ئىقتىدارىڭنى قانداق نامايەن قىلىشنى بىلۋىلىڭ

ۋاقتى:2010-06-17 23:57مەنبە: يوللىغۇچى:ئېلى چېكىلىشى:قىتىم
  

كۇندىلا مۇۋەپپىقىيەت قازىنىدىغان ئادەم بولمايدۇ.لېكىن ھەرقانداق ئادەمگە ئۆز ئىقتىدارىنى نامايەن قىلڭدىغان پۇرسەت ھامان كېلىدۇ ، گەپ شۇنىڭدىن پايدىلنىشتا . بەزى ئىستىداتلىق كىشىلەر ئۆزىدىكى كىچىككىنە قابىلىيەتنى نامايەن قىلىش ئارقىلىق  ئۇنى ئۆز ۋۇجۇدىدىكى جەلىپكار نۇختىغا ئايلاندۇرىدۇ . ئۇلارنىڭ تېخىمۇ زور ئىستىداتى نامايان بولغان چاغدا كىشىلەر ھاڭ -تاڭ بولۇپ قالىدۇ. سەن ھەم ئىقتىدارلىق ھەم ئۆز ئىقتىدارىڭنى نامايان قىلىشقا ماھىر بولساڭ ، چوقۇم ھەيران قالارلىق نەتىجىگە ئېرىشىسەن . دۇنيا يېڭى ئاپىردە بولغان چاغدا  يورۇغلۇق ئارقىلىق ئۆزىنى نامايەن قىلغان . ئۆز ئىقتىدارىنى نامايان قىلىش_كىشىنىڭ كۆڭلىنى تىندۇرۇپ ، يېتىشسىزلىكلىرىنى تولۇقلايدۇ ، باشقىلارنى بېسىپ چۈشۈش شەرتىنى ھازىرلايدۇ ، نامايەن قىلىنغان ئىقتىدار  ئەمەلىيەت جەريانىدا مەزمۇت پۇت تېرەپ تۇرالىسا ، ئۇنىڭ ئەكىلىدىغان پايدىسى تېخىمۇ زور بولىدۇ ، قابىلىيەت ئۆزۈڭدە ئۇنى قانداق جارى قىلدۇرۇشمۇ ئۆزۈڭگە باغلىق ، بىزدە تەڭرى ئىلتىپات قىلغان مۇكەممەل ئىقتىدار بولغان ئىكەن ، ئۇنىڭدىن تولۇق پايىلنىشىمىز كېرەك . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئىقتىدارنى نامايەن قىلىشتا ھۇنەر كېتىدۇ ، ئەڭ يۈكسەك ئىقتىدارنى نامايەن قىلىش ئۈچۈنمۇ مۇھىتقا تايانماي بولمايدۇ ، ناۋادا ئۆز ئىقتىدارىڭنى بىمەزگىل چاغلاردا نامايەن  قىلىپ  سالساڭ ،  قىلغان ئەجرىڭ بىراقلا نولگە تەڭ بولىدۇ. ھالى چوڭلۇق قىلساق يەنە بولمايدۇ چۈنكى ئۇ مەنمەنلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، مەنمەن كىشىلەر ئاسانلا باشقىلارنىڭ  نەزىردىن چۇشۇپ قالىدۇ، نامايەن قىلىشقىمۇ  كەمتەر پوزىتسىيەدە بولۇش كېرەك ، بولمىسا يامان تۇس ئېلىپ قېلىشى مۈمكىن .ئۆز ئىقتىدارىنى زىيادە نامايەن قىلىۋېتىش ئاقىلانىلىك  ئەمەس ،ئۇنى ئۈن -تىنسىز  بەخىرىمان ھالەتتەئىپادىلەش كېرەك . ئۆز- ئۇزىنى  مۇۋااپىق يوشۇرۇش ماختاشقا ئېرىشىشنىڭ ئەڭ ياخشى يولى ، چۈنكى كىشىلەر ئۆزى چۈشەنمەيدىغان نەرسىلەرگە قىزىقىدۇ ، ئۆز ئىقتىدارىڭنى بىراقلام  بەش قوللاپ ئاشكارلىۋەتمەىستىن ، ئاستا- ئاستا،ئاز -ئازدىن  نامايەن قىل .بىر قېتىملىق مۇۋەپپىقىيەتنى قولغا كەلتۈرۈپ بولۇپ ، ئاندىن كېيىنكىسىگە تۇتۇش قىل ،قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشىپ بولغاندىن كېيىن ، ئاندىن تېخىمۇ زور ئۇتۇققا ئۈمۈد باغلا .

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


مەنبە:<<ھىكمەتنامە>>دىن ئىز تورى بەك ياخشى

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ئاياللار ۋە مۇھەببەت ھەققىدە ھېكىمەت

    ...

  • بىز ئۈچۈن ئەڭ قەدىرلىك كۈن قايسى؟ 

    ھەممىمىزگە مەلۇم،ئادەم ھاياتىدا قانچە كۈننى باشتىن كەچۈرىدۇ؟دىگەن سۇئالغا:تۈنۈگۈن،بۈگۈن،ئەتە،دەپ جاۋاپ بېرىمىز.ئۈچ كۈن ئىچىدە قايسى كۈن ئەڭ مۇھىم ؟دىگەن سۇئالغا:بۈگۈن ئەڭ مۇھىم ،دەپ جاۋاپ بېرىمىز.چۈنكى تۈنۈگۈن ئەسلىمە بۇلۇپ قالىدۇ،ئەتىنى پەرەز قىلىش ئاسان...

  • ئەقىللىق ئادەملەرنىڭ خىسلىتى

    ئەقىللىق ئادەملەرنىڭ خىسلىتى بەش نەرسە ئەقىللىق ئادەمىنىڭ خىسلىتىدۇر : قولدىن كەتكەن نەرسىگە ئېچىنىپ ئولتۇر ماسلىق ، ئەمگەكىتىن قورقىماسلىق ،ھاكاۋۇر بولماسلىق ،قولدىن كەلمەيدىغان ئىشقا كىر شمەسلىك ۋە قولغا كەلتۈرەلمىگە ن نەر سىسىگە قايغۇرماسلىق. ئالتە نەر...

  • پەزىلەتلىك ئادەم بۇلاي دېسىەڭ

    ئەي ئۇغلۇم پەزىلەتلىك ئادەم بۇلاي ،دۇنيادا ھەقىقى ئىنساندەك ياشاييي دېسەڭ ، كۆڭلۈڭنى ھەسەتتىن ،تىلىڭنى يالغان بىلەن غەيۋەتتىن ،قىلغان ياخشى ئىشىڭنى مننەتتىن ،نەپىسىڭنى ھارامدىن پاك تۇت. بۇ تۆت ئىش تۈۋەندىكى تۆت ئىش بىلەن نەتىجىلىنىدۇ- ھەسەت بىئاراملىق قوز...

  • تۇرمۇش تەجىربىلىرى

    * بىر ئادەمنى چۈشۈنىش ئۇنچىۋىلا ئاسان ئەمەس . * پەقەت باشقىلارغا چىن مەنىدە نەزىرىمىزنى بىرەلسەك ئاندىن ھەققى بىر نەرسىگە ئېرشەلەيمىز. *تۆت ئەتىراپىغا ئەركەكتەك قاراپ ، زىددىيەت قوينىدا ئۇۋلىنىپ كەتمەسلىككە ماغدۇرى يەتمىسە ئۇ چۇقۇمكى ،تۇلۇق ھەقىقەت ئەمەس....

  • كىتاب ۋە كىتاب ئوقۇش ھەققىدە ھېكىمەتلەر

    كىتاب ۋە كىتاب ئوقۇشقا دائىر ھېكىمەتلەردىن ئۈزۈندىلەر...

  • ئۇقۇپ قۇيۇڭ!!!

    *ئىنسانلار دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن تارتىپ ،تەن بىلەن روھنىڭ بىر پۈتۈنلىكىنىڭ ئاجرالماس ئىككى تەرىپى بۇلۇپ كەلدى، شۇنداقلا ئۆزئارا ھەمكارلىقتا تۇردى. *ئىنسانلارنىڭ مۇھىتقا نىسبەتەن قىلغان ئىسلاھاتىنى مەدىنىيەت دەيمىز. * ئاچچىقلىنىش بىر ئادەمنى ياكى بىر خىل م...

  • قىز-يىگىتلەر ئوقۇپ كۆرۈڭلار

    قىز -يىگىتلەرنىڭ پەرقى...

  • پىشىپ يىتىلىش

           بىراۋنىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكى ئۇنىڭ تاشقى قىياپىتىدىنىلا ئەمەس ، بەلكى ئادەت خاراكتېرىدىنمۇ مەلۇم بولىدۇ. ماددىنىڭ ئېغىرلىقى ئۇنىڭدىكى قىممەتلىك مېتاللارنىڭ سىمۋولىدۇر؛ئەخلاقنىڭ سالمىقى دانالارنىڭ سىمۋولىدۇر.پىشىپ يېتىلىش بىر ئادەمنىڭ ئىقتىدارىنى تىخ...

  • ئەۋليا سۈپەت ئادەم بول

          بۇ گەپ ھەممىدىن مۇھىم . گۈزەل ئەخلاق بەخىتنىڭ يۈرىكىدۇر. ئۇ سېنى ئېھتىياتچان ، سەزگۈر ،چىچەن ئىش ئۇقىدىغان ، پاراسەتلىك ،قەيسەر، سەمىمىي ،ساداقەتمەن، شادىمان ، ھۆرمەتكە سازاۋەر ، ھەقىقەتچىل ئادەمگە ئايلاندۇرىدۇ... قىسقىسى ، سېنى كەم –كۈتسىز ئەزىمەت...