كىچىك بالىلار يامان بۇلۇپ كىتىپتۇ.

ۋاقتى:2010-04-27 09:22مەنبە: يوللىغۇچى: ئايچېھرى چېكىلىشى:قىتىم
  

يېقىندا بىزنىڭ ئۈستىمىزدىكى قەۋەتكە بىر ھەدەش يېڭىدىن كۈچۈپ كەلدى.
ئۇ ھەدەش شۇنچىلىك مودا يۈرۈيدىكەنكى،چەتئەللىك ئاياللار بىكار قالسۇن.ئىگىز پاشنىلىق ئايىقىنى قاسىلدىتىپ،سېرىق بۈدرە چاچلىرىنى لەپەڭشىتىپ بىر ماڭىدىغان بولسا، مەھەللىدىكى چوڭ-كىچىك،پىششىق-توڭ ھەممىسى ئارقىغا بۇرۇلۇپ قاراپلا قالىدۇ.ئۇنىڭ چاچقان ئەتتىرىمۇ شۇنچىلىك كۈچلۈك،پۇرىقى مەھەللىنى بىر ئالىدۇ.
بۇ مىنىڭ ئۇ ھەدەشنى كۆرەلمەي غەيۋىتىنى قىلغىقنىم ئەمەس.بوپتۇ ياش بولغاندىن كىيىن، دەۋىرگە ماسلىشىپ ئۆزى ياسىنىپ يۈرسە مەيلى ئىدىغۇ، لىكىن ئۇ  ئەمدىلا 4 ياشقا كىرگەن، ئاغزىدىن سۇت،قوڭىدىن پوق پۇراپ تۇرۇدىغان كىچىك سەبىي قىزىنىمۇ، يېشىغا ماس كەلمىگەنلا ھالدا چاكىنا ياساپ قويىدىكەن ئەمەسمۇ.ئۇ كىچىك قىزنىڭمۇ چاچلىرى ھەيدىدەك بۇدرە ئىكەن.ئويماقتەك كىچىك ئاغزىغا قىزىل لەۋ سۇرىقى سۈرۈپ، ئاپىسى چاچقان ئەتتىرنى چېچىۋالىدىكەن تېخى.لىكىن بۇ ھەدەشنىڭ مىجەزى ياخشى ئىدى.بىز تېزلا چىقىشىپ قالغان ئىدۇق. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
بىر كۈنى شەنبە دەم ئېلىش كۈنى ئىدى. دادام-ئاپاملار تويغا كەتتى. مەن ئەتتىگەندىلا كارىدور-پەلەمپەيلەرنى تازلىۋىتەي دەپ ئىشىكنى ئەمدىلا ئېچىشىمغا، بەلكىم ئۇ ھەدەشنىڭ بىر يەرگە ماڭغان چېغى بولغاي، قىزىنى بىزنىڭ ئۆيگە قۇيۇپ قويماقچى بۇلۇپ ئېلىپ چۈشۈپتۇ. قوشنا-خۇلۇم ئادەم نىمىمۇ دىيەلەيمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۈگۈن دەم ئالغاندىن كىيىن، "بوپتۇلا بىزنىڭ ئۆيدە تۇرۇپ تۇرسا مەيلى،مەنمۇ يالغۇز بولغاندىن كىيىن" دەپ ئۇ كىچىك قىزنى ئۆيگە ئەكىرىپتىمەن. ئۇ ئۆيگە كىرىپلا":ماڭا يەيدىغان نەرسە بىرە."دىدى.مەن بۇ كىچىك قىزغا پىچىنە-پىرەنىك ئەكىرىپ بەردىم، ئۇ بىر چىشلەپلا يىغلاپ تۇرۇپ:"تاتلىق ئەمەس ئىكەن بۇ نەسەڭ،باشقىنى يەيمەن دۆت"دەيدۇ.ئاچچىقىم كەلسىمۇ چىداپ ماگىزىنغا چىقىپ ئۇنىڭغا يەيدىغان جىق نەرسىلەرنى ئەكىرىپ بەردىم. ئاندىن ئۇنىڭغا قونچاق فىلىمى قۇيۇپ بىرەي دەپ تۇرىشىمغا ئۇ يەنە:"ھەي ماڭا ئۇت يامان دىگەن ناخشىنى قۇيۇپ بە،مەن ناي-ناي ئوينايمەن"دەيدۇ. "توۋا خۇدايىم"دەپلا قالدىم ئىچىمدە:"كىچىك تۇرۇپ تىلى ھەجەپ چوڭلاردەك پۈتۈن ئىكەن دىسە، تېخى مىنى سەنلەپ ئىشقا بۇيرۇشلىرىچۇ ۋاي قانداق قىلاي ماۋۇ سەت شۇمتەككە بالا باققۇچى بولدۇممۇ مەن ئەمدى؟" مەن ئۇنىڭ ئالدىغا كىلىپ:"سىمارە قىز،كىچىك تۇرۇپ ئۆزىڭىزدىن چوڭلارنى سەنلىمەڭ، ئىسمىنى ئاتاپ،ئارقىغا"ئاچا"دەپ قۇشۇپ چاقىرىڭ بولامدۇ؟ تاتلىق قىز بالا"دەپ ئەركىلىتىپ قويدۇم. ئۇ ماڭا سەت ئالىيىپ تۇرۇپ:"سەن مىنىڭ ئاچام ئەمەس دۆت"دىمەسمۇ، بېشىمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
"ئوھۇش،بۇ ماڭقا بىلەن تەڭ بولمايچۇ،ئاپىسى نىمداق ئەدەپسىز تەربىيلىدى بۇ شۇمنى" دەپ ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ كەتتىم. ئەمدى ئولتۇرىشىمغا ئۇ يەنە غەلۋە قىلىپ:"ھەي دۆت ماڭا ناي-ناي ئويناپ بەرمەمسەن؟"دىگىلى تۇردى." توۋا مۇشۇ ماڭقا شۇمتەككە مەن ئۇسۇل ئويناپ بىرىمەنما تېخى؟  زاككىسىدا قېرىپ قاپتۇ بۇ ماڭقا شۇمتەك." ئاچچىقىمدا ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلىماسقا سېلىۋالدىم. ئۇ بىردەم يىغلاپ،ۋارقىراپ-چىرقىراپ ئۆينى بېشىغا كىيىۋەتتى،بېشىم ئاغرىپ،قۇلۇقۇم پاڭ بولاي دىدى. يا ئاللا بۇ شۇمتەكنى ئۆيگە ئەكىرىپ قاراپ بىرەي دىگەنگە غىق-غىق تويغۇزدى دىسە.ئۇھ،  قوشنا-خۇلۇمنىڭ يۈزىنى دىمىگەن بولسام ئىسىت.  ئۇ شۇمتەك قاخشاپ يېتىپ كىرىسلودا ئۇخلاپ قاپتۇ. مەن چۈشلۈك تاماققا تەييارلىق قىلىۋاتسام، دادام قايتىپ كەلدى.ئۇ ئىشىكتىن كىرىشىگىلا ماۋۇ جىن شۇمتەك ئويغۇنۇپ كەتتى. دادام:"ۋوي،مىھراي ھەدىڭىزنىڭ قىزىما بۇ؟" دەپ سورىدى. مەن بولغان ئەھۋاللارنى دادامغا دىدىم. دادام كۈلۈپ كەتتى. ئۇ شۇمتەك دادامنى ئات قىلىپ ئوينىدى تېخى،ئاپامنىڭ لەۋ سۇرىقىنى ئاغزىغا تازا سۈركەپتۇ. مەن ئۇنىڭ تەلەتىگە قاراپ قاقاھلاپ كۈلىۋەتتىم، ئۇ يەنە يىغلاپ:"كۈلمە دۆت كۈلمە"دەپ غەلۋە قىلدى.ئۇ يېشىغا ماس كەلمىگەن ئىشلارنى قىلىپ،يېشىغا ماس كەلمىگەن گەپلەرنى دەيدىكەن دىسە.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ئۇھ،بۇ شۇمنىڭ ئاپىسى كەچ بولغاندا ئارانلا كەلدى. ئۇ بۇ شۇمتەكنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەچ:"ئۇ جاپا سالمىغاندۇ؟"دەپ سورىغان ئىدى، مىنىڭ ئاغزىمغا بىر تالاي گەپ كەلدى يۇ ئىچىمگە يۇتىۋەتتىم ھەم ھىچ ئىش بولمىغاندەك كۈلۈپ تۇرۇپ:"ياقەي،بەك ئوماق،بەكلا گەپ ئاڭلايدىكەن تاتلىق  قىز ئىكەن"دىدىم. ھەدەش بولسا:"راستما؟ باشقىلار ھەرگىز ئۇنداق دىمىگەن ئىدى. "دەيدۇ تېخى .ئىچىمدە:"خۇدايىم مىڭ ساقلىسۇن، بۇندىن كىيىن ھەرگىزمۇ كىرمىسۇن بۇ جىن شۇمتەك"دەپ تىلەپ كەتتى. ھەدەش ئۇ جىن قىزىغا:"ئاچاشقا بەي-بەي دەڭ"دىگەن ئىدى،ئۇ ماڭا سەت قاراپ:"ياق، دىمەيمەن دۆت"دەيدۇ. ئۆزەمنى بېسىۋىلىپ ئارانلا ئۆيگە كىرىۋلدىم.

ئىز تورى بەك ياخشى


ھازىرقى شۇمتەكلەر نەلەردە يۈرۈپ قېرىپ قالغاندۇ؟ چوڭ بولسا قانچە يامان شۇم بولار بۇ جىن؟ كىچىك بالىلارغا چوڭلارنىڭ تەسىرى بەك تېز يۇقىدىكەن دىسە،ھازىرقى دەۋىرنىڭ كىچىك ماڭقىللىرى بەكلا يامان بۇلۇپ كىتىپتۇ.ئاتا-ئانا بولغۇچى شۇڭا بالىنى كىچىكىدىنلا ياخشى تەربىيلىشى بەكلا زۆرۈر ئىكەن.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ئىزاھات؛ مىسرانىم تورىدكى ئەسىرىمنى ئىز تورىدىكى دوسلارنىڭ ھۇزۇرلىنىشى ئۈچۈن يۆتكەپ كەلدىم.

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

مىسرانىم تورىدىكى ئىسمىم{شەھلا} ئەسەر ھوقۇقۇمغا ھۆرمەت قىلىڭ. رەھمەت.

ئىز تورى بەك ياخشى

ياخشىكەن
(74)
92.5%
ناچار
(6)
7.5%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • ئۇنى ئۆلتۈرۋىتەيمىكى،(ئاخىرسى)بوران114

    بىر خىل بۇرۇقتۇرمۇلۇق،سىسق پۇراق،بىز تىخچە يالىڭاچ،مەن نۇمۇس قىلدىم،ئۆزۈمنى دوزاقتا كۆرگەندەك بولدۇم،يۈركىم بەك تىز-تىز سوقاتتى،نەپسىم سىقلدى،ئاخىرى بۇ دەھشەتلىك مەنزىرىدىن كۆزۈمنى يۇمۇۋالدىم،قۇلاقلىرىم غۇڭۇلداپ ،مىشم قاتتىق چىڭقىلىپ ئاغىريتتى،يەنە كۆز ئا...

  • ئۇنى ئۆلتۈرۋىتەيمىكى،،(1)بوران114

    بۇ راسلا مەنكەنمەنغۇ،ساقاللار ئۆسكەن،بىشمدا 80نەچچە تال چاچ،بۇڭ قەيەر،چىراغنى ياقايمۇ ،بولدىلا ھىلمۇ كۈننىڭ نۇرى چۈشۈپتۇ،بىشم قاپاق،كارۋاتتا بىرى ياتاتتى،ئۇ كىم؟بىز بىللە ياتقان ئوخشىمامدۇق،تاماكىغا قول ئۇزاتتىم،ئەمما چەكمىدىم،ئاخشام ئىچكەن،جىقلا ئىچكەن،ن...

