بالىلىق ئەسلىمىللىرىمدىن خاتىرە

ۋاقتى:2010-04-27 09:29مەنبە: يوللىغۇچى: ئايچېھرى چېكىلىشى:قىتىم
  

                                                                               { بالىلىق ئەسلىمىللىرىمدىن خاتىرە}      


ھەدەمنىڭ 3 ياشقا كىرگەن ئوماق قىزى مەھلىياغا قاراپ بەكمۇ مەسلىگىم كەلدى ھەم كۆڭلۈمدە:"ئادەمنىڭ بالىلىق دەۋرى نىمە دىگەن ئەركىن،نىمە دىگەن غەمسىز ھە؟"دەپ ئويلاپ قالدىم.
مومام ئۇنى ئۇخلاتقاندا ئېيتىپ بىرىدىغان ئەللەي ناخشىسىنى،ئۇ تاتلىق چۈچۈك تىللىرى بىلەن:"ئۇخيا بايام،ئۇخيا بايام،ئەلەي ئەلەي،پوققا ئىتىدىغان پوققوڭ بايام،ئۇخيا ئەلەي ئەلەي..."دەپ دوراپ ئېيتىپ،قونچاقلىرىنى كىچىك بۈشۈكىدە تەۋرىتىۋاتاتتى. ئۇنىڭغا قاراپ ھەممىمىزنىڭ ئىچى شۇنداق كۈيۈپ كەتتى.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


مومام بېشىمنى مىھرىبانلىق بىلەن سىيلاپ تۇرۇپ:"سەنمۇ بىر چاغلاردا شۇنچىلىك كىچىك ئىدىڭ،كىچىكىڭدە بەكمۇ كەپسىز ئىدىڭ،مانا بىردەمدە چوپچوڭلا قىز بۇلۇپ،خىزمەتكىمۇ چىقتىڭ.ۋاقىت نىمە دىگەن تېز ئۆتكەن ھە، بىزمۇ قېرىپ بىر يەرگە باردۇق."دىدى.
خىياللىرىم قانات چىقىرىپ،مىنىڭ شۇ گۈزەل بالىلىق دەۋرىمگە قاراپ ئۇچۇپ كەتتى.
كىچىكىمدە،دادام-ئاپاملارنىڭ خىزمىتى بەك ئالدىراش بولغاچقا،ماڭا بالا باققۇچى قارايدىكەنتۇق،لىكىن مەن بالا باققۇچىنىڭ بېقىشىغا كۆنمەي،ئۇلارنى مەجبۇر كەتكۈزۋىتىدىكەنمەن.باغچىدىمۇ مۇئەللىمنىڭ گىپىنى ئاڭلىماي،تەنەپپۇس ئارلىقىدا نەچچە قېتىم ئۆيگە قېچىپ كىتىپ،چوڭلارنى ئىزدىتىپ،بەكلا ئەنسىرتىۋەتكەنلىگىم ئۈچۈن،دادام-ئاپام مىنى ئامال يوقلا سەھرادىكى بوۋام-موماملارنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ بىرىپتۇ.مەندىن باشقا نەۋرە بالىلار سەھراغا كەلسىلا نەچچە كۈنگە قالماي"شەھەردىكى ئۆيۈمگە"كىتىمەن دەپ يىغلاپ غەلۋە قىلىدىكەن.ئەمما مەنلا ئۇنداق ئەمەس.مىنىڭ شۇ ئەركىن،غەمسىز بالىلىق دەۋرىم ئاسمىنى كەڭرى،ھاۋاسى ساپ،مەنزىرسى گۈزەل،ئادەملىرى ئاقكۆڭۈل،ساددا  بۇ جەننەت كەبى ماكاندا ئۆتتى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بوۋام بولسا شۇنداق خۇشچاقچاق،يۇمۇرلۇق خىزىر سۈپەت ئىسىل ئادەم ئىدى،مومام بولسا تولىمۇ مىھرىبان،پەرىشتە سۈپەت ئايال ئىدى.مەھەللىدىكى چوڭ-كىچىك ھەممەيلەن بوۋام-موماملارنى بەك ھۆرمەتلەيتتى.مەھەللىدىكى غېرىپ-غۇرۋالارغا ياردەم قىلاتتى،ئاجىزلارنى يۆلەيتتى.
مەن سەھرانىڭ باللىرىغا تولىمۇ ھەۋەس قىلاتتىم،ئۇلار شەھەر باللىرىغا ئوخشاش ئىسىل تائام،ئىسىل يىمەكلىكلەرنى يىيەلمىسىمۇ،چىرايلىق كىيىم-كىچەكلەرنى كىيەلمىسىمۇ،باغچىلاردا ئوينىيالمىسىمۇ،ماشىنا-قونچاقلىرى بولمىسمۇ،لىكىن ئۇلار شۇنچىلىك خوشال ياشايدۇ.ئۇلارنىڭ تىنى بەكمۇ تىمەن-ساغلام،ئاسان ئاغرىپ قالمايدۇ،قاتتىق نان،زاغرا بولسىمۇ شۈكرى دەيدۇ،ئۇلار شۇنچىلىك قانائەتچان،بىزدەك ھەممە نەرسىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋىلىشتەك شەخسىيەتچىل ئىدىيە يوق.ئۇلار تەبىئەتتىكى بارلىق جانلىقلار،گۈل-گىياھ،ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ھەممىسى بىلەن تۇنىشىدۇ.قوي،كالا،ئىت،خوراز،قۇرۇت-قوڭغۇز،ئۆمۈچۈك دىگەنلەر ئۇلارنىڭ ئەڭ يېقىن دوسلىرى.ئۇلار شۇنداق ،مۇستەققىل چوڭ بولىدۇ،كىچىك تۇرۇپلا ئاتا-ئانىسىغا ياردەملىشىپ ئۆينىڭ ئىشلىرىنى،ئېتىز-ئېرىقنىڭ ئىشلىرىنى قىلىدۇ. www.iz.la
ئۇنىڭ ئەكسىچە،بىز شەھەرلىك بالىلار بولساق،مايسىلارنى،زىرائەتلەرنى تۇنمايمىز.قوي،كالا،ئىت،خوراز،قۇرۇت-قوڭغۇز،ئۆمۈچۈك دىگەنلەرگە يېقىن يولاش تۈگۈل،ئەركىلىكنىڭ دەستىدىن،ھەتتا كۆز بىلەن ئارانلا كۆرگىلى بولىدىغان كۈمۈتتىنمۇ قورقاشقا ئاران تۇرىمىز.تاماق تاللايمىز،دۇكاننىڭ سۈپەتكە توشمايدىغان ئۇششاق-چۈششەك ئەخلەت يىمەكلىكلەرنى يەيمىز،پارنىكنىڭ كۆكتاتلىرىنى يەيمىز،شۇڭا كېسەلگە قارشى ئىمۇنى كۈچىمىز بەكلا ئاجىز بولغاچقا،ئاسانلا ئاغرىپ قالىمىز.چىدىماس كىلىمىز،كىچىكىمىزدىنلا ئاتا-ئانىمىزغىلا تايىنىۋالىمىز،ئۇلار بولمىسا مۇستەققىل ياشىشىمىز بەكمۇ قىيىن بىر ئىش.
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

