۆمرۈڭلار ئىرىپ  تۈگەيدۇ...
ئەمدى ئاتا ئاناڭلاردىن پۇل سورىيالمايسىلەر ،داڭلىق شەخەسلەرنىڭ لىكسىيەلىرىنى ھەقسىز ئاڭلىيالمايسىلەر ،تورخانىلاردا كىچىلەپ تۈنەپ يۈرەلمەيسلەر،سۆڭىكى يوق پۇلنى خەجلەپ بىغەم يۈرەلمەيسىلەر . ....
ئەي ئۇكىلار  ،ئۇقۇڭلار ،ياخىشى ئۇقۇڭلار ،ئالى مەكتەپ ھاياتىڭلارنى قەدىرلەڭلار ......... 



 

خاتىمە :

سىېغىندىم مەن سېغىندىم ،
ئۈرۈمچىنى سېغىندىم ،
ئۇقۇسامكەن يەنا بىر ،
مەكتىپىمنى سېغىندىم ...



زېرىكتىم مەن زېرىكتىم ،
جەمىيەتتىن زېرىكىتم ،
ئەجەپ تەسكەن پۇل تاپماق ،
مەكتىپىمنى سېغىندىم

reta 2010-07-16 15:04
            مەنمۇ ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنى سېغىندىم ،،ئوقۇش پۈتتۈرگىلى بىر يىل بوپتۇ ،،،ھەي ،،شۇ  چاغلار ،،،
      يۇقارقىسى يېزا ئىگىلىك ئۇنۋىرسىتىغۇ؟؟؟؟؟

reta 2010-07-16 15:11
   كەچۈرۈڭ  بەزى سۈرەتكە دىققەت قىلماپتىمەن ،،،،
  مەن ئۈرۈمچىدە 5 يىل ئوقۇغان بولساممۇ بەزى مەكتەپلەرگە بېرىپ باقماپتىمەن ،،،
    مالىيە ئىقتىسات ئۇنۋىرسىتىغا خەنزۇتىلى يۇقىرى دەرىجە ئىمتىھانىغا بارغىنىم ئېسىمدە ،،،
  مەن  شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىدا ئوقۇغان ،،،

baharim 2010-07-16 16:27
مەن مەكتەپ پۈتتۇرگىلى توپتۇغىرا 4 يىل بولىدى . مۇشۇ جەرياندا مەكتەپكە بىرە قېتىمۇ بېرىپ باقمىغان ئىدىم . بىراق مۇشۇ بىر ئاينىڭ ئالدىدا مەلۇم ئىش تۈپەيلى باردىم . 4 يىلىنىڭ ياقى پەقەت ئۇقۇغۇچلار ئاملىشىپ تۇرۇپتۇ ، بىراق مەكتەپنىڭ ھېچقانداق يېرى ئۆزگەرمەپتۇ . مەن مەكتەپ دەرۋازسىدىن كىرىپ ھەر كۈنى ئەتىگەندە چېنىقىپ يۈگۈرەيدىغان شۇنداقلا پۇتبۇل ئۇينايدىغان مەيدانغا تۇيماي قاراپ كەتتىم . ھەر قېتىم پۇتبۇل ئۇينسام بىر ئوغۇل ساۋاقدىشىم ماڭا خاپا بۇلاتتى . قىز بالا تۇرۇپمۇ قاچانلا قارسا پۇتبۇل ئۇينايدىكەنسەن دەپ قايناپ قۇياتتى،مانا شۇ ساۋاقدىشمنى شۇنداقلا شۇ 4 يىلىنىڭ ئالدىدىكى شېرىن كۈنىلەرنى بەكمۇ سېغىندىم !!!
مەكتەپتىكى ئىشمنى پۈتتۈرۇپ بولۇپ مەكتەپ ئىچىنى بىر قۇر ئايلىنىپ چىققاندىن كېيىن ئاستا قەدەمىلىرىنى تېزىلىتپ مەكتەپتىن چېقىپ كەتتىم ، بولىمسا ئىلگىرى كۈنلىرىم ئېسىمگە كېلىپ مېنى ئازابلاپ قۇيدىكەن .
ئەگەر مۇمكىن بولغان بولسا مەنە يەنە ئۇقۇىغان بۇلاتتىم . شۇنداق بۇلۇشنى بەكمۈ ئۈمۈد قىلىمەن ، بىراق ئەمدى بۇنداق پۇرسەت قالمىدى .


