يىگىتلىكتىن ئاتلىغان ئەرلەرگە

ۋاقتى:2010-08-15 19:41مەنبە: يوللىغۇچى: ئېلى چېكىلىشى:قىتىم
  

بۇرادەر ، مۇبارەك بولسۇن ! بويتاقلىق ، يالغۇزلۇققا خاتىمە بېرىپ ، كېيىنكى تۇرمۇشىڭىزنىڭ يەنە بىر ھالال جۈپتى بىلەن ئۆتكۈزۈشكە بەل باغلاپ ، بۈگۈنكى خۇشناۋا سورۇننى ھازىرلىغىنىڭىزنىڭ ئۆزىلا تەبرىكلەشكە ئەرزىيدۇ . 
       جاھاندا بويتاقلار ، تۇللار ، يىگانە ــ ساياقلار قانچە ئازلىسا ھەممە ئادەم خوش بولىدۇ. يالغۇز تۇرمۇش كىشنى ئوڭايلا بەربات قىلىۋېتىدۇ . يەنە كېلىپ كىشنىڭ تۇرمۇشى رەتىسز ، مەنىۋى دۇنياسى زىددىيەتچان ، داۋالغۇش ئىچىدە تۇرىدىغان گەپ . توي ، نىكاھ ۋە ئايال ھەر قانداق كىشنىڭ غەم غۇسسىلىرىگە خاتىمە بەرگۈچى خاسىيەتلىك مەرھەممەتتۇر . ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
       بۇ مەرھەممەتنىڭ ئىللىق ، ئارامبەخىش تۇيغۇلىرى تويلاشقۇچى ئىككى تەرەپنىلا ئەمەس ، ئەل جامائەتنىمۇ ، تونۇش ــ بېلىش ، دوسىت ــ يارەنلەرنىمۇ تەبئىيلا يېقىنلاشتۇرۇپ ، كىشلەر ئارىسىدىكى مېھىر ــ مۇھەببەتنىمۇ چىڭىتىدۇ . شۇڭا بىز : « تويلار مۇبارەك » ــ دەپ جار سېلشقا ھەقلىقمىز .
       نىكاھتىن بۇرۇن بەلكىم نۇرغۇن ئىشلارنى ئويلىغانسىرى ياكى كۆڭۈل قىزىقچلىقىدىلا ، ياشنىڭ چوڭىيپ قالغانلىقى تۈپەيلى ۋە ياكى ئاتا ــ ئانىڭىزنىڭ زورىدىلا بۇ تويغا يۈزلىنىپ تۇرغانسىز ــ دە ، « بولغىنىنى كۆرەرمەن » دەپ نىكاھنى غايىپ قاينامنىڭ دولقۇنلىرغا تاشلاپ بەرگەنسىز . ئەمما قانداق بولىشىدىن قەتىئىينەزەر ، مەيلى كېلىنچەكنى ياقتۇرۇڭ ــ ياقتۇرماڭ ، ئۇنىڭ خۇي پەيلىنى بىلىڭ ــ بىلمەڭ ، ئۇنىڭ بايلىقىنى ، نەسەبىنى ، چىرايىنى ياكى دىيانىتىنى دەپ ئالغان بولۇڭ ، ئۇ بەرىبىر سىزنىڭ نىكاھڭىزغا ئۆتىدۇ . ئىز تورى بەك ياخشى
       دېمەككى ، ھازىرغىچە يالغۇز ياشاپ كەلگەن ، بىر ئۆزىڭىزنىڭىلا غېمىنى يەپ ، كەلگەن بولسىڭىز ئەمدى يەنە بىر ئىسسىق جاننىڭ غېمىنى يەپ ، گېپىنى قىلىشىڭىز كېرەك . ئۇنى قانات ئاستىغا ئېلىشتىن ، ئائىلىدىن ئىبارەت مەسئۇلىيەت يەلكىڭىزگە مېنگىشىدۇ . سىز بۇنى ئەستايدىل ئويلاندىڭىزمۇ ــ يوق ، بۇنىسى بىزگە ، سورۇن ئەھلىگە نامەلۇم . ئەمما بۇ مۇبارەك زىياپەتنىڭ ھەر بىر داخىلى داستىجانلىرى سىزگە ، كېلىنچەككە بەخىت تىلەيدۇ . كەلگۈسۈڭلارنىڭ شاتلىق ، خۇشھاللىق تەنتەنلىرى بىلەن ئورىلىپ تۇرۇشىنى ، نىكاھىڭلارنىڭ ھايا ، ئەخلاق ، ھۆرمەت ، ئىشەنچ ئاساسىغا قۇرۇلۇپ ، ھارامدىن ، زىنادىن ، بۇزۇقچىلىقتىن جەڭگى ــ جىدەلدىن يىراق تۇرۇشى ھەققىدە دۇئا قىلىدۇ . www.iz.la
       پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ئۆيلەنگەن بىر جۈپ ئۈچۈن : « ئاللاھ ئائىلەڭنى ساڭا مۇبارەك ئەيلسۇن ، ئۈستۈڭلارغا بەركەت ياغدۇرسۇن ، ئىككىڭلارنى خەير ۋە ياخشىلىق ئۈچۈن بىر ئورۇنغا كەلتۈرسۈن » ــ دەپ تېلەك تېلىگەنكەن . بىز ھەممىمىز شۇنىڭغا ھەمجۆرىمىز .
نىكاھ بىر ئەركەكنىڭ ھاياتىدا ئىنتايىن مۇھىم جەريان . ئۇ سىزنى يىگىتتىن ئەرگە ئۆزگەرتىدۇ . يەلكىڭىزگە بالىلىقنىڭ ساددا ھەۋەسلىرنى ، يىگىتلىكتىكى ئەركە ــ شوخلۇق ، تەنتەكلىكلەرنى چۆرىۋېتىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىدۇ . ئاخۇنۇمنىڭ نىكاھ پەتىسىدە سورىغان سۇئالىغا ناھايتى كۈچلۈك ھاياجان ۋە تەسۋىرلىگۈسىز ھودۇقۇش ئىلكىدە : « ئالدىم » ــ دەپ جاۋاب بېرىۋاتقېنىڭىزدا سىز يالغۇز بىر خوتۇننى ئەمەس ، بەلكى ئىككى ياكى ئۇنىڭىدن ئارتۇق جاننىڭ تۇرمۇش غېمىنى ، بىر ئائىلىنى ، بىر نازاكەتلىك ئايالنىڭ ئىززەت ــ نەپسى ، شەرم ــ ھاياسىنى ، بىر لاياقەتلىك ئەر ، مەسئۇليەتچان دادىنىڭ بالا ، ئايال ، ئائىلە ، جەمئىيەتتىكى بۇرچىنمۇ تەڭ زىممىڭىزگە ئالغان بولىسىز . تۇرمۇشتىن تەنتەكلىك ، بالىلىق ، يىنىكلىك ، شاللاقلىق كۆتۈرۈلىشى كېرەك . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
      ھەر بىر قەدەم قاتتىق ئويلۇنۇش ئاساسىدا بېسىلىشى ، بېلىڭىز چىڭ ، ئېرادىڭىز مۇستەھكەم ، مەيدىڭىز تىك بولۇشى كېرەك . خوتۇن ئالغۇچىغا بولغۇچىغا بىكاردىن ــ بىكار پوتا باغلىمايدۇ . ئىشتانباغنى چىڭ باغلا دېگەنلىك ئەمەس ، بەلكى بېلىڭ چىڭ ، بەردەم ، چىدامچان ، قەتئىي بول دېگەنلىك .
كىشلەر خوتۇن ئالغان ، ئەرگە تەككەنلەرنى : « ئەمدى ئادەم بوپسىز » ــ دەپ قويىدۇ . دېمەككى ، سىز ئەمدى كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ يېپيىڭى ، جاپا بىلەن خۇشاللىق ئارلىشىپ كەتكەن رەڭدار يولغا رەسمىي قەدەم باستىڭىز . خۇشاللىقنىڭ ، مەغرۇرلىقنىڭ ، شۇنداقلا چۇڭقۇر شۈكرى ھەمدۇ ئېيتىڭ ، نۇرغۇن ئادەم يېشى بىر يەرگە بىرىپ قالسىمۇ خوتۇن ئالالمايۋاتىدۇ ، مۇۋاپىق لايىق تاپالمايۋاتىدۇ ياكى تۇرمۇشنىڭ بۇ ھەقىقى يۈزىگە يۈزلىنشتىن قورقۇۋاتىدۇ . تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
خوتۇننى كىشەن ، ئائىلىنى يۈك ، زەنجىر دەپ قارايدىغانلارمۇ يوق ئەمەس . ۋەھالەنكى ، سىز بۇ مۇقەددەس سۈننەتكە دادىللىق بىلەن يۈزلەندىڭىز ھەقىقەتەنمۇ ياراتقۇچىنىڭ ھالاللاپ بەرگەن نېئمەتلىرنى تەرك ئېتىش ياخشى بەندىنىڭ ئىشى ئەمەس . ئەمدى مۇرۇۋۋەتلىك ئىشىڭىزنى قانداق قىلىپ ئاخېرىغىچە مۇۋەپەققىيەتلىك ئېلىپ چىقىش ئۈستىدە ئىزدىنىڭ . يىگىتلىك شوخلىقىڭزدىن قايسىنى تاشلاپ ، قايسى خىل خاراكتىرىنى داۋاملاشتۇرسىز ؟ ئايالىڭىزنى قانداق كۈتىسىز ؟ ئايالىڭىزدىن نېمىلەرنى كۈتىسىز ؟ بۇ ئائىلىنى جەڭگى ــ جىدەل ، ماجىرا ــ نىزانىڭ پاتقېقىغا پاتۇرۇپ قويماي گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك ؟ ...

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق


« ئالدىم » دېگەن جاكاردىن كېيىنلا مۇشۇ ھەقتە ئويلاپ قويۇڭ . بۇ سۇئاللار سىزنى تەنتەنە سادالىرى ئىچىدە خۇدىڭىزنى يوقۇتۇشتىن ساقلاپ قالىدۇ ۋە تەمكىن سوغۇققانلاشتۇرىدۇ . ئەمەلىيەتتىمۇ ، بىر ئەر ، بىر ئائىلە ئۈچۈن تەمكىن سوغۇققانلىق بەك كېرەك . ئايال كىشى ئەردىن سالماق سۈپەتنى كۆرۈشنى خالايدۇ .
        ھېكمەتلەردىن يەنە ئايال كىشى ئەرنىڭ ئىمانىنىڭ يېرىمى دېيىلىدۇ . سىز ئۆز ئىمانىڭىزنى ، تېنىڭىز ، روھىڭىزنىڭ يېرىمىنى قانداق كۈتىۋالىسىز ؟ ئەگەر بۇ يېرىم ئىمان تېخىمۇ يېرىم يارتا بولسىچۇ ؟ ۋە ياكى سىز ئۇنىڭدىن ئۆتەر ھالدا « يالتىراق نوچى » بولسىڭزچۇ ؟ ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
        يېپيىڭى دۇنيا ، يېپيىڭى ھەمراھ سىزگە قول سۇنۇپ تۇرۇپتۇ . چوڭقۇر تىنىۋېلىڭ ۋە ئۆزىڭىزگە : « سەۋرىچان ، قەتئىي ، رەھېمدىل ئەمما تەلەپچان بول ! » ــ دەڭ . پوتىڭىزنى تېخىمۇ چىڭ باغلاڭ ، مەيدىڭىزنى رۇسلاڭ . بۈگۈن سىز راسا كېرىلىدىغان كۈن ، كۈلىدىغان كۈن !

         مەنبە:نۇرمۇھەممەد ئۆمەر ئۇچقۇننىڭ « ئەرلەرگە 101 تەكلىپ ــ كۆزۈڭنى ئاچ ، ئۆزۈڭنى تاپ ئەركەكلەر» ناملىق كىتاۋىدىن ئېلىندى . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ياخشىكەن
(0)
0%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • ئۇنى ئۆلتۈرۋىتەيمىكى،(ئاخىرسى)بوران114

    بىر خىل بۇرۇقتۇرمۇلۇق،سىسق پۇراق،بىز تىخچە يالىڭاچ،مەن نۇمۇس قىلدىم،ئۆزۈمنى دوزاقتا كۆرگەندەك بولدۇم،يۈركىم بەك تىز-تىز سوقاتتى،نەپسىم سىقلدى،ئاخىرى بۇ دەھشەتلىك مەنزىرىدىن كۆزۈمنى يۇمۇۋالدىم،قۇلاقلىرىم غۇڭۇلداپ ،مىشم قاتتىق چىڭقىلىپ ئاغىريتتى،يەنە كۆز ئا...

  • ئۇنى ئۆلتۈرۋىتەيمىكى،،(1)بوران114

    بۇ راسلا مەنكەنمەنغۇ،ساقاللار ئۆسكەن،بىشمدا 80نەچچە تال چاچ،بۇڭ قەيەر،چىراغنى ياقايمۇ ،بولدىلا ھىلمۇ كۈننىڭ نۇرى چۈشۈپتۇ،بىشم قاپاق،كارۋاتتا بىرى ياتاتتى،ئۇ كىم؟بىز بىللە ياتقان ئوخشىمامدۇق،تاماكىغا قول ئۇزاتتىم،ئەمما چەكمىدىم،ئاخشام ئىچكەن،جىقلا ئىچكەن،ن...

  • <<ھېلىقىدەك قىز >>نى سۆيىمەن (پوۋسىت)

    سۆزلەپ بولغىلى بولمايدۇ...

  • مېنىڭ پۇت -قولۇممۇ يوق، غېمىممۇ يوق !!

    ناۋادا بىر كۈنى سىز پۇت -قولىڭىزدىن ئايرىلىپ قالسىڭىز ،قانداق تاماق يەپ ،كىيىم كىيىپ يول يۈرىسىز ؟ سىز ئۇنىڭدەك ھايات كەچۈرەلەمسىز ؟ 27 ياشقا كىرگەن ئاۋۇستىرالىيىلىك نىك ۋۇجىسس ھەر كۈنى مۇنداق بىر رىئاللىققا دۇچ كىلىدۇ : ئۇ تۇغۇلۇشىدىلا پۇت-قولى يوق بولوپ...

  • بالىلىق ئەسلىمىللىرىمدىن خاتىرە

    { بالىلىق ئەسلىمىللىرىمدىن خاتىرە} ھەدەمنىڭ 3 ياشقا كىرگەن ئوماق قىزى مەھلىياغا قاراپ بەكمۇ مەسلىگىم كەلدى ھەم كۆڭلۈمدە:ئادەمنىڭ بالىلىق دەۋرى نىمە دىگەن ئەركىن،نىمە دىگەن غەمسىز ھە؟دەپ ئويلاپ قالدىم. مومام ئۇنى ئۇخلاتقاندا ئېيتىپ بىرىدىغان ئەللەي ناخشىسى...

  • كىچىك بالىلار يامان بۇلۇپ كىتىپتۇ.

    يېقىندا بىزنىڭ ئۈستىمىزدىكى قەۋەتكە بىر ھەدەش يېڭىدىن كۈچۈپ كەلدى. ئۇ ھەدەش شۇنچىلىك مودا يۈرۈيدىكەنكى،چەتئەللىك ئاياللار بىكار قالسۇن.ئىگىز پاشنىلىق ئايىقىنى قاسىلدىتىپ،سېرىق بۈدرە چاچلىرىنى لەپەڭشىتىپ بىر ماڭىدىغان بولسا، مەھەللىدىكى چوڭ-كىچىك،پىششىق-تو...

  • « ئىككى باشلىق مومىيا »

    بۇ توردىن يىغىۋىلىنغان ئەسەر .......

  • ئائىلە ئەخلاقى توغرىسىدا ھېكمەتلەر

    ئائىلە تۇرمۇشىدىكى خۇشاللىق يامان كەيپىياتنىڭ زەھەرلشىنى قايتۇرىدىغان ئەڭ ياخشى دورا. _روسسو ئىناق ئائىلە ھاۋاسى دۇنيادىكى بىر گۈلگە ئوخشايدۇ. بىرئائىلە كىشلىرىنىڭ مجەز-خاراكېترىنى قەيسەر، ئادىل ۋە تۈز قىلىپ يېتشتۈرۈشتە ئۇنىڭدىن ئىللىق، ئۇنىڭدىن گۈزەل نەر...

  • [تەرجىمە] سېغىنىش مۇھەببەت ئەمەس

    [تەرجىمە] سېغىنىش مۇھەببەت ئەمەس...

  • بۇ دۇنيادا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق !

    بەزى ئىشلارنىڭ ھەقىقەتەن قىيىنلىقىدىن ئىشەنچىمىز يوقالمايدۇ ؛ بەلكى ئىشەنچىمىزنىڭ يوقالغانلىقىدىن بەزى ئىشلار ھەقىقەتەن قىيىن تۇيۇلىدۇ ......