ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
(پوۋسېىت) copyright by www.iz.la
(1) مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
ئىز تورى بەك ياخشى
رۇخسار ئۆيگە كەلگەندە تام سائىتى كەچ سائەت ئونغا داڭ ئۇرغاندى . دادىسى دوختۇرخانىغا ئورۇنلىشىپ بولغىچە ھېرىپ ھالىدىن كەتكەچكە ئىش پۇتكەندىن كىين تامىغىنى يەپلا ئۆيگە ئارانلا كىلىۋالدى . ئانىسى دادىسغا ھەمرا بۇلۇپ قالماقچى بولغاندى . بىراق يىرىم سائەت ئۆتمەيلا ئانسمۇ يىتىپ كەلدى . ئاپىسى ناھايىتى مۇڭداشقاق ، ئوچۇق يورۇق ئايال بۇلۇپ بۇ يىل ئاتمىش ياشقا كىرگەن بولسىمۇ يىشىدىن ياش ھەم تىتىك كۆرىنەتتى بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز! www.iz.la ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
قايتىپ كەپسەنغۇ ئانا ؟ دىدى روخسار ئانسنىڭ قايتىپ كىلىشىنى خالىمىغاندەك ھىسيات بىلەن
بۇگۇن دوختۇر ئۆزى كۇزىتىدىكەن . ياتىدىغان يەرنىڭ تايىنى يوق . ئۆيگە بىرىپ ئارام ئىلىڭ دەپ يولغا سىلىپ قويدى . دۇنيادا ياخشى ئادەملەر كۆپ جۇمۇ دەپ قويدى ئانا ئارقىدىنلا ئۆز ئۆزىگە ئانسى ئۆيگە كىرىپلا پىشانسىدىكى مۈنچاق مۈنچاق تەرلىرىنى سۇرىتكەندىن كىيىن . ئۇ ئۆزى ئۇچۇن يىڭىدىن راسلانغان كارۋاتقا كىلىپ ئولتۇردى ئانا ھاسىراپ تۇرۇپ . ئۆي ئۇچىنچى قەۋەتتە بولسىمۇ پەلەمپەي تىك بولغاچقا مىڭىپ چىققىچە ياش ئادەممۇ خىلى قىينلاتتى . قىزىنىڭ غەمكىن تۇرقىنى كۆرگەن ئانا روخسار ئويلىسلا بىشىغا غەم چۇشىدىغان گەپنى باشلىدى مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
مۇشۇنداقلا ئۆتۇپ كىتەرسەنمۇ بالام . يىشىڭمۇ بىر يەرگە باردى دەپ ئەمدى گىپىنى باشلاپ بولغىچە روخسار ئانسنىڭ گىپىنى ئۇزۇپلا
سىنى كىلىدۇ دىگەننى ئاڭلاپلا بۇ گەپنى سورىسا نىمە دەرمەن دەپ بىشمغا غەم چۇشكەن بولدى بۇگۇن گەپ قىلمىغىنە . بىشم ئاغىرىۋاتىدۇ دىدى روخسار ھارغىنلىق بىلەن كارۋاتقا قايتىدىن ئۇزىنى تاشلاپ
ئانا يەنە سۆزلەشكە باشلىدى
خۇدايىمدىن بەختىڭنى بىرەر دەپ شۇنچە تىلىگەن بولمسا دىدى ئانا قىزنىڭ باش تەرىپىدە ئولتۇرۋىتىپ ئىز تورى www.iz.la
ماڭا بەخىت تىلىمەي ئۆزۇڭگە تىلىگىنە بولدى دىدى روخسار ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ كەتكىنىچە
سەن دادام بىلەن توي قىلغىلى نەچچە يىل بولدى ؟ سورىدى روخسار كۆزلىرىنى چەكچەيتكىنچە ئانىسغا تىكىلىپ قاراپ
قىرىق يىللار بولغاندۇ دىدى ئانا قوللىرى بىلەن بىردەم ھىساپلىغاندىن كىين . ئەمەليەتتە ئۇ توي قىلغىلى نەچچە يىل بولغانلىغىنى ئىنىق بىلمەيتتى
سەن بەخىتلىكمۇ دىدى روخسار ئارقىدىنلا
ئانىسى بۇ گەپنى ئاڭلاپ بىر ھازا تۇرۇپ قالدى . ئۇ نىمە دىيشنى بىلەلمەي بىر دەم تۇرغاندىن كىين
نىمە دىمەكچىسەن
دىدى قىزىنىڭ گىپىنى تازا ئاڭقىرالمغاندەك قاراپ تۇرۇپ كىتىپ .
ھە مانا دىدى روخسار دىمەك سەن بەخىت ھەققىدە ئويلىنىپ باقمىغان ھەم بىر ئەرنىڭ ئايالىنى بەختلىك قىلىدىغانلىغىنى ھەم بەختلىك قىلسا قانداق بۇلىدىغانلىغىنى ، بىر ئايالنىڭ قانداق تۇرمۇشتا ياشسا ئاندىن ئۆزىنى بەختلىك ھىساپلايدىغانلىغىنى بىلمەيسەن
ئانا جىمىپ كەتتى
جىمجىتلىقنى خالاپ تۇرغان روخسار ئورنىدىن تۇرغانچە ئانىسغا ئاياپ ئولتۇرماي كاللىسغا كەلگەن گەپنىڭ ھەممىنى قىلىش نىيتگە كەلگەندى
دادام ھىلىمۇ ھاراق ئىچەمدۇ دەپ سوردى روخسار
ئىچىدۇ دىدى ئانا ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ
ھىلىمۇ قىمار ئوينامدۇ ؟ دىدى روخسار يەنە ئانىنىڭ بىچارە تۇرقىغا قاراپ
ئوينايدۇ دەپ جاۋاپ بەردى ئانا
ئۇ ھىلىمۇ سىنى ئۇرامدۇ ؟ دەپ سورىدى روخسار يەنە ئانا ئۇنىڭ سۇئاللىرىغا بەرداشلىق بىرەلمەي قىلىۋاتاتتى . شۇڭا ئۇ ئۆمچەيىگىنچە بىشىنى لىڭشتتى
ئەمدى ماڭا قىلىدىغان باشقا گىپىڭ بارمۇ ؟ بولمسا ئارام ئال. بىكار سىنى خاپا قىلىپ قويىمەن دىدى روخسار يەنە كارۋىتىغا ئۆزىنى تاشلاپ
ئانا سۇكۇت ئىچىدە كارۋاتقا چىقتى
كۆڭۇلسىزلىك بىلەن باشلانغان سۆھبەت يەنە كۆڭۇلسىزلىك بىلەن ئاخىرلاشتى . ئانا كارۋاتقا چىقىپ بىر دەمدىلا ئۇخلاپ قالدى . نەچچە مىڭ كىلومىتىر يولنى ئاپتۇز بىلەن بىسپ كىلىپ يەنە بىر مۇنچە ئىشلار بىلەن ھەلەك بۇلۇپ دەسسەپ تۇرماق تەس ئىدى . بىراق ئانىنىڭ تىنى ساغلام كۆرىنەتتى . جاپا تارتىشنى ئەزەلدىن ئۆزىگە خوپ كۆرگەچكە كۇندىلىك ئىشلاردىن پەقەتلا قاخشمايتتى . مەن ئايال جاپا چىكىش مەن ئۇچۇن ھەق دەپ قارايتتى . ئەگەر روخسار ئۇنىڭ ئورنىدا بولسا ئاللىقاچان يىقىلىپ قالاتتى ئىز تورى بەك ياخشى
روخسار ئانىسى ئۇخلاپ قالغاندىن كىيىن ئۇنىڭ يوتقانلىرىنى يىپىپ قويۇپ ئاندىن كارۋىتىغا چىقىپ ياتتى . لىكىن بىر سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت ئۇيان – بۇيان ئۆرۇلۇپ ئۇيقۇسى كەلمىگەندىن كىين ئىچى سىقىلىپ كىيملىرىنى كىيىپ سىرىتقا چىقىپ كەتتى . ئانا قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكەندى شۇڭا ئۇ روخسارنىڭ چىقىپ كەتكەنلگىنىمۇ تۇيماي ئۇخلاپ قالدى
روخسار ئادىتى بويىچە مەھەللىگە يىقىن موزىكىلىق مەيخانىغا كىرىپ ھاراق ساتىدىغان ئايلانما باتەيگە قويۇلغان بوش ئورۇندۇقنىڭ بىرگە كىلىپ ئولتۇردى . شەرەپ بۇگۇن ئىشلىگەن بۇلۇپ ئۇنى كۇرۇپ ئاستا يىنىغا كەلدى . ئۇيقۇ يەنە كەلمەپتۇ دە دىدى شەرەپ ئۇنىڭ كۇزىگە مەنىلىك قاراپ بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
شۇنداق ئۇيقۇم قاچتى دىدى روخسار سۇغۇقلا قىلىپ