ئاۋۇ نەنسەندە چۈشكەن رەسىمما ؟ ئىككىمىزنىڭ مەكتىپى يېقىن يەردە ئىكەنتۇق .  

sawer-takat 2010-07-16 22:00
سىز ئەسلەپ ياش تۈكىدىغان ئىشى جىق چىقىدۇ تېخى ....

okya 2010-07-17 11:53
يۇزى تۇتۇق چىقىپ قالغان سىز بەلكىم...
 ياخشى ئەھمىيەتلىك تىمىكەن...ئۆتۈپ كەتكەن  ۋاقىتلارنى ئەسلەپ قالدىم..

tvnlirikisi 2010-07-17 13:00
مەن 16 يېشىمدىلا ئەسكەر بولغان، شۇڭلاشقا ئالىي مەكتەپ قەدىرىنى بىلمەيمەن. بىراق تولۇق ئوتتۇرنىڭ دەسلەپكى يىللىرىنى شەھەرلىك مەكتەپتە ياتاقتا يېتىپ ئوقىغان،
ئەشۇ چاغلاردىكى ساۋاقداشلىرىم بىلەن. سەپداشلىرىمنى قىسىمدا ئۆتكەن كۈنلىرىمنى بەكلا سېغىندىم.

mawluda 2010-07-17 16:17
مەن ھازىر  شىنجىياڭ ئۈنۋىرسىتىدە ئوقۇيمەن، ئالىي مەكتەپ ھاياتى ھەقىقەتەن بەك كۈڭۈللۈك   

mawluda 2010-07-17 16:22
بىزنىڭ مەكتەپ    شىنجىيىاڭ ئۈنۋىرسىتى جەنۇبىي مەكتەپ رايونى

ئۇيغۇرۇم 2010-07-18 16:45
ئوقۇش پۇتتۇرشىمگە يەنە ئىككى يىل قاپتۇ  ئەمسە بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئوينىۋالاي     

xahruh 2010-07-18 17:15
ئىشلىتىش
引用第9楼ئۇيغۇرۇم于2010-07-18 16:45发表的 :
ئوقۇش پۇتتۇرشىمگە يەنە ئىككى يىل قاپتۇ  ئەمسە بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئوينىۋالاي      


ئويناڭ ،ساۋاقداشلار ئوينىغىلى چىقسا ھەرگىز قېپ قالماڭ ...لىككىن ياخشى ئۇقۇڭ ،،،،،،،،،،،

xahruh 2010-07-18 17:17
ئىشلىتىش
引用第3楼baharim于2010-07-16 16:27发表的 :
مەن مەكتەپ پۈتتۇرگىلى توپتۇغىرا 4 يىل بولىدى . مۇشۇ جەرياندا مەكتەپكە بىرە قېتىمۇ بېرىپ باقمىغان ئىدىم . بىراق مۇشۇ بىر ئاينىڭ ئالدىدا مەلۇم ئىش تۈپەيلى باردىم . 4 يىلىنىڭ ياقى پەقەت ئۇقۇغۇچلار ئاملىشىپ تۇرۇپتۇ ، بىراق مەكتەپنىڭ ھېچقانداق يېرى ئۆزگەرمەپتۇ . مەن مەكتەپ دەرۋازسىدىن كىرىپ ھەر كۈنى ئەتىگەندە چېنىقىپ يۈگۈرەيدىغان شۇنداقلا پۇتبۇل ئۇينايدىغان مەيدانغا تۇيماي قاراپ كەتتىم . ھەر قېتىم پۇتبۇل ئۇينسام بىر ئوغۇل ساۋاقدىشىم ماڭا خاپا بۇلاتتى . قىز بالا تۇرۇپمۇ قاچانلا قارسا پۇتبۇل ئۇينايدىكەنسەن دەپ قايناپ قۇياتتى،مانا شۇ ساۋاقدىشمنى شۇنداقلا شۇ 4 يىلىنىڭ ئالدىدىكى شېرىن كۈنىلەرنى بەكمۇ سېغىندىم !!!
مەكتەپتىكى ئىشمنى پۈتتۈرۇپ بولۇپ مەكتەپ ئىچىنى بىر قۇر ئايلىنىپ چىققاندىن كېيىن ئاستا قەدەمىلىرىنى تېزىلىتپ مەكتەپتىن چېقىپ كەتتىم ، بولىمسا ئىلگىرى كۈنلىرىم ئېسىمگە كېلىپ مېنى ئازابلاپ قۇيدىكەن .
ئەگەر مۇمكىن بولغان بولسا مەنە يەنە ئۇقۇىغان بۇلاتتىم . شۇنداق بۇلۇشنى بەكمۈ ئۈمۈد قىلىمەن ، بىراق ئەمدى بۇنداق پۇرسەت قالمىدى .


.......

بىزنىڭ مەكتەپكە يېقن دىگىىنىڭزغا قارىغاندا سىز پىداگوكىكا ئونىۋېرسىتىتىنىڭ كازىۋەندىكى تارمىغىدا
ئۇقۇپتىكەنسىزدە ؟؟؟

xahruh 2010-07-18 17:19
ئىشلىتىش
引用第4楼sawer-takat于2010-07-16 22:00发表的 :
سىز ئەسلەپ ياش تۈكىدىغان ئىشى جىق چىقىدۇ تېخى ....


سىز نىمە دىمەكچى ئەمدى موللىكا ؟؟؟

xahruh 2010-07-18 17:38
ئىشلىتىش
引用第6楼tvnlirikisi于2010-07-17 13:00发表的 :
مەن 16 يېشىمدىلا ئەسكەر بولغان، شۇڭلاشقا ئالىي مەكتەپ قەدىرىنى بىلمەيمەن. بىراق تولۇق ئوتتۇرنىڭ دەسلەپكى يىللىرىنى شەھەرلىك مەكتەپتە ياتاقتا يېتىپ ئوقىغان،
ئەشۇ چاغلاردىكى ساۋاقداشلىرىم بىلەن. سەپداشلىرىمنى قىسىمدا ئۆتكەن كۈنلىرىمنى بەكلا سېغىندىم.

مىنىڭمۇ بىر ساۋاقدىشىم شىنجاڭ پىداگوكىكا ئونىۋېرسىتىدىن ئەسكەرلىككە كەتكەن ،ئۇنىڭ جاپالىق
ھەربى ھاياتىنى ئاڭلىسام ،ئەسكەرلىككە بارغانلارغا قايىل بۇلىمەن ،،،

xahruh 2010-07-18 17:49
ئىشلىتىش
引用第7楼mawluda于2010-07-17 16:17发表的 :
مەن ھازىر  شىنجىياڭ ئۈنۋىرسىتىدە ئوقۇيمەن، ئالىي مەكتەپ ھاياتى ھەقىقەتەن بەك كۈڭۈللۈك   

بۇ قېتم银行从业资格证ئىمتاھانى بەرگىلى مەكتىپىڭلارغا بارغان ،ئىمتاھان مەيدانىمنى شۇنداق تەس
تاپتىم ،ماڭا مەركىزى ئۇقۇتۇش رايونىدىكى كۆل بەك يارايدۇ ،نىمە دىگەن جىق بېلىقلار ئۇ ؟
شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىدىكىلەر بېلىق گۆشى يىمەمدىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم ..

tvnlirikisi 2010-07-18 18:22
ساۋاقداشلىق مىھرى...........................................

xahruh 2010-07-18 18:41
ئىشلىتىش
引用第5楼okya于2010-07-17 11:53发表的 :
يۇزى تۇتۇق چىقىپ قالغان سىز بەلكىم...
 ياخشى ئەھمىيەتلىك تىمىكەن...ئۆتۈپ كەتكەن  ۋاقىتلارنى ئەسلەپ قالدىم..

مەن شۇ ،رەسىمگە تارتقاندا شۇنداق تارتىلىپ قاپتۇ ،،،،،،

xahruh 2010-07-18 20:36
ئىشلىتىش
引用第7楼mawluda于2010-07-17 16:17发表的 :
مەن ھازىر  شىنجىياڭ ئۈنۋىرسىتىدە ئوقۇيمەن، ئالىي مەكتەپ ھاياتى ھەقىقەتەن بەك كۈڭۈللۈك   

چوقۇم ياخشى ئوقۇڭ ،،،،،،،،،،

sawer-takat 2010-07-18 21:05
ئىشلىتىش
引用第12楼xahruh于2010-07-18 17:19发表的 :


ساۋاقداشلىرىنى ،ئالى مەكتەپ ھاياتىنى ئەسلەپ  ياش تۆكۈش ئىنتايىن نۇرمال بىر ئىش ،
سىز نىمە دىمەكچى ئەمدى موللىكا ؟؟؟

يېرىم چىلەك سۇ بەك شالاقشىيدۇ دەپ .....شاھرۇھجان مودا يىگىت .. سىز بەك ئەققىللىق ئىدىڭىز ماۋۇ مۇنبەردە ھىچكىم سىزگە يەتمەيدۇ دەيمەن شۇڭا توغرا ھۈكۈم قىلىڭ !
1-مەن موللا ئاكىڭىز ئەمەس ،سىزگە  ئاكا بۇلىدىغان شەرەپ مەڭگۈ ماڭا مەنسۇپ بولمايدۇ .
2-مېنىڭ نىمە دىمەكچى بولغىنىمنى سىز نىمە دەپ بىلمەيسىز ؟ئەققىللىق يىگىت ؟!

xahruh 2010-07-18 21:10
ئىشلىتىش
引用第18楼sawer-takat于2010-07-18 21:05发表的 :

يېرىم چىلەك سۇ بەك شالاقشىيدۇ دەپ .....شاھرۇھجان مودا يىگىت .. سىز بەك ئەققىللىق ئىدىڭىز ماۋۇ مۇنبەردە ھىچكىم سىزگە يەتمەيدۇ دەيمەن شۇڭا توغرا ھۈكۈم قىلىڭ !
1-مەن موللا ئاكىڭىز ئەمەس ،سىزگە  ئاكا بۇلىدىغان شەرەپ مەڭگۈ ماڭا مەنسۇپ بولمايدۇ .
2-مېنىڭ نىمە دىمەكچى بولغىنىمنى سىز نىمە دەپ بىلمەيسىز ؟ئەققىللىق يىگىت ؟!

