باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 4109 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: كارىۋات ئاستىدا ساقلانغان تەبەسسۇم
نەدىن-نەدە-نەگە؟
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7096
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 79
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە79دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 860 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-15
ئاخىرقى: 2012-03-11
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-13 21:22

كارىۋات ئاستىدا ساقلانغان تەبەسسۇم

(مۇكاپاتلىق تەرجىمە پائالىيتىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان تېما)
كارىۋات ئاستىدا ساقلانغان تەبەسسۇم
           (چى شىياڭ جىي) 
   مەن بىر قاراپلا ئۇنىڭ ئالاقزادىلىككە چۈشكىنىنى بىلدىم-ئۇ كاۋىۋاتنىڭ ئۇدۇلىدا،كارىۋاتنى توسۇپ تۇراتتى،ئىككى قولىنى تۇرۇپ يانچۇقىغا سالسا،تۇرۇپ يانچۇقىدىن چىقىراتتى،پۇتلىرىنى ئۇياق-بۇياققا يۆتكەپ قوياتتى.بۇ سەككىز كىشىلىك ياتاق بولۇپ باشقىلارنىڭ ئەدىيلى كۆرپىلىرىنىڭ ئاستىدا،پەقەت ئۇنىڭ ئۇنىڭ ئەدىيىلىلا كارىۋاتتىن ساڭگىلىتىپ كارىۋات ئاستىنى توسۇپ تۇرغان.تالاي يىللىق يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلىق تەجرىبەم ماڭا ئۇنىڭ كارىۋىتى ئاستىدا چوقۇم بىر مەسىلە بارلىقىنى بىلدۈردى.ئىلگىرى بەزى ئوقۇتقۇچىلار  ئوغۇللار ياتىقىدىكى كارىۋات ئاستىدىن ئوغرلىقچە كىرگەن  قىز ئوقۇغۇچىنى بايقىغاندىن بېرى مەكتىپىمىز  ئوقۇغۇچىلارياتىقىغا بولغان تەكشۈرۈش -باشقۇرۇشنى كۈچەيتكەنتى.
   مەن ئۇنىڭغا تازا بىر ئاچچىقلاپ قوياي دەپ تەرىمنى تۈرۈپ ئۇنىڭ يېنىغا باردىم.ئۇ ماڭا قاراپ يۈزلىرى قىزىرىپ كەتتى،ئىككى پۇتى توختىماي كەينىگە سۈرۈلۈپ ئۇنى كارىۋات قىرىغا چاپلاپلا قويدى.مەن سوغۇق كۈلۈپ قويۇپ ئۇنى ئىتتىرىۋېتىپ ئېڭشىپ تۇرۇپ ئەدىيالنى قايرىدىم،ئۇ كەينىمدە ،مۇئەللىم،مۇئەللىم!دېگىنىچە تۇرۇپ قالدى.بۇنداق چاغدا قىلچىمۇ يۇمشاق قوللۇق قىلىشقا بولمايتتى.مەن ئىككىلىنىپ تۇرمايلا قولۇمدىكى قولچىراغنى ياندۇردۇم.كارىۋات تېگىدە يوغان بىر قارارەڭلىك سۇلياۋ خالتا كۆپۈپ تۇراتتى.يېقىندىن بېرى ئوقۇغۇچىلار ياتىقىدا ئاياق،كىيىم-كېچەك دېگەندەك  نەرسىلەر يۈتۈپ كېتىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىۋېدى،مەن ئۆرۈلۈپ ئۇنىڭغا قارىدىم،ئۇنىڭ چىرايى ئۆڭۈپ - تاتىرىپلا كېتىپتۇ.
مەن سۇلياۋ خالتىنى ئاچقاندىن كېيىن قانداق نەتىجىنىڭ بولىدىغىنىنى كۆڭلۈمدە سەككىز ئۈلۈش مۇقىملاشتۇرۇپ  بولغانتىم،گەرچە سەل شەپقەتسىزلىك بولسىمۇ ،لېكىن مەن يەنىلا شۇنداق قىلدىم.بىراق خالتىنى ئاچقاندىن كېيىن مەن داڭقېتىپلا قالدىم-خالتىغا قاچىلانغانلىرى ساپلا پاسىلداق قۇتا،مېنىرال سۇ بوتۇلكىلىرى ئىدى!مەن ھەيران بولغان ھالدا ئۇنىڭغا قارىدىم،ئۇنىڭ يۈزلىرىدە تەر تامچىلىرى چىپىلداپ تۇراتتى. ئۇ دۇدۇقلاپ تۇرۇپ:
-بۇلار باشقىلار تاشلىۋەتكەن ئىشلەتمەيدىغان نەرسىلەر،-دېدى.مەن تۇرۇپلا ئۆزۈمنىڭ بايىقى قىزىق قانلىقىمغا پۇشايمان قىپ قالدىم،بۇنداق ئوقۇغۇچىلار بىرقاراشتىلا ئائىلىسىنىڭ كەمبەغەللىكى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ ھەم ئۇلارنىڭ غورۇرى كۈچلۈك بولىدۇ.ئۇنى ئوڭايسىزلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئېغىز ئاچتىم:
-مەن تازىلىق تەكشۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن،بۇ نەرسىلەرنى بۇيەردە قويساڭ ھېچقىسى يوق،پەقەت تازىلىققا تەسىر يەتكۈزمىسىلا بولدى.
توساتتىن ئۇ ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ:
-مۇئەللىم،مەن پەقەت يەنە ئىككى كۈن قويساملا بولىدۇ ،ئۆتۈنۈپ قالاي بىزنىڭ ياتاقتىن تازىلىق نومۇرى تۇتۇپ قالمىسىڭىز،-دېدى.ئەسلىدە ئۇنىڭ قورۇنۇشى پەقەت ياتىقىنىڭ تازىلىق نومۇرىنىڭ تارتىلىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلغىنىكەن-دە. لېكىن مېنىڭ كاللامغا تۇيۇقسىز كەلگەن بىر ئوي:"بۇ بوتۇلكا-قۇتىلارنى ھەرقانداق ۋاقىتتا ئاچىقىپ سېتىۋەتكىلى بولاتتىغۇ،نېمىشقا يەنە ئىككى كۈن ساقلايدۇ؟" . ئۇ ئۇلاپلا دېدى: -ئاپام چوڭ ئانامنى يوقلىغىلى كەتكەن،ئۆگۈنلۈككە قايتىپ كېلەتتى. 
ئۇنىڭ ياتاقدىشى گەپ قىستۇردى:-ئۇنىڭ ئاپىسى بىزنىڭ بىناغا مەسئۇل.
ھەممە ئىش ئايان بولدى:چوقۇم ئۇ ئاپىسىنىڭ يوق ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ مۇشۇنداق بوتۇلكا-قۇتىلارنى يىغىپ ئاپىسى قايتىپ كەلگەندەئۇنىڭغا بەرمەكچى.ئادەتتە بىناغا مەسئۇل بولىدىغانلاربىنانىڭ تازىلىق ئىشلىرىنىمۇ تەڭ ئېلىپ  ماڭىدىغان  بولۇپ ئۇلار تازىلىق قىلغاچ يەنە بەزى كېرەكسىز نەرسىلەرنى يىغىۋېلىپ،ئۇنىڭدىنمۇ ئاز-تولا نەپ ئالالايتتى.
مەن ئۇنىڭدىن خېلى تەسىرلىنىپ قالدىم.ھازىر ئۇنىڭدەك بۇنچىلىك غەرەز ئۇقىدىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى تاپماق تەس.مەن كۆڭلۈمدە:ئۆگۈنلۈككە ئۇنىڭ ئاپىسى قايتىپ كىلىپ ئۇنىڭ يىغىپ قويغان قۇتىلىرىنى كۆرسە چوقۇم خۇش بوپ كېتىدۇ،دەپ ئويلىدىم.لېكىن ئويلىمىغان يەردىن ئۇ ماڭا:
-مۇئەللىم،مېنىڭ كېرەكسىز بوتۇلكا-قۇتىلانى تېرىپ يۈرگىنىمنى ئاپامغا ھەرگىز دەپ قويمىسىڭىز،بولمىسا ئۇ يەنە مېنى تىللايدۇ،-دېدى.
مەن قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەيلا قالدىم.ئۇ ئارقىدىنلا:
-مەن بۇرۇن ئاپامغا ياردەملىشەي دەپ بوتۇلكا تەرگەن،لېكىن ئاپام ماڭا ،ۋۇ يارىماس،ياخشى ئوقۇماي نېمە كېرەكسىز نەرسىلەرنى يىغىپ يۈرىيسەن، دەپ ئاچچىقلىدى،ئەمەلىيەتتە ئاپام مېنىڭ باشقىلار ئالدىدا يۈزۈم چۈشۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ.ئۇ،-مېنىڭ يېشىم خېلى
 بىريەرلەرگە بېرىپ قالدى،ئېڭشىپ بوتۇلكا تېرىپ يۈرسەم ھېچنېمە بولمايدۇ،لېكىن سەن ياش تۇرساڭ،سەن پەرۋا قىلمىغان بىلەن باشقىلار سۆز-چۆچەك قىلىشىدۇ،دەيدۇ.مەن راستىنلا پەرۋا قىلىپ كەتمەيمەن ،شۇنداقتىمۇ ئاپامنىڭ گېپىنى ئاڭلىماي بولمايدۇ،شۇڭا مەن ئاپامدىن يوشۇرۇنچە يىغىۋاتىمەن.ھازىر تۈزۈك بىرنەرسە  تېرىۋالغىلىمۇ بولمايدۇ،نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ئىچىملىك سېتىۋالسا ئىچىپ بولغاندىن كېيىن بوتۇلكىسىنى تاشلىۋەتمەي ئۆزلىرى يىغىپ جۇغلاپ ساتىدۇ.نۇرغۇن قېتىم ئاپامنىڭ  خالتىنى كۆتۈرۈپ بىنانىڭ بىرىنچى قەۋىتىدىن بەشىنچى قەۋىتىگە چىقىپ چۈشسىمۇ خالتا يەنىلا قۇرۇق ھالەتتە ئىكەنلىكىنى ئۇچراتتىم.ئاپام ئادەتتە بىرقەۋەت يۇقىرىغا چىقىپ بولغۇچىمۇ ھاسىراپ كېتىدىغان،لېكىن ئۇ ھەركۈنى مۇشۇنداق توختىماي قەۋەتمۇ-قەۋەت قاتراپ يۈرىيدۇ،ئەتىگەندە بىر قېتىم،چۈشتە بىر قېتىم،كەچتە بىرقېتىم،كەچ سائەت توققۇزدا ئوقۇغۇچىلار مۇزاكىرىدىن يانغاندا يەنە بىرقېتىم چىقىدۇ،ھەتتا بەزىدە مۇشۇنداق قاتراپ يۈرۈپمۇ بىر پۇڭچەنلىك نەرسە يىغىۋالالمايدۇ.بىر قېتىم ئاپامنىڭ خالتا كۆتۈرۈپ كارىدوردىن ئۆتۈپ  كېتىۋېتىپ  كۈلۈمسىرىگىنىنى كۆردۈم،ئاپام ئادەتتە تۈزۈك كۈلمەيتتى،بۇ قېتىم ئۇ شۇنداق ئېچىلىپ كۈلۈمسىرىدى.
ئەسلىدە ئاپام كارىدوردا بىر پاسىلداق قۇتا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ شۇنىڭغا كۈلۈمسىرەپتىكەن.بۇنداق پاسىلداق قۇتىنى ئاپىرىپ  ساتسا ئارانلا بىرموچەنگە يارايدۇ،لېكىن ئۇ ئاپامنىڭ چېھرىدە خۇشاللىقنىڭ ئىزناسىنى قالدۇرالىدى.
ئۇ سۆزلەۋېتىپ ئۆزىمۇ كۈلدى.ئۇنىڭ دېيىشىچە ئۇ نەچچە كۈندىن بىرى جەمئىي 65دانە پاسىلداق
 قۇتا ، مېنىرال سۇ بوتۇلكىسى يىغىپتۇ،ئاپىسى قايتىپ كىلىپ ئىشقا چۈشكەن كۈنى  ئاپىسىنىڭ ئالدىدىراق چىقىپ ھەرقايسى قەۋەتلەرگە ئاز-ئازدىن  قويۇپ قويىدىكەن،قۇتىلارنى كۆرگەندە ئاپىسى شۇنداق خۇشال بولسا-ھە!ئەگەر ھەربىر قۇتا ئاپىسىنىڭ چېھرىدە بىرتەبەسسۇم قالدۇرالىسا ،ئۇنداقتا ئۇ ئاپىسىنىڭ چېھرىدە 65 قېتىملىق تەبەسسۇمنى كۆرەلەيدۇ دېگەن گەپ. 
   مەن ئۇنىڭ كۈلۈمسىرەپ تۇرغان چىرايىغا تىكىلىپ قارىدىم،راستىنى ئېيتسام  ،مەن تاھازىرغىچە بۇنچىلىك يېقىملىق تەبەسسۇم كۆرۈپ باقمىغانتىم.
---جۇڭگو 2007-يىللىق مىكرو ھىكايىلەر توپلىمى،لىجىياڭ نەشىرىياتى،22-24-بەتلەر.
نېمە؟نەدە؟قاچان؟
مۈشكۈلۈمنى ئاسان ئەيلە رەببىم
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7258
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 30
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە30دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 360 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-05
ئاخىرقى: 2011-11-16
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-05-14 00:18

(بۇنداق ئوقۇغۇچىلار بىرقاراشتىلا ئائىلىسىنىڭ كەمبەغەللىكى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ ھەم ئۇلارنىڭ غورۇرى كۈچلۈك بولىدۇ)مۇنۇ گەپكە مەن ئىشەنمەيمەن كەمبەغەلدە غۇرور يوق ئۇلا بەك پەس كىلدۇ.نەدىكى يوق قەلەندەنىڭ باللېرى چوڭ ھۇقوق تۇتۇپ قالدۇ دىسە قىززىق
دۈشمەن بىلەن دوست بۇلۇشقان،باشقىلاردىن ئاغىرنىشنى ئادەت قىلۋالغانلاردىن مىنى يىراق تۇتقىن.
مۈشكۈلۈمنى ئاسان ئەيلە رەببىم
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7258
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 30
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە30دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 360 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-05
ئاخىرقى: 2011-11-16
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-14 15:48

سىلەر خەقنىڭ ئىنكاسىنى يۇيمەن دىمەي چىرايلىق چۈشەندۈرۈڭلار.سىلەر يۇيدىغان مۇنبەردە نۇرغۇن قونچاق ئىنكاسلار باركەن شۇلانى تازلاڭلار،مۇنبىرىڭلادا باشقۇرغۇچىلىق تۈزىمى يوقمۇ يا. خەق ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ بولغۇچە چىچاڭشىپ يۇيۇپ كىتىدىكەنسىلە سىلەنىڭ ھالىڭلار شۇمىتى.ماۋۇ مۇنبەرنىڭ ئىگىسىمۇ بىتەرەپ كىشىلەرنى باشقۇرغۇچى قىلىڭ بولمىسا بىرلا خىل گەپنى تەكرارلايدىغان بىر توپ كىشىلەر يىغىلىپ قالسا مۇنبىرىڭىزنىڭ تورداشلارغا بېردىغان پايدىسى بولماي قالىدۇ.
دۈشمەن بىلەن دوست بۇلۇشقان،باشقىلاردىن ئاغىرنىشنى ئادەت قىلۋالغانلاردىن مىنى يىراق تۇتقىن.