ئۇچۇر دەۋرىدىكى ئەرلەر قارماققا « ئۆكۈزدەك كۈچلۈك» كۆرۈنىدۇ. شۇنداقتىمۇ كىچىك ئىشلار، ئۇششاق- چۈشەك خاھىشلار، بەزىبىر مۇناسىۋەتلەردە ئەرلەرگە ئازراق يول قويۇڭ، ئاخىرقى ھېسابتا پايدا ئالىدىغىنى يەنىلا سىز.
ياۋاش ئەرلەر ھامان ئۆزىدىن « كۈچلۈك » ئاياللار بىلەن توي قىلىپ قالىدۇ. بۇ بەلكىم « تەڭشەلگەن» لىكىدۇر. بۇنداق « كۈچلۈك» ئاياللار ئۆينىڭ بارلىق ھوقۇقىنى قولغا كىرگۈزىۋالغان، ھەتتا ئەرلەر رولىنى جارى قىلدۇرىدىغان چوڭ- چوڭ ئىشلاردىمۇ يەنىلا ئەرنىڭ پىكرى بويىچە ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش كۆرىدۇ، جاھىللىق قىلىدۇ، ئەر كىشىنى ئامالسىز ، بىچارە ھالەتكە چۈشۈپ قىلىپ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ روھىيتىدە ئېغىر بېسىم پەيدا قىلىپ، ئەرنى ئۆزىنى كۆزگە ئىلمايدىغان قىلىپ قويىدۇ. بۇنداق ئەرلەر ھاراق، قىمار بىلەن ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىدۇ. بۇ ئارقىلىق خوتۇنىنىڭ تېخىمۇ ئاچچىقىنى كەلتۈرىدۇ ياكى خوتۇنىغا بولغان بىزارلىقىنى پەيدا قىلىپ، نىكاھ كىرىزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
گەپكە قۇلاق سالىدىغان ئايال ئۆزنىڭ ئېرىگە ناھايىتى زور تەسەللى ۋە خاتىرجەملىك بېرەلەيدۇ. بۇلا ئەمەس، ئۆزىمۇ مۆلچەرلىگۈسىز دەرىجىدە ئىجتىمائىي مۈلۈككە ئېرىشىدۇ. بىر مۇلايىم، شۇنداقلا ياسانچۇق ئەمەس ئايال باشقىلارنىڭ سۆزلىرىگە مەپتۇن بولۇپ تۇرىدۇ.
ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسى ھېسسىياتقا تايىنىپ ياشايدۇ. ھالبۇكى ئەرلەر بولسا ئەمەلىيرەك كېلىدۇ. ئائىلە تۇرمۇشىنىڭ ھەربىر ھالقىسىدا، ئاياللار ئەرلەرنىڭ پىكرىنى كۆپرەك ئاڭلىغىنى، ئەرلىرىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىغىنى ياخشى!
پۇل بولسا گىدىيىپ كىتىشنىڭ، داۋلىرىڭىز بولسا ھۆكىرەپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئائىلە تۇرمۇشىدا ئېرىڭىزگە ئازراقمۇ پىكىر قىلىش، ھۆكۈم قىلىش، خوجاينلىق ھوقۇقىنى بەرمىسىڭىز، ھەممە ئىشقا ئۆزىڭىز چات كېرىۋالسىڭىز، ئۇنداق ئەرنى ئەڭ ياخشىسى « قويۇۋەتكىنىڭىز» تۈزۈك! ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
تەنتەك خوتۇن ئېرىنى جىمغۇر قىلىۋېتەلەيدۇ.
- شېكىسپىر
ھەددىدىن ئارتۇق لاۋۇلدىغان شام،
مۈمكىن خانىمانىڭ كۆيدۈرۈر تامام.
- سەئىدى شىرازى