مىنىڭ تىمامنى قالايمىقان قىلماڭ بۇلامدۇ ؟

sawer-takat 2010-07-18 21:13
ئىشلىتىش
引用第19楼xahruh于2010-07-18 21:10发表的 :

مىنىڭ تىمامنى قالايمىقان قىلماڭ بۇلامدۇ ؟

بۇ ماڭا تەھدىتما ؟!!!
ئىنكاس يېزىش ھۇقۇقۇم خۇددى سىزگە ئوخشاشلا بار ....سىزمۇ ئىنكاسلىرىڭىزدا سۆزلىرىڭىزغا سەل دىققەت قىلىڭ ؟

xahla91 2010-07-20 02:41
ئالى مەكتەپ ھاياتى ھەقىقەتەن كۆڭۇللۇك ، 15 يىل بۇرۇنقى ئەسلىمىلەرنى ئىسىمگە سىلىپ قويدىڭىز ، رەخمەت ،

xahla91 2010-07-20 02:50
توڭلاپ تىتىرەپ ياتاققا چىپىشلار ،
نەم ھاۋادا ئاغرىپ يىتىشلار .
سىغىنغاندا ئانا قوينىنى  ،
يىغلاپ تۇرۇپ ناخشا ئېيتىشلار .

تەتىللەرنى زارىقىپ كۈتۈپ،
يۇك تاقىنى ھارغىچە يۈدۈپ.
ۋاگۇزالدا رېلىستىن ئۆتۇپ ،
تاقەتسىزلىك ئىلكىدە قايتىشلار .

xahruh 2010-07-20 08:20
ئىشلىتىش
引用第22楼xahla91于2010-07-20 02:50发表的 :
توڭلاپ تىتىرەپ ياتاققا چىپىشلار ،
نەم ھاۋادا ئاغرىپ يىتىشلار .
سىغىنغاندا ئانا قوينىنى  ،
يىغلاپ تۇرۇپ ناخشا ئېيتىشلار .

.......

شۇندق ،بۇنداق مەنزىرە ھېلىھەم مەۋجۇت ،ئۇقۇغۇچىلىق كىنىشكىسىنى كۆتۈرۈپ ئۇزۇن ئۆچرەتلەرنى تۇرۇپ ، بېلەت ئالالماي ......قىزلارغا ياردەم قىلىپ يۈك تاقلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ بەرمىسە تېخى .........
راس گەپ قىلسام تەتىلدە ئۆيگە قايتىشتا قىزلار پويىز ئىستانسىغا يۈك تاقلىرىنى ئاپىرىشىپ بېرىڭ دىسە قاقشاپ تۇرۇپ ئاپىرىشىپ بىرەتتىم ياكى ئۆزىمىزنى قاچۇراتتۇق ،مانا ئەمىدى شۇ سۆيۈملۈك قىز ساۋاقداشلىرىمنى شۇنداق سېغىندىم ،....

azghun 2010-07-20 20:58
مەن تىخى ئالى مەكتەپكە چىقمىدىم،ناۋادا ئالىمەكتەپتە ئوقۇشقا توغرا كىلىپ قالسا،ئەنمۇ چوقۇم قەدەرلەيمەن.

xahruh 2010-07-21 14:27
[attachment=1185]
[attachment=1186]

مەكتەپ ئىچىدىن بىر كۆرۈنۈش ....(تېلفۇنۇمدا تارتقان ،شۇڭا تۇتۇقراق )

o`zbek 2010-07-21 16:14


راس گەپ قىلسام ئۇ چاغلاردا مەن ھاراق ئىچمەيىتتىم ،لىكىىن ھازىر پۇشايمان قىلىمەن  ،مانا ئەمدى زەھەر بولسىمۇ شۇ ساۋاقداشلىرىم بىلەن ئىچشكە رازى ئىدىم

سەكرەيتتىڭىزغۇ ئۆزبېكلەر  تاماقتىمۇ  ھاراق ئىچىدۇ  ،،  توڭگۇز  گوشى  يەيدۇ دەپ ؟  
سىز  نىىمە ئىش  قىلالمىغىنىڭىزغا  ھەسرەتتە  قېۋاتىسىز ھازىر ؟   ئىشتىھايىمنى تۇتۇپ  ،،،

زەھەرنىمۇ  ئازكۈندىن كىيىن ئىچىدىغاندەك قىلىسىز ،، قىينىلىپ ئۆلىسىز تېخى قارا مىللەتچى ......

xahruh 2010-07-21 16:19
ئىشلىتىش
引用第26楼o`zbek于2010-07-21 16:14发表的 : 


راس گەپ قىلسام ئۇ چاغلاردا مەن ھاراق ئىچمەيىتتىم ،لىكىىن ھازىر پۇشايمان قىلىمەن  ،مانا ئەمدى زەھەر بولسىمۇ شۇ ساۋاقداشلىرىم بىلەن ئىچشكە رازى ئىدىم

سەكرەيتتىڭىزغۇ ئۆزبېكلەر  تاماقتىمۇ  ھاراق ئىچىدۇ  ،،  توڭگۇز  گوشى  يەيدۇ دەپ ؟  
.......

شۇنداق ،مەندەك ئاز ساندا ئىچىدىغانلار بار ،سىەنلەردەك ئۇمۇمىيۈزلۈك ئەمەستە ...
سەن چوشقا نەسلىگە ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلغۇم يوق ،يوقىلە !

o`zbek 2010-07-21 19:54
ئىشلىتىش
引用第27楼xahruh于2010-07-21 16:19发表的 :

شۇنداق ،مەندەك ئاز ساندا ئىچىدىغانلار بار ،سىەنلەردەك ئۇمۇمىيۈزلۈك ئەمەستە ...
سەن چوشقا نەسلىگە ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلغۇم يوق ،يوقىلە !

پۈتۈن ئۇيغۇرغا ئۆزىڭنى ۋەكىل قىلىۋالما  يىنە ،، ئىپتىخارلىق ئۇيغۇر ئوغلى ....

xahruh 2010-07-21 20:46
خان .خاپا بولمىسىىز ئاۋۇ ئىنكاسىڭزنىئۆچۈرۈپ  تىما قىلىپ يەنا بىر يوللاپ باقامسىز ؟
تەستىقلاپمۇ قالا

nurkiz 2010-07-21 22:24
ياق ئۇلار تەستىقلىمايدۇ
سىز كۆرسىڭىزلا كۆپايە

biwapadunya 2010-07-30 00:29
مەن مەكتەپ ھاياتىمىنى بەكمۇ سىغىنىدىم تولىمۇ بىغۇبار چاغلار ئىدى. ساۋاقداشلىرىم سىلەرنى بەكمۇ سىغىندىم ،ئەپسۇس سىلەرنى يوقلاپ بارالمىدىم چۈنكى تۇرمۇش ھەلچىلىكى سىلەرنى تونۇغۇسىز دەرىجىدە ئۆزگەرتىۋىتىپتۇ ئەمەسمۇ.     

otkax 2010-08-01 01:00
ھەي  ئۇ كۈنلەر كەتتى كەلمەسكە......

marwayit 2010-08-02 18:18
ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگىلى 15 يىل بولۇپ قاپتۇ، قايتا ئوقۇش نېسىپ بولغان بولسا-ھە!
  
كۆڭۈللىك ئۆتكەن ئىدى
بىز ئوقىغان شۇ چاغلار....

توۋۋا ئۇزاققىچە قەلەم تەۋرەتمىسە قەلەملەر گاللىشىپ قالالمدۇ نىمە...

xahruh 2010-08-02 21:23
مەكتپ باغچىسى .......
[attachment=1577]

oglan 2010-08-03 11:03
مەن شۇنداق سېغىنىپ كەتتىم مەكتەپ ھاياتىمنى ! ساۋاقداشلىرىم ھازىر نەلەردە نىمىشقىلىپ يۇرگەندۇ...

错误 2010-08-08 10:51
ئالىى مەكتەپ راسلا شۇنچە كۆڭۈللۈكمۇ؟ مەن بۇ يىل ئالىى مەكتەپكە قۇبۇللاندىم.راسلا بەك خوش، كىيىنكى ئىشلارنى بارغاندا بۇلمەن.خالىساڭلار ئاكا-ھەدىلەر ماڭا شىنجاڭ پىداگوكىكا ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ رەسىملىرىنى ئەۋەتىپ بەرسەڭلار،رەھمەت!

ياشايمەن 2011-12-07 09:55
سېغىنمايغان كىم بار دەيسىز ....دەسلەپتە ئۇرۇشۇپ پېتىشمىغان ،،،
كىيىن بىر بىرىگە  چىدالماي يىغلىشىپ ئايرىلغان .....

akbar886 2011-12-07 12:25
ئالي مەكتەپ ھاياتى ھەقىقەتەن گۇزەل ھە؟ ئچكىرى ئۆلكۇدە ئۇقۇۋاتقان بۇلساممۇ  لىكىن مىنڭچە ئۆز ئانا يۇرتىدا  ئۆز ئانا  
تىلدا ئۇقۇغانغا يەتمەيدۇ ھە ؟ ئەتىراپ ھەممىسى ئانا تىلىڭنى ئشلەتكەن  

قارگۇلى 2011-12-07 16:42
پاھ   ....... بۇ تېما تازا قىززىپتۇ!!!ماڭىمۇ 14يىل بوپتۇ......... لىكىن بىر ياتاقداشلار ھىچ بولمىغاندا ھېيىت -ئايەملەردە تېلپۇنلىشىپ تۇرىمىز... لىكىن كۆرۇشمىگىلى بەك ئۇزاق بولدى!!!!!  بىر قانچە قېتىم يىغىلىشنى ئۇيلاشقان بولساقمۇ يەنىلا ،نىسىپ بولماي كەلدى!!!!

