مۇھەببەت ئۇ مەڭگۈلۈك تىما...(ئەلتىكىن) بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مۇھەببەت ئۇ مەڭگۈلۈك تىما .
يېقىندىن بىرى ئىز تورىدا بۇ توغۇرلۇق خىلى كۆپ يازمىلار بۇلۇپ ئۆتتى . شۇقاتارىدا مەنمۇ ئازراق ئۆز كۆز قارشىمنى ئىيىتىپ ئۈتەي.................
بۇتوغرلۇق بۇندىن بۇرۇن ئۆتكەن شائىر يازغۇچىلار بۇلسۇن ياكى ھازىرقى زامانىمىزدىكى شائىر يازغۇچىلار بولسۇن قەلەم تەۋرەتمىگىنى يوق.بارلىق يازغۇچى شائىرلار ئۈزنىڭ ئىچكى ھىسياتىنى كۆزقارشىنى مۇھەببەت نەپرەت ئارقىلىق ئىپادە قىلغان .
مۇھەببەت شۇنداق ئۇلۇغ ۋە خاسىيەتلىكى ئۇ تۇخۇ يۈرەكلەرنى شىر يۈرەك باتۇرغا ،سەتنى چىرايلىققا ،باغىرى تاشلارنى مىھىرى شەپقەتلىك پەرشتىلەرگە ئايلاندۇرالايدۇ،مۇھەببەتنىڭ كۈچى شۇنداق چەكسىزكى ئۇنى تەسەۋۇرقىلىش مومكىن ئەمەس .
ھاياتلىقتىكى بولمىغۇر گۇمانخورلۇقلار بىزنى ئەرزىمەس ئاجىز ،تۇتامسىز ۋە مىس مىس قىلىپ قۇيدىكەن ،ئەمما پەققەت مۇھەببەت، ئىنسانى مۇھەببەتلا ئادەمنى ھەقىقى مەنىدىكى ئادەمگە ئايلاندۇردىكەن. مۇھەببەت ئۇلۇغ قۇدىرەت تۈگمەس قۇرماس ئەقىل پاراسەت .ئۇنى ئادەملەرنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىگەلىشى ئۇلارنىڭ بەختىنى بەلگىلەپلا قالماي بەلكى پۈتكۈل جەميەتنىڭ قىياپىتىنى .گۈزەل ئەخلاقى پاكلىقىنى ۋە خاتىرجەملىكىنى بەلگىلەپ بېردىكەن. ئادەملەردە بىر جۈپ كۆز ۋە مۇھەببەتلىك پاك قەلىپ بولسىلا بۇنى ھىس قىلىپ يېتەلەيدۇ.
دۇنياغا مۇھەببەتلىك كۆز بىلەن قارغاندا دۇنيانىڭ قانچىلىك دەرىجىدە گۈزەل ۋە جەلىپ قالارلىق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىدىكەنسىز. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مۇھەببەتسىز ئادەم بىنۇرمال ئادەمدۇر.......................
بۇ بىر جۈملە سۆزنى رومىن روللان ناھايىتى توغرا ئىيتىقان . مۇھەببەتسىز ئادەم تاكامۇللاشمىغان ،تەن ،ھىسيات،ئىقتىدار جەھەتتە كەمتۈك ئادەمدۇر . پەقەت ئاشىقلارلا گەرچە ئۇ مەجنۇن ھالىتىگە يەتكەن تەقدىردىمۇ ھەقىقى ئادەم دەپ ئاتىلىشقا ھەقلىق.چۈنكى ئۇنىڭ قىنىدا ھەقىقى چىن ھىسيات ھەقىقى مۇھەببەت ئەۋىج ئۇرۇپ تۇرغان بۇلىدۇ.
ئادەم -چىن ۋىجدانلىق ئادەم ئۈچۈن زۈرۈرى چىن مۇھەببەت ۋە ۋاپا .سەن ئادەم ئىكەنسەن مۇھەببەتىكى ئەركەڭنى ئۆز قۇلۇڭدا تۇتۇشۇڭ مۇھەبەتكە ۋاپا قىلىشىڭ كېرەك .ھەقىقى مۇھەببەت-- مۇھەببەت باھارىنىڭ سۇلغۇن چىچەكلىرىگە باش ئۇرۇپ يۈرگەن رەزگى كىپىنەكلەرگە ئەمەس بەلكى باھارى سۇلماس قىزىل گۈلگە ئاشىق بۇلبۇلغا يۈركى ۋاپا بىلەن تولغان چىن ئىنسانغىلا نىسىپ بۇلىدۇ ۋە ۋاپا ۋە ساداقەت سۈيى ئارقىلىق چىچەكلەپ شېرىن مىۋە بىرىدۇ.مۇھەبەت ئىنسان ھاياتىنىڭ نۇرلۇق چىرغى بۇ نۇرلۇق چىراق پەقەت ئۆز ئەركىنى ئۆز قۇلۇدا تۇتالايدىغان سىرداش كۆڭۈللەر تېپىشقاندىلا ۋە ۋاپا سۈيلىرى بىلەن سۇغۇرۇلغاندىلا پارلاق نۇر چېچپ ئۇلارنىڭ بەختى ھاياتنى نۇرلاندۇردۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
سەن چىن ئنىسان ئادەم بۇلاي دىسەڭ ،كۆڭلۈڭدىكى مۇھەببەتنى ئۈزۈڭ سۆيگەن ۋاپادارغا تەقدىم قىل.چۈشەنگىنكى ئۈزۈڭ سۆيمىگەن كىشگە كۆڭۈل بەرگەن ،ئۈزۈڭنى سۈيدۈگەندىن كۈرە ئۆلگەن مىڭ ياخشى ،ئۈزۈڭ سۆيمىگەن كىىشى بىلەن شايى ئەتلەس ،تاۋار دۇردۇنلار ئۇرۇلۇپ خان ئوردىسىدا،ئۈنچە كەھرىۋالارغا كۆمۈلۈپ ياشىساڭمۇ بۇ ياشاش سەن ئۈچۈن زىندان ئازابىغا تەڭ.
ساڭا ئۆز ئىشقىنى بەرگەن سەنمۇ ئۆز ئىشقىڭنى بەرگەن ئامرىقىڭ بىلەن چول باياۋاندا ،ساتما كەپىلەردە ،گەمىلەرد كۈيۈك نان يەپ سۇغۇق سۇ ئچسەڭمۇ ئەركىن قول تۇتۇشۇپ قۇچاقلىشىپ سۈيۈشۇپ بىر كۈن ياشىغىنىڭ ئەۋزەل .
دىمەك مۇھەببەتلىك قەلبى مۇھەببەتكە بولغان ۋاپا بىلەن تولغان كىشلەرلا جاپا مۇشەققەت ،پالاكەت رىيازەتنىڭ تىلسىملىق تۇسۇقلۇرىنى پارچىلاپ تاشلاپ بەخىت سائادەتنىڭ ئالتۇن دەرۋازىسىنى ئاچالايدۇ. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
ئاخىردا شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتكۇم كىلۋاتىدۇكى كەسىپ ۋە باشقا دۇنيا مەھۇشەتلىرىنى پول مال دۇنيانى ،ئاتا-ئانا ئۇرۇق -تۇققانلارنىڭ بەختىنى ،ۋە باشقا ھەرقانداق سەۋەپنى دەپ مۇھەببەتنى قۇربان قىلىشمۇ ياخشى نەتىجە بەرمەيدۇ، ئۇ پەقەت سىز ئۈچۈن مەڭگۈلۈك پۇشايمان قايغۇ ئەلەم رۇھيى ئازاپتىن باشقا نەرسە ئەمەس.ھەم ئۇنداق قىلىش ئاقىلاننىلىق تاللاشمۇ ئەمەس .
شۇنى مەڭگۈ ئىسىڭزدىن چىقارماڭكى بارلىق ئىشلىرىڭز ئۆز ئىدىيىڭزگە ،كۆز قارشىڭزغا باغلىق .چۈنكى سىز ئۇنىڭ بىلەن ياشايسىز، باشقا سىرىتقى ئامىللار بىلەن ئەمەس .
ئاخىردا تاقا-تۇقا سۆزلەپ قۇيغان بولسام كەمىنىە ئەلتىكىن نى ئەيىپكەبۇيرۇمىغايسىزلەر............................ ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
2010.07.26 ئۆز قەلەم