1. ھەر كۈنى ئۆزىڭىزگە بىر قېتىم «مەن يارايمەن!»دەڭ. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى! بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن ئىز تورى www.iz.la
2. ئېسىڭىزدە بولسۇن،ھەربىر كۈن ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ گۈزەل كۈندۇر.
3. قۇياشقا يۈزلىنىڭ ، شۇندىلا ئۈمىدسىزلىكنىڭ سايىسى كۆز ئالدىڭىزدىن يوقىلىدۇ.
4. سىز ھاۋارايىنى ئۆزگەرتەلمەيسىز،ئەمما ئۆزىڭىزنىڭ ھاۋارايىغا بولغان بىزار بولۇش كەيپىياتىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيسىز.
5. ئوي-پىكىرىڭىز ھەركىتىڭىزنى بەلگىلەيدۇ،ھەركىتىڭىز ئادىتىڭىزنى بەلگىلەيدۇ،ئادىتىڭىز مىجەز-خاراكتىرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ،مىجەز-خاراكتىرىڭىز تەقدىرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ.
6. ئېرىشكەنلىرىڭىز بىلەن ھىساپلاشماي توختىماي تەر تۆكىۋېرىڭ،بىر كۈنى پايدىسىنى كۆرىسىز.
7. ئەڭ ئاز ئىسراپخورلۇق بىلەن بۈگۈنىڭىزگە يۈزلىنىڭ.
8. ئىلكىڭىزدە بارىدا قەدىرلەڭ،ئايرىلىپ قالغاندا پۇشايمان قىلماڭ.
9. ھەر ۋاقىت كەينىڭىزدىكى ئىشىكنى يېپىپ مېڭىڭ.(يەنى بۇرۇنقى نەتىجە ۋە سەۋەنلىكلىرىڭىز ئۆتمۈشكە مەنسۇپ،ئۇلارنى ئۇنتۇپ كىتىڭ.)
10. ئۈمىد قانچە چوڭ بولسا،ئۈمىدسىزلىكمۇ شۇنچە چوڭ بۇلىدۇ.
11.ئەڭ كۆپ ئارزۇ-ئۈمىدلەر بىلەن كەلگۈسىڭىزگە يۈزلىنىڭ.
12. تىرىشىپ ئۆگىنىڭ بىلىملىك بولىسىز.تەنقىتتىن قۇرقماڭ، غەيرەتلىك بولىسىز.ئويلاپ سۆزلەڭ،ئىناۋەتلىك بولىسىز.بىرسىنى تاللاڭ،خاتىرجەم بولىسىز.
13. دوستىڭىزنى توغرا تاللاڭ،بىر ئۆمۈر خوشال ئۆتىسىز.جۆرىڭىزنى توغرا تاللاڭ،بىر ئۆمۈر بەخىتلىك ئۆتىسىز.كەسپىڭىزنى توغرا تاللاڭ،بىر ئۆمۈر مۇۋەپپەقىيەت ئىچىدە ئۆتىسىز.
14. نۇر چېچىش پەقەت قۇياشقىلا خاس ئەمەس،سىزمۇ نۇر چاچالايسىز.
15. ئەخمەقلەر تېنى ئارقىلىق روھىنى باشقۇرىدۇ،دانالار روھى ئارقىلىق تېنىنى باشقۇرىدۇ.
16. ئالتۇن ھامان پارقىرايدۇ.
17. خۇشھاللىق بىر خىل پوزېتسىيە،بىر كىشى خوشال يۈرۈشنى چىن دىلىدىن نىيەت قىلسىلا چوقۇم خۇشھال يۈرەلەيدۇ.
18. خۇشھال ئۈتۈشنىڭ سىرى:ئۆزىڭىزنىڭ سەۋەنلىگى ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى جازالىماڭ.باشقىلارنىڭ سەۋەنلىگى ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى جازالىماڭ.ئۆزىڭىزنىڭ سەۋەنلىگى ئۈچۈن باشقىلارنى جازالىماڭ.
