مايمۇنچاقنىڭ قۇملۇققا ساياھەت قىلىشى

ۋاقتى:2010-08-21 11:43مەنبە: يوللىغۇچى: ئابلىكىم چېكىلىشى:قىتىم
  

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

بىر كۈنى، ئورمانلىقتىكى بارلىق ھايۋانلار چوڭ دەرەخنىڭ ئاستىغا يىغىلىشىپ >قۇملۇقتا جانلىق بارمۇ - يوق< دېگەن تېمىدا بەس - مۇنازىرە ئېلىپ بېرىپتۇ. مايمۇنچاق >قۇملۇقتا جانلىق بار< دەپتۇ. >جانلىق بار دەمسەن، قېنى ئىسپاتىڭ بولسا كۆرۈپ باقايلى< دەپتۇ شىمپەنزە مايمۇنچاقنى زاڭلىق قىلغان ھالدا. >خەپ مەن ساڭا ھامان ئىسپاتنى كۆرسىتىمەنغۇ< دەپتۇ مايمۇنچاق قەتئى ئىشەنچتە. شۇنداق قىلىپ مايمۇنچاق ئۆز كۆز قارىشىنىڭ توغرىلىقىنى  ئىسپاتلاش ئۈچۈن قۇملۇققا ساياھەتكە بارماقچى بوپتۇ. ساياھەتكە ماڭىدىغان كۈن ئاخىرى  يېتىپ كەپتۇ. مايمۇنچاق قىزىل رەڭلىك ھاۋا شارىغا ئولتۇرۇپتۇ ھەمدە ئورمانلىقتىكى بارلىق ھايۋاناتلار  بىلەن خوشلىشىپ سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ. ئورمانلىقتا قالغان  باشقا ھايۋاناتلار  بولسا مايمۇنچاققا ئاق يول تىلىشىپتۇ. قىزىل رەڭلىك ھاۋا شارى دوستلارنىڭ گۈزەل تىلەكلىرى ئاستىدا بارا - بارا كۆزدىن غايىپ بوپتۇ. ئۈچ كۈن كېچە - كۈندۈز يول يۈرگەندىن كېيىن، مايمۇنچاقنىڭ كۆز ئالدىدا كۆز يەتكۈسىز قۇم بارىخانلىرى كۆرۈنۈپتۇ. قۇملۇقنى كۆرگەن مايمۇنچاق بەكلا ھاياجانلىنىپ كېتىپتۇ ھەمدە قىزىل رەڭلىك ھاۋا شارىنى ناھايىتى تېزلىكتە قۇملۇققا قوندۇرۇپتۇ. مايمۇنچاق ئۆزى يالغۇز قۇملۇقتا يول يۈرۈپتۇ. تۆت ئەتراپتا نە سۇ، نە ئوت - چۆپلەر كۆرۈنمەيتتى. ھەممىلا يەر چەكسىز قۇملۇق ئىكەن.   تۇيۇقسىز مايمۇنچاقنىڭ كۆزلىرى ئويناپ كېتىپتۇ. چۈنكى ئۇ ئۆزىگە قاراپ كېلىۋاتقان ھەم يوغان ھەم ئېگىز بىر تۆگىنى كۆرگەن ئىكەن. >ياخشىمۇ سەن< دەپ ئەھۋال سوراپتۇ مايمۇنچاق تۆگىدىن. >ياخشىمۇسەن< دەپ جاۋاب قىپتۇ تۆگىمۇ. ئۇلار ئۆز ئارا تونۇشقاندىن كېيىن مايمۇنچاق تۆگىدىن: >سەن مۇشۇ قۇملۇقتا تۇرمۇش كەچۈرەمسەن< دەپ سوراپتۇ. >ھەئە< دەپتۇ تۆگە بېشىنى لىڭشىتقاچ. مايمۇن  خۇشاللىقىدىن قىن - قىنىغا پاتماي قاپتۇ. چۈنكى ئۇ >قۇملۇقتا جانلىق بار< دېگەن قاراشقا ئىسپات تاپقان ئىكەن. ئەمما ئۇ يەنە ئۆزى چۈشىنەلمىگەن مەسىلىنى تۆگىدىن سوراپتۇ. >ئەي تۆگە، سەن بۇ سۇمۇ يوق، ئوت - چۆپمۇ يوق بۇ قۇملۇقتا قانداق ھايات كەچۈرىسەن<  دەپتۇ. تۆگە ئۆز - ئۆزىدىن پەخىرلەنگەن ھالدا: >چۈنكى مەن جاپا - مۇشەققەتكە چىدايمەن. ئەلۋەتتە، مەن ئۇزاق مەزگىل قۇملۇقتا ياشىغاچقا، بۇ يەرگە ماسلىشالايدىغان ئىقتىدارنى يېتىلدۈرگەن< دەپتۇ. مايمۇنچاق تۆگە بىلەن خېلى ۋاقىت مۇڭدىشىپتۇ. ئاندىن تۆگە بىلەن خوشلىشىپ داۋاملىق ئالدىغا قاراپ مېڭىپتۇ. چۈنكى ئۇنىڭ قۇملۇقتا تېخىمۇ كۆپ جانلىقلارنىڭ بار ئىكەنلىكى توغرىسىدا، تېخىمۇ كۆپ ئىسپاتقا ئېرىشكىسى بار ئىكەن. تۇيۇقسىز مايمۇنچاقنىڭ كۆز ئالدىدا پۈتكۈل بەدەنلىرى تىكەن باسقان  يېشىل ئۆسۈملۈكلەر  پەيدا بوپتۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئىسمى  پىتەكگۈل ئىكەن،  مايمۇنچاق ناھايىتى تېزلىكتە ئۇنىڭ ئالدىغا كەپتۇ  ھەمدە ئۇنىڭدىن >سەن شۇنچە كىچىك تۇرۇپ،  بۇ بىپايان قۇملۇقتا قانداقمۇ تۇرمۇش كەچۈرىدىغانسەن< دەپ سوراپتۇ. پىتەكگۈل مايمۇنچاققا ئۆزىنىڭ ھاياتلىق سىرىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. شۇندىلا مايمۇنچاق بۇ سىرنىڭ تېگىگە يېتىپتۇ. كېيىن مايمۇنچاق قۇملۇقتىكى دوستلىرى بىلەن خوشلىشىپ ئورمانلىققا قايتىپ كەپتۇ. مايمۇنچاق ئورمانلىققا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ قوملۇقتىكى ئاجايىپ كەچۈرمىشلىرىنى ئورمانلىقتىكى دوستلىرىغا سۆزلەپ بېرىپتۇ ئورمانلىقتىكى ھايۋانلارمۇ قۇملۇقتا يەنە باشقا ھاياتلىقنىڭمۇ بارلىقىدىن ئىبارەت بىلىمگە ئىگە بوپتۇ.      قېنى كىچىك دوست، سىز دەپ بېقىڭ، پىتەكگۈلنىڭ قۇملۇقتا ھايات قالالىشىدىكى سىرى نېمە؟       جاۋاب: پىتەكگۈلنىڭ بەدىنىدىكى تىكەنلەر بولسا ئۇنىڭ يۇپۇرمىقىدىن ئىبارەت. بۇ يوپۇرماقلارنىڭ شەكلى تىكەن شەكلىدە بولغاچقا بىتەكگۈلنىڭ بەدىنىدە  سۇ تەركىبلىرى  ئاسانلىقچە پارغا ئايلىنالمايدۇ. شۇڭا پىتەكگۈل  قۇرغاقچىلىقتىن  قورقمايدۇ.  شۇنداقلا يەنە قۇملۇقتا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ.بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ياخشىكەن
(4)
100%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • دىپلومسىز مۇھەببەت ئابىدە