ھەي مۇنبەرداشلار،،،، ئۆزئارا كەڭ قوساق بولايلى،،،،  نىمىشقا بىر -بىرىڭلار بىلەن مۇنبەردىمۇ چىقىشمايسىلەر؟؟؟؟ئ بۇ ياخىشى ئەمەس!!!!!!!  ئۆزئارا چاخچاق قىلىشقىنىڭلارمۇ يا!!!   مۇنبەردە ئەدەپلىك -ئەخلاقلىق بولايلى!!!!!!بىر بىرىمىز بىلەن ئۆچ ئاداۋىتىمىز بولمىغاندىكىن، چىرايلىق كۆڭۇل خۇش بولىدىغان سۆزلەرنى قىلىشساق ياخىش ئەمەسمۇ!!!!!!  ياخشى سۆزمۇ سەدىقىدۇر!!!  بىر-بىرىمىزنى كۆرمەيمىز، تونۇمايمىز دەپ بىر بىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتساق ، بولماس------     

قويچى 2011-12-07 19:51

رەسسام 2011-12-07 20:09
شاھرۇھ،،،باشقىلارنىڭ چىېشغا تىگىپ، سۇقۇشۇپلا يۇرمەي مۇشۇنداق ئىسىل ئەسەرلەرنى داۋاملىق يىزىپ تۇرۇڭ،،،،!!!!!!!!!!

muslima32 2011-12-08 01:03
ھەي ھەمىساتىلا ماڭىمۇ مەكتەپ پۈتتۈرگىلى 15يىل بولۇپ قاپتۇ، لىكىن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگىلى خۇددى بىر -نەچچە يىل بولغاندەكلا،رەھمەت قېرىندىشىم بىز گە قايتا بىر مەكتەپ ھاياتىنى ئەسلىتىپ قويغىنىڭىزغا،

ياشايمەن 2011-12-08 16:58
18 ياش ،،،،،،ئالتۇندەك ياشلىق ،،،،گۈزەل ئۈرۈمچى .........
ياشلىق مەزگىلىىنىڭ بۇسۇغىسدىن ئالى مەكتەپتە ئاتلايدىكەنمىز ،،،،شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى \
جايلىرىدىن كەلگەن ،،مىجەز خۇلقى زور پەرىقلىق بولغان، كۆڭلىگە ئاجايىپ ئارزۇ ئىستەكلەرنى
 پۈككەن  بىر توپ قىز يىگىتلەر بىر سىنىپقا يىغىلىدىكەنمىز ،،،،خۇشاللىقىمىزمۇ ،،قايغۇمىزمۇ ئورتاق ،،،،
ئاتا ئانىمىز ئەۋەتىپ بەرگەن سۆڭىكى يوق پۇلنى خەجلەپ ،ئۈۈمچىنىڭ رەڭگارەڭ تۇرمۇشىغا
مەسىت بۇلۇپ يۈرگىنىمىزدە ،بىزگە غايەت زور ئۇزۇن بىلنگەن 5 يىل بىردەمدە ،شۇنداق تىز
تۇشۇپ قالىدىكەن ،،،،،،ئاقىۋەت دەسلىۋىدە مۇشلىشىپ، سۇقۇشۇپ تونۇشقان
تەغدىرداشلىرىمىز بىلەن يىغلىشىپ تۇرۇپ كۆزلىرىمىز قىيمىغان ھالدا خوشلىشىدىكەنمىز ،،،،
ئالى مەكتەپتىن ئايرىلىپ جەمىيەتكە قەدەم باسقىنىمىزدا بىزنى تۇرمۇشنىڭ غايەت زور
ئېغىر يۈكى  كۈتۈپ تۇرىدىكەن ،كەينىمىزگە قاراشقىمۇ ئۈلگۈرمەي ،ئۆي، بالا، خىزمەت
دەپ ھاياتىمىزنىڭ شامى ئېرىپ تۈگەيدىكەن ،،،،
ھاياتلىق ئالبۇمۇمنى ۋاراقلىغىنمدا خىيالىم ئەشۇ ئالى  مەكتەپتىكى گۈزەل چاغىلىرىم
 بار كارتىنىدا ئۇزۇندىن ئۇزۇن توختاپ كېتىدۇ  ،،،،،ئاجايىپ بىرخىل شىرىن ئەسلىمىلەر
قوينىدىن ئۆزەمنى تارتالماي قالىمەن .........
تۇرمۇشنىڭ ئېغىر قايناملىرىدا نەلەردە تىنەپ يۈرۈيدىغانسىلەر ھە ساۋاقداشلىرىم .
سىلەرنى سېغىندىم ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،

awral0999 2011-12-08 18:41
ھەي ،مىنىڭمۇ ئوقۇش پۈتتۈرگىنىمگىمۇ مانا ھەش-پەش دىگۈچە2يىل بولۇپ قاپتۇ،ھەجەپ سېغىندىم شۇ ساۋاقداشلىرىمنى ،نىمە ئىش قىلىۋاتقاندۇ ھازىر ئۇلار.......