19. بىزنىڭ نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىكلىرىمىزنىڭ مەنبەسى:ئۆزىمىزنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇشتىن يەنى سېلىشتۇرغاندا ئۆزىمىز ئىگە بولالمىغان نەرسىگىلا ئېسىلىۋېلىپ،ئېرىشكەنلىرىمىزگە سەل قارىغانلىقىمىزدىن كىلىدۇ.
20. ئۇنچىۋالا قايغۇرۇپ كەتمەڭ،ھاياتىڭىزدا مەلۇم نەرسىلەرنى يوقىتىپ قويۇش-بەلكىم ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشتۇر.ئېزىپ قېلىش-بەلكىم يېڭى يول ئىزلەشتۇر.
21. ئاچچىقلىنىش-باشقىلارنىڭ خاتالىقى ئۈچۈن ئۆزىنى جازالاشتۇر.
22. بەخىتكە ئېرىشىشنىڭ چارىسى-ئىلكىدە بارىنى قەدەرلەش،ئىلكىدە بولمىغانلارنى ئۇنتۇپ كىتىش.
23. سىز مۇھەببەت ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا ئېرىشەلەيسىز،شۇنداقلا ئۆچمەنلىك ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيادىن ئايرىىلىپ قالىسىز.
24. ئاچكۆزلۈك-ئەڭ ھەقىقى نامراتلىق.قانائەت بولسا ئەڭ ھەقىقى بايلىق.
25. ئەتىكى ئۈمىد بىزگە بۈگۈنكى ئازاپنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ.
26. خۇشھاللىقتىن باشقىلار بىلەن تەڭ بەھرىلەنگەندىلا تېخىمۇ خۇشال بولغىلى بۇلىدۇ.
27. خۇشھاللىق ئېرىشكەنلىرىڭىزنىڭ كۆپلىكىدىن ئەمەس،بەلكى ھېساپلاشقانلىرىڭىزنىڭ ئازلىقىدىندۇر.
28. ئادەمنىڭ ھەقىقى قىممىتى ئېزىقتۇرۇشقا ئۇچرىغان ئاشۇ قىسقىغىنە مىنۇتلاردا بەلگىلىنىدۇ.
29. بېشىڭغا ھەر بالا كەلسە ئۆزەڭنىڭ خۇي-پەيلىدىن كۆر.
30. مەيلى قايسى ۋاقىتتا باشلاڭ،ئەڭ مۇھىمى باشلىغاندىن كىيىن توختاتماي داۋاملاشتۇرۇڭ.
31. مەيلى قايسى ۋاقىتتا ئاخىرلاشتۇرۇڭ،ئەڭ مۇھىمى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كىيىن پۇشايمان قىلماڭ.
32. ئادەم ئەگەر قورقۇنچاق بولسا ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى بولىدۇ.ئادەم ئەگەر باتۇر بولسا ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى دوستى بولالايدۇ.
33. ئەڭ زور ئۈمىد ۋە بارلىق كۈچىڭىز بىلەن تىرىشىڭ،ئەمما ئەڭ يامان ئاقىۋەتكىمۇ تەييارلىق قىلىپ قۇيۇڭ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
34. ھورۇنلىق،ئىرادىسىزلىك ۋە بىكارچىلىق ئەقىلىنى داتلاشتۇرىدۇ.
35. ھەربىر ئىشنى ئوخشىمىغان تەرەپلەردىن كۈزىتىش ۋە تەھلىل قىلىش شۇنداقلا ھەر ۋاقىت ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ئورنىدا قويۇپ ئويلىنىپ بېقىش كېرەك.
36. ئۈمۈدلۈك ئادەم ئازاپنى خۇشاللىققا،«دوۋزاق»نى «جەننەت»كە ئايلاندۇرالايدۇ.
