قەتئىيلىك _ ئەرلەرنىڭ ئەڭگۈشتىرى

ۋاقتى:2010-08-15 19:47مەنبە: يوللىغۇچى: ئېلى چېكىلىشى:قىتىم
  

www.iz.la

ئەرلەرنىڭ جىسمى ۋە روھىغا ياراتمىشتىلا قۇپاللىق ۋە بەردەملىكنىڭ تامغىسى بېسىلىپ كەتكەن . چىدامچانلىق ۋە  قەتئىيلىك ئەرلەردىكى كەم بولسا بولمايدىغان ئەڭگۈشتەر . بارلىق مۇۋەپپەققىيەت قازانغان ، بەخىتلىك  ياشاۋاتقان ، ھەر بىر كۈنىنى مەنىلىك ۋە خۇشال كەيپىياتتا كۈتۈپ - ئۇزۇتۇپ قۇيۋاتقانلار دەل ئۆز غايىسى ، ئېتقادىدا ، ئۆز ئىش - كەسپىدە قەتئىي ، ئۈزۈل - كېسىل كىشلەردۇر.   
ھالال بىلەن ھارام ، ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ، رەزىللىك بىلەن گۈزەللىك ئارلىشىپ كەتكەن جەمئىيەتتە بىر ئادەم ، بىر ئەر قەتئىي بولمىسا ئۇڭايلا ئىمىاننى بۇلغىۋالىدۇ، سەپتىن چۈشۈپ قالىدۇ ، ئىشلىرى يېرىم يولدا تۇختاپ قالىدۇ ياكى باشقىلارغا ئالدىنىپ كىتىدۇ . رىقابەتنىڭ ئۆزگىرىش - تەرەقىياتلىرى ماھىيەتتە ئىنساننىڭ ئىرادىسى ۋە قەتئىيتىگە قۇيۇلغان قاتتىق سىناقتور .   

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


ئۆز ئەقىدىڭىزدە چىڭ تۇرۇڭ ، ئۆزىڭىزگە ، دۇنياغا، كىشلەرگە نىسبەتەن تۇغرا ئەقىيدە - ئېتقاد تۇرغۇزۇڭ ھەمدە ئۇنىڭدا قەتئىي چىڭ تۇرۇڭ . كىشلىك مۇناسىۋەت سىزدىن ئەۋرىشىم ، ئارىسالدى بۇلۇشنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن . ئەمما ، ئۆزىڭىزنىڭ تۇغرا مەيدان ، كۆز قارىشىڭىزدىن ئاسانلا ۋاز كىچىدىغان ، ئۇنىڭدىن گۇمانلىندىغان ، ھەتتا باشقىلارنىڭ بىمەنە سەپسەتىلىرىگە بۇلىشىدىغان ئىشنى قىلماڭ . بىزدە ئۆزىدە تۇغرا ، ئۈزۈل - كېسىل ئەقىيدە تۇرغۇزغان ئادەملەر كۆپ ئەمەس.  شۇڭا سوزسا لەغمەن ، تۈگسە مانتا بۇلىدىغان مەۋقەسىز ئادەملىرىمىز كۈپىيىپ كېتىپ بارىدۇ . copyright by www.iz.la

ئەبۇ ئەلى ئىبىن سىنا [ ھەقىيقەتنى ئېچىڭلار ، تۇغرا يولدا مېڭىڭلار ] دېگەنىكەن. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

 ھەقىيقەتنى ئېچىش ، تۇغرا يولدا مېڭىشقىمۇ دەل قەتئىيلىك ، بۇشاشماس ئىرادە كېرەك . قەتئىيلىك يەنە باشقىلارنىڭ بىمەنە ئىش - سۆزلىرىگە دادىل رەدىيە بېرىشتىمۇ ئىپادىلىنىدۇ . ھەقىيقەتنىڭ نوپوزى سەپسەتىگە قارىشى تۇرۇش ئارقىلىقلا  تىكلىندۇ . شۇڭا ، دوستلىرىڭىز ياكى باشقىلارنىڭ بولسۇن قانۇن - نىزام ، ئاممىۋى ئەخلاققا زىت ھەرقانداق ھەركىتىگە لايىقىدا ئىنكاس قايتۇرۇڭ . ئۈنسىز سۈكۈت ھەقىيقەتنىڭمۇ ، ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭمۇ قەددىنى پۈكۈپ ، زۇۋانىنى خىرەلەشتۈرۈپ ، سەپسەتىنىڭ ئۆكتەمىلەرچە يامرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

قانداقلىكى ئىش باشلىماڭ ، تۇغرا ، ياخشى بولسىلا يېرىم يولدا تاشلاپ قويماڭ . ئۇ شاختىن بۇ شاخقا سەكرىمەڭ . باشقىلار بىرەر ياخشى ئىش- كەسىپنىڭ كويىغا كىرۋالغان بولسا ، سىزمۇ قىلۋاتقان ئىششىڭىزنى تاشلاپ شۇ ئىشنىڭ پىشىگە ئېسىلماڭ ، بەلكى قىلۋاتقان ئىششىڭىزنى كەم - كۈتسىز ، باشقىلارنىڭ زوقىنى قوزغىغۇغىدەك جايىدا قىلىشقا تىرىشىپ ئىشلەۋېرىڭ . مەۋقەسىزلىك ھاياتنى ، ئەقىلنى ، مالنى ئورۇنسىز ، ئەھمىيەتسىز خوراشقا ئىلىپ بارىدۇ .   
ئاياللارمۇ لامزەللە ، مەۋقەسىز ، تۇترۇقسىز ، شاختىن - شاخقا سەكرەپ يۈرۈيدىغان ئەرلەردىن يەتكۈچە بىزار. ئۇلارنىڭ جان -جېنى بىلەن تىلەيدىغىنى قەتئىي ، مۇھەببەت - نەپرىتى ئېنىق ، كەسكىن ئەرلەردور . بۇرادەر ، ئەڭ ياخشىسى نۇرانە يولدىكى قەتئىيلىكىڭىزنى تېپىۋىلىڭ . ئىزگۈلۈك يوللىرىدىكى قەتئىيلىك سىزگە ئىككى دۇنيالىق سائادەتتىن بۆلەك نەرسە چىللىمايدۇ . 

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!


  
  
مەنبە : كۆزۈڭنى ئاچ، ئۆزۈڭنى تاپ ئەركەكلەر دىگەن كىتاپتىن copyright by www.iz.la

ياخشىكەن
(0)
0%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • ئۇنى ئۆلتۈرۋىتەيمىكى،(ئاخىرسى)بوران114

    بىر خىل بۇرۇقتۇرمۇلۇق،سىسق پۇراق،بىز تىخچە يالىڭاچ،مەن نۇمۇس قىلدىم،ئۆزۈمنى دوزاقتا كۆرگەندەك بولدۇم،يۈركىم بەك تىز-تىز سوقاتتى،نەپسىم سىقلدى،ئاخىرى بۇ دەھشەتلىك مەنزىرىدىن كۆزۈمنى يۇمۇۋالدىم،قۇلاقلىرىم غۇڭۇلداپ ،مىشم قاتتىق چىڭقىلىپ ئاغىريتتى،يەنە كۆز ئا...

  • ئۇنى ئۆلتۈرۋىتەيمىكى،،(1)بوران114

    بۇ راسلا مەنكەنمەنغۇ،ساقاللار ئۆسكەن،بىشمدا 80نەچچە تال چاچ،بۇڭ قەيەر،چىراغنى ياقايمۇ ،بولدىلا ھىلمۇ كۈننىڭ نۇرى چۈشۈپتۇ،بىشم قاپاق،كارۋاتتا بىرى ياتاتتى،ئۇ كىم؟بىز بىللە ياتقان ئوخشىمامدۇق،تاماكىغا قول ئۇزاتتىم،ئەمما چەكمىدىم،ئاخشام ئىچكەن،جىقلا ئىچكەن،ن...

  • <<ھېلىقىدەك قىز >>نى سۆيىمەن (پوۋسىت)

    سۆزلەپ بولغىلى بولمايدۇ...

  • مېنىڭ پۇت -قولۇممۇ يوق، غېمىممۇ يوق !!

    ناۋادا بىر كۈنى سىز پۇت -قولىڭىزدىن ئايرىلىپ قالسىڭىز ،قانداق تاماق يەپ ،كىيىم كىيىپ يول يۈرىسىز ؟ سىز ئۇنىڭدەك ھايات كەچۈرەلەمسىز ؟ 27 ياشقا كىرگەن ئاۋۇستىرالىيىلىك نىك ۋۇجىسس ھەر كۈنى مۇنداق بىر رىئاللىققا دۇچ كىلىدۇ : ئۇ تۇغۇلۇشىدىلا پۇت-قولى يوق بولوپ...

  • بالىلىق ئەسلىمىللىرىمدىن خاتىرە

    { بالىلىق ئەسلىمىللىرىمدىن خاتىرە} ھەدەمنىڭ 3 ياشقا كىرگەن ئوماق قىزى مەھلىياغا قاراپ بەكمۇ مەسلىگىم كەلدى ھەم كۆڭلۈمدە:ئادەمنىڭ بالىلىق دەۋرى نىمە دىگەن ئەركىن،نىمە دىگەن غەمسىز ھە؟دەپ ئويلاپ قالدىم. مومام ئۇنى ئۇخلاتقاندا ئېيتىپ بىرىدىغان ئەللەي ناخشىسى...

  • كىچىك بالىلار يامان بۇلۇپ كىتىپتۇ.

    يېقىندا بىزنىڭ ئۈستىمىزدىكى قەۋەتكە بىر ھەدەش يېڭىدىن كۈچۈپ كەلدى. ئۇ ھەدەش شۇنچىلىك مودا يۈرۈيدىكەنكى،چەتئەللىك ئاياللار بىكار قالسۇن.ئىگىز پاشنىلىق ئايىقىنى قاسىلدىتىپ،سېرىق بۈدرە چاچلىرىنى لەپەڭشىتىپ بىر ماڭىدىغان بولسا، مەھەللىدىكى چوڭ-كىچىك،پىششىق-تو...

  • « ئىككى باشلىق مومىيا »

    بۇ توردىن يىغىۋىلىنغان ئەسەر .......

  • ئائىلە ئەخلاقى توغرىسىدا ھېكمەتلەر

    ئائىلە تۇرمۇشىدىكى خۇشاللىق يامان كەيپىياتنىڭ زەھەرلشىنى قايتۇرىدىغان ئەڭ ياخشى دورا. _روسسو ئىناق ئائىلە ھاۋاسى دۇنيادىكى بىر گۈلگە ئوخشايدۇ. بىرئائىلە كىشلىرىنىڭ مجەز-خاراكېترىنى قەيسەر، ئادىل ۋە تۈز قىلىپ يېتشتۈرۈشتە ئۇنىڭدىن ئىللىق، ئۇنىڭدىن گۈزەل نەر...

  • [تەرجىمە] سېغىنىش مۇھەببەت ئەمەس

    [تەرجىمە] سېغىنىش مۇھەببەت ئەمەس...

  • بۇ دۇنيادا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق !

    بەزى ئىشلارنىڭ ھەقىقەتەن قىيىنلىقىدىن ئىشەنچىمىز يوقالمايدۇ ؛ بەلكى ئىشەنچىمىزنىڭ يوقالغانلىقىدىن بەزى ئىشلار ھەقىقەتەن قىيىن تۇيۇلىدۇ ......