  • <<ھېلىقىدەك قىز >>نى سۆيىمەن (پوۋسىت)

    سۆزلەپ بولغىلى بولمايدۇ...

  • مېنىڭ پۇت -قولۇممۇ يوق، غېمىممۇ يوق !!

    ناۋادا بىر كۈنى سىز پۇت -قولىڭىزدىن ئايرىلىپ قالسىڭىز ،قانداق تاماق يەپ ،كىيىم كىيىپ يول يۈرىسىز ؟ سىز ئۇنىڭدەك ھايات كەچۈرەلەمسىز ؟ 27 ياشقا كىرگەن ئاۋۇستىرالىيىلىك نىك ۋۇجىسس ھەر كۈنى مۇنداق بىر رىئاللىققا دۇچ كىلىدۇ : ئۇ تۇغۇلۇشىدىلا پۇت-قولى يوق بولوپ...

  • بالىلىق ئەسلىمىللىرىمدىن خاتىرە

    { بالىلىق ئەسلىمىللىرىمدىن خاتىرە} ھەدەمنىڭ 3 ياشقا كىرگەن ئوماق قىزى مەھلىياغا قاراپ بەكمۇ مەسلىگىم كەلدى ھەم كۆڭلۈمدە:ئادەمنىڭ بالىلىق دەۋرى نىمە دىگەن ئەركىن،نىمە دىگەن غەمسىز ھە؟دەپ ئويلاپ قالدىم. مومام ئۇنى ئۇخلاتقاندا ئېيتىپ بىرىدىغان ئەللەي ناخشىسى...

  • كىچىك بالىلار يامان بۇلۇپ كىتىپتۇ.

    يېقىندا بىزنىڭ ئۈستىمىزدىكى قەۋەتكە بىر ھەدەش يېڭىدىن كۈچۈپ كەلدى. ئۇ ھەدەش شۇنچىلىك مودا يۈرۈيدىكەنكى،چەتئەللىك ئاياللار بىكار قالسۇن.ئىگىز پاشنىلىق ئايىقىنى قاسىلدىتىپ،سېرىق بۈدرە چاچلىرىنى لەپەڭشىتىپ بىر ماڭىدىغان بولسا، مەھەللىدىكى چوڭ-كىچىك،پىششىق-تو...

  • « ئىككى باشلىق مومىيا »

    بۇ توردىن يىغىۋىلىنغان ئەسەر .......

  • ئائىلە ئەخلاقى توغرىسىدا ھېكمەتلەر

    ئائىلە تۇرمۇشىدىكى خۇشاللىق يامان كەيپىياتنىڭ زەھەرلشىنى قايتۇرىدىغان ئەڭ ياخشى دورا. _روسسو ئىناق ئائىلە ھاۋاسى دۇنيادىكى بىر گۈلگە ئوخشايدۇ. بىرئائىلە كىشلىرىنىڭ مجەز-خاراكېترىنى قەيسەر، ئادىل ۋە تۈز قىلىپ يېتشتۈرۈشتە ئۇنىڭدىن ئىللىق، ئۇنىڭدىن گۈزەل نەر...

  • [تەرجىمە] سېغىنىش مۇھەببەت ئەمەس

    [تەرجىمە] سېغىنىش مۇھەببەت ئەمەس...

  • بۇ دۇنيادا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق !

    بەزى ئىشلارنىڭ ھەقىقەتەن قىيىنلىقىدىن ئىشەنچىمىز يوقالمايدۇ ؛ بەلكى ئىشەنچىمىزنىڭ يوقالغانلىقىدىن بەزى ئىشلار ھەقىقەتەن قىيىن تۇيۇلىدۇ ......