ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بىر قېتىم بىر ئوغرى شاگىرتى بىلەن بانكا بۇلاپ قاچقاندا ساقچىلار قوغلاپتۇ، ئۇلار قاچا-قاچائا ئاران دېگەندە قېچىپ قۇتۇلۇپتۇ، ئۇلار شەھەر سىرتىدىكى بىر كۆۋرۈكنىڭ ئاستىدا دېمېنى ئالغاچ مۈكۈنۈپ يېتىپتۇ، شۇ ئارىدا شاگىرتى ئۇستىسىغا:-"ئۇستاز ئەگەر بۇ دۇنيادا ساقچى بولمىغان بولسا نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى-ھا؟!" دەپتۇ، بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئۇستازى ئۇنى قاتتىق تىللاپ كېتىپتۇ ۋە :-"ھۇ كالۋا! ئەگەر ساقچىلار بولمىغان بولسا بىز مۇشۇنداق نان تېپىپ يىيەلەيتتۇكمۇ؟" دەپتۇ، شاگىرتى قۈشەنمىگەنلىكتىن ھاڭۋېقىپلا قاپتۇ، بىر پەستىن كېيىن ئۇستىسى چۈشەندۈرۈپ:-"ھېچنىمىنى بىلمەيسەندە سەن، ئويلاپ باققىنا، ئەگەر مۇشۇ ساقچىلار بولمىسا ھەممە ئادەم ئوغرى بۇلاڭچى بولۇپ كەتمەمدۇ؟ ئۇ چاغدا سەن بىلەن ماڭا بۇ ئىختىن نان تېپىلامدۇ؟ دەل ساقچىلار ئاخۇ داڭلىق ئوغرىلارنى تۇتۇپ تۇرغاچقىلا ئاندىن بىز جېنىمىزنى بېقىپ كېتىپ بارىمىز،ئويلاپ باكە بىزنىڭ قانچىلىك ھۈنىرىمىز بولماقچىتتى؟ " دەپتۇ.
ئىز تورى www.iz.la
كۈندىلىك تۇرمۇشتا مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلارنىڭ ، بېيىغانلارنىڭ كۆزنى قاماشتۇرغۇدەك ئىش-ئىزلىرىنى كۆرۈپ تۇرىمىز، سىزنىڭ كۆرگىنىڭىز پەقەت بىرلا تەرىپى ، يەنە بىر تەرىپىنى سىز تېخى كۆرمىدىڭىز، سىز پەقەت ئۇلارنىڭ نەتىجە قازىنىش جەريانىدا قانچىلىغان ئەجىرلەرنى سىڭدۈرگەنلىكىنى كۆرمىدىڭىز، دۇنيادا ئەجىر سىڭدۈرمەي، مېھنەت تۆكمەي لوقما يەيدىغان نەدىمۇ شۇنداق ئىش بولسۇن، ئەتراپىڭىزدىكىلەردىن زارلانماي يوقارقى ھېكايىدىكى ئاشۇ سۆزلەرگە دىققەت قىلىڭ،سىزدە ئازراقلا غەيرەت، ئازراقلا ئىشانچ بولسا بوشاشماي تىرىشسىڭىز سىز چوقۇم ئۆزىڭىزدىكى ۋە پسىخىكىڭىزدىكى توسالغۇنى يېڭىپ نەتىجە قازىنالايسىز.
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور