ئىزا تارتىش ھەققىدە «كۆرۈپ قۇيۇڭ» ......

ۋاقتى:2010-04-07 03:00مەنبە: يوللىغۇچى:مەمتىمىن چېكىلىشى:قىتىم
   (تەگسە سۇلار) دەپ بىر خىل ئوت بار، قولىڭىزنى تەككۈزۈپ قويسىڭىز تۈكلەش يۇپۇرماقلىرى، تىكەنلىرى شاخلىرى، ئىزا تارتىپ تۈگۈلىۋالىدۇ، ھەتتا بېشىنى تۆۋەن سېلىۋالىدۇ. ئۇنىڭ نازۇكلىقى ئۇياتچان قىز بالىغىلا ئوخشايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بەزىلەر ئۇنى (ئىزا تارتىشنى بىلىدىغان ئوت)،(ئۇياتچان ئوت)دەپمۇ ئاتايدىكەن.

ئىزا تارتىش گۈزەل پەزىلەتتۇر. ئەخلاق جەھەتتىن خىجىل بولۇپ، ئىزا تارتىشنىڭ ئۆزى ھېچ بولمىغاندا ئالدامچىلىققا، ساختىپەزلىككە، ھارامزادىلىككە، ياغلىمىلققا، مۇغەمبەرلىككە، خوشامەتچىلىككە قارىغاندا تەرغىپ قىلىشقا قالتىس ئەرزىيدۇ. ھەتتا شۇنداق دىيىش مۇمكىنكى، ئىزا تارتىش ئىنسانلارنىڭ مەدەنىي يۈكسىلىشنىڭ ئالامىتىدۇر، ئىنسانلارنىڭ جاھالەتتىن تەرەقىياتقا قاراپ داۋاملىق ئالغا بېسىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنى ئۆزى قەدىرلەش ئېڭى بارغانسېرى ئۆسۈپ كېتىۋاتقان بىر ھالەتتە غۇنچىدەك ئېچىلغان بىر گۈلدۇر. چۈنكى ئادەمزاتتىن باشقا ھەر قانداق ھايۋانات ئىزا تارتىشنى بىلمەيدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

شان-شەرەپ ياكى ئىزا-ئەلەمنى، ھالال-ھارامنى، شەرمى-ھايانى بىلىش قەدىمدىن تارتىپ ئادەملەرنىڭ ئىنسانلىق قەلبىگە ئورناپ كەتكەن ئەڭ قىممەتلىك خىسلەتلەرنىڭ بىرى. قەدىمكىلەر: ئادەم بالىسى ئار-نومۇسنى بىلمىسە، يىلتىزسىز كۆتەككە ئوخشاپ قالىدۇ دەپتىكەن. يەنە: ئىنساپسىز ئادەمنىڭ ئالىمەن دەپ قول ئۇزاتمايدىغان يېرى يوق، نومۇسسىز ئادەمنىڭ قىلمايدىغان ئەسكىلىكى يوق دىگەن سۆزمۇ بار. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ئەزىزلەر تاشلاپ بەرگەن ناننى يىمەيدۇ، مەردانلار ئوغۇرلاپ كەلگەن سۇنى ئىچمەيدۇ. ئۇنىڭغا دەرمانى يەتمەيدۇ ئەمەس، بەلكى ئۇنى خالىمايدۇ، ئۇنى يىيىشتىن، ئىچىشتىن نومۇس قىلىدۇ. ئار نومۇسنى بىلمەيدىغان ئادەمنى ئادەم دىگىلى بولمايدۇ. بۇ ھەقىقەتنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. ئىنسان بالىسى توغۇلغاندىن كېيىن ئەمدىلا ئەقىل كىرىشكە باشلىغان چاغدا، ئانىسى ئۇنىڭغا ئار-نومۇسنى بىلىشنى ئۆگىتىدۇ. ئادەم چوڭ بولۇپ ئاق-قارىنى ئوبدان پەرىق قىلىدىغان، شەرىم-ھايانى چۈشىنىش ئېڭى تېخىمۇ كۈچىيىدىغان چاغدا ئار-نومۇسنى تېخىمۇ ئوبدان بىلىشى لازىم ئىدى. لېكىن ئۇياتچان گۈل-غۇنچىلار ئۆزى كۆكلەپ تۇرغان يەر-تۇپراق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك. ئادەم بالىسىنىڭ چوڭ بولۇپ، بىشىدىن ھەر خىل ئىشلارنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئار-نومۇسنى بىلمەسلىك ھەممىدىن بەك ئېچىنىشلىق قۇسۇردۇر. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ھار ئېلىش، ئىزا تارتىش ھەر قانداق ئادەمنىڭ، ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ ئاق-قارىنى، ياخشى-ياماننى، گۈزەللىك ۋە رەزىللىكنى ئايرېۋىلىش چۈشەنچىسىنىڭ ئومۇمىي نامايەندىسىدۇر. ئىزا تارتىش ئومۇمەن شۇ ئادەمنىڭ ئېڭىدۇر. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

ئەگەر ئادەم ئىزا تاتمايدىغان، نومۇسنىمۇ بىلمەيدىغان بولۇپ قالسا باشقىلارغا زىيان يېتىدىغان بىرەر ئىشنى قىلىپ قويغاندا، يۈزى چىمىلدىمىسا، قىزارمىسا، يەنى ئىزا تارتىشنى بىلمەيدىغان بولسا، ئۇنىڭ ۋىجدانى ئۆلۈپتۇ دىيىشى مۇمكىن. جاھاندا ۋىجدانى ئۆلگەندىن يامان، ئېچىنىشلىق ئىش بولمىسا كېرەك. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

ھەر قانداق ئادەمدە ئار ئالىدىغان، نومۇس قىلىدىغان ئەھۋال قانچىكى كۆپ بولسا، ئۇ ئادەم شۇنچە كۆپ ھۆرمەتلىك بولىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى ئەخلاق تىزنىگى باشقىلارنىڭكىگە قارىغاندا تېخىمۇ چىڭ، تېخىمۇ قاتتىق تارتىلىپ تۇرىدۇ. ئەگەر ھەممىمىزدە ئار-نومۇس، شەرمى-ھايا كۆپىرەك بولسا، جاھان تېخىمۇ كۆڭۈللۈك، مۇلايىم، شاد-خورام ۋە يوپيورۇق بولغان بولاتتى.

ياخشىكەن
(34)
94.4%
ئالقىشلايمەن
(2)
5.6%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ئەقىللىق ئادەملەرنىڭ خىسلىتى

    ئەقىللىق ئادەملەرنىڭ خىسلىتى بەش نەرسە ئەقىللىق ئادەمىنىڭ خىسلىتىدۇر : قولدىن كەتكەن نەرسىگە ئېچىنىپ ئولتۇر ماسلىق ، ئەمگەكىتىن قورقىماسلىق ،ھاكاۋۇر بولماسلىق ،قولدىن كەلمەيدىغان ئىشقا كىر شمەسلىك ۋە قولغا كەلتۈرەلمىگە ن نەر سىسىگە قايغۇرماسلىق. ئالتە نەر...

  • پەزىلەتلىك ئادەم بۇلاي دېسىەڭ

    ئەي ئۇغلۇم پەزىلەتلىك ئادەم بۇلاي ،دۇنيادا ھەقىقى ئىنساندەك ياشاييي دېسەڭ ، كۆڭلۈڭنى ھەسەتتىن ،تىلىڭنى يالغان بىلەن غەيۋەتتىن ،قىلغان ياخشى ئىشىڭنى مننەتتىن ،نەپىسىڭنى ھارامدىن پاك تۇت. بۇ تۆت ئىش تۈۋەندىكى تۆت ئىش بىلەن نەتىجىلىنىدۇ- ھەسەت بىئاراملىق قوز...

  • تۇرمۇش تەجىربىلىرى

    * بىر ئادەمنى چۈشۈنىش ئۇنچىۋىلا ئاسان ئەمەس . * پەقەت باشقىلارغا چىن مەنىدە نەزىرىمىزنى بىرەلسەك ئاندىن ھەققى بىر نەرسىگە ئېرشەلەيمىز. *تۆت ئەتىراپىغا ئەركەكتەك قاراپ ، زىددىيەت قوينىدا ئۇۋلىنىپ كەتمەسلىككە ماغدۇرى يەتمىسە ئۇ چۇقۇمكى ،تۇلۇق ھەقىقەت ئەمەس....

  • كىتاب ۋە كىتاب ئوقۇش ھەققىدە ھېكىمەتلەر

    كىتاب ۋە كىتاب ئوقۇشقا دائىر ھېكىمەتلەردىن ئۈزۈندىلەر...

  • ئۇقۇپ قۇيۇڭ!!!

    *ئىنسانلار دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن تارتىپ ،تەن بىلەن روھنىڭ بىر پۈتۈنلىكىنىڭ ئاجرالماس ئىككى تەرىپى بۇلۇپ كەلدى، شۇنداقلا ئۆزئارا ھەمكارلىقتا تۇردى. *ئىنسانلارنىڭ مۇھىتقا نىسبەتەن قىلغان ئىسلاھاتىنى مەدىنىيەت دەيمىز. * ئاچچىقلىنىش بىر ئادەمنى ياكى بىر خىل م...

  • قىز-يىگىتلەر ئوقۇپ كۆرۈڭلار

    قىز -يىگىتلەرنىڭ پەرقى...

  • ئەۋليا سۈپەت ئادەم بول

          بۇ گەپ ھەممىدىن مۇھىم . گۈزەل ئەخلاق بەخىتنىڭ يۈرىكىدۇر. ئۇ سېنى ئېھتىياتچان ، سەزگۈر ،چىچەن ئىش ئۇقىدىغان ، پاراسەتلىك ،قەيسەر، سەمىمىي ،ساداقەتمەن، شادىمان ، ھۆرمەتكە سازاۋەر ، ھەقىقەتچىل ئادەمگە ئايلاندۇرىدۇ... قىسقىسى ، سېنى كەم –كۈتسىز ئەزىمەت...

  • پىشىپ يىتىلىش

           بىراۋنىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكى ئۇنىڭ تاشقى قىياپىتىدىنىلا ئەمەس ، بەلكى ئادەت خاراكتېرىدىنمۇ مەلۇم بولىدۇ. ماددىنىڭ ئېغىرلىقى ئۇنىڭدىكى قىممەتلىك مېتاللارنىڭ سىمۋولىدۇر؛ئەخلاقنىڭ سالمىقى دانالارنىڭ سىمۋولىدۇر.پىشىپ يېتىلىش بىر ئادەمنىڭ ئىقتىدارىنى تىخ...

  • كىتاب ھەققىدە ھېكمەتلەر

         كىتاب — ئىنسانلار دۇنياسىنى بىلىش ، دۇنيانى ئۆزگەرتىشتەك ئۇزۇن يىللىق كۆرەش ئەمەلىيىتى جەريانىدا بارلىققا كەلتۈرگەن ئەقىل – پاراسەت جەۋھىرى .     بىر ياخشى كىتاب بىلەن ئۇچراشسىڭىز بىر ياخشى دوست ياكى بىر ئالىم بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇپ ، گۈزەل ئەتىنىڭ ،...

  • سالامەتلىك توغرىسىدا ھېكمەتلەر

        ▲ساغلام بولۇش، تېز قېرىپ كەتمەسلىك، ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ سىرى  ––– تۇرمۇشنى دائىم قانۇنىيەتلىك ئۆتكۈزۈش.    ▲ئىنساننىڭ سالامەتلىكىگە ئەقلىي بايلىق قوشۇلسا، گۈزەل تۇرمۇش ۋە يېڭى ھايات ياراتقىلى بولىدۇ.    ▲سالامەتلىككە تەڭ كېلىدىغان دوست يوق، كېسەلگە ت...