anjura 2011-12-08 19:16
ئەسسىلامۇئەلەيكۈم:
مەنمۇ بۇ گۈزەل ۋاقتلاردىن ئايرىلىش ئالدىدا تۇرۋاتىمەن. نىمە ئۈچۈنكى ئوقۇش تۈگەشكە ئاز قالغانسىرى كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم بولۇپ،ئىچىم ئىيچىشىپلا يۈرگەن ئىدىم بۇ تىمىنى كۆرۈپ تىخىمۇ بەك بىئارام بولۇۋاتىمەن.دىمىسىمۇ مەكتەپ ھاياتى تولىمۇ گۈزەل ھايات ئىكەن. ئەمما يىغىلمايدىغان سورۇن، تاڭ ئاتماس كىچە بولمىغىنىدەك ھەممنىڭ چىكى بولىدىكەن..........
ئادەم مانا مۇشۇنداق ئەسلىمە ئىچىدە گاھ كۈلۈپ، خۇشال ياشىسا گاھ يىغلاپ، قاقشاپ ئۆكۈنۈپمۇ يۈرۈيدىغان ئەھۋالغا ئۇچراپ تۇرىدۇ.بۇ دۇنيا سىناق دۇنياسى، شۇ قولدىن كەتكەنگە سەۋىر قىلساقمۇ كەينىدە يەنە نۇرغۇن نىئمەتلەر بىزلەرنى كۈتىۋاتقان بولىشى مۇمكىن. ئىشقىلىپ مەيلى قانداق مۇھىتتىكى تۇرمۇش بولسۇن ھەربىر كۈننى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ كىيىن ئۆكۈنۈپ،پۇشايمان قىلىپ <ئەگەر مانداق قىلغان بولسام مۇنداق بولار ئىدى.....>دىگەندەك شەيتانغا يول ئېچىپ بىرىشتىن يىراقراق تۇرغىنىمىز ئەۋزەل.

anjura 2011-12-08 19:32
بىزنىڭ مەكتەپنىڭمۇ ئۆزگىچە مۇھىتلىرى بار. بولۇپمۇ ئاۋۇ 60 پەشتاقنىڭ نامى خېلى داڭلىق. (ئىزدىنىش ناملىق روماندا تىلغا ئېلىنىدۇ.) بۇ پەشتاق مەركىزى مەكتەپ رايونىدا،شۇ يەردە ئوقۇۋاتقانلارغا بەكلا ئىچىم ئاغرىيدۇ.ئۇلار كۈندە نەچچە قېتىم ئاشۇ پەشتاققا يامىشىپ چىقىپ-چۈشۈپ ئوقۇپ يۈرۈيدۇ.تاماق يەپ ياتىقىغا قايتىش ئۈچۈن ئۇ پەشتاقتىن چىقىپ بولغۇچە يىگەن تامقى سىڭىپ بولامدىكى دەيمەن.ئاندىن يەنە تەنتەربىيە مەيدانىمىزنىڭمۇ كۆلىمى چوڭ. مۇشۇ ئۆلكىدە ئۆتكۈزىلىدىغان چوڭ تىپتىكى تۈرلۈك پائالىيەتلەر مۇشۇ مەيداندا ئېلىپ بىرىلىدۇ.(بۇ مەيدان دەل مەن ئوقۇۋاتقان تارماق مەكتەپ رايونىدا) يادىمدا قېلىشىچە ئۆتكەن يىل مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرىنىڭ پۇتبول مۇسابىقىسىغا تاللىنىش مۇسابىقىسى دەمدۇق شۇ مۇسابىقە ئاشۇ مەيداندا ئۆتكۈزۈلگەن. شۇ ۋاقىتتا شىنجاڭ ئۈنۋىرسىتى، شىنجاڭ پىداگوكىكا ئۈنۋىرسىتى قاتارلىق مەكتەپلەردىن قېرىنداشلىرىمىز كىلىپ مۇسابىقىگە قاتناشقان. مەكتىپىمىزدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇلارغا مەدەت بەرگەن ئىدۇق. ئاخىرىدا شىنجاڭ ئۈنۋىرسىتىمۇ ئىشقىلىپ شىنجاڭدىكى بىر مەكتەپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرىپتىكەن.
ماڭا بەك چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىنى بولسا دەل ئاشۇ ئۆزگىچە مىللەتلەر. ئاشۇنداق تۈرلۈك مىللەتلەر ئارىسىدا ياشاپ كۆرمىگەننى كۆرۈپ، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلاپ نەزەر دائىرەممۇ خېلىلا كىڭىيىپ قالدى. ياتىقىمدىمۇ تۆت مىللەت. ئاللاھقا شۈكرى ئۆزگىچە مىللەتتىن تەشكىللەنگەن بۇ ياتاقدىكى ئۈچىمىز مۇسۇلمان............ئىشقىلىپ كۆزۈم قىيمايدىغان نۇرغۇن تەرەپلەر بار ئىكەن. كىلەر يىلى مەكتەپتىن ئايرىلىدىغاندا سەۋىر قىلالىساملا بولاتتى. ئاللاھدىن ئۆزۈمگە شۇنداقلا ماڭا ئوخشاش مۇشۇنداق ئۆزگىچە مۇھىتتىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيمايۋاتقان ۋەياكى ئەسلىمە ئىچىدە ئولتۇرۋاتقان بارلىق قېرىنداشلىرىمغا سەۋىر تىلەيمەن.ئاللاھ بىزلەرنى شۈكرى ۋە سەۋرى قىلغۇچىلار قاتارىدىن قىلسۇن ئامىن!!!

