ئانا
(ھىكايە)
ياقۇپ ئسمايىل ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئالى مەكتەپكە يېڭىدىن كەلگەن چاغلىرىدا زامان ھەرقىتىم پوچتىدىن پۇل تاپشۇرىۋالغاندا خىجىللىقتىن قىزىرىپ كېتەتتى. كۆزئالدىغا بىپايان سەھېا، توپىلىق يول ، چىتلاق تام،كونىراپ، تاملىرى ئۆتمە-تۆشۈك بولۇپ كەتكەن ئۈچ ئېغىزلىق ئۆي كېلىۋىلىپ ،بىئاراملىق ئىچىدە لېۋىنى چىشلەيتى. كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن بۇ تۇيغۇلار بارا-بارا ئۇن تۇلۇشلقا باشلىدى. مانا ئەمدى ئۇ ھەرقىتىم پۇل تاپشۇرۋالغاندا، ئاۋال كەچتە قىز دوستى بىلەن قەيەرگە بېرىپ ئويناپ كېلىشنى ئويلايدىغان بولدى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
زامان پوچتىخانىدىن چىقىپ ئەتىراپقا كۆز تىكتى، باپكانىڭ موكىسىدەك ئۆتۈپ تۇر غان ماشىنىلار، دېڭىزدەك چايقىلىپ تۇرغان ئادەملەر، كۆك بىلەن بوي تالاشقان ئاسمان پەلەك بىنالار ئۇنىڭ قەلبىنى يەنە بىر قېتىم ھاياجانغا سالدى....... <<ھەقىقى قايناق ھايات دەپ مانا مۇشۇنى دىسەك بولىدۇ، ئېسىت ئاشۇ سەھرالىقلارنىڭ جاپادا ئۆتۈۋاتقان كۈنلىرى.........>> دەپ ئويلىدى ئۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
<<ئانا بۇنىڭدىن كېيىن ماڭا كېرەكلىك پۇلنى ئەۋەتىپلا، خەت يازمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. چۈنكى مەن يوق چاغدا خەتنى باشقىلار ئوقۇۋېلىشى مۇمكىن. بۇيەرلىكلەرنى سىز بىلمەيسىز، شەھەرلىك بالىلار سەھرالىقلارنى كۆزگە ئىلمايدۇ. مېنىڭ ئۇلارغا يېزىدىكى ئەھۋالىمىزنى بىلدۈرگۈم يوق.......>> ئۇ ئانىسىغا شۇنداق دەپ خەت يازدى. چۈنكى ئالى مەكتەپتىكى ھەشەمەتلىك تۇرمۇش كۆپ ئۆتمەيلا ئۇنى باغرىغا ئالدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ كۆزئالدىدا ئانىسىنىڭ جاپا مۇۇشاقەت ئىچىدە قورۇلغان چىرايى بىراقلا كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. بىر چاغلاردىكى<<جېنىم ئانا مەن سىزنى مەڭگۈ قەدىرلەيمەن. مېنى دەپ تارتىۋاتقان جاپالىرىڭىزنى ئېسىمدە چىڭ ساقلايمەن. تىرىشىپ ئوقۇپ، كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ، سىزنى ئوبدان باقىمەن......>> دەپ پىچىرلىغانلىرى ئەمدى چۈشكە ئايلاندى. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
<<ئوقۇمىساڭ بولمايدۇ! بۇداداڭ رھمەتلىكنىڭ بىردىنبىر ئارزۇسى. ئوبدان ئوقۇيمەن دېسەڭلا جىمى بىساتىمىزنى سېتىپ بولسىمۇ سىنى ئوقۇتىمەن بالام......>> دېگەنىدى ئانا ئۇنى ئالا مەكتەپ كە ئۇزىتىش ئۈچۈن قاتناش بېكىتىگە كەلگەندە باغرىغا مەېكەم بېسىپ تۇرۇپ. شۇچاغدا زامان يىغلىغانىدى. ئانىسىنىڭ قارىسى يۈتۈپ، ئاپتوبۇس خېلى ئۇزاپ كەتكەن چاغدىمۇ ئۇنىڭ كۆز يېشى تېخى قۇرمىغانىدى. ئانا دېگىنىنى قىلدى. دەسلەپتە قوي-ئۆچكىلەرنى، ئاندىن ئۆيدىكى پۇلغايارىغىدەك بېساتلارنى سۋتىپ ئۇنىڭ ئوقۇش ۋە تۇرمۇش خىراجىتىگە ئەۋەتىۋەتتى.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئانا خەت يازمىدى، ئەمما ئۇنىڭ ئۈزۈلدىرمەي ئەۋەتىپ تۇرغان پۇللىرى زاماننىڭ ئابرويىنى ئۆستۈرۈپ ، بېشىنى ئاسمانغا يەتكۈزدى. ئۇ خۇددى ئۇزاق يىل تەربىيلەنگەن كومېدىيە ئارتىسىغا ئوخشاش ھەممىگە قابىل بولۇپ چىقتى. ئۇ تۈزگەن سورۇن ، ئېيتقان ناخشا ، ئوينىغان ئۇسۇللىرى بىلەن ساۋاقداشلىرىدىن كۆپ<<بارىكاللا>> ئال پۇل چېكى كېچىكىپ كەلگەن بولسىمۇ، زامان يەنىلا خۇشال ئىدى. ئۇ پۇلنى ئېلىپلا ساۋاقداشلىرى بىلەن بۇ مەركىزى شەھەرنىڭ ئەتراپىدىكى مەنزىرلىك تاغلارغا ئوينىغىلى بېرىشقا جابدۇندى. ئۇلار يەيدىغان،ئىچىدىغانلىرىنى ئېلىپ، كۈلكە چاقچاق بىلەن ئاپتوبۇس بېكىتىگە يېتىپ كەلدى. لېكىن، كۆزىدىن بەخىت نۇرى چاقناپ تۇرغان زاماننىڭ يۈرىكى قارتلا قىلىپ قالدى. ئۇنىڭ كۆزىدىكى شاتلىق ئۇچقۇنلىرى ئۆچۈپ ، چىرايى تاتىرىپ كەتتى. شۇ تاپتا ئۇ نۇمۇسقىمۇ، غەزەپكىمۇ، ئوڭايسىزلىنىشقىمۇ ئوخشىمايدىغان غەلىتە كەيپىياتقا چۆمگەنىدى.
www.iz.la
بىر ئايال بېكەتتە ئاپتوبۇسلارنى ئارىلاپ يۈرۈپ تىلەمچىلىك قىلىۋاتاتتى. تىلەمچى ئايال ئۇدۇل زامان ۋە ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرى ئولتۇرماقچى بولغان ئاپتوبۇسقا قاراپ كېلىشكە باشلىدى. زامان تۇرغان جايىدا قوزۇقتەك قېتىپلا قالدى . <<سەدىقە بېرىڭلا باللىرىم!......سەدىقە!...>> تىلەمچى ئايالنىڭ ئاۋازى بارغانسرى يېقىنلىشىشقا باشلىدى. زاماننىڭ كۆزئالدى قاراڭغۇلاشتى، ئۇ ئانىسىنى ئەمدى ئېنىق تونۇدى......!