ئەمسە بىر نەچچىنى ئىچىڭ دىدى شەرەپ تۇۋەندىن بىر بوتۇلكا قىزىل ھاراقنى چىقىرىپ روخسار ماقۇل دىگەنچە بىشنى لىڭىشتقاچ ئەتراپقا قارىدى . شەرەپ خىلى قاملاشقان لىكىن پۇلى يوق . قاچانلا قارىسا پۇل تاپىدىغان چوڭ پىلانلارنى قىلىپ يۇرۇيدىغان خىيالى لىكىن غەيرەتسز يىگىت بۇلۇپ روخساردىن بىر نەچچە ياش چوڭ ئىدى . ئۇ روخسار بىر قىتىم مەس بۇلۇپ قالغاندا تونۇشۇپ قالغان بۇلۇپ شۇ كۇنى روخسار بىلەن قونۇپ قالغاندى . شۇنىڭدىن بىرى ئىككسى ئىزچىل ئارلىشىپ كىلىۋاتقان بۇلۇپ روخسار ئۇنىڭدىن بىر ئاز زىرىكىش ھىس قىلىپ قالغاندى . بىراق شەرەپ روخسارغا ئامراق ئىدى . چۇنكى ئۇ شەرەپتىن پۇل تەلەپ قىلمايتتى . تەييار ئۆيى بار ياتاق ئىلىپ يۇرۇشنىڭ ئورنى يوق . يەنە كىلىپ ئۇ يەنىلا چىرايلىق . ھىچقانداق چىقىمسز بىر ئايالدىن بەھىر ئىلىش شەرەپكە ئوخشاش قۇرۇق خىيالغا باي لىكىن ئەمەلى ئىقتىزادى يوق زىيالىيلارغا تازا ياقىدىغان ئىش ئىدى . روخسار نەچچە كۇندىن بىرى كەلمىگەچكە شەرەپ ئۇنى سىغىنىپ تۇراتتى . شۇڭا ئۇ روخسارنى كۇرۇپ ئىچ ئىچىدىن خۇشال بۇلۇپ كەتتى . ئۇنىڭغا شوتلاندىيە ۋىسكىسدىن بىر رۇمكا تەڭشەپ بەرگەندىن كىين روخسارنىڭ گۇزەللىگىدىن ھۇزۇر ئالغاچ ئىشلەۋاتاتتى . روخسارنىڭ خيالىدا ئەرلەر ئۇنىڭغا مۇھتاج بولغاندا ئالدىدا مۈشۈكتە سۇۋۇشۇپ كىتەتتى ھەم ئۇنىڭ كۇڭلىنى ئىلىش ئۇچۈن ھەرقانچە پىخسىق ئادەممۇ پۇلنى سۇدەك خەجلەيتتى . بىراق ئۇ ئۆزىنى بىر قىتىملىق تازلىق قەغىزىدەك ، ئىشلىتىپ بۇلۇپلا تاشلىۋىتىشكە تىگىشلىكتەك بۇيۇمدەك ھىس قىلاتتى . ئۆزى بىرەرسىگە مۇھتاج بولغاندا ھىچكىمنى تاپالمايتتى . يالغۇزلۇق ۋە غىرىپسنىش ئۇنى ئۇزاقتىن بۇيان قىيناپ كەلگەندى . ئۇ ئەرلەردىن شۇنچىلىك بىزار بۇلۇپ تۇرسىمۇ لىكىن يەنە يالغۇزلۇقتىن قورقۇپ ئۇلار بىلەن بىللە بۇلۇشنى ئىزدەيتتى . لىكىن ئەرلەر ئۇنىڭ بىلەن بىر قىتىم بىللە بولغاندىن كىينلا تاشلاپ كىتىپ قالاتتى . شەرەپ ئۇنىڭ نەزىرىدە پەقەتلا ئەركەك جىنسلىق بىر ئادەم ئىدى . باشقا ئەرلەردىن پەرىقىلىنىدىغان ھىچقانداق يىرى يوق بىر ئەر كىشى ئىدى خالاس . سەھنىدە بىر يىگىت توپىدىن ئايرىلغان قوزىدەك كۆڭلى يىرىم قىياپەت بىلەن گىتتارنى ياۋرۇپانىڭ لىرىك موزىكىسدىن بىرىگە چىلىپ ناخشا ئىيتىۋاتاتتى . ئۇنىڭ ئالدىدا بىر توپ قىز يىگىتلەر تانسىغا چۇشكەن بۇلۇپ ۋال ۋۇل چىراقنىڭ نۇرىدا ئۇلارنىڭ تىنى ئالۋۇندەك گاھ كۆرۇنۇپ گاھ كۆرۇنمەي قالاتتى . روخسارنىڭ كۆزىگە ھەممسى روھىنى يوقاتقان قۇرۇق بەدەنلەردەك كۆرۇندى مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
شەرەپ روخسارنىڭ بىر رۇمكا ھاراقنى ئىككى كۆتۇرۇپ ئىچىۋەتكەنلگىنى كۇرگەندىن كىين ئۇزۇن رۇمكىدىن بىرنى ئىلىپ روخسارغا يەنە بىر رۇمكا قۇيدى . روخسار ئاچچىق ھاراقنى يەنىلا بىر كۆتۇرۇپ ئىچىۋەتتى
