بىراۋنىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكى ئۇنىڭ تاشقى قىياپىتىدىنىلا ئەمەس ، بەلكى ئادەت خاراكتېرىدىنمۇ مەلۇم بولىدۇ. ماددىنىڭ ئېغىرلىقى ئۇنىڭدىكى قىممەتلىك مېتاللارنىڭ سىمۋولىدۇر؛ئەخلاقنىڭ سالمىقى دانالارنىڭ سىمۋولىدۇر.پىشىپ يېتىلىش بىر ئادەمنىڭ ئىقتىدارىنى تىخىمۇ مۇكەممەللىككە ۋە ھۆرمەتكە مۇيەسسەر قىلىدۇ. پىشىپ يېتىلگەن (تاكامۇللاشقان) روھ تاشقى جەھەتتە ئۆز بىمالاللىقىنى نامايان قىلالايدۇ. بۇ خىل بىمالاللىق ھەرگىزمۇ نادانلاردا ئىپادىلىندىغان بەخىرامانلىق بولماستىن، بەلكى بىر خىل تەمكىنلىك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن سالاپەتتۇر، بۇنداق كىشىلەرنىڭ گەپ–سۆزلىرى ئورۇنلۇق ، ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولىدۇ.
پىشىپ يېتىلىش ئادەمنى تەدرىجى ھالدا مۇكەممەللشتۈرىدۇ، چۈنكى ھەر قانداق ئادەم‹‹پىشىپ يېتىلگەن›› لىكى ئۈچۈنلا مۇكەممەل ئادەم بولالايدۇ، ئادەم بالىلارچە ساددىلىقنى تاشلىغان چاغدىلا، ئۇنىڭدا سالاپەت ۋە كەسكىنلىك پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ.
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
‹‹ھېكمەتنامە›› دىن ئېلىندى