ئادەم ئاتا -ھاۋا ئانا بىلەن تەڭ ئاپىرىدە قىلىنغان ئنسان ھاياتىدىكى مۇقەددەس ئىشتىياق ئەڭ سۆيۇملۇك ھەۋەس بولغان مۇھەببەت زامان -زامانلاردىن بىرى يۇسۇپ-زۇلەيخا،پەرھات-شىرىن ،لەيلى-مەجنۇن،غىرىپ-سەنەم، تاھىر-زۆھرەگە ئوخشاش ئاشىق-مەشۇقلار سۆيگۇ گۇلزارىدىكى ساداقەتمەن چوقۇنغۇچىلارنى تاللاپ چىققىنىدەك بۇگۇنكى كۇنگە كەلگەندە مەندەك بىر ناتىۋان قىزنىڭمۇ سۆيگۇ سەپىرىدە ئەگرى-توقاي كەچمىشلەرگە دۇچ كىلىپ ساختا مۇھەببەتنىڭ ۋاقىتسىز قۇربانى بولۇپ سۆيگۇ سەھراسىدا مەڭگۇلۇك مۇڭسىراپ قىلىشىمنى ھەرگىزمۇ ئويلىمىغان ئىكەنمەن. مەن بۇ سۆزلىرىمنى قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن ئورۇن ئالغان مەن چىن يۇرۇگىمدىن قەدىرلەپ سۆيگەن ئەمما مىنىڭ قەلىپ گۇلزارىمدىكى سۆيگۇ گۇللىرىمنى ۋاقىتسىز نابۇت قىلغان مەن ئۇچۇن ئەڭ سۆيۇملۇك شۇنداقلا ۋاپاسىز يارغا بېغىشلايمەن . بىلەمسەن سۆيۇملۇك ئەمما ۋاپاسىز يىگىت مەن ئەسلىدە ساڭا ھىچنىمە دىمەيلا جىمجىت كىتىپ قىلىشنى قەلبىمنىڭ چوڭقۇر تەكتى سەھراسىدا ياشاۋاتقان پىنھان سىرلىرىمنى بۇرۇقتۇرما قەلبىمگەمەڭگۇ مەھكۇم قىلىپ قەبرەمگەبىللە ئىلىپ كىتىشنى تولىمۇ خالايتىم .ئەمما ھىسياتىم ئەقلىمنىڭ ئۇستىدىن غالىپ كىلىپ ساڭا بۇ يۇرەك سۆزلىرىمنى ئىيتىۋاتىمەن .بىلىمەن سەن بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاشنى خالىمايسەن بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ كۆڭۇلسىز ئوتمۇشىڭنى ئەسلەپ قەلبىڭ قىتىدىكى ئۇنسىز جاراھەتنى قانسىرغىتىشنى تىخىمۇ خالىمايسەن.ئەمما شۇ تاپتا مىنىڭ يۇرەك باغرىمنىڭ قانچىلىك لەختە بولىۋاتقانلىقىنى بىلسەڭ ئىدىڭ پۇچىلانغان قەلبىمنىڭ ھەسرەتلىك نىدالىرىنى ئاڭلاشتىن ھەرگىزمۇ باش تارتمىغان بولاتتىڭ . سەن كىتىسەن ،ماڭا ئەبەدى ھجراننىڭ ئىغىر يۇكىنى ئارتىپ قويۇپ ئوزۇڭ جاھاننىڭ ھەممە ئازابلىرىدىن خالى ھالدا كىتىسەن. ھەي يىگىت بىلەمسەن مۇھەببەت ئىنسان ئۆزى سەزمىگەن بىر پەيىتتە باشقىلار تەرپىدىن بۇلغانغاندىن كېيىن قانچە ئاھ ئۇرۇشلا ،يىغلاپ ياش تۆكۇشلەرمۇ ئەسلا كار قىلمايدىكەن .شۇنىڭ ئۇچۇن مەن ئۆزۇمگە داۋاملىق مۇنۇ سۆزلەرنى ئىيتىمەن ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
يالغۇزلۇقنى ئازاپ دىمەيمەن
