تەقدىرىڭىز ئۆز قولۇڭىزدا ............

ۋاقتى:2010-06-18 01:07مەنبە: يوللىغۇچى:ئەل تىكىن چېكىلىشى:قىتىم
   بىر تىلەمچى سەدىقە سوراپ كەپتۇ. ئۇنىڭ ئوڭ قولى مۈرىسىدىنلا يوق بولۇپ، قۇرۇق يېڭى بوشلۇقتا لەپىلدەپ تۇرىدىكەن. ئۇنىڭ بۇ بىچارە ھالىنى كۆرگەن كىشى ئىككىلەنمەيلا ئۇنىڭغا سەدىقە سۇنىدىكەن. بىراق تىلەمچى كەلگەن ئۆيدىكى ئايال:
-بۇ خىشلارنى ئۆينىڭ كەينىگە يۆتكىشىپ بەرسىڭىز قانداق؟- دەپتۇ.
-بىر قولۇم بىلەنمۇ؟ سەدىقە بەرگىڭىز كەلسە بېرىڭ، بولمىسا ئادەمنى تولا ئەخمەق قىلماڭ، دەپتۇ تىلەمچى ئاچچىقلىنىپ.
ئەمما ھىلىقى ئايال خاپا بولۇشتا يوق، ئەتەي بىر قولى بىلەن خىش يۆتكەپ تۇرۇپ: -قاراڭ، ئىككىلا قول بولمىسا ئىش قىلغىلى بولمايدۇ دەپ كىم دەيدۇ؟ مەن قىلالىغاننى سىز نېمىشقا قىلالمىغۇدەكسىز؟- دەپتۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
تىلەمچى بىردەم تىڭىرقاپ تۇرۇپ قاپتۇ ۋە بىر نەرسىنى چۈشەنگەندەك بولۇپ، ئېڭىشىپ خىشنى يۆتكەشكە باشلاپتۇ. بىر قېتىمدا ئىككى دانىدىن يۆتكىسىمۇ، ئىككى سائەت ئىچىدىلا خىشلارنى پاك- پاكىز يۆتكەپ بوپتۇ. بۇ چاغدا ئۇ چىلىق- چىلىق تەرگە چۆمۈپ، چىرايى قارىغۇسىز بولۇپ كەتكەن، ھېرىپ ھالىدىن كېتەيلا دەپ قالغانىكەن. خۇجايىن ئايال ئۇنىڭ تەرلىرىنى ئېيتىشى ئۈچۈن پاكىزە لوڭگىدىن بىرنى سۇنۇپتۇ. تىلەمچى يۈزىنى سۈرتكەنىكەن، لۆڭگە قاپقارا بولۇپ كېتىپتۇ.
ئايال ئۇنىڭغا 20 يۈەننى سۈنۈپتۇ. تىلەمچى ھەشقاللا- رەھمەت دېگىنچە پۇلىنى ئاپتۇ.
-نېمىگە رەھمەت ئېيتىسىز؟ بۇ دېگەن ئۆزىڭىز ئىشلەپ تاپقان پۇل، دەپتۇ ھىلىقى ئايال. www.iz.la
مەن سىزنىڭ بۇ ياخشىلىقىڭىزنى مەڭگۈ ئۈنتىمايمەن، خاتىرە ئۈچۈن بۇ لۆڭگىنى ماڭا بېرىڭ دەپتۇ تىلەمچى.
ئارىدىن خىلى يىللار ئۆتكەندىن كېيىن خۇجايىن ئايالنىڭ ھويلىسىدا كېيىنىشى سالاپەتلىك، گەپ- سۆز، يۈرۈش- تۇرۇشدىنلا ئۆزىگە ئىشنىدىغانلىقى بىلىنىپ تۇرىدىغان تەمكىن بىر كىشى پەيدا بوپتۇ. شۇغىنىسى، ئۇنىڭ ئۆڭ قولى يوق، قۇرۇق يېڭى بوشلۇقتا لەپىلدەپ تۇرىدىكەن. كەلگۈچى ياشىنىپ قالغان ئايال خۇجايىنغا ئىگىلىپ سالام قىپتۇ ھەمدە تونوشلۇق بىرىپ:
-سىز بولمىغان بولسىڭىز، مەن ھازىرقىدەك باش مۇدىر ئەمەس، يەنىلا تىلەمچى پىتىم يۈرىۋەرگەن بۇلاتتىم. سىز ماڭا ئىشەنچ ئاتا قىلدىڭىز- دەپتۇ.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


-ھەممىسى ئۆزىڭىزنىڭ ئەمگىكى- دەپتۇ ئايال خۇجايىن ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسكە ئېلىپ.
قولى يوق خۇجايىن ئايالنى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە شەھەرگە ئەكىرىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا كەلگەنلىكىنى ئېيتىپتۇ.
-كەچۈرۈڭ، ھەممىمىز بىجىرىم ئادەملەرمىز؟ ياردىمىڭىزنى قوبۇل قىلالمايمىز- دەپتۇ ئايال.
-مەن چىن كۆڭلۈمدىن كەلدىم- دەپتۇ ھىلىقى كىشى، -سىز ماڭا قانداق ئادەم بولۇشنى، قانداق ياشاشنى ئۆگەتتىڭىز. شەھەردىن سىزگە ئاتاپ ئۆيمۇ ئېلىپ قويدۇم، ئۇ ماڭا بەرگەن تەربىيىڭىزنىڭ ھەققى بولسۇن.
ئايال كۈلۈمسىرىگىنىچە شۇنداق دەپتۇ: -ئۇنداق بولسا شۇ ئۆينى بىر قولىمۇ يوق ئادەملەرگە ھەدىيە قىلايلى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
دەرۋەقە، تەقدىر ئۆزىمىزنىڭ قولىمىزدا، مەيلى كىچىك ياكى چوڭ قارار بولسۇن ھەر بىر تاللاش، قارار بىزنىڭ تەقدىرىمىزگە مۆلچەرلىگۈسىز تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. كىچىك- كىچىك تاللاش قارارلار يىغىلىپ كېلىپ ھەر بىرىمىزنى يا غەلىبىگە يا مەغلۇبىيەتكە سۆرەيدۇ.
ئىنسان ئۆزىنىڭ رەنجى- بەختىنى ئالدىن مۆلچەرلىيەلمەيدۇ، شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىپ پاراغەت ئىچىدە غەپلەت بىسپ قالغانلار تۇرمۇشقا، جەمئىيەتكە مۇستەقىل يۈزلىنىپ، ھاياتنىڭ ئېغىرچىلىقلىرىنى تەنھا ئۈستىگە ئېلىشقا توغرا كەلگەندە تىركىشىدۇ-يۈ مەغلۈپ بولماي قالمايدۇ.
بىل گېيتىس شۇنداق دەيدۇ: "ھاياتتىكى بەختىسىزلىكتىن قېچىش مۇمكىن ئەمەس، ئەمما ئۇ بالدۇر ياكى كېيىن بولسۇن ئۆتۈپ كېتىدۇ. ۋاقىت ئاشۇ ئازابلىق ھېسلارنى ھامان ئۇنتۇلدۇرىدۇ. "بۇ ھېچنىمە ئەمەس" دېگەننى ھەر دائىم تەكرارلاپ تۇرۇڭ شۇنداقلا يەنە شۇنداق ھەرەج تارتماسلىق ئۈچۈن ئورنىڭىزدىن دەس تۇرۇپ، ئۆزىڭىز قىلىشقا تىگىشلىك ئىشقا دەرھال كىرىشىڭ.
ئىز تورى بەك ياخشى


نۇر مۇھەممەد ئۆمەر ئۇچقۇن تەرجىمە قىلىپ تۈزگەن - <بايقىساڭ توپىمۇ - ئالتۇن>  دىگەن كىتابىدىن ئېلىندى.
ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ئەتىگەندە ئۈچ ئىشنى ئۇنۇتماڭ

    ئەتىگەندە ئۈچ ئۈشنى ئۇنۇتماڭ كۆزىتىشلەتدىن قارىغاندا ، ئەتىگەندە تۆەندىكىدىك ئۈچ ئىشنى داۋاملىق قىلىپ بەرگەندە قۇلاقنق سەزگۈلەشتۈرۈپ ، كۆزنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈپ ، خىزمەت ۋە ئۆگۈنىش ئۈنۈمىنى يۇقرى كۆتۈرگىلى بۇلىدىگەن ________ ، 1 . كېرىلىش ، ئەتىگەندە ئورنىدىن...

  • ھەقىقىي مۇھەببەت يېنىڭىزدا !

    بىر جۈپ ياش ئەر- خوتۇن كوچا ئاپتوبۇستىكى قىستاڭچىلىقتا بىر -بىرىدىن ئايرىلىپ كېتىپتۇ. قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن ، يۇمران ھەم سىلىق بىر قول ئەرنىڭ قولىنى تۇتۇپتۇ. ئەر جان-دىل بىلەن ھېلىقى قولنى چىڭ تۇتۇپتۇ، ئاپتوبۇس بېكەتكە كەپتۇ. ئېرى ھېلىقى قولنى قويۇپ بەر...

  • كومپيۇتېر رادىئاتسىيسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ 9 تۈرلۈك ئۇسۇلى

    1.كومپيۇتېرنىڭ يېنىغا بىرنەچچە تەشتەك كاكتۇس گۈلى قويۇپ قويسا ، گۈل رادىئاتسىيسنى سۈمۈرىۋالىدۇ. 2. تۇرمۇشى جىددىي ، ئالدىراش كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا ، كومپيۇتېرنىڭ رادىئاتسىيسىنى ئازايتىشنىڭ ئەڭ ئاددىي ئامالى ھەر كۈنى 2 دىن 3 ئىستاكانغىچە يىشىل چاي...

  • بەزى بىمارلارنىڭ يانغون ئىشلەتمىگىنى ياخشى

    تۇتقاقلىق كىسىلى بارلار. ئادەتتە يانغون ئىشلەتكەندە يانغون ئىشلەتكۈچىنىڭ چوو مىڭىسى ئەتراپىدا ھاۋا بوشلۇقىدىكى ئىلىكىترو ماگنىت دولقۇنىدىن 4~6 ھەسسە كۈچلۈك ئىلىكترو ماگنىت دولقۇنى پەيدا قىلىدۇ. ئاز ساندىكى سۈپىتى ناچار يانغونلار پەيدا قىلىدىغان ئىلكترو ما...

  • بىلىشكە تېگىشلىك 46 خىل تۇرمۇش ساۋاتى

    بىلىشكە تېگىشلىك 46 خىل تۇرمۇش ساۋاتى...

  • تازلىق ئۆيدىكى فار فۇر بۇيۇملارنىڭ دېتىنى چىقىرىش ئۇسۇلى

    فار فۇر بۇيۇملار ئادەتتە داتلاشمايدۇ. ئەمما بىنالارنىڭ تازلىق ئۆيدىكى فارفۇر دىن ياسالغان يۈز يۇيۇش دېسى ،ۋاننا،تەرەت قاچىسى قاتارلىقلار ئىشلىتىلىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇرشىغا ئەگىشىپ ،داتلىشىپ قالىدۇ. بۇنى چىقىرىش ئۈچۈن مۇۋاپىق مىقداردىكى تۇزنى قىزدۇرۇپ ،ئارلاشتۇ...

  • قول سائىتى ماگىنىتلىنىپ قالغاندا رىمۇنىت قىلىش ئۇسۇلى

    قول سائىتى ماگىنىتلىنىپ قالغاندا رىمۇنىت قىلىش ئۇسۇلى قول سائىتى ماگنىتلىنپ قالسا توغرا ماڭمايدۇ.ئۇنى ماگىنىتسىزلاش ئۈچۈن ،ماگنىتسىزلانمىغان بىر پارچە تۆمۈر ھالقىنى تېپىپ ،قول سائىتىنى ئۇنىڭ ئوتۇرسىغا تۇتۇپ ،ھالقىدىن ئۇياق بۇياققا بىر نەچچە قېتىم ئۆتكۈزسە...

  • تورغا چىققانلار دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك روھىي ساغلاملىق

    ئىنتىرنىت تورى پۈتۈن يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ ئۇچۇر مەنبەسى بولۇپ ، بۇ ئۇچۇرلار ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەممە ساھەلىرىگە چېتىلىدۇ. شۇڭا، بەزى كىشلەر ئۆزىنى تۇتۇۋالالمىغان ھالدا تورغا چىقىشقا بىرىلىپ كىتىپ، نۇرغۇن ۋاقتى بىلەن زىھنى توردىكى قۇرۇق پاراڭلىشىشقا ئىسر...

  • يەتتە خىل ئەھۋالدا قېىنىق چاي ئىچمەسلىك كىرەك

    1. قورساق ئاچ ۋاقتىدا قىنىق چاي ئىچمەسلىك كىرەك. ئادەتتە، چاي ئىچىشكە ئادەتلەنمىگەن كىشلەر قورساق ئاچ قاقتىدا قىنىق چاي ئىچسە، ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىشنى تور مۇزلاپ، ھەزىم قىلىشقا توسالغۇ بولىدۇ. ئۇنىڭىدىن باشقا يەنە يۈرەك سىلىش ، كۆز قاراڭغۇلىشىش ق...

  • ‹‹قارا بېسىش›› قانداق ئىش ؟

    بەزى كىشلەر ئۇخلاۋاتقاندا بەزىدە ئىغىر نەرسە تىنىنى بىسۋالغاندەك، مىدىرلاي دىسە مىدىرلىيالماي، قاچاي دىسە قاچالماي، ۋارقىرىسا ئاۋازى چىقماي، ئۆزىنى ئىتايىن بىر قورقۇنچلۇق جايدا تۇرغاندەك ھىس قىلىپ، بىردەمدىن كىيىن پۈتۈنلەي ئويغىنىپ كىتىدۇ. ئەمما ئويغانغان...