    دىپلومسىز مۇھەببەت ئابىدە ئۇزۇندىن بىرى ئالدىراشلىقنىڭ دەستىدىن، ھەتتا ئۆيدىكىلەرگىمۇ قاراشقا ۋاقىت چىقىرالمايۋاتاتتىم، ئالدىراشلىقتىن ئاران قۇتۇلۇپ، بىر مەزگىل دەم ئىلىپ كاللامنى سەگىتىش خىيالىغا كەلدىم. كىم بىلسۇن بۇ دەم ئلىشىم ماڭا ئاۋارىچىلىك تىپىپ بە...

  • ئۇنى ئۆلتۈرۋىتەيمىكى،(ئاخىرسى)بوران114

    بىر خىل بۇرۇقتۇرمۇلۇق،سىسق پۇراق،بىز تىخچە يالىڭاچ،مەن نۇمۇس قىلدىم،ئۆزۈمنى دوزاقتا كۆرگەندەك بولدۇم،يۈركىم بەك تىز-تىز سوقاتتى،نەپسىم سىقلدى،ئاخىرى بۇ دەھشەتلىك مەنزىرىدىن كۆزۈمنى يۇمۇۋالدىم،قۇلاقلىرىم غۇڭۇلداپ ،مىشم قاتتىق چىڭقىلىپ ئاغىريتتى،يەنە كۆز ئا...

  • ئۇنى ئۆلتۈرۋىتەيمىكى،،(1)بوران114

    بۇ راسلا مەنكەنمەنغۇ،ساقاللار ئۆسكەن،بىشمدا 80نەچچە تال چاچ،بۇڭ قەيەر،چىراغنى ياقايمۇ ،بولدىلا ھىلمۇ كۈننىڭ نۇرى چۈشۈپتۇ،بىشم قاپاق،كارۋاتتا بىرى ياتاتتى،ئۇ كىم؟بىز بىللە ياتقان ئوخشىمامدۇق،تاماكىغا قول ئۇزاتتىم،ئەمما چەكمىدىم،ئاخشام ئىچكەن،جىقلا ئىچكەن،ن...

  • <<ھېلىقىدەك قىز >>نى سۆيىمەن (پوۋسىت)

    سۆزلەپ بولغىلى بولمايدۇ...

  • مېنىڭ پۇت -قولۇممۇ يوق، غېمىممۇ يوق !!

    ناۋادا بىر كۈنى سىز پۇت -قولىڭىزدىن ئايرىلىپ قالسىڭىز ،قانداق تاماق يەپ ،كىيىم كىيىپ يول يۈرىسىز ؟ سىز ئۇنىڭدەك ھايات كەچۈرەلەمسىز ؟ 27 ياشقا كىرگەن ئاۋۇستىرالىيىلىك نىك ۋۇجىسس ھەر كۈنى مۇنداق بىر رىئاللىققا دۇچ كىلىدۇ : ئۇ تۇغۇلۇشىدىلا پۇت-قولى يوق بولوپ...

  • بالىلىق ئەسلىمىللىرىمدىن خاتىرە

    { بالىلىق ئەسلىمىللىرىمدىن خاتىرە} ھەدەمنىڭ 3 ياشقا كىرگەن ئوماق قىزى مەھلىياغا قاراپ بەكمۇ مەسلىگىم كەلدى ھەم كۆڭلۈمدە:ئادەمنىڭ بالىلىق دەۋرى نىمە دىگەن ئەركىن،نىمە دىگەن غەمسىز ھە؟دەپ ئويلاپ قالدىم. مومام ئۇنى ئۇخلاتقاندا ئېيتىپ بىرىدىغان ئەللەي ناخشىسى...

  • كىچىك بالىلار يامان بۇلۇپ كىتىپتۇ.

    يېقىندا بىزنىڭ ئۈستىمىزدىكى قەۋەتكە بىر ھەدەش يېڭىدىن كۈچۈپ كەلدى. ئۇ ھەدەش شۇنچىلىك مودا يۈرۈيدىكەنكى،چەتئەللىك ئاياللار بىكار قالسۇن.ئىگىز پاشنىلىق ئايىقىنى قاسىلدىتىپ،سېرىق بۈدرە چاچلىرىنى لەپەڭشىتىپ بىر ماڭىدىغان بولسا، مەھەللىدىكى چوڭ-كىچىك،پىششىق-تو...

  • « ئىككى باشلىق مومىيا »

    بۇ توردىن يىغىۋىلىنغان ئەسەر .......

  • ئائىلە ئەخلاقى توغرىسىدا ھېكمەتلەر

    ئائىلە تۇرمۇشىدىكى خۇشاللىق يامان كەيپىياتنىڭ زەھەرلشىنى قايتۇرىدىغان ئەڭ ياخشى دورا. _روسسو ئىناق ئائىلە ھاۋاسى دۇنيادىكى بىر گۈلگە ئوخشايدۇ. بىرئائىلە كىشلىرىنىڭ مجەز-خاراكېترىنى قەيسەر، ئادىل ۋە تۈز قىلىپ يېتشتۈرۈشتە ئۇنىڭدىن ئىللىق، ئۇنىڭدىن گۈزەل نەر...

  • [تەرجىمە] سېغىنىش مۇھەببەت ئەمەس

    [تەرجىمە] سېغىنىش مۇھەببەت ئەمەس...