37. بارلىق غەلبىلەر ئۆزىنى بويسۇندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ غەلبىنىڭ ئالدىدا ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ.بارلىق مەغلۇبىيەتلەر ئۆزىنى يوقىتىپ قۇيۇشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ مەغلۇبىيەتنىڭ ئالدىدا ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ.
38. خۇدا كىشلەرنىڭ ئەخمەقلىقىدىن ئەسلا ئاغرىنمايدۇ،ئەمما كىشىلەر دائىم خۇدانىڭ تەڭسىزلىگىدىن ئاغرىنىدۇ.
39. دۇنيادا ئادەمنى ئەڭ ھارغۇزىدىغىنى كۈنلەرنى بىكارچىقتا مەنىسىز ئۆتكۈزۈشتۇر.
40. ھاياتىڭىزدىكى بىرىنچى ياشلىقنى خۇدا ئاتا قىلىدۇ،ئىككىنچى ياشلىقنى ئۆزىڭىزنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق قولغا كەلتۈرىسىز.
41. ئوي-پىكىر ئۈشكىگە ئوخشايدۇ،كۈچنى مەلۇم نوقتىغا مەركەزلەشتۈرگەندىلا ئاندىن تېشىپ ئۆتكىلى بولىدۇ.
42. ئادەم ئۆزىنىڭ نىشانىنى يوقىتىپ قويمىسىلا ئۆزىنى يوقىتىپ قويمايدۇ.
43. ئەگەر تاڭنى مەدھىيلىگەن بولسىڭىز،ئۇنداقتا قاراڭغۇ كېچىنىمۇ قۇچاقلاپ قويۇڭ.
44. ھاياتلىقى مۇھىمى تۇرغان ئۇرنىڭىز ئەمەس،يۈزلەنگەن نىشانىڭىز.
45. ئۇچالايدىغان ۋاقتىڭىزدا ئۇچۇشتىن ۋاز كەچمەڭ،سۆيەلەيدىغان ۋاقتىڭىزدا سۆيگىدىن ۋاز كەچمەڭ. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
46. ھاياتلىق بەك قىسقا،بۈگۈن ۋاز كەچكەنلىرىڭىزگە ئەتە ئېرىشەلىشىڭىز ناتايىن.
47. تالانت بىر پىرسەنت ئىلھام بىلەن99پىرسەنت تىرىشچانلىقنىڭ يىغىندىسىدۇر.
48. بىز ئادەملەر بەك ئەخمەق،دائىم ئېرىشكەنلىرىمىزنى قەدىرلىمەي ئەكىسچە ئېرىشەلمىگەنلىرىمىز ئۈچۈن ھەسرەت چېكىپ يۈرىمىز.
49. ئاۋال ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز كۆزگە ئىلغاندىلا،باشقىلار ئاندىن سىزنى كۆزگە ئىلىدۇ.
50. ئۈمىدلىكلەر ئاپەت ئىچىدىكى پۇرسەتنى كۆرەلەيدۇ،ئۈمىدسىزلەر پۇرسەت ئىچىدىكى ئاپەتنى كۆرىدۇ.
51. باتۇرلۇق قورقۇنچنىڭ يوقلىقىدىن دىرەك بەرمەيدۇ،بەلكى قورقۇنچقا توغرا مۇئامىلە قىلالىغانلىق ۋە قورقۇنچنى يېڭەلىگەنلىكتىن دېرەك بىرىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
52. خاتالىقىنى تۇنۇغانلىق-خاتالىقنى يېرىم تۈزەتكەنلىك.
53. ياشلىق ئەگەر گۆرۆگە قويۇلىدىكەن،مەڭگۈ قايتۇرۇۋالالمايسىز.
54. بارلىق ئالداشلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئېغىرى-ئۆزىنى ئالداش.
بارلىق خاتالىقلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئېغىرى-توختىماستىن ئۆزىنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزىشىدىن ئەنسىرەش.
55. تەجىربە بولسا ئازاپلىق كەچۈرمۈشلەردىن كىلىدۇ.
56. بىر بالاسى بولمىسا تاشتا قۇيرۇق نە قىلۇر؟
بەدەلسىز ھۇسۇل نەدە بولسۇن؟
57. غايىنىڭ يولى ئىشەنچكە تولغانلارغا تەييارلاقلىق.
مەغلۇپ بۇلۇشتىن قۇرقۇپ قول سېلىپ ئىشلەپ كۆرمىسىڭىز مەڭگۈ غەلبە قازىنالمايسىز.
58. ئىشلەش ياكى ئىشلىمەسلىكنى تاللاش سىزنىڭ ئىختىيارىڭىزدا،ئەمما قول سېلىپ ئىشلەپ كۆرمىسىڭىز مەڭگۈ پۇرسەتكە ئىگە بولالمايسىز.
59. ئەگەر كەم-كۈتىسىز دوست ئىزدىسىڭىز مەڭگۈ دوست تاپالمايسىز.
60. ئۆزىڭىزنى ھېچنىمىدىن خەۋەرسىز چاغلاپ بىلمىگەنلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنى خىجىل بولماي سوراپ بىلىۋېلىڭ،شۇندىلا تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالالايسىز.
61. باشقىلارنى تۈزىتىشتىن ئىلگىرى ئۆزىڭىزدە خاتالىق بارمۇ-يوق؟تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ.
62. ئۆزىڭىز قىلىشقا مۇۋاپىق بولغان ئىشلارنى قىلىپ ئۆز رولىڭىزنى ياخشى ئېلىڭ،ئەڭ ياخشى ئۆزىڭىز بۇلۇڭ.
63. تۇرمۇشتىكى بىئاراملىق ۋە ئۈمىدسىزلىكنى يېڭىش ئۈچۈن،ئاۋال ئۆزىڭىزنىڭ خوجايىنى بۇلۇشنى ئۈگىنىۋېلىڭ.
64. يەككە يىگانىلىق ۋە ئەلنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ قېلىش ئەڭ قورقۇنچلۇق نامراتلىقتۇر.
65. بارلىق ئۇلۇغ ھەركەت ۋە ئىدىيەلەرنىڭ بىرەر ئەرزىمەس باشلىنىشى بولىدۇ.
66. ھەر قانداق نەرسىنى ئۆگەنگەندە،جاپالىق بولسىمۇ تەرتىپ بويىچە باشتىن ئالدىرىماي،ئاساسنى پۇختا سېلىپ ئۆگىنىڭ،ئالدىراقسانلىق قىلىپ ئاسانلا ئۆزىڭىزنى كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماڭ.
67. ئىلگىرى ئېرىشكەنلىرىڭىزنى ئۇنۇتماڭ.
ھازىر ئىلكىڭىزدە بولغانلىرىنى قەدىرلەڭ.
ئۆزىڭىزگە تەۋە بولغانلىرىدىن ۋاز كەچمەڭ.
ئېرىشمەكچى بولغانلىرىڭىز ئۈچۈن بار كۈچىڭىز بىلەن تىرىشىڭ.
قولدىن بىرىپ قويغانلىرىڭىزنى ئەسلىمە ئورنىدا كۆرۈڭ.
68. پۇرسەت تەييارلىقى بارلارغا مەنسۇپ.
69. ھېسيات ئەقىلنى ئەمەس،ئەقىل ھىسياتنى باشقۇرۇشى كېرەك. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
70. مۇۋەپپەقىيەتنىڭ سىرى:سىز ئەڭ قىزىقىدىغان،سىز قىلىشنى ئەڭ خالايدىغان ئىش-سىزنىڭ خىزمىتىڭىز بولىشى كېرەك.شۇندىلا سىز خىزمەتتىن ھەر ۋاقىت خۇشاللىق تېپىپ،خىزمەت ۋاقتىدا ئۆزىڭىزنى بەختىيار ھىس قىلىسىز-دە،خىزمەت ئۆنىمىڭىز تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.
71. بىز خۇدا ئەمەس،پۈتكۈل دۇنيانى ئۆزگەرتەلمەيمىز.ئەمما ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۈد بولغانلىقىدىن بۇدۇنيانى تېخىمۇ رەڭدارلىققا ئىگە قىلالايمىز.
72. بەرىبىر قىلغاندىن كىيىن چوقۇم ياخشى قىلىش كېرەك.
73. ئوقۇش،خىزمەت،نىكاھ،ئائىلە ھاياتنىڭ تۆت چوڭ مەزمۇنى،ھەممىسىگە تەڭ ئىتتىبار بىرىش كېرەك.قايسى بىرسىگىلا كۈچەپ،قالغانلىرىنى تاشلاپ قويۇشقا بولمايدۇ. copyright by www.iz.la
74. ئەگەر بىز ھاياتىمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نوقتىسىدا تۇرۇپ،كەينىمىزگە قارايدىغان بولساق،بىزنىڭ ئورۇق-تۇغقان،دوست-بۇرادەرلەر بىلەن بىرگە بولغان ۋاقتىمىزنىڭ ئىنتايىن چەكلىك ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.بۇنى بىلىپ تۇرۇپ بىز يەنە ئۆز-ئارا ئازارلىشامدۇق؟
75. مەسلىك-نەسلىك ،ئاقىۋىتى- پەسلىك!
76. دۇنيادا گۈزەللىك كەم ئەمەس،كەم بولغىنى گۈزەللىكنى بايقايدىغان بىر جۈپ نۇرلۇق كۆز.
77. باشقىلار مىنى ھۆرمەتلىسۇن دىسىڭىز،ئالدى بىلەن ئۆزىڭىز باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە لايىق ئادەم بولۇڭ.
78. بىر بالا ئەگەر تەنقىت ئىچىدە ياشىسا،ئۇنداقتا ئۇ ئەيىپلەشنى ئۆگىنىۋالىدۇ.
79. بىر بالا ئەگەر دۈشمەنلىك ئىچىدە ياشىسا،ئۇنداقتا ئۇ كۆرەش قىلىشنى ئۆگىنىۋالىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
80. بىر بالا ئەگەر ۋەھىمە ئىچىدە ياشىسا،ئۇنداقتا ئۇ غەم-قايغۇنى ئۆگىنىۋالىدۇ.
81. بىر بالا ئەگەر ئىچ ئاغرىتىش ئىچىدە ياشىسا،ئۇنداقتا ئۇ ئۆزىنى ئەيىپلەشنى ئۆگىنىۋالىدۇ.
82. بىر بالا ئەگەر مەسخىرە ئىچىدە ياشىسا،ئۇنداقتا ئۇ يۈرەكسىزلىكنى ئۆگىنىۋالىدۇ.
83. بىر بالا ئەگەر ھەسەتخورلۇق ئىچىدە ياشىسا،ئۇنداقتا ئۇ قىزغانچۇقلۇقنى ئۆگىنىۋالىدۇ.
84. بىر بالا ئەگەر ھاقارەت ئىچىدە ياشىسا،ئۇنداقتا ئۇ جىنايەت تۇيغۇسىنى ئۆگىنىۋالىدۇ.
85. بىر بالا ئەگەر رىغبەتلەندۇرۇش ئىچىدە ياشىسا،ئۇنداقتا ئۇ ئىشەنچنى ئۆگىنىۋالىدۇ.
86. بىر بالا ئەگەر سەۋرى-تاقەت ئىچىدە ياشىسا،ئۇنداقتا ئۇ سەۋرىچانلىقنى ئۆگىنىۋالىدۇ. ئىز تورى www.iz.la
87. بىر بالا ئەگەر تەقدىرلەش ئىچىدە ياشىسا،ئۇنداقتا ئۇ مىننەتدارلىقنى ئۆگىنىۋالىدۇ.