مەن باشتا سەھراغا بارغاندا،سەھرا باللىرى مەندىن ئەيمەندىمۇ بىلمىدىم،ماڭا بىر خىل تارتىنىش نەزىرى بىلەن قاراپلا قالدى.ئەتىسى مەن چىرايلىق كۆڭلەكلىرىمنى سېلىپ،ئاددى ئىشتان-مايكىلارنى كىيدىم.ئۇلار ماڭا خىجىل بۇلۇپ گەپ قىلمىسا،مەن شوخ بولغاچقا ئۆزەم بېرىپ گەپ قىلدىم،ئەكەلگەن كەمپۈت-شاكىلاتلىرىمنى ئۇلارغا بەردىم.ئۇلار بەك خوشال بۇلۇپ كەتتى.شۇنداق قىلىپ ھەممىسى بىلەن يېقىن دوس بۇلۇپ ئويناپ كەتتىم.
بوۋام-موماملارنىڭ ھويلىسى ياز كۈنلىرى شۇنچىلىك چىرايلىق،شۇنچىلىك ئازادە ئىدىكى،ئەتتىرگۈل،رەيھانگۈل،تاجىگۈل...قاتارلىق ھەرخىل گۈللەرنىڭ خۇشپۇراقلىرى دىماققا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى.ئۈزۈم باراڭلىرىنىڭ ئاستىدا كارىۋات قۇيىقلىق ئىدى.باراڭنىڭ سايىسى چۈشۈپ،ئىنتايىن سۆرۈن بۇلۇپ كىتەتتى.ئارقىدىكى باغدا بوۋام ئۆستۈرگەن ئۆرۈك،جىنەستە،ئالما،ئەينۇلا...قاتارلىق مىۋە دەرەخلىرى مەي باغلاپ پىشاتتى.،مومام تېرىغان سەي-كۆكتاتلار شۇنداق ئوخشايتتى.دەرەختىن ئۆز قولى بىلەن ئۈزۈپ يىگەن مىۋەباشقىچە تاتلىق بولىدىكەن.قوناقلارنى كۈمەچ قىلىپ ئوچاققا قاقلاپ يىسىغۇ تېخىمۇ تاتلىق.شەھەردە نەدىمۇ بۇنداق بەخىت بولسۇن؟ھەممە نەرسە سۈنئىي.
ئىز تورى www.iz.la

