ﻫا - ﻫا - ئىﻬا - ئىﻬا - ﻫا .....
---- ۋايجان ، نېمانداق ۋارقىرايسەن ؟ ئادەمنىڭ قۇلاق - مېڭىسىنى يەپ ؟ ---- قوشقارجان ئېشەكنىڭ ﻫەم ئۈنلۈك ، ﻫەم سوزۇق ئاۋازدا ﻫاڭرىشىدىن تېرىكىپ شۇنداق دەپتۇ . ئېشەك بىردەم تۇرۇپ كېتىپ :
--- ۋاي ئۇكا دەرد دېگىنە ، دەرد دېگەن ئادەمنىڭ ئاۋازىنى ئاشۇنداق يۇقۇرلىتىۋېتىدىكەن . قوشقارجان بۇ سۆزنى ئاڭلاپ ئىچىدە " سەتنىڭ ﻫالى چوڭ دەپ ، تېخى ماۋۇنىڭ نېمە دەردى بولغىيدى " دەپ ئويلىدى ۋە : ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
---- ئۆزۈڭگە بېقىپراق سۆزلىمەمسەن ئاكا ، ئەتىگەن ئىگىمىز ئورنىدىن تۇرماستا ﻫاڭرىغىلى تۇرىسەن ، يۇمۇلىمىسام بولمايتتى ، دەپ ﻫويلىنى توپا - چاڭغا كۆمىسەن ، مەينەتلىكىڭنى بىر دېمەي ، تېخى سۇنى كۆرسەڭ ئوتتۇرىسىغا بېرىۋېلىپ ئىزا تارماي سىيىسەن ، بۇ نېمە قىلىق ئەمدى ؟ --- دېدى .
ئېشەك بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ بىر ﻫازا گەپ قىلماي تۇرۇپ كەتتى ، ئاندىن :
----- ئەسلىدە ئىچكىمگە ئېيتمىغان بىر سىرىم بار ئىدى ، ساڭا ئېيتىپ بېرەي . مېنى ئازراق بولسىمۇ چۈشۈنۈپ قالارسەن، ئاڭلاپ تۇر . مەن ئەسلىدە شۇنداق بىر جانىۋار ئىدىمكى ، ئۈستمدە ئەپچىلگىنە بىر جۈپ قانات ، يەردە خوشال ئوينىسام ، كۆكتە ئەركىن پەرۋاز قىلىدىغان ، ﻫەممە جانلىقلار ﻫۆرمەت ۋە ﻫەۋەس قىلىدىغان بىر ﻫايۋان ئىدىم . كىشىلەر مېنى ﻫاماقەتلەرگە ئوخشاتماستىن ئېشەك بولۇپ قالغان بولساق دەپ ئارمان قىلىشاتتى . شۇ مەزگىلدە يېقىن دوست بولۇپ ئۆتكەن تاپان بېلىق : بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
---- ئاداش قانىتىڭنى بېرىپ تۇرساڭ ، بىردەم ئوينىۋېلىپ ئەپچىقىپ بەرسەم --- دېدى .
مەن قانىتىمنى بېرىپتىمەن . كاساپەت سۇنىڭ تېگىگە بىر كىرىپ كەتكەنچە قايتىپ چىقمىدى . مېنى ئالداپ ، داغدا قويدى . مەن نەچچە يۈز يىل قانىتىمنى ئەپچىقىپ بېرەر دەپ ساقلىدىم . بىراق ئۇ نائەﻫلىلىكنى قىلدى . ئەسلىدە مېنىڭ دوستقا بولغان زىيادە سادىق ، ۋاپادارلىقىمدىن كەتتى . شۇنىڭدىن بېرى قەيەردە سۇ كۆرسەم سىيدىم ، ﻫەتتا كۆۋرۈك ئۈستىدە ماڭساممۇ ئوتتۇرىسىغا بېرىپ ئاشۇ بېلىق دېگەن ﻫاراملىقنىڭ بېشىغا بىرنى سىيىۋېتىپ ماڭاي دەپ ماڭغىلى ئۇنىماي ، ﻫېچنېمىگە قارىماي سىيىۋېتىپ ئاندىن ماڭدىم . ئەسلىدە ئۆمىلەپلا يۈرۈيدىغان بىر بېلىق مېنى ئالداپ ئانىي تاپقاندىن كېيىن ئادەم تۈگۈل چۈمۈلىنىڭمۇ مېنى بوزەك قىلغۇسى كېلىدىغاندەك ، بولۇپمۇ ئادەملەر خالىسا ئۇردى ، خالىسا تىللىدى ، مىندى ، ﻫارۋىغا قاتتى ، ساپان سۆرەتتى . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مەنمۇ سەۋر قىلدىم . ئاتتەك يەم خىللىمىدىم ، كالىدەك كۆپ يەۋالمىدىم . كالا قىلالمىغان ئىشنى قىلدىم ، ئات چىدىيالمىغان جاپالارغا چىدىدىم . ئىشقىلىپ ، مېنى بەكلا خارلاشتى . مېنىڭ ئاشۇ ساددىلىقىم . ئۇكام قوشقارجان ، بۇ دەردلەرگە مەن نېمە دەي ، قانداق چىداي ---- ﻫا - ﻫا - ئىﻬا - ئىﻬا - ﻫا - ﻫا -
قوشقارجان ئېشەكنىڭ بۇ دەردلىرىنى ئاڭلاپ نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قاپتۇ . بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
مەنبە؛سۇمۇرۇغ بىلوگ ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور