باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 4215 قېتىم كۆرۈلدى
«123»Pages: 1/3     Go
تېما: كارىۋات ئاستىدا ساقلانغان تەبەسسۇم
نەدىن-نەدە-نەگە؟
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7096
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 76
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە76دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 860 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-15
ئاخىرقى: 2012-05-01
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-13 21:22

كارىۋات ئاستىدا ساقلانغان تەبەسسۇم

(مۇكاپاتلىق تەرجىمە پائالىيتىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان تېما)
كارىۋات ئاستىدا ساقلانغان تەبەسسۇم
           (چى شىياڭ جىي) 
   مەن بىر قاراپلا ئۇنىڭ ئالاقزادىلىككە چۈشكىنىنى بىلدىم-ئۇ كاۋىۋاتنىڭ ئۇدۇلىدا،كارىۋاتنى توسۇپ تۇراتتى،ئىككى قولىنى تۇرۇپ يانچۇقىغا سالسا،تۇرۇپ يانچۇقىدىن چىقىراتتى،پۇتلىرىنى ئۇياق-بۇياققا يۆتكەپ قوياتتى.بۇ سەككىز كىشىلىك ياتاق بولۇپ باشقىلارنىڭ ئەدىيلى كۆرپىلىرىنىڭ ئاستىدا،پەقەت ئۇنىڭ ئۇنىڭ ئەدىيىلىلا كارىۋاتتىن ساڭگىلىتىپ كارىۋات ئاستىنى توسۇپ تۇرغان.تالاي يىللىق يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلىق تەجرىبەم ماڭا ئۇنىڭ كارىۋىتى ئاستىدا چوقۇم بىر مەسىلە بارلىقىنى بىلدۈردى.ئىلگىرى بەزى ئوقۇتقۇچىلار  ئوغۇللار ياتىقىدىكى كارىۋات ئاستىدىن ئوغرلىقچە كىرگەن  قىز ئوقۇغۇچىنى بايقىغاندىن بېرى مەكتىپىمىز  ئوقۇغۇچىلارياتىقىغا بولغان تەكشۈرۈش -باشقۇرۇشنى كۈچەيتكەنتى.
   مەن ئۇنىڭغا تازا بىر ئاچچىقلاپ قوياي دەپ تەرىمنى تۈرۈپ ئۇنىڭ يېنىغا باردىم.ئۇ ماڭا قاراپ يۈزلىرى قىزىرىپ كەتتى،ئىككى پۇتى توختىماي كەينىگە سۈرۈلۈپ ئۇنى كارىۋات قىرىغا چاپلاپلا قويدى.مەن سوغۇق كۈلۈپ قويۇپ ئۇنى ئىتتىرىۋېتىپ ئېڭشىپ تۇرۇپ ئەدىيالنى قايرىدىم،ئۇ كەينىمدە ،مۇئەللىم،مۇئەللىم!دېگىنىچە تۇرۇپ قالدى.بۇنداق چاغدا قىلچىمۇ يۇمشاق قوللۇق قىلىشقا بولمايتتى.مەن ئىككىلىنىپ تۇرمايلا قولۇمدىكى قولچىراغنى ياندۇردۇم.كارىۋات تېگىدە يوغان بىر قارارەڭلىك سۇلياۋ خالتا كۆپۈپ تۇراتتى.يېقىندىن بېرى ئوقۇغۇچىلار ياتىقىدا ئاياق،كىيىم-كېچەك دېگەندەك  نەرسىلەر يۈتۈپ كېتىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىۋېدى،مەن ئۆرۈلۈپ ئۇنىڭغا قارىدىم،ئۇنىڭ چىرايى ئۆڭۈپ - تاتىرىپلا كېتىپتۇ.
مەن سۇلياۋ خالتىنى ئاچقاندىن كېيىن قانداق نەتىجىنىڭ بولىدىغىنىنى كۆڭلۈمدە سەككىز ئۈلۈش مۇقىملاشتۇرۇپ  بولغانتىم،گەرچە سەل شەپقەتسىزلىك بولسىمۇ ،لېكىن مەن يەنىلا شۇنداق قىلدىم.بىراق خالتىنى ئاچقاندىن كېيىن مەن داڭقېتىپلا قالدىم-خالتىغا قاچىلانغانلىرى ساپلا پاسىلداق قۇتا،مېنىرال سۇ بوتۇلكىلىرى ئىدى!مەن ھەيران بولغان ھالدا ئۇنىڭغا قارىدىم،ئۇنىڭ يۈزلىرىدە تەر تامچىلىرى چىپىلداپ تۇراتتى. ئۇ دۇدۇقلاپ تۇرۇپ:
-بۇلار باشقىلار تاشلىۋەتكەن ئىشلەتمەيدىغان نەرسىلەر،-دېدى.مەن تۇرۇپلا ئۆزۈمنىڭ بايىقى قىزىق قانلىقىمغا پۇشايمان قىپ قالدىم،بۇنداق ئوقۇغۇچىلار بىرقاراشتىلا ئائىلىسىنىڭ كەمبەغەللىكى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ ھەم ئۇلارنىڭ غورۇرى كۈچلۈك بولىدۇ.ئۇنى ئوڭايسىزلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئېغىز ئاچتىم:
-مەن تازىلىق تەكشۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن،بۇ نەرسىلەرنى بۇيەردە قويساڭ ھېچقىسى يوق،پەقەت تازىلىققا تەسىر يەتكۈزمىسىلا بولدى.
توساتتىن ئۇ ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ:
-مۇئەللىم،مەن پەقەت يەنە ئىككى كۈن قويساملا بولىدۇ ،ئۆتۈنۈپ قالاي بىزنىڭ ياتاقتىن تازىلىق نومۇرى تۇتۇپ قالمىسىڭىز،-دېدى.ئەسلىدە ئۇنىڭ قورۇنۇشى پەقەت ياتىقىنىڭ تازىلىق نومۇرىنىڭ تارتىلىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلغىنىكەن-دە. لېكىن مېنىڭ كاللامغا تۇيۇقسىز كەلگەن بىر ئوي:"بۇ بوتۇلكا-قۇتىلارنى ھەرقانداق ۋاقىتتا ئاچىقىپ سېتىۋەتكىلى بولاتتىغۇ،نېمىشقا يەنە ئىككى كۈن ساقلايدۇ؟" . ئۇ ئۇلاپلا دېدى: -ئاپام چوڭ ئانامنى يوقلىغىلى كەتكەن،ئۆگۈنلۈككە قايتىپ كېلەتتى. 
ئۇنىڭ ياتاقدىشى گەپ قىستۇردى:-ئۇنىڭ ئاپىسى بىزنىڭ بىناغا مەسئۇل.
ھەممە ئىش ئايان بولدى:چوقۇم ئۇ ئاپىسىنىڭ يوق ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ مۇشۇنداق بوتۇلكا-قۇتىلارنى يىغىپ ئاپىسى قايتىپ كەلگەندەئۇنىڭغا بەرمەكچى.ئادەتتە بىناغا مەسئۇل بولىدىغانلاربىنانىڭ تازىلىق ئىشلىرىنىمۇ تەڭ ئېلىپ  ماڭىدىغان  بولۇپ ئۇلار تازىلىق قىلغاچ يەنە بەزى كېرەكسىز نەرسىلەرنى يىغىۋېلىپ،ئۇنىڭدىنمۇ ئاز-تولا نەپ ئالالايتتى.
مەن ئۇنىڭدىن خېلى تەسىرلىنىپ قالدىم.ھازىر ئۇنىڭدەك بۇنچىلىك غەرەز ئۇقىدىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى تاپماق تەس.مەن كۆڭلۈمدە:ئۆگۈنلۈككە ئۇنىڭ ئاپىسى قايتىپ كىلىپ ئۇنىڭ يىغىپ قويغان قۇتىلىرىنى كۆرسە چوقۇم خۇش بوپ كېتىدۇ،دەپ ئويلىدىم.لېكىن ئويلىمىغان يەردىن ئۇ ماڭا:
-مۇئەللىم،مېنىڭ كېرەكسىز بوتۇلكا-قۇتىلانى تېرىپ يۈرگىنىمنى ئاپامغا ھەرگىز دەپ قويمىسىڭىز،بولمىسا ئۇ يەنە مېنى تىللايدۇ،-دېدى.
مەن قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەيلا قالدىم.ئۇ ئارقىدىنلا:
-مەن بۇرۇن ئاپامغا ياردەملىشەي دەپ بوتۇلكا تەرگەن،لېكىن ئاپام ماڭا ،ۋۇ يارىماس،ياخشى ئوقۇماي نېمە كېرەكسىز نەرسىلەرنى يىغىپ يۈرىيسەن، دەپ ئاچچىقلىدى،ئەمەلىيەتتە ئاپام مېنىڭ باشقىلار ئالدىدا يۈزۈم چۈشۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ.ئۇ،-مېنىڭ يېشىم خېلى
 بىريەرلەرگە بېرىپ قالدى،ئېڭشىپ بوتۇلكا تېرىپ يۈرسەم ھېچنېمە بولمايدۇ،لېكىن سەن ياش تۇرساڭ،سەن پەرۋا قىلمىغان بىلەن باشقىلار سۆز-چۆچەك قىلىشىدۇ،دەيدۇ.مەن راستىنلا پەرۋا قىلىپ كەتمەيمەن ،شۇنداقتىمۇ ئاپامنىڭ گېپىنى ئاڭلىماي بولمايدۇ،شۇڭا مەن ئاپامدىن يوشۇرۇنچە يىغىۋاتىمەن.ھازىر تۈزۈك بىرنەرسە  تېرىۋالغىلىمۇ بولمايدۇ،نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ئىچىملىك سېتىۋالسا ئىچىپ بولغاندىن كېيىن بوتۇلكىسىنى تاشلىۋەتمەي ئۆزلىرى يىغىپ جۇغلاپ ساتىدۇ.نۇرغۇن قېتىم ئاپامنىڭ  خالتىنى كۆتۈرۈپ بىنانىڭ بىرىنچى قەۋىتىدىن بەشىنچى قەۋىتىگە چىقىپ چۈشسىمۇ خالتا يەنىلا قۇرۇق ھالەتتە ئىكەنلىكىنى ئۇچراتتىم.ئاپام ئادەتتە بىرقەۋەت يۇقىرىغا چىقىپ بولغۇچىمۇ ھاسىراپ كېتىدىغان،لېكىن ئۇ ھەركۈنى مۇشۇنداق توختىماي قەۋەتمۇ-قەۋەت قاتراپ يۈرىيدۇ،ئەتىگەندە بىر قېتىم،چۈشتە بىر قېتىم،كەچتە بىرقېتىم،كەچ سائەت توققۇزدا ئوقۇغۇچىلار مۇزاكىرىدىن يانغاندا يەنە بىرقېتىم چىقىدۇ،ھەتتا بەزىدە مۇشۇنداق قاتراپ يۈرۈپمۇ بىر پۇڭچەنلىك نەرسە يىغىۋالالمايدۇ.بىر قېتىم ئاپامنىڭ خالتا كۆتۈرۈپ كارىدوردىن ئۆتۈپ  كېتىۋېتىپ  كۈلۈمسىرىگىنىنى كۆردۈم،ئاپام ئادەتتە تۈزۈك كۈلمەيتتى،بۇ قېتىم ئۇ شۇنداق ئېچىلىپ كۈلۈمسىرىدى.
ئەسلىدە ئاپام كارىدوردا بىر پاسىلداق قۇتا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ شۇنىڭغا كۈلۈمسىرەپتىكەن.بۇنداق پاسىلداق قۇتىنى ئاپىرىپ  ساتسا ئارانلا بىرموچەنگە يارايدۇ،لېكىن ئۇ ئاپامنىڭ چېھرىدە خۇشاللىقنىڭ ئىزناسىنى قالدۇرالىدى.
ئۇ سۆزلەۋېتىپ ئۆزىمۇ كۈلدى.ئۇنىڭ دېيىشىچە ئۇ نەچچە كۈندىن بىرى جەمئىي 65دانە پاسىلداق
 قۇتا ، مېنىرال سۇ بوتۇلكىسى يىغىپتۇ،ئاپىسى قايتىپ كىلىپ ئىشقا چۈشكەن كۈنى  ئاپىسىنىڭ ئالدىدىراق چىقىپ ھەرقايسى قەۋەتلەرگە ئاز-ئازدىن  قويۇپ قويىدىكەن،قۇتىلارنى كۆرگەندە ئاپىسى شۇنداق خۇشال بولسا-ھە!ئەگەر ھەربىر قۇتا ئاپىسىنىڭ چېھرىدە بىرتەبەسسۇم قالدۇرالىسا ،ئۇنداقتا ئۇ ئاپىسىنىڭ چېھرىدە 65 قېتىملىق تەبەسسۇمنى كۆرەلەيدۇ دېگەن گەپ. 
   مەن ئۇنىڭ كۈلۈمسىرەپ تۇرغان چىرايىغا تىكىلىپ قارىدىم،راستىنى ئېيتسام  ،مەن تاھازىرغىچە بۇنچىلىك يېقىملىق تەبەسسۇم كۆرۈپ باقمىغانتىم.
---جۇڭگو 2007-يىللىق مىكرو ھىكايىلەر توپلىمى،لىجىياڭ نەشىرىياتى،22-24-بەتلەر.
نېمە؟نەدە؟قاچان؟
مۈشكۈلۈمنى ئاسان ئەيلە رەببىم
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7258
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 25
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە25دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 360 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-05
ئاخىرقى: 2011-11-16

(بۇنداق ئوقۇغۇچىلار بىرقاراشتىلا ئائىلىسىنىڭ كەمبەغەللىكى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ ھەم ئۇلارنىڭ غورۇرى كۈچلۈك بولىدۇ)مۇنۇ گەپكە مەن ئىشەنمەيمەن كەمبەغەلدە غۇرور يوق ئۇلا بەك پەس كىلدۇ.نەدىكى يوق قەلەندەنىڭ باللېرى چوڭ ھۇقوق تۇتۇپ قالدۇ دىسە قىززىق
دۈشمەن بىلەن دوست بۇلۇشقان،باشقىلاردىن ئاغىرنىشنى ئادەت قىلۋالغانلاردىن مىنى يىراق تۇتقىن.
AYATLIK,BIR KURAX
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4058
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 2740
ئۇنۋان:ھۆرمەتلىك ھازىرغىچە2740دانە
ئۆسۈش: 5110 %
مۇنبەر پۇلى: 19136 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-27
ئاخىرقى: 2012-05-10
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-14 00:34

[quote]بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى laden نىڭ 2011-05-14 00:07 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
بىز شوپولەي دەيمىز قۇتا يىغىپ جان باقىدىغانلارنى ...
ئاللاغا شۈكرى ، ھېلىمۇ شۇ ئىشلانى قىلماي تىنچ ياشاپ ئوبدان كېتىپ بارىمىز....
----شۇنداق،،،،بىز شۇنداق ئىشلارنى ياراتماي،،،،قۇرۇق پاراڭ سىلىپ ئاغزىمىزدا بىن لادىن ،،سادام دەپ ،دۇنيانىڭ ئىشلىرىغا باش قاتۇرۇپ،،،، ،،،،باشقىلار ترشىپ-تىرمىشىپ پول تىپىپ بىر نەچچە يىلدا باي بۇلوپ كەتسە،،،،،بىز ھەيران بۇلوپ ئاغزمىزنى ئىچىپ يۇرۋاتمىز،،،،،،،،!!!!!!!!!
AYATLIK,BIR KURAX
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4058
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 2740
ئۇنۋان:ھۆرمەتلىك ھازىرغىچە2740دانە
ئۆسۈش: 5110 %
مۇنبەر پۇلى: 19136 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-27
ئاخىرقى: 2012-05-10
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-14 00:55

[quote]بۇ مەزمۇن 6قەۋەتتىكى laden نىڭ 2011-05-14 00:50 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :

ئاللاھ بىزنى ئەزىز قىلىپ ياراتقان، پەسلەرچە خەق تاشلىۋەتكەن قۇتىلارنى يىغىپ يۈرۈش بىز ئۇيغۇرغا ھارام...
ھالال ئىشلەيمىز پۇل تاپىمىز، لېكىن غورۇرنى ساتمايمىز، خەق قىلغاننى قىلىۋەرگۈلۈك ئەمەس...
--سامان يۇلى ،،،تاھىر،،سەيفۇللا،،،،،،قاتارلىق ئۇكىلىرىم،،،،ماۋۇ گەپكە،،،،دىنىي ئىلىم بۇيىچە باھا بىرىپ باقايلىچۇ؟؟؟
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 615
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 5
ئومۇمىي يازما: 606
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە606دانە
ئۆسۈش: 1995 %
مۇنبەر پۇلى: 7738 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-07-16
ئاخىرقى: 2012-05-10
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-14 02:55

باشقۇرغۇچىلار مۇنبەرنى تازلاڭلار !
[ بۇ يازمىنىxahla91 2011-05-14 14:06قايتا تەھرىرلىدى ]
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 615
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 5
ئومۇمىي يازما: 606
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە606دانە
ئۆسۈش: 1995 %
مۇنبەر پۇلى: 7738 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-07-16
ئاخىرقى: 2012-05-10
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-14 03:04

تاشلىۋىتىلگەن ئىچىملىك قۇتىلىرىنى يىغىسا نىمە بوپتۇ .،
بىر قۇتا بىر موبولسا 10 قۇتا بىر سوم ، ئوخشىغان ئاق ناندىن بىرسى كىلىدۇ .شۇ ئاق نان بىلەن بىر ۋاقلىق قورساق تويغازغىلى بولىدۇ ، ئوغۇرلاپ يىگەننىڭ ئەكسىچە ھالال.غورۇر نۇمۇسنى پەش قىلغۇچىلار شۇ نانغا زار بولغاندا بىلىسىلەر ، مۇنبەردە ۋالاقلىماڭلار !
يەنە كېلىپ مۇھىت تازلىنىدۇ ، كېرەكسىز ئەخلەتلەرمۇ قىممەت ياراتقان بولىدۇ ،
بەزىلەر بەك باي ئوخشىمامسىلەر؟
تەرجىمە ياخشى چىقىپتۇ ، ئانا بالىنىڭ مۇھەببىتىنى يۈرەكنى تىتىرەتكىدەك جانلىق ،ئاددى تىلدا ئىچكى ھېسياتنى ئوچۇق بايان قىلغان ئەسەركەن ،
[ بۇ يازمىنىxahla91 2011-05-14 03:22قايتا تەھرىرلىدى ]
كۆرەش ياشىسۇن !!! ....
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6307
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 117
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە117دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 1280 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-28
ئاخىرقى: 2012-03-28
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-14 11:43

  ھەر قايسڭ چوڭ ئىش قىلالمايسەن ،خەقنى كۇزگە ئىلمايسەن  !! خەق نامرات بولسا ،قۇتا تىرىپ ساتسا نىمە بوپتۇ ؟!! ئىش قىلىپ خەق تاشلىۋەتكەننى ئوز ئەمگىكى بىلەن تىرىپ سېتىپ پۇل تىپىپتىغۇ  ، شۇڭا ئاشۇ «پەسلەر » قۇتا تىرىپ باي بۇلۇپ بېشىڭغا دەسسەپ ياشايدۇ !!،  ئۇ خەقنىڭ قۇلىدىن بۇلىماپتغۇ !!!! خەقنىڭ  غۇرۇرى بارمۇ يوق سەن تەكشۇرۇپ باققانمۇ  ؟  يازغىنىڭ پەقەت ئۈزەڭنىڭ تەرجىمالىڭ بوپتۇ خالاس !!!  ئۇ گەپلەرنى ئۈزەڭنى  تەسۋىرلەشكەئىشلەت ! ئۇ بالا پۇل نامرىتى بولسىمۇ لىكىن سەندەك ئىدىيە-ئاڭ نامرىتى ئەمەس ئىكەن ! ....
[ بۇ يازمىنىxiwergan 2011-05-14 13:41قايتا تەھرىرلىد ]
ئىزىڭدىن تىكەن ئۈنسە  ئەجدادىڭنىڭ  پۇتى يارا !!!..........
نەدىن-نەدە-نەگە؟
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7096
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 76
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە76دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 860 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-15
ئاخىرقى: 2012-05-01
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-14 12:42

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم جامائەت!
بەزى ئىنكاسلار ئۆچۈرۈلگەن ئوخشايدۇ،لېكىن باشقا ئىنكاسلاردىن بەزى ئوقۇرمەنلەرنىڭ  پىكىرىنى كۆرىۋالغىلى بولىدىكەن.كېرەكسىز نەرسىلەرنى تېرىپ ساتقانلارنى ئەمدى ئاپىرىپ غورۇر مەسىلىسىگە تاقىغان ئوخشايدۇ،ياغ ئىچىدىكى بۆرەكتەك چوڭ بولغان باللاكەنسىلە شۇنداق دېگەنلەر،تۇرمۇش كۆرەپ باقمىغانلار. خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ئۇنداق چەتكە قاقماڭلا،بۇنداق بوتۇلكا-قۇتا تېرىپ ساتىدىغان ئىشلارنى مەن ۇئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزۈپ باققان.ئۆزۋاقتىدا ۋىلايەت بويىچە خېلى ياخشى نەتىجە بىلەن ھەممە ئادەم ۋاي دېگۈدەك ئىچكىرىدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان ،تۇرمۇشۇم ئۇنداق قىيىن-مۈشكۈل ئەمەس،لېكىن ئاتا-ئانامغا ئېغىرچىلىق سالماي دەپ مەكتەپتە تازىلىق ئىشلىرىنى قىلغان،باشقىلار تارىغاندا مەنمۇ شۇنداق كارىدورمۇ-كارىدور مېڭىپ بوتۇلكا-قۇتىلارنى ،گېزىت-ژۇرناللارنى تەرگەن.قەغەزلەرنى كىلوسىنى بىركوي-بىريېرىم كويدىن،بوتۇلكا -قۇتىلارنى ئىككىنى بىرموچەندىن سېتىپ بىر ماۋسۇمدا 50-60كويچە يىغىلاتتى،ھېچ بولمىسا ئۈچ-تۆت كۈنلۈك سەپەردە قورساق غېمىغىمۇ بولسا يېتىپ قالاتتى.مەن شۇنداق قۇتا يېغىپ يۈرسەممۇ بۇيەردە ھېچكىم مېنى غورۇرى يوق دېمىگەن.بىلمىدىم،ئەگەر شىنجاڭدا ئوقۇپ شۇنداق  قىلسام دەيدىغانلار چىقىپ قالىدىغاندەك.
ئەسلى بۇ ئۇنچىۋالا ۋاي دەپ كەتكۈدەك ئەسەرمۇ ئەمەس،بىرھەپتىنىڭ ئالدىدا مەكتىپىمىزدە باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان يۇقىرى يىللىقتىكى بىر قىز ،ئانىسى يۇرتتىن يوقلاپ كەلگەن بولسا كېرەك،ئاشخانىدا ئۇچراپ قالدى،ئانىسى يېنىدا قاراپ ئولتۇرىدۇ،ئۇ قىز تېلفۇندا شۇنداق يۇقىرى ئاۋازدا بىرسى بىلەن مۇڭدىشىۋېتىپتۇ شۇنچىلىك قوپال ،ھەيران بوپ قاراپ قالدىم،نەچچە يىل بىرمەكتەپتە تۇرۇپ كۆرمىگەن ئۇنىڭ بۇنداق ئاخسا ھالىتىنى،ئاتا-ئانىمىز ئالدىدا يۈزىمىز چۈشمىسۇن دەپ غورۇرنى شۇنداق جايغا ئىشلىتىدىغان گەپمۇ ،نەق شۇنداق چاغدا ئۇچراپ قالدى بۇ ئەسەر،ئادەتتە بىز ئاتا-ئانىنىڭ مۇھەببىتى تەسۋىرلەنگەن ئەسەرلەرنى تولا ئوقۇپ كەتكەن،شۇڭا مۇنداق بالىنىڭ مۇھەببىتى تەسۋىرلەنگەن ھېكايىنىمۇ كۆرەپ باقسۇن دېگەن ئويدا يوللىغان.بۇنى غورۇر مەسىلىسىگە ئاپارغان بولساڭلا،،،غورۇر توغرۇلۇق بەكراق ئىزدىنىپ باقسام بولغۇدەك.
نېمە؟نەدە؟قاچان؟
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4803
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 73
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە73دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 400 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-14
ئاخىرقى: 2012-05-10
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-14 13:13

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى گۈدەك نىڭ 2011-05-14 00:18 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
(بۇنداق ئوقۇغۇچىلار بىرقاراشتىلا ئائىلىسىنىڭ كەمبەغەللىكى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ ھەم ئۇلارنىڭ غورۇرى كۈچلۈك بولىدۇ)مۇنۇ گەپكە مەن ئىشەنمەيمەن كەمبەغەلدە غۇرور يوق ئۇلا بەك پەس كىلدۇ.نەدىكى يوق قەلەندەنىڭ باللېرى چوڭ ھۇقوق تۇتۇپ قالدۇ دىسە قىززىق

گەپنى ئويلاپ قىلىڭ ،نامراتلىق گۇناھ ئەمەس ،پەس -ئالىجاناپلىق باي نامراتقا باقمايدۇ .........................ئۇ قىنىڭىزغا باغلىق
all praise to allah , the lord of the worlds
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1232
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1369
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1369دانە
ئۆسۈش: 360 %
مۇنبەر پۇلى: 15530 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-27
ئاخىرقى: 2012-05-10
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-14 14:09

ھالال ھارامنى سىز بىلەن بىز بەلگىلىمەيمىز بەلكى شۇ ئىشنىڭ خارەكتىرى بەلگىلەيدۇ ،،، ئىسلامدا ئىشلار ھالال ھارام دەپ ئايرىلىدۇ ، ئەزىز ئىش خار ئىش دەپ ئايرىلمايدۇ ، ئايرىۋالغانلار بولسا بۇ شۇ كىشىلەرنىڭ چۇشەنچىسىدىكى مۇجىمەللىك ،، مۇسۇلمانلار يولىدىن تىكەننى ئىلىۋىتىشنى ئىماننىڭ شاخچىسى دەپ ئوگەتكەن ئىسلام بىزگە ،، يولدىكى كىرەكسىز نەرسىلەرنى ئىلىۋىتىشنىمۇ مۇشۇ شاخچىنىڭ روھىغا ئۇيغۇن دىسەك خاتالاشمايمىز ،، ئىلىۋىتىپ ئەجىرلىنىش بىلەن بىرگە ، ئىقتىسادى قىممەت يارىتىدۇ ، شۇنداق ھالاللاپ تاپقان بولسا بۇنىڭغا ھەم ساۋاپ كىلىدۇ دەپ ئوگىتىدۇ ئىسلام تەلىماتى ،، چۇنكى ھالالدىن تىپىپ ھالالدىن رىزىقلانغىنى ئۇچۇن ،  ئەلۋەتتە ھەممە ئادەم قوتا تىرىش بىلەن شۇغۇللىنىشى ناتايىن ، ئۇنىڭدىن باشقا تۇرمۇش يوللىرىمۇ كوپ تۇرمۇشتا ، بۇنى خالىمىغانلار دىتى كوتەرمىگەنلەر باشقا ئىشنى قىلىۋەرسە بۇ ئوزىنىڭ ئىشى ، ئەمما بۇنداق ھەم كوپچىلىككە مەنپەئەتلىك ھەم ئىقتىسادى قىممەت يارىتىدىغان ، ناۋادا بۇنى بىر سالىھ مۇسۇلمان قىلسا يوقاردا دىگەندەك قوشلاپ ئەجىر كىلىدۇ ئاللاھ خالىسا ، ئىشلارنى مەسخىرە قىلىش ياكى غۇرۇرغا تاقاپ قويۇشنىڭ ئوزى ئەسلى قەلبىدە ئىمان شاخچىسى تۇلۇق يىتىلىپ بولالمىغانلىقنىڭ نەتىجىسى بولسا كىرەك ،، 
بەزى ئىشلاردا ئوزىڭىزنىڭ ئەمەلىيىتىنىلا ئويلىماي باشقا تەرەپلەرگە ئەھمىيەت بىرىپ قويايلى  ،،،،
[ بۇ يازمىنىfatih204 2011-05-14 14:51قايتا تەھرىرلىد ]