مارتىيانوۋ (سوۋېت ئىتتىپاقى) ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
كەچ سائەت ئون بىردىن ئاشقان ۋاقىت ئىدى. خالتا كوچىدا بىرمۇ ئادەم يوق، پەقەت زۇلمەت قاراڭغۇلۇقلا ھۆكۈم سۈرەتتى. يىراقتىن ئۈچ ئادەمنىڭ قارىسى كۆرۈندى. - لۈكچەكلەر بولسا كېرەك، بىز كوچىنىڭ ئاۋۇ تەرىپىگە ئۆتۈپ كېتەيلى، - رىنا شۇنداق دەپ شىۋىرلىغاندىن كېيىن، ماڭا تېخىمۇ يېپىشتى. - ھېچگەپ يوق، قورقماڭ، سىز يالغۇز ئەمەس! - دېدىم مەن جاۋابەن. بىز ئۈچ ئادەمنىڭ يېنىغا كەلگەندە ئۇلاردىن بىرى رىناغا سوقۇلۇپ ئۆتۈپ كەتتى. مەن دەررۇلا توختىدىم - دە، ئۇنىڭغا ۋارقىرىدىم: - ھۇ خۇمپەر، ئۇنىڭدىن ئەپۇ سورىماي باقە قېنى! ھېلىقى ئادەم ھودۇقۇپ كەتتى، ئەمما بىردىنلا كەينىگە بۇرۇلۇپ ھەمراھلىرىغا ئېغىز ئاچتى: - ئاغىنىلەر، ماۋۇ گەدەنكەش بىزنى ئەپۇ سوراڭلار دەۋاتىدىغۇ؟ شۇ گەپتىن كېيىن ئۈچ يىگىت قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىشتى. - ماقۇلە، مەن ھازىرلا ئەپۇ سوراي! - بىر يىگىت شۇ گەپ بىلەن تەڭ ماڭا ھۈرپىيىپ كېلىشكە باشلىدى. رىنا ئۇلارنىڭ ئەلپازىنى كۆرۈپ چىقىراپ كەتتى. ھېلىقى يىگىت ماڭا قارىتىپ بىر مۇشت ئاتتى، مەن ئۆزەمنى چەتكە ئېلىپ، ئۇنىڭ زاڭىقىغا كەلتۈرۈپ بىرنى سالدىم. ئۇ تىك موللاق چۈشتى. قالغان ئىككىسىنىڭ بىرى ئېتىلىپ كېلىپ، ئۆز ھەمراسىنى قۇتۇلدۇرماقچى بولدى، ئۇنىمۇ تىك چۈشۈردۈم. ئۈچىنچى ئادەمنىڭ قولىدا قانداقتۇ بىر نەرسە يالت قىلىپ پارقىراپ كەتتى. - پىچاق! - دەپ چىرقىرىۋەتتى رىنا ۋە قولى بىلەن يۈزىنى ئېتىۋالدى. مەن لۈكچەكنىڭ قولىدىكى فىنلاندىيە پىچىقىنى بوكسۇرچىلاردەك چەبدەسلىك بىلەن ئۇرۇپ چۈشۈردۈم ھەمدە ئىڭىكىگە بىر مۇشت قويۇپلا ئۇنى ئورنىدىن قوپالماس قىلىپ قويدۇم. - قانداق، ساقچى چاقىرايمۇ ياكى دوختۇر ماشىنىسى؟ - دېدىم مەن مەغلۇپ بولغان رەقىپلىرىگە قاراپ. ئۇ ئۈچىسى مۇشت زەربىسىدىن ئىڭراپ ياتاتتى. - بوپتۇ، بۇ قېتىم سىلەرنى ئاياپ قوياي، يوقىلىڭلار، ئەمما بۇندىن كېيىن ھۇشۇڭلار بىلەن يۈرۈڭلار! - دېدىم مەن كەڭ قورساقلىق بىلەن ھەمدە رىنانى يېڭىۋاشتىن قولتۇقلاپ يولۇمغا ماڭدىم. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
غوپۇر قادىر تەرجىمىسى
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!