چۇنكى ئايمۇ ياشايدۇ يالغۇز
تەنھالىققا قىلمايمەن پىسەنت
ھەمرا ماڭا قوياش ۋە يۇلتۇز
مىسكىن ئاي بولدى قىل يىغلىما ئەمدى
ھەسرەتلىك قەلبىڭگە بەر تەسەللى ھەم
ئۇنتۇپ كەت ئۆتمۇشنى ئۇنتۇپ كەت تامام
قەلبىڭدىن يوقالسۇن ھەسرەت دەت ئەلەم
مىسكىن ئاي بولدى قىل يىغلىما ئەمدى
بارتىخى كۇلۇشكە ساڭا كۆپ پۇرسەت
ھاياتنىڭ قوينى كەڭ پۇرسىتى تولا
يوقالسۇن قەلبىڭدىن ھىپھىچ جاراھەت
مىسكىن ئاي بولدى قىل يىغلىما ئەمدى
مۇڭلانغان كۆزۇڭدىن ئاقمىسۇن شەبنەم
ھاياتقا ئۆمىتۋار باققىن قايتىدىن
چۇش بولۇپ ئۇنتۇلسۇن كەچمىشلىرىڭ ھەم
ياشلىقتىكى سۆيگۇ مەڭگۇلۇك ۋە مۇقەددەستۇر ،ئەپسۇسكى مەن چىن يۇرۇگۇمدىن سۆيگەن ئادەمنىڭ مىنى سۆيمەي باشقا بىرسىنى سۆيىشى روھىمنى خاراپ قىلدى. مەن مۇھەببەتنىڭ پارلاق ئارزۇلىرى ،شىرىن تۇيغۇللىرى بىلەن قەلبىمنى تولدۇرۇپ سىنىڭ ئالدىڭغا باردىم ،بىراق سىنىڭ ماڭا بولغان ئىشەنچەڭ مۇھەببىتىڭ ۋاقىتلىق بولدى .ئىھتىمال سەن مىنىڭ ھىسياتىمنى قىزلاردا بولىدىغان ئۆتكۇنچە ھەۋەس گويا چاقماقتەك يىنىپلا ئۆچىدۇ دەپ ئويلاپ قالغانسەن .بۇ ئويلىرىڭ پۇتۇنلەي خاتا ئىدى ،مەن سىنىلا ياخشى كۆرەتتىم ،پۇتۇن ۋۇجۇدۇم بىلەن بارلىغىم بىلەن سىنىلا سۆيەتتىم ،بۇ ھىسياتىمنى ھىچ قانداق كۇچمۇ مەغلۇپ قىلالمايتى،مەن ئۆزۇمگە قىزلىق غورورۇمغا پاك ۋجدانىمغا ئىشىنەتتىم .ئەمما مىنىڭ سەمىمىيىتىم ساداقىتىم بەدىلىگەسەندىن ئالغان مۇكاپاتىم ساختا مۇھەببەت كۆتۇرۇپ قوپقۇسىز ئازاپ ھەسرەت غۇبارىسىز يۇرۇگىمگە ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان ئازابلىق ئۆتمۇش بولدى خالاس.شۇندىن ئىتىبارەن مەن ھىچكىمنى ياخشى كۆرەلمىدىم ،چۇنكى مىنىڭ مۇھەببەت سۆيگۇ ۋاپا توغرىسىدىكى پاك تۇيغۇللىرىمنى سەن ئوغۇرلاپ ئاپىرىپ ۋاپاسىزلىق پاتقىقىغا تاشلىغان ئىدىڭ مەن بىرەر يىگىتنى قايتا سۆيۇشتىن ئەبەدى مەھرۇم ئىدىم . بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
رەنجىمەيمەن سېنىڭدىن ئەسلا
بىرەلمىسەڭ ماڭا مۇھەببەت
ئەسلە دەپمۇ يۇرمەيمەن يەنە
زورلاپ سېنى سۆيگۇمگە ئەبەد
تىلىمەيمەن سىنىڭدىن سۆيگۇ
چۇنكى سۆيگۇ ئەمەس سەدىقە
بەخىتلىك بول ئۆمىدىم شۇ دۇر
ئۆتسە سائەت تالاي دەقىقە
ئاخىرىنى ئەتە يازاي ھازىر بەك ئۇيقۇم كىلىپ كەتتى .