شەرەپ روخسارغا قاراپ كۇلۇمسرىگەنچە پەيلىڭىز يامانغۇ ؟ مىنى ئۆيىڭىزگە تەكلىپ قىلىدىغان ئوخشمامسز ؟ دىدى ئۇ شاللاقلىق بىلەن ھىجىيىپ
ئۆيدە ئانام بار، بۇگۇن قاملاشمايدۇ دىدى روخسار ئۇنىڭغا قارىماي تۇرۇپ بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئۆينى مەن تاپاي دىدى شەرەپ ئۇنڭغا كىرىشۋالغانچە
روخسار شەرەپنىڭ سۇئاللىرىدىن قۇتۇلۇش ئۇچۇن قەستەن پەرۋاسىز قىياپەت بىلەن ئولتۇرۇپ
قىنى ھىلىغىچە بىر گەپ بولسۇن دىگەنچە سەھنىگە كۆز تىكتى
ئۇ بىر ئولتۇرغانچە ئۆزىنىڭ تۇگىمەس خىياللىرى بىلەن ئولتۇرۇپ كىچە سائەت ئىككگىچە ئىچتى . ئۇ ئەسلىدە ھىچ نەرسىنى سەزمىگىدەك ئازاپلىق خىياللىرىدىن نىرى بۇلۇش ئۇچۇن كەلگەندى . شۇڭا ئۇ ئۆزى ئۆزى بىلەن مۇڭدىشىپ خىلى كۆپ ئىچىۋەتكەچكە مەس بولغىندىن ئۆرە بۇلالمىغدەك ھالغا كىلىپ قالغان بولسمۇ يەنىلا كۈچەپ ئورنىدىن تۇرۇپ چىقىش ئىشگى تەرەپكە قاراپ ماڭدى www.iz.la
شەرەپ ئۇنىڭ كەتمەكچى بولغانلىغىنى كۆرۇپ سەل توختاڭ بىللە كىتەيلى دىدى ئۇنىڭغا جىددىلىك بىلەن
بۇگۇن ئۆيدە ئانام بار دىدى چىقىپ كىتىۋاتقاچ ئۇ تىك تۇرالماي قىلىۋاتقان بولسمۇ ئانسنىڭ ئۆيدە ئىكەنلىگىنى ئۇنتۇمىغاندى
شەرەپ بىر دەمدىلا كىيملىرىنى ئالماشتۇرۇپ يولغا چىقىپ ئەمدىلا ماشىنىغا چىقاي دەپ قالغان روخسار بىلەن بىرگە ماشىنىغا چىقتى ماشىنا قوزغىلىشى بىلەن شەرەپ روخسارنى قۇچاقلاپ سۇيۇپ كەتتى . لىكىن روخسار تىنى بىلەن ئاللىقاچان مۇناسۋىىتى قالمىغاندەك ۋە ھىچ ئىش بولمىغاندەك كۆزىنى يۇمۇپ ئۇخلاشقا باشلىدى . شەرەپ ئۇنىڭ مەس بۇلۇپ قالغانلىغىنى ھىس قىلىپ ئۇنىڭ بىشنى مۆرىسگە قويىۋالدى . ئۇلار بىردەمدىن كىينلا ئۆيىگە يىتىپ كەلدى . روخسارنىڭ ۋۇجۇدىدىن تارقاۋاتقان ئاياللىق ھىدى شەرەپنىڭ كۆڭلىنى ۋەسۋەسىگە سىلىۋەتكەچكە كۇڭلىدە شەيتان قۇترىغان شەرەپ ئۇنىڭ ئۆيدە ئانام بار دىگەن گىپىنى مۇنداقلا دەپ قويغان گەپ دەپ چۇشىنىپ قالغاندى . شۇڭا ئۇ روخسارنى يۇلىگەن بۇلۇپ ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرۋىلىپ مەخسىدىگە يەتمەكچى بولغاندى . لىكىن ئۇ بىنادىن كىرىپ ئۆينىڭ ئالدىغا كەلگەندە تاقىتى تاق بۇلۇپ روخسارنى تامغا يۇلەپ سۆيىۋالدى . روخسار خىلى سەگىپ قالغاندى . شۇڭا ئۇ شەرەپنىڭ گىلدىن ئىتىرۋەتتى . شەرەپنىڭ ئاچچىغى كىلىپ ئۇنىڭغا ۋاقىراپ كەتتى . روخسار ئۇنىڭ قولىدىن ئاجىراپ چىقىپ بىر دەم ئاچقۇچنى ئىزدىگەندىن كىين ئىشىكنى چىكىشكە باشلىدى . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئانا ئۇخلاپ قىتىپ كەتكەندى . بىر چاغدا ئشىكنىڭ ئالدىدا روخسارنىڭ بىر ئەر بىلەن ۋاقىراشقان ئاۋازىنى ئاڭلاپ چۇچۇپ ئويغىنىپ كەتتى
پەقەت بىر قىتىملا . بىر دەمدە كىتىمەن دىدى ئەر ئۇنىڭغا
يوقال دىدى روخسار ۋاقىراپ . بۇگۇن ئۆيدە ئانام بار دىدىمغۇ . بولمايدۇ دەيتتى روخسار بىردەمدىن كىين بىر ئىتنىڭ ئۇنلۇك قاۋىغا ئاۋازى ئاڭلنىپ يەنە پەسىيپ قالدى
بىر چاغدا ئىككسنىڭ سۆرەشكەن ، يىقىلغان ، بىر ئاۋازلىرى ئاڭلاندى . ئانا ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ چىراقنى ياندۇرغاندىن كىين ئشىكنىڭ ئالدىغا كىلىشگە ئىشك ئۆرۇلگەندەكلا بۇلۇپ قاتتىق ئىچىلىپ ئۇنىڭ يۇزىگە تەككىلى تاس قالدى . روخسار ئانسغا پەرۋا قىلمايلا بىرىپ كارۋىتىغا ئۆزىنى تاشلىدى . ئۇنىڭ ئارقىسدىن ئوغىرىدەك ماراپ تۇرغان شەرەپ روخسارنىڭ ئانسنى كۆرۇپ ئاستا ئۆزىنى ئوڭشاپ ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ياخشىمۇ سىز ؟ دىگەندىن كىين ئانىنىڭ ئۆزىگە قاراپ ھەيران قالغانچە ھاڭۋىقىپ قالغىنىنى كۆرۇپ ئاستا كۆزدىن غايىپ بولدى . روخسار ئۇيقۇغا كەتكەندى . ئانا ئشىكنى مەھكەم تاقاپ ئاستا كىلىپ ئۇنىڭ بىشىنى سىلىغانچە يىنىدا ئولتۇردى . بىچارە قىز غەرىق مەس بۇلۇپ ئانسنىڭ بىشدا ئولتۇرغانلىغىنى سەزمەيتتى . ئۇ چىراق يورىغىدا قىزنىڭ ئۇخلاپ ياتقان تۇرقىغا قاراپ ئۇنىڭ چاچلىرىغا ئاق سانچىغانلىغىنى . كۆز ئەتىراپىدىكى قورۇقنىڭ چۇڭقۇرلاشقانلىغىنى سەزدى . بىچارە قىزىم توي قىلىۋالساڭ ياخشى بۇلاتتى . ھاياتنىڭ جاپاسىنى بىللە تارتىدىغان ئادەم بولغان بولسا بۇنچىلىك بۇلۇپ كەتمەيتتىڭ دىدى ئۇ ئىختيارسىز ئۇخلاپ ياتقان قىزغا قاراپ . ئانا قىزىنى ھاراق ئىچىدۇ دەپ ئويلىمىغان ئىدى . شۇڭا ئۇ بىر تۇرۇپ قىزىنىڭ بۇ ھالىتىگە قاراپ نەپرەتلىنەتتى . مەن ئانا بۇلۇپ ئەرلەرمۇ بەرداشلىق بىرەلمەيدىغان مۇشۇ نەرسىنى ئچىىدىغان بىر قىزنى تەربىيلەپ چىقتىممۇ دەپ ئويلاپ ئۆزىنىڭ ئۆمۇرلۇك ئەمگگى بىكارغا كەتكەندەك ھىسيات بىلەن قىزنىڭ ئۇخلاپ ياتقان ھالىتىگە قاراپ ئچىناتتى . ئانا بىر ئۇزۇن تەگسز خىياللار بىلەن قىزنىڭ بىشدا ئولتۇرۇپ كارۋىتىغا چىقىپ ئۇخلاپ قالدى
ئانا ئەتسى سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ ئاشخاننىڭ قالايمىقان مەينەتلىگگە كۆزى چۇشۇپ ئۇنى بىر دەم تازلاپ يىغىشتۇردى .كونا توڭلاتقۇ قۇرۇق بولغاندىن سىرىت ئاشخانا ئۆيدە ناشتا قىلغىدەك ھىچ نەرسە بولمغاچقا ئاشخانىنى تازلاپ بۇلۇپ قىزىنى ئويغتىۋەتمەسلىك ئۇچۇن پۇتىنىڭ ئۇچى بىلەن مىڭىپ پەم بىلەن ئىشكنى تاقاپ بىنادىن چۇشتى . ئۇ ئىككىنچى قەۋەتكە چۇشكەندە پەلەمپەينىڭ ئالدىدا بىر بۆرە ئىتنىڭ تۇرغانلىغىنى كۆرۇپ ئىختىيارسىز ۋاقىراپ تاشلىدى . ئۇنىڭ ۋاقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئۇدۇلدىكى ئوچۇق ئىشكتىن بىر بوۋاي چىقىپ كەلدى . ئۇ مومايدىن ئەپۇ سورىغاچ ئىتنى سۆرەپ ئۆيگە كىرگۇزۋەتكەندىن كىين ئارقىغا قورقۇمسىراپ قاراپ تۇرغان ئانىنىڭ ئارقىسدىن كىلىپ ئىز تورى www.iz.la
يۇرۇڭ مەن سىز بىلەن بىللە چۇشەي دەپ ئانا بىلەن بىللە بىنادىن چۇشتى . بىنانىڭ دەرزىسى چىقىلغان بولسمۇ لىكىن كۇنگە تەتۇر بولغاچقا يەنىلا قاراڭغۇ ئىدى . شۇڭا بوۋاي ئىختيارسىز ئانىنى قولتۇقلىۋالدى . ئانا بوۋاينىڭ ئۆزىنى قولتۇقلىشنى پەقەت ئۆزىنى قىرى كۆرۇپ بۇ ناتۇنۇش يەردە يىقىلىپ چۇشمەسلىك ئۇچۇن دەپلا چۇشەنگەچكە غەيرىلىك ھېس قىلمىدى . ئانا ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ گويا ئىككىسى بۇرۇندىن تونۇشىدىغاندەك ئىللىق بىر تۇيغۇ ئۇنىڭ ھاياجاننى ئۇنتۇپ كەتكەن يۇرىكىگە كىلىپ تىگىۋاتاتتى . ئۇلار سۇنۇق دەرىزىلىرىدىن تارام - تارام نۇرلىرى ئىچىدە بىر جۇپ پەرىشتە ئۈچۈپ زىمىنغا چۇشكەنگە ئوخشاش ئاستا سىيرىلىپ تۆۋەنگە چۇشتى . ئۇلار قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن چىقىپ چوڭ يولغان چىقتى . يولنىڭ قارشى تەرىپىدە بىرىنچى يولنىڭ ئاپتۇزى بۇلۇپ ئاپتۇزنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى بىكىتى دوختۇرخاننىڭ ئالدىدا توختايتتى
نەگە بارسىز دىدى بوۋاي ئانىغا تىكىلگەنچە
دوختۇرخانىغا . لىكىن دوختۇرخانىغا بىرىشتىن ئاۋال ناشتىلىق ئىلىۋىلىشىم كىرەك دىدى ئانا
يىقىن ئەتراپتا بىر ياخشى ئاشخانا بار يۇرۇڭ مەن باشلاپ باراي دىدى بوۋاي سۇكۇتسىزلا
ياق بولدى دىدى موماي . مەن ئۇزۇم بىرىۋىرەي سىزىنى ئاۋارە قىلماي دىدى تۈزۈت قىلىپ بىراق بوۋاي چىڭ تۇرىۋالغاچقا ئانا ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئاشخانىغا باردى . ئىككلىسى يولدا بارغىچە بىر - بىرىگە ئارتۇق گەپ قىلشمىدى . لىكىن بوۋاي زىرىكىشتىن ئۆلەي دەپ قالغاچقا ئۇنىڭغا تۇگمەيدىغان گىپى باردەكلا قىلاتتى . ئۇلار بىللە ئولتۇرۇپ ناشتا قىلغاندىن كىين موماي بىكەتكە بىرىپ ئاپتۇزغا چىقتى . بوۋاي قەدىناس يولدىشنى ئۇزىتىۋاتقاندەك قايغۇلۇق كەيپىيات بىلەن قولىنى كۆتۇرگەنچە بىكەتتە قالدى . موماي يولدا بارغىچە بوۋاينىڭ ۋۇجۇدىدىن ئۆزى ياش چىغىدا ئارزۇ قىلىپ كەلگەن بىر خىل مىجەزنى كۆرگەندەك بۇلۇپ قالغاندى . ئۇ ئاپتۇزغا چىقىپ دۆڭكۇرۋرۇك بازىرىدىن ئۆتكەندىن كىين چوڭ بازارنىڭ ئالدىدا كۆشگەنچە ياتقان تۇگىگە قاراپ ئىچ ئاغىرتقانچە ئارقسغا قايرىلىپ قاراپ قويدى . شەھەر دىگەن راستىنلا غەيرى بۇلىدىكەن . قۇملۇقتا ياشايدىغان ھايۋاننى نەم سىمنۇتتا ياتقۇزۇپ قويغىنى نىمىسى بىچارە تۇگە دەپ ئۆزىگە سۆزلىگەچ تۇيۇقسىز قىزىنىڭ ئاخشامقى ئەھۋالىنى ئەسلەپ ئاچچىغى كىلىپ كەتتى . ئانا بىر تۇرۇپ قىزىغا ئىچ ئاغىرىتسا يەنە بىر تۇرۇپ ھەر ھالدا ئۇنى ئىزدەيدىغان ئەرلەر بار ئىكەن . بىر كۇنلەردە مۇشۇنداق بىر يىگىت بىلەن توي قىلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دەپ خۇشال بولدى . ئۇنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان بىر يىگىت ئۆزى بىلەن تەڭتۇش بىر قىزنى قۇچىقىغا ئىلىۋالغان بۇلۇپ ئادەملەر سەللا قىستلىپ كەتسە يىگىت قىزنىڭ ئالمىدەك قىزىل چىرايلىق مەڭزىگە سۇيىۋالاتتى . قىز نازلىنىپ يۇمشاق قوللىرى بىلەن يىگىتنىڭ پىشانىسنى ئىتتىرىپ قوياتتى . موماي نىمە ئالامەت بۇ دەپ يەنە سىرىتقا قاراشقا باشلىدى . قىز يىگىتنىڭ بەختلىك ھالەتلىرى ئۇنىڭ كۆڭلىدە ئىللىق بىر سىزىم پەيدا قىلدى . لىكىن نىمە بۇلۇپ كەتتى بۇ ئادەملەر شۇنچە ئادەم بار يەردە ھىيىقماستىن سۇيۇشۇپ دەپ ئويلاپ يەنىلا سىرىتقا قارىۋالدى . ئاسمان پەلەك بىنالارنىڭ ئاستىدا ئادەملەر خۇددى ئەرزىمەس قۇرۇتتەك ئۇيان بۇيانغا خوشياقماسلىق بىلەن مىڭىشپ يۇرەتتى . ئۇ بىكەتتىن چۇشۇپ يەنە ئەرزىمەس خىياللار بىلەن بۇلۇپ ئىرى ياتقان بىناغا بارىدىغان يولدىن ئىزىپ قالغاچقا ئوماققىنە كەلگەن دوختۇر يىگىتتىن سورۇشتۇرۇپ يۇرۇپ ئىرى ياتقان ياتاقنى ئاران تاپتى . ئۇ دوختۇرخانىغا كەلگەندە ئەتتىگەن سائەت ئون بولغاندى . سابىر بوۋاي ئۇنى ساقلاپ تاقىتى تاق بولغاچقا ئاچچىغىدا قاپاقلىرى چۇشۇپ كەتكەندى
ئانا ياتاققا كىرگەندە بوۋاي يالغۇز بۇلۇپ ئۇ كىرىشگىلا ئادىتى بويچە يىقىنراق كەل دىدى ئانىغا گۆلىيىپ قاراپ . ئانا بىرسى بىلەن گۇناھلىق ئىش قىلىپ قويغاندەك كەيپىيات بىلەن ئاستا مىڭىپ ئۇنىڭ يىنىغا كەلدى
ئەر كىشىنىڭ ھىدى كىلىۋاتىدۇ دىدى بوۋاي ئادىتى بويىچە
ئاپتۇزدا مەندىن باشقا ئەركىشلەر جىقكەن دىدى ئانا دىمى سىقىلغاندەك بۇلۇپ دەرىزنىڭ ئالدىغا بىرىۋىتىپ
بوۋاي بىر ئۆمۇر ئۇنى ئەنە شۇنداق كۇنلەپ كەلگەندى . لىكىن نەزىرىدە ئۇنىڭ ئاچچىغىمۇ بار تاتلىغىمۇ بار ئەر ئىدى . جەنۇپ تەرەپتە ئەرلەر تەلۋىلىگى تۇتقاندا خوتۇننى ئەڭ ئۆچ رەقبىنى ئۇرغاندەك خوتۇننى رەھىم قىلماي دۇمبالىيالايدىغان ۋە خوشى تۇتقاندا بازارغا ئىلىپ چىقىپ ئىككى كىيىم كۆينەك ئىلىپ بىرەلەيدىغان ئەرلەر ئەنە شۇنداق ئاچچىغىمۇ بار تاتلىغىمۇ بار ئەر كىشلەر ھىساپلىناتتى . ئانا ئۇنىڭغا ئالغاچ كەلگەن ناشتىلىقنى ئالدىغا قويدى
قىزىڭ نىمە ئىش قىلىۋاتىدۇ دىدى بوۋاي زەرىب بىلەن ئانا ئۇنىڭغا قايرىلىپ قاراپ سۇكۇتتە تۇرۇپ كەتكەندىن كىين
ئۇخلاۋاتىدۇ دىدى راس گەپنى دەپ
ئىشلىمەمدىكەن ئۇ كۇن چۇشكىچە ئۇخلاپ سىنىڭ باققان باللىرىڭنىڭ بىرسى ياخشى ئادەم بولمىدى دىدى مومايغا چىشلىرىنى غۇرۇچلىتىپ تۇرۇپ
ھازىر ناشتا قىلىڭ . كېسلىڭىز ئۇچۇن ئاچچىغلاش زىيانلىق دىدى موماي دەرىزىدىن سىرىتقا قاراپ تۇرغانچە
بوۋاي يەنە نىمىلەرنىدۇ دىمەكچى ئىدى . بىراق ئاغزىغا كەلگەن گەپنى يۇتىۋىتىپ ناشتا قىلىشقا باشلىدى ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئۇلارنىڭ ئۇچ بالىسى بار ئىدى . ئەڭ چوڭى ئوغۇل . مەكتەپتە ياخشى ئوقۇماي كىينلىكتە كۇننى ئالالمايدىغان بىر بايقۇشقا ئايلىنىپ قالدى . شۇڭا ئۇ كەيىپكە بىرىلىپ كەتتى . بىچارە ئايالى تايىنىدىغان ئەرنىڭ تايىنى بولمىغاچقا يىڭىنى شىمايلاپ ئوتتۇرغا چۇشۇپ بىر ئائىلىنى ئۆزىلا باشقۇرۇپ گۇللەندۇرۇپ كەتتى . ئىككىنچىسىمۇ ئوغۇل ئىدى . ئۇنىڭ تىجارەتكە ئىپى بار بۇلۇپ ھەر ھالدا مىدىرلاپ يۇرەتتى . لىكىن تاپقان پۇلنىڭ تايىنى يوق ھە دىسە يامان ئىشلارغا چىتىلىپ قىلىپ پات پات تۇرمىگە كىرىپ يىتىپ چىقاتتى . ئۇچىنچىسى روخسار بۇلۇپ مەكتەپ پۇتتۇرۇپ خىزمىتىنىڭ تايىنى يوق . بىر يەردە ئورنى مۇقىم ئەمەس بىراق ئۆزىگە تايىنىپ ياشايتتى . ئۇنىڭ توي قىلمىغانلىغى دادىسىنىڭ ئاچچىغىنى كەلتۇرەتتى . شۇڭا ئۇ بۇ توغۇرلۇق سۆزلەپ قالسا بىر ئىككى ئىغىز گەپ بىلەن توختاپ قالمايتتى . موماي دەرىزىنىڭ سىرىتىدىن شەھەرنىڭ مەنزىرىسگە قاراپ تۇرغاندەك قىلسمۇ لىكىن كۆزلىرى بىلەن ئەمەس نىرۋىسى بىلەن بىر ئىشلارنى كۇرىۋاتاتتى . ئۇ ئەتتىگەنكى ھىلىقى ئىتنىڭ ئىگىسنى ئەسلەۋاتاتتى . بەلكىم ئۇ يالغۇز بولسا كىرەك . خوتۇن بالىلىرى يوقمۇ يا ؟ بىرەر پىشكەللىككە ئۇچۇرىغا بولسا كىرەك . قىرىغاندا يالغۇز قىلىش نىمە دىگەن قورقۇنۇشلۇق دەپ ئويلاپ بوۋاينىڭ تۇرقىنى ئەسلەش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ھاياتى ئۆستىدە تۇرلۇك ھۇكۇملەرنى چىقىرۋاتاتتى . ئۇ بوۋاينىڭ پەلەمپەيدىن چۇشكىچە بولغان ئارلىقتا ھاياجان بىلەن بىلەن خۇددى كىچىك بالىدەك تىتىرەپ كەتكىننى ئىسگە ئالغان موماي تۇيۇقسىز قىز چاغلىرىدىكدەك پىخىلداپ كۇلۇپ تاشلىدى
زادى قوسىغىڭدا جىن بار دىدى ناشتا قىلىۋاتقان بوۋاي ئۇنىڭ گۆلىيىپ قاراپ
ئانا ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماي بىنانىڭ ئاستىدىكى گۇلەڭگۇچتە ئويناۋاتقان ئىككى قىزغا قاراۋاتاتتى . ئۇ داۋاملىق ئۆزىنى قىرىدىم دەپ قارايتتى . جىنسيەت ئەركىنلىگى بىلەن چەكسىز غىرىپلىقتىن باشقا ھىچ نەرسە بەرمەستىن جاننى ئالىدىغان بۇ شەھەر شۇ تاپتا ئۇنىڭ كۆڭلىنى غىدىقلاشقا باشلىغانلىغىدىن ھەيران قالاتتى . تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
ئىز تورى www.iz.la
بۇ ئەسەر نىڭ ئاپتۇرنىڭ كىم ئىكەنلىكنى بىلمەيمەن . بىر يىل بۇرۇن توردىن ساقلىۋالغان ئىدىم تورداشلار بىلەن تەڭ بەھىرىلىنىش ئۈچۈن يوللاپ قۇيدۇم. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئاخىرى بار .................................