بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
بۇ ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان، دىيارىمىزدىكى ئىسىل نىئمەتلەرنىڭ بىر بولغان قوغۇن.
قۇغۇننىڭ تەركىبىدە شېكەر، ئاقسل،كالىتېسىي، فوسفور ۋە باشقا ۋىتامىنلار كۆپ بولۇپ، قوغۇننى ئېتىدىن تارتىپ، ئۇرۇق، شاپىقىغىچە ئوزۇقلۇق ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. قۇغۇن داڭلىق مېۋە بولۇپ، تاتلىق، سۇلۇق، يىپسىز كېلىدۇ. قوغۇن ئادەمنىڭ ئىچىنى يۇمشىتىش، سۇسىزلىنىشنىڭ ئورنىنى تولۇقلاش ۋە ئالدىنى ئېلىش، بۆرەك، دوۋسۇندىكى تاشلارنى ئېزىش، تۇسالغۇلارنى ئېچىش، بەدەنگە تېز تارقاش، تاماق ھەزىم قىلدۇرۇش خۇسۇسىيەتلىرىگە ئىگە.
تەبئىتى: ھۆل ئىسسىق ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
قۇغۇننىڭ ئېتىنى كۆزگە چاپسا كۆز ئاغىرىقى ئۈچۈن مەنپەئەت قىلىدۇ ۋە كۆزدىكى ئىششىقلارنى ياندۇرىدۇ.سودا بىلەن مەلھەم قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا تېرىدىكى ئىز ۋە داغلارنى يوقىتىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا نېرۋىنى تىنىچلاندۇرۇش، نەپەس يوللىرى ۋە ئۇچەي يوللىرىنى تازلاش، جىگەر، بۆرەك، كەم قانلىق كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتىمۇ خەتەرسىز، ئۈنۈملۇك دورا ھېسابلىنىدۇ. تەركىبىدە تۆمۇر ماددىسى ئەڭ كۆپ.
قوغۇن ئۇرۇقى- جىگەردىكى توسالغۇلارنى ئېچىش، سۇيدۇكنى راۋانلاشتۇرۇش، بۆرەك، دوۋسۇن، ئۈچەيلەرنى تازلاش، ئادەمنىڭ مىجەزىنى ياخشىلاش، باھنى قۇۋۋەتلەش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئىسسىقتىن بولغان يۆتەل، كۆكرەك ئاغىرىقى، گالنىڭ يىرىكلىكى ۋە سۇيدۇكنىڭ كۆيدۇرۇپ، ئېچىشتۇرۇپ كىلىشىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. ئۇرۇقنىڭ پوستىنى يۇمشاق ئېزىپ يۇزگە ۋە بەدەنگە چاپسا، يۈز ۋە بەدەننى پارقىرىتىپ ھۆسنىنى چىرايلىق قىلىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا بەلغەمنى يۇمشىتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش خۇسۇسىيتىگە ئىگە.
قوغۇننىڭ ئېتىدە شېكەر ، گالاكتان گلوكوزا ۋە خېلى كۆپ مىقداردا ئاقسىل ماددىسى بولغاچقا، تەبئىتى قۇرۇق سوغاق، ئۇسسۇزلۇقنى باسىدۇ، ئىسىقنى ئالىدۇ، سۇيدۇكنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئېغىز-بۇرۇندىكى جاراھەتنى داۋالايدۇ. ئىسسىقتىن بولغان قانلىق تولغاق، يرىڭلىق تولغاق، چىش ئاغىرىقى قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
زىيانلىق تەسىرى: كۆپ يېسە ئىچىنى سۈرىۋىتىدۇ، ئىچكى ئەزالارنىڭ خىزمىتىنى سۇسلاشتۇرىدۇ.
تۈزەتكۈچىسى: ھەسەل، ئانار سۈيى
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
copyright by www.iz.la
پايدىلانغان ماتىريال: ھاياتلىق ژورنىلى
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!