بويى پاكارلار: ئالىملار مۇنداق دەيدۇ : << ئادەملەرگە نىسبەتەن ئەڭ مۇۋاپىق بوي ئىگىزلىكىنىڭ بارلىقى تەتقىقاتتىن ئايان بولدى، يەنى : ئەرلەرنىڭ بويى 1.65 مېتىردىن 1.68 مېتىرغىچە، ئاياللارنىڭ بويى 1.59 مېتىردىن 1.62 مېتىرغىچە بولسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ.>>
سەل سېمىزلەر : ئالىملار ئالتە مىليون ئادەمنىڭ ئۆمرى بىلەن بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن مۇنداق ھۆكۈم چىقاردى : << سەل سېمىز ئادەملەرنىڭ بەدەن ئىقتىدارى، كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى زىيادە ئورۇق ئادەملەرگە قارىغاندا زور بولىدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئۆمرى ئۇزاق بولىدۇ >>.
ئايپاڭباشلار : بۇنداق ئەرلەرنىڭ ئەرلىك ھورمون ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولىدۇ، روھى كۆتىرەڭگۈ، جىسمانىي كۈچى زور بولىدۇ، شۇڭا ئۆمرىمۇ ئۇزاق بولىدۇ.
قۇلىقى يوغانلار : بۇنداق ئادەملەرنىڭ بۆرەك قۇۋىتى كۈچلۈك بولغاچقا، ئۆمرى ئۇزاق بولۇشى مۈمكىن.
بالىلارنىڭ تۇنجىسى : ئېلىمىزنىڭ تىبابەت خاتىرلىرىدە : << 1- ۋە 2- بالىنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولىدۇ >> دېيىلگەن، دېمىسىمۇ 90 ياشقا كىرگەن كىشىلەر ئارىسىدا 1- ۋە 2- بالىلارنىڭ نىسبىتى % 60.6 نى، 100 ياشتىن ئاشقان كىشىلەر ئارىسىدا % 77.3 نى ئىگەللىگەن.
دەل -دەرەخ ۋە ئوت -چۆپ كۆپ جايلاردا ئولتۇرىدىغانلار : خۇددى ماددى تۇرمۇش شارائىتى ئادەملەرنىڭ ئۆمرىگە تەسىر كۆرسەتكەندەك، ئورمانلىق ۋە گۈل -گىياھلار ئارىسىدا ياشىغان ئادەملەرنىڭ ئۆمرىمۇ دەل -دەرەخ ۋە گۈل- گىياھلار ئاز جايدا ياشىغان ئادەملەرنىڭ ئۆمرىدىن ئۇزۇن بولىدىكەن، يەنى :گۈل- گىياھ ۋە دەل -دەرەخلەر ئاز، شاۋقۇنلۇق جايلاردا ياشىغان ئادەمنىڭ ئۆمرى يەتتە يىل قىسقىرايدىكەن.
كۆپ چۈش كۆرىدىغانلار : ياپونىيىلىك تەتقىقاتچىلار مۇنداق دېيىشتى : << ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسىدە ئۇيقۇغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ماددا _ ئۇخلىتىش پېپتىدى بولىدۇ، كۆپ چۈش كۆرىدىغانلارنىڭ چوڭ مېڭىسىدە بۇ خىل ماددا كەم بولىدۇ-دە، كاللىسى سەگەك تۇرىدۇ ھەمدە شۇ سەۋەپتىن ئۆمرى ئۇزۇن بولىدۇ. >>
B قان تىپىدىكىلەر : قان تىپى B كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى مۇلايىم ۋە ئىللىق، ئەپۇ قىلىش پىسخىكىسى كۈچلۈك، ئەمما رىقابەتلىشىش ئىقتىدارى ئالاھىدە كېلىدۇ، شۇڭا دائىم خاتىرجەم ياشايدۇ، ئۆمۈر چولپانلىرىنىڭ % 83 تى B قان تىپلىق كىشىلەر، بۇ يەردىكى سەۋەپ ئۇلارنىڭ روھى ھالىتى بولسا كېرەك.
قان بېسىمى نىسبەتەن يۇقۇرى كىشىلەر : فىنلاندىيە دوختۇرلىرىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىدە مۇنداق دېيىلدى : << 90 ياشتىن ھالقىغان ئۆمۈر چولپانلىرىنىڭ قان بېسىمى دائىم 90 /160 ئەتراپىدا بولىدىكەن. ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ نەزىرىمىزدىكى نورمال قان بېسىمى 70 /120 >> .
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
مەنبە : << ساغلاملىق گېزىتى >>