88. بىر بالا ئەگەر رازىمەنلىك ئىچىدە ياشىسا،ئۇنداقتا ئۇ ئۆز-ئۈزىنى قەدىرلەشنى ئۆگىنىۋالىدۇ.
89. بىر بالا ئەگەر تەڭ بەھرىمەن بولۇش ئىچىدە ياشىسا،ئۇنداقتا ئۇ مەردانىلىقنى ئۆگىنىۋالىدۇ.
سىزنىڭ بالىڭىز قانداق شارائىتتا ياشاۋاتىدۇ؟
(78-دىن 89-جۈملىگىچە «ئۆگىنىش ئىنقلابى» دىگەن كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدىن ئېلىندى.)
90. قارىغۇنى كۆزدىن ئايرىغان خۇدا ھاسىدىن ئايرىماپتۇ.خۇدا ئىشىكنى تاقاپ قويغان بىلەن تۈكلۈكنى ئېچىپ قويىدۇ،ۋاقتى كەلگەندە ھامان ئامال تېپىلىدۇ.
91. تىرىشچانلىق كۆرسەتتىڭىز،ئەمما چوقۇم غەلبە قازىنالىشىڭىز ناتايىن،بىراق ئەگەر ۋاز كەچسىڭىز چوقۇم مەغلۇپ بولىسىز.
92. نىكاھ بىر جۈپ ئۈتۈك. پۇتنى قىستىغان ياكى قىستىمىغانلىقىنى پەقەت كىيگەن ئادەمنىڭ پۇتى بىلىدۇ.
93. نىكاھ-ئائىلە تۇرمۇشىدا،ھەر ۋاقىت قارشى تەرەپنى ئۆزگەرتىشكە ئورۇنغاندىن كەڭ قورساقلىق بىلەن ئۆزىنى ئۆزگەرتىپ قارشى تەرەپكە ماسلىشىش ئەڭ ئاقىلانىلىقتۇر.
94. ھەممە ئىشنى ياخشى تەرەپكە تارتىپ ئويلاڭ، ئىش بەلكىم سىز ئويلىغاندەك ئۇنداق ئوسال بولماسلىقى مۇمكىن .
95. سىزنىڭ توغرا بولغاندىن كىيىن ئاچچىقلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق،سىزنىڭ خاتا بولغان ئەھۋال ئاستىدا ئاچچىقلىنىشقا تېخىمۇ ھەققىڭىز يوق. ئۇنداقتا يەنە نىمىشقا ئاچچىقىڭىزنى بېسىۋالالمايسىز؟ ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
96. باشقىلارغا كەڭ قورساقلىق قىلغانلىق ئەمىليەتتە ئۆزىنى ئاسرىغانلىق.
97. تاللاش خۇشاللىق ئىش،چۈنكى تاللاش ئارقىلىق سىز ئۆزىڭىزگە ئەڭ ماس كېلىدىغىنىغا ئېرىشەلەيسىز،شۇنداقلا تاللاش يەنە ئازاپلىق ئىش،چۇنكى تاللاش جەريانىدا ئۆزىڭىز تاللىغانلىرىدىن باشقىلىرىدىن ۋاز كېچىشكە توغرا كېلىدۇ.
98. ئامال بار ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەننى تاللاڭ،شۇنداقلا تاللاپ بولغان ئىكەنسىز،چۇقۇم ئۆزىڭىز تاللىغىنىڭىزنى ياخشى كۆرۈڭ.
99. بىز ئۆزىمىز تۇرغان مۇھىتنى ئۆزگەرتەلمەسلىكىمىز مۇمكىن،ئەمما بىز ئۆزىمىزنىڭ ئاشۇ ناچار مۇھىتقا بولغان قارىشىمىزنى ئۆزگەرتەلەيمىز.
100. ئەڭ ئاز پۇشايمان بىلەن ئۆتمۈشىڭىزگە يۈزلىنىڭ. www.iz.la
-------
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مەنبە:<<ئەلكۈيى تورى>> مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق