ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم جامائەت!
بەزى ئىنكاسلار ئۆچۈرۈلگەن ئوخشايدۇ،لېكىن باشقا ئىنكاسلاردىن بەزى ئوقۇرمەنلەرنىڭ پىكىرىنى كۆرىۋالغىلى بولىدىكەن.كېرەكسىز نەرسىلەرنى تېرىپ ساتقانلارنى ئەمدى ئاپىرىپ غورۇر مەسىلىسىگە تاقىغان ئوخشايدۇ،ياغ ئىچىدىكى بۆرەكتەك چوڭ بولغان باللاكەنسىلە شۇنداق دېگەنلەر،تۇرمۇش كۆرەپ باقمىغانلار. خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ئۇنداق چەتكە قاقماڭلا،بۇنداق بوتۇلكا-قۇتا تېرىپ ساتىدىغان ئىشلارنى مەن ۇئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزۈپ باققان.ئۆزۋاقتىدا ۋىلايەت بويىچە خېلى ياخشى نەتىجە بىلەن ھەممە ئادەم ۋاي دېگۈدەك ئىچكىرىدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان ،تۇرمۇشۇم ئۇنداق قىيىن-مۈشكۈل ئەمەس،لېكىن ئاتا-ئانامغا ئېغىرچىلىق سالماي دەپ مەكتەپتە تازىلىق ئىشلىرىنى قىلغان،باشقىلار تارىغاندا مەنمۇ شۇنداق كارىدورمۇ-كارىدور مېڭىپ بوتۇلكا-قۇتىلارنى ،گېزىت-ژۇرناللارنى تەرگەن.قەغەزلەرنى كىلوسىنى بىركوي-بىريېرىم كويدىن،بوتۇلكا -قۇتىلارنى ئىككىنى بىرموچەندىن سېتىپ بىر ماۋسۇمدا 50-60كويچە يىغىلاتتى،ھېچ بولمىسا ئۈچ-تۆت كۈنلۈك سەپەردە قورساق غېمىغىمۇ بولسا يېتىپ قالاتتى.مەن شۇنداق قۇتا يېغىپ يۈرسەممۇ بۇيەردە ھېچكىم مېنى غورۇرى يوق دېمىگەن.بىلمىدىم،ئەگەر شىنجاڭدا ئوقۇپ شۇنداق قىلسام دەيدىغانلار چىقىپ قالىدىغاندەك.
ئەسلى بۇ ئۇنچىۋالا ۋاي دەپ كەتكۈدەك ئەسەرمۇ ئەمەس،بىرھەپتىنىڭ ئالدىدا مەكتىپىمىزدە باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان يۇقىرى يىللىقتىكى بىر قىز ،ئانىسى يۇرتتىن يوقلاپ كەلگەن بولسا كېرەك،ئاشخانىدا ئۇچراپ قالدى،ئانىسى يېنىدا قاراپ ئولتۇرىدۇ،ئۇ قىز تېلفۇندا شۇنداق يۇقىرى ئاۋازدا بىرسى بىلەن مۇڭدىشىۋېتىپتۇ شۇنچىلىك قوپال ،ھەيران بوپ قاراپ قالدىم،نەچچە يىل بىرمەكتەپتە تۇرۇپ كۆرمىگەن ئۇنىڭ بۇنداق ئاخسا ھالىتىنى،ئاتا-ئانىمىز ئالدىدا يۈزىمىز چۈشمىسۇن دەپ غورۇرنى شۇنداق جايغا ئىشلىتىدىغان گەپمۇ ،نەق شۇنداق چاغدا ئۇچراپ قالدى بۇ ئەسەر،ئادەتتە بىز ئاتا-ئانىنىڭ مۇھەببىتى تەسۋىرلەنگەن ئەسەرلەرنى تولا ئوقۇپ كەتكەن،شۇڭا مۇنداق بالىنىڭ مۇھەببىتى تەسۋىرلەنگەن ھېكايىنىمۇ كۆرەپ باقسۇن دېگەن ئويدا يوللىغان.بۇنى غورۇر مەسىلىسىگە ئاپارغان بولساڭلا،،،غورۇر توغرۇلۇق بەكراق ئىزدىنىپ باقسام بولغۇدەك.