abdukorax 2011-12-08 20:39
مانا مىنىڭ ئوقوش پۈتتۈرگىنىمگە ھەش پەش دىگۈچە ئىككى يىل بوپتۇ،بىر يىل مەمۇرى خىزمەت قىپتىمەن،بىر يىلدىن بىرى ئۆز كەسپىمنى قىلىۋاتىمەن،ئىنشائاللا كۈنلىرىم كۈندىن-كۈنگە ياخشى.بۇ ئىككى يىل جەريانىدا مەكتەپ ھاياتىمدىن ئايرىلالمايۋاتقاندەك ھىس قىلىمەن،ھەم بۇ خىل تۇيغۇدىن ئايرىلغۇم يوق.
مەكتەپ ھاياتىمدا ئاچ قالغان ۋاقىتلىرىم كۆپ ھەم ياخشىراق بىرەر قۇر كىيىم كىيەلمىگەن بولساممۇ مانا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە خالىغان ۋاقىتتا خالىغانچە يەيمەن.نەچچە ئاي ئالدىدا 200نەچچە سومغا بىر ئاياغ ئالغان ئىدىم،مەن ئۆمرۈمدە بۇنداق ئىشلار ھاياتىمدا كۆرۈلمەيدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم،ئۇلا ئەمەس شۇ ئاياغنىڭ رەڭگىنىڭ ئازراق ئۆڭۈپ كەتكىنىنى ئويلاپ ئۇنى ئۆيگە تاشلاپ قويوپ نەچچە يۈز سومغا يەنە ئاياغ ئالدىم،مانا مۇشۇ چاغدا ئۆزۈمنىڭ بارا-بارا ئۆزگىرىۋاتقىنىمنى،ئۆزۈمدىن يىراقلاۋاتقاندەك ھىس قىلدىم.
ئۆزۈم چىقىم قىلىپ توي قىلدىم،ناھىيە ئىچىن ئۆيلۈك يەر ئالدىم.چوڭ ئىنىمنى ئوقوتوۋاتىمەن.ئەمما ئۆزۈمنىڭ شۇ ئوقوغان كۈنلىرىم كۆز ئالدىمدا غۇۋالاشقان ھامان ئۆزۈمنىڭ ئوبرازىنى ھەم ئۆزۈمنى خۈنۈكلەشتۈرۈپ چىرىكلەشتۈرۈپ قويىدىغانلىقىمنى ھىس قىلدىم.
ئوقوش پۈتتۈرگەندىن كىيىنكى مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا قانچىلىك ئادەمنىڭ شۇ ۋاقىتلارنى سىغىنىش ئىلكىدە ئەسلەيدىغانلىقىغا بىر نەرسە دىمەك تەس،ئەمما شۇنى كىسىپ ئىيتىش مومكىنكى ئەمەلىيەتتە شۇ ۋاقىتلارنى ئويلاش،ئەسلەش ئۆزىمىزنىڭ بۈگۈنكى قەدەملىرىمىزنى تەڭشەشتە ئىنتايىن موھىم.يەنى شۇ ۋاقىتلارنى سىغىنىدىغان ئادەملەر بىلەن شۇ ۋاقىتلارغا بىر ئۆتمۈش قاتارىدا مۇئامىلە قىلىدىغان ئادەملەرنىڭ پەرقىمۇ ئاز بولمايدۇ...

بىگان 2011-12-08 21:13
ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى

تاھىربەگ 2011-12-09 00:15
ئۆيدىكىلەر ئۇنىسا چاپاننى دولامغا ئاتىپلا ماڭغۇم بار بۇ شەيتان قەسىرىدىن  


查看完整版本: [-- ئالى مەكتەپ ھاياتىڭلارنى سېغىندىڭلارمۇ ؟(رەسىملىك) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.089054 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us