بۇرۇن ئۆيدە ھەرخىل پىچىنە-پىرەنىك،مېغىز-كۈشمۈشلەر بىلەنمۇ ناشتا قىلغىلى ئۇنىمايتتىم،ئەمدى بوۋام-مومامنىڭ ئۆيىدە بولسا،مومام ھەركۈنى سەھەردە بامدات نامىرىنى ئوقۇپ بۇلۇپ،پىشانەمگە سۈيۈپ مىنى ئويغاتقاندىن كىيىن،مەن مومام تەييارلاپ قويغان قايماق چاي ھەم قوناق نانلار بىلەن شۇنداق ئىشتىھالىق ناشتا قىلىدىغان بولدۇم.
ناشتا قىلىپ بۇلۇپ، بوۋامغا ئەگىشىپ،قوتاندىكى قوي-كالىلارغا ئوت-چۆپ،ھەلەپ بىرەتتىم.توخۇلارغا دان چېچىپ بىرەتتىم.ئاندىن بوۋام كەتمىنى كۆتۈرۈپ ئېتىزغا ماڭاتتى.مومام ھويلىلارنى سۈپۈرۈپ تازلاپ قالاتتى.مەن بولسام مەھەللىدىكى دوسلىرىم بىلەن ئوينىغىلى چىقىپ كىتەتتىم،بىز كاللىمىز قايغان،پۇتىمىز تايغان ھەممە يەرگە بېرىپ ئوينايتۇق.ئۆستەڭدە سۇغا چۈشەتتۇق.قوي باقاتتۇق.ئېتىزلىقتا گاگىر،ئاغچەيلەم،مۈكۈشمەك،8كاتەك،نۇر چۆرۈش،چۆچۆرەم قاينايدۇ،قاغا...قاتارلىق ھەرخىل قىزىقارلىق ئۇيۇنلارنى ئوينايتۇق.بۇ ئۇيۇنلىرىنى مەن شەھەردە ئويناش ئۇياقتا تۇرسۇن،كۆرۈپمۇ،ئاڭلاپمۇ باقمىغان ئىكەنمەن.بىز شۇنداق خوشال-خورام ئويناپ،كۈننىڭ قانداق كەچ بۇلۇپ كەتكىننى بىلمەيلا قالاتتۇق.بوۋام مىنى ئىزدەپ چىققاندىلا،ئاندىن دوسلىرىمدىن كۆزۈم تولىمۇ قىيمىغان ھالدا ئۆيگە كىرىپ كىتەتتىم.ئۆيگە كىرىپ،مومام ئوچاقتا قوناق قىرىپ،كاۋا توغراپ ئەتكەن مىززىلىك سۇيۇقئاشنى تەرلىنىپ،ھۇزۇرلىنىپ ئىچەتتىم،بۇ شەھەردىكى گازلىق ئوچاقتا ئەتكەن ئاشتىن مىڭ ھەسسە تەملىك ئىدى.مومام دائىم مەندىن يېنىمىزدىكى خوشنا-خۇلۇملارغا ئاش،نان،كۆكتات چىقىراتتى،ھەم:"قوينۇڭدىن تۆكۈلسە قونجۇڭغا دەپتىكەن،بىز خەققە بىرنى قىلساق،ئۇلۇغ اللاھ بىزگە مىڭنى بىرىدۇ."دەيتتى.تاماق سىڭدۈرگەچ بوۋام بىلەن ھويلىدا ئولتۇرۇپ يۇلتۇز سانايتىم.ساناقسىز چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزلارنى سانىسام-سانىسام تۈگىمەيتتى،شەھەردە بولسا بۇلغۇنۇپ كەتكەن ئاسماندا ئاران نەچچىلا يۇلتۇز پىلدىرلاپ ئاران چاقنايدۇ.
ياخشىكەن
(17)
94.4%
ناچار
(1)
5.6%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • ئۇنى ئۆلتۈرۋىتەيمىكى،(ئاخىرسى)بوران114

    بىر خىل بۇرۇقتۇرمۇلۇق،سىسق پۇراق،بىز تىخچە يالىڭاچ،مەن نۇمۇس قىلدىم،ئۆزۈمنى دوزاقتا كۆرگەندەك بولدۇم،يۈركىم بەك تىز-تىز سوقاتتى،نەپسىم سىقلدى،ئاخىرى بۇ دەھشەتلىك مەنزىرىدىن كۆزۈمنى يۇمۇۋالدىم،قۇلاقلىرىم غۇڭۇلداپ ،مىشم قاتتىق چىڭقىلىپ ئاغىريتتى،يەنە كۆز ئا...

  • ئۇنى ئۆلتۈرۋىتەيمىكى،،(1)بوران114

    بۇ راسلا مەنكەنمەنغۇ،ساقاللار ئۆسكەن،بىشمدا 80نەچچە تال چاچ،بۇڭ قەيەر،چىراغنى ياقايمۇ ،بولدىلا ھىلمۇ كۈننىڭ نۇرى چۈشۈپتۇ،بىشم قاپاق،كارۋاتتا بىرى ياتاتتى،ئۇ كىم؟بىز بىللە ياتقان ئوخشىمامدۇق،تاماكىغا قول ئۇزاتتىم،ئەمما چەكمىدىم،ئاخشام ئىچكەن،جىقلا ئىچكەن،ن...

  • <<ھېلىقىدەك قىز >>نى سۆيىمەن (پوۋسىت)

    سۆزلەپ بولغىلى بولمايدۇ...

  • مېنىڭ پۇت -قولۇممۇ يوق، غېمىممۇ يوق !!

    ناۋادا بىر كۈنى سىز پۇت -قولىڭىزدىن ئايرىلىپ قالسىڭىز ،قانداق تاماق يەپ ،كىيىم كىيىپ يول يۈرىسىز ؟ سىز ئۇنىڭدەك ھايات كەچۈرەلەمسىز ؟ 27 ياشقا كىرگەن ئاۋۇستىرالىيىلىك نىك ۋۇجىسس ھەر كۈنى مۇنداق بىر رىئاللىققا دۇچ كىلىدۇ : ئۇ تۇغۇلۇشىدىلا پۇت-قولى يوق بولوپ...

  • بالىلىق ئەسلىمىللىرىمدىن خاتىرە

    { بالىلىق ئەسلىمىللىرىمدىن خاتىرە} ھەدەمنىڭ 3 ياشقا كىرگەن ئوماق قىزى مەھلىياغا قاراپ بەكمۇ مەسلىگىم كەلدى ھەم كۆڭلۈمدە:ئادەمنىڭ بالىلىق دەۋرى نىمە دىگەن ئەركىن،نىمە دىگەن غەمسىز ھە؟دەپ ئويلاپ قالدىم. مومام ئۇنى ئۇخلاتقاندا ئېيتىپ بىرىدىغان ئەللەي ناخشىسى...

  • كىچىك بالىلار يامان بۇلۇپ كىتىپتۇ.

    يېقىندا بىزنىڭ ئۈستىمىزدىكى قەۋەتكە بىر ھەدەش يېڭىدىن كۈچۈپ كەلدى. ئۇ ھەدەش شۇنچىلىك مودا يۈرۈيدىكەنكى،چەتئەللىك ئاياللار بىكار قالسۇن.ئىگىز پاشنىلىق ئايىقىنى قاسىلدىتىپ،سېرىق بۈدرە چاچلىرىنى لەپەڭشىتىپ بىر ماڭىدىغان بولسا، مەھەللىدىكى چوڭ-كىچىك،پىششىق-تو...

  • « ئىككى باشلىق مومىيا »

    بۇ توردىن يىغىۋىلىنغان ئەسەر .......

  • ئائىلە ئەخلاقى توغرىسىدا ھېكمەتلەر

    ئائىلە تۇرمۇشىدىكى خۇشاللىق يامان كەيپىياتنىڭ زەھەرلشىنى قايتۇرىدىغان ئەڭ ياخشى دورا. _روسسو ئىناق ئائىلە ھاۋاسى دۇنيادىكى بىر گۈلگە ئوخشايدۇ. بىرئائىلە كىشلىرىنىڭ مجەز-خاراكېترىنى قەيسەر، ئادىل ۋە تۈز قىلىپ يېتشتۈرۈشتە ئۇنىڭدىن ئىللىق، ئۇنىڭدىن گۈزەل نەر...

  • [تەرجىمە] سېغىنىش مۇھەببەت ئەمەس

    [تەرجىمە] سېغىنىش مۇھەببەت ئەمەس...

  • بۇ دۇنيادا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق !

    بەزى ئىشلارنىڭ ھەقىقەتەن قىيىنلىقىدىن ئىشەنچىمىز يوقالمايدۇ ؛ بەلكى ئىشەنچىمىزنىڭ يوقالغانلىقىدىن بەزى ئىشلار ھەقىقەتەن قىيىن تۇيۇلىدۇ ......