ئۆيىمىز شەھەردە بولسىمۇ ئەر - خوتۇن ئىككىمىز يېزىدا ئىشلەيدىغان بولغاچقا، نەچچە كۈننىڭ ياقى ئايلىق ئاپتوبۇس بېلىتى ئالساق دەپ ساقلاۋاتقان 200يۈەن پۇل كۆڭلىكىمنىڭ يانچۇقىدا بار ئىدى، شۇئان كۆڭلىكىنىڭ يانچۇقىغا قول سالدىم، پۇل يوق ئىدى، كىيىملىرىمنىڭ ئاختۇرمىغان يانچۇقى قالمىدى. نەچچە كۈندىن بويان نېمىگە پۇل خەجلىگىنىمنى ئويلىدىم.
قانچە ئويلىساممۇ ھېچنېمىگە پۇل خەجلىمەپتىمەن ۋە ھېچنېمىمۇ سېتىۋالماپتىمەن.
ئۇيان ئويلاپ - بۇيان ئويلاپ گۇمانىم ئاخىز قىزىمغا مەركەزلەشتى. قىزىم ئانچە - مۇنچە يانچۇقلىرىمنى ئاختۇرۇپ قوياتتى.
قىزىمنىڭ بۇ يامان ئادىتىنى خوتۇنۇم ۋە ئوغلۇممۇ بىلەتتى.
ئىز تورى بەك ياخشى
- كەچۈرۈڭ، نەچچە كۈندىن بويان ئايلىق بېلەت ئالارمىز دەپ ساقلاپ كېلىۋاتقان 200يۈەن پۇل يوق تۇرىدۇ، ئىزدېمىگەن يېرىم قالمىدى، ئۈچ كۈن ئىلگىرىلا بار ئىدى.
- ئاخشام، تۆنۈگۈن ئولتۇرۇشتا بولدۇق دەپ ئۆيگە كەچ كىرگەنتىڭىز، شۇ ئولتۇرۇشتا خەجلىگەنسىز ھەقىچان، مەن باشقىلاردىن “ئەر خەق دېگەن مەست بولغاندا خەجلىگەن پۇلىنى بىلمەيدۇ“ دەپ ئاڭلىغان، ئولتۇرۇشتا خەجلىۋېتىپ خۇپسەنلىك قىلىۋاتامسىز يا؟!
- نەدە مەن پۇل خەجلەيمەن ، ئۇلار مېنى باشلىقىم دەپ مېھمان قىلغان تۇرسا، قاملاشمىغان گەپ قىلىدىكەنسىز، ئۇنىڭدىن باشقا مەن ھازىر ھاراق ئىچمەيدىغان تۇرسام قانداقمۇ مەست بولۇپ قالاي.
- ئۇنداق بولسا يانچۇقىڭىزغا چاشقان چۈشكەن ئوخشىمامدۇ پۇل يەيدىغان؟
- قىزىق گەپ قىلىدىكەنسىز، بىنا ئۆيدە چاشقان نېمە ئىش قىلسۇن؟
خوتۇنۇم ماڭا، ئوغلۇمنىڭ چىرايىغا قاراپ چىققاندىن كېيىن ئاخىرى تاماق يەۋاتقان قىزىمغا قارىدى ۋە:
- ئارزۇگۈل پۇلنى سەن ئالدىڭمۇ- يە؟ - دەپ سورىدى.
- مەن نەدە يۈرۈپ پۇل ئالغۇدەكمەن، -دېدى ئۇ نارازىلىق كەيپىياتتا ئانىسىغا تىكىلىپ تۇرۇپ.
- بولدى سىز مەكتەپكە مېڭىپ تۇرۇڭ، مەن پۇلنى ئالغان ئادەمنى تاپماي قويمايمەن،- دېدى خوتۇنۇم قىزىمغا قاراپ.
مەن مەكتەپكە ئالدىراپ ماڭدىم ، چۈنكى بۈگۈن ۋىلايەتتىن رەھبىرىي كادىرلار مەكتەپنىڭ“ئىككى ئاساسەن“ خىزمىتىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن كەلمەكچى ئىدى.
چۈشتە ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە كىردىم، خوتۇنۇم سافادا خامۇش ھالەتتە ئولتۇرۇپتۇ، قىزىمغا قارىدىم ، ئۇنىڭ يۈز كۆزلىرى